«ئەی کوڕی مرۆڤ، پێشبینی بۆ چیاکانی ئیسرائیل بکە و بڵێ:”هۆ چیاکانی ئیسرائیل گوێ لە فەرمایشتی یەزدان بگرن، | 1 |
ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل تاغلىرىغا بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: ــ ئىسرائىل تاغلىرى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار: ــ |
یەزدانی باڵادەست ئەمە دەفەرموێت: دوژمن سەبارەت بە ئێوە گوتی:’هۆیها! نزرگەی بەرزاییە دێرینەکان بوونە موڵکی ئێمە.‘“ | 2 |
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ دۈشمەننىڭ سىلەرگە قاراپ: «ۋاھ! مەڭگۈ يۇقىرى جايلار بىزگە تەئەللۇق بولدى!» دېگىنى تۈپەيلىدىن، |
لەبەر ئەوە پێشبینی بکە و بڵێ:”یەزدانی باڵادەست ئەمە دەفەرموێت: لەبەر ئەوەی لە هەموو لایەکەوە وێرانیان کردن و ڕاویان نان، هەتا ئێوە ببنە موڵکی پاشماوەی ئەو نەتەوانەی کە ماونەتەوە و لەسەر هەموو زمانێک بوون و خەڵک زەمی کردن، | 3 |
شۇڭا بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بەرھەق، چۈنكى ئۇلار سىلەرنى ۋەيرانە قىلىپ، ئەللەردىن قالغانلىرىغا تەۋە قىلىشقا ھەرياندىن سىلەرنى ئەزگەنلىكى تۈپەيلىدىن، ۋە سىلەر ئەللەر ئارىسىدا سۆز-چۆچەك ۋە تۆھمەت ئوبيېكتى بولۇپ قالغانلىقىڭلاردىن، |
لەبەر ئەوە ئەی چیاکانی ئیسرائیل، گوێ لە فەرمایشتی یەزدانی باڵادەست بگرن، یەزدانی باڵادەست قسە بۆ چیا و گردەکان، شیو و دۆڵەکان، کەلاوە چۆڵەکان و شارۆچکە بەجێماوەکان دەکات کە بوونە مایەی تاڵانی و سووکایەتی پێکردن لەلایەن ئەو نەتەوانەی کە لە دەوروبەرتان ماونەتەوە. | 4 |
ئەمدى شۇڭا، ئى ئىسرائىل تاغلىرى، رەب پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار: ــ رەب پەرۋەردىگار ئەللەردىن قالغانلىرىغا ئولجا ھەم مازاق ئوبيېكتى بولۇپ قالغان تاغلار، ئېگىزلىكلەر، جىرالار ۋە جىلغىلارغا، ۋەيران بولغان خارابىلەر ۋە تاشلىۋېتىلگەن شەھەرلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ــ |
یەزدانی باڵادەست ئەمە دەفەرموێت: من لە ئاگری ئیرەیی خۆمدا، لە دژی پاشماوەی ئەو نەتەوانەی کە ماونەتەوە و لە دژی هەموو ئەدۆم قسەم کرد، چونکە بەوپەڕی خۆشی و قینی دڵیانەوە خاکەکەی منیان کردە موڵکی خۆیان بۆ تاڵانکردنی لەوەڕگاکانی.“ | 5 |
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ خۇشال بولۇشۇپ قەلبىدىكى پۈتۈن ئۆچمەنلىكى بىلەن مېنىڭ زېمىنىمنى ئۆزلىرىگە تەئەللۇق بولۇشقا بېكىتىپ، ئۇنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋالايلى دېگەن ئەللەردىن قالغانلىرىغا ۋە ئېدومدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە بەرھەق، مەن [ئۆز خەلقىمگە] بولغان قىزغىنلىقىمدىن چىققان ئاچچىق ئوتىدا سۆز قىلدىم: ــ |
لەبەر ئەوە پێشبینی لەسەر خاکی ئیسرائیل بکە و بە چیا و گردەکان، بە شیو و دۆڵەکان بڵێ:”یەزدانی باڵادەست ئەمە دەفەرموێت: من لە دڵگەرمی و لە تووڕەیی خۆمدا قسەم کرد، لەبەر ئەوەی کەوتنە بەر تانە و تەشەری نەتەوەکان. | 6 |
ئىسرائىل زېمىنى توغرۇلۇق بېشارەت بېرىپ، تاغلار، ئېگىزلىكلەر، جىرالار ۋە جىلغىلارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۆز [خەلقىمگە بولغان] قىزغىنلىقىمدىن قەھرىم بىلەن سۆز قىلدىم ــ چۈنكى سىلەر ئەللەرنىڭ مازاق-ئاھانەتلىرىنى يېگەنسىلەر. |
لەبەر ئەوە یەزدانی باڵادەست ئەمە دەفەرموێت: من خۆم سوێند دەخۆم کە ئەو نەتەوانەی کە لە دەوروبەرتانن خۆیان بکەونە بەر تانە و تەشەر. | 7 |
ــ شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن قولۇمنى كۆتۈرۈپ شۇنداق قەسەم ئىچكەنكى، بەرھەق، ئەتراپىڭلاردىكى ئەللەر ئۆزىنىڭ مازاق-ئاھانەتلىرىنى ئۆزى ئىشىتىدۇ. |
«”بەڵام ئەی چیاکانی ئیسرائیل، ئێوە لقەکانی خۆتان دەڕوێنن و بەروبوومی خۆتان بۆ ئیسرائیلی گەلم دەگرن، چونکە هاتنیان نزیکە. | 8 |
لېكىن سىلەر، ئى ئىسرائىل تاغلىرى، شاخلىنىسىلەر، خەلقىم ئىسرائىلغا مېۋە بېرىسىلەر؛ چۈنكى ئۇلار پات ئارىدا قايتىپ كېلىدۇ. |
من بۆ ئێوەم و ئاوڕتان لێ دەدەمەوە، جا دەکێڵدرێن و دەچێنرێن و | 9 |
چۈنكى مانا، مەن سىلەر تەرىپىڭلاردىدۇرمەن؛ مەن سىلەرگە قارايمەن، سىلەر يۇمشىتىلىسىلەر ھەم تېرىلىسىلەر. |
خەڵکتان لەسەر زۆر دەکەم، هەموو بنەماڵەی ئیسرائیل، جا شارۆچکەکان ئاوەدان دەکرێنەوە و کەلاوەکان بنیاد دەنرێنەوە. | 10 |
ۋە مەن ئۈستۈڭلەردە ئادەملەرنى، يەنى ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى، ئۇلارنىڭ بارلىقىنى كۆپەيتىمەن؛ شەھەرلەر ئاھالىلىك بولىدۇ، خارابىلەر قايتىدىن قۇرۇلىدۇ. |
خەڵک و ئاژەڵتان لەسەر زۆر دەکەم، جا زۆر دەبن و بە بەروبووم دەبن و وەک دۆخی جارانتان خەڵکتان تێدا نیشتەجێ دەکەم، زیاتر لە پێشینانتان بۆتان باش دەبم، ئیتر ئێوە دەزانن کە من یەزدانم. | 11 |
مەن ئۈستۈڭلەردە ئادەم ھەم ھايۋانلارنى كۆپەيتىمەن، ئۇلار ئاۋۇپ نەسىل كۆرىدۇ؛ مەن ئۆتكەن زامانلاردىكىدەك سىلەرنى ئولتۇراقلىق قىلىمەن؛ بەرھەق، ھالىڭلارنى ئەسلىدىكىدىن ئەۋزەل قىلىمەن؛ سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر. |
وا لە ئیسرائیلی گەلی خۆم دەکەم بەسەرتاندا بێن و بچن، جا دەتانخەنە ژێر ڕکێفی خۆیان و دەبن بە میراتیان و چیتر ئێوە لە ڕۆڵەکانیان بێبەش ناکەن. | 12 |
مەن ئۈستۈڭلەرگە ئادەملەرنى، يەنى خەلقىم ئىسرائىلنى ماڭدۇرىمەن؛ ئۇلار سىلەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، سىلەر ئۇلارنىڭ مىراسى بولىسىلەر؛ سىلەر يەنە ئۇلارنى بالىلىرىدىن جۇدا قىلمايسىلەر. |
«”یەزدانی باڵادەست ئەمە دەفەرموێت: لەبەر ئەوەی بە ئێوە دەڵێن،’ئێوە مرۆڤ دەخۆن و نەتەوەکەی خۆتان لە ڕۆڵەکانیان بێبەش دەکەن،‘ | 13 |
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى ئۇلارنىڭ سىلەرگە: «سىلەر ئادەملەرنى يەيسىلەر، ئۆز ئېلىڭلارنى بالىلاردىن جۇدا قىلغانسىلەر!» دېگىنى تۈپەيلىدىن، |
لەبەر ئەوە چیتر ئێوە مرۆڤ ناخۆن و چیتر جەرگی نەتەوەکەی خۆتان ناسووتێنن. ئەوە فەرمایشتی یەزدانی باڵادەستە. | 14 |
ئەمدى سىلەر يەنە ئادەملەرنى يېمەيسىلەر، ئۆز ئېلىڭلارنى بالىلىرىدىن يەنە جۇدا قىلمايسىلەر، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. |
وا دەکەم ئەو گاڵتەجاڕییەی کە نەتەوەکان پێتان دەکەن چیتر ئێوە نەیبیستن، هەروەها چیتر تانە و تەشەری گەلان هەڵناگرن و چیتر نابنە هۆی کەوتنی نەتەوەکەتان. ئەوە فەرمایشتی یەزدانی باڵادەستە.“» | 15 |
ــ مەن سىلەرگە يەنە ئەللەرنىڭ مازاق-ئاھانەتلىرىنى ئاڭلاتقۇزمايمەن؛ سىلەر ئەللەرنىڭ تاپا-تەنىسىنى يەنە كۆتۈرمەيسىلەر، سىلەر ئۆز ئېلىڭلارنى قايتىدىن يىقىتمايسىلەر، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. |
هەروەها فەرمایشتی یەزدانم بۆ هات، پێی فەرمووم: | 16 |
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ |
«ئەی کوڕی مرۆڤ، کاتێک بنەماڵەی ئیسرائیل لە خاکی خۆیاندا نیشتەجێ بوون، بە ڕەفتار و کردەوەکانیان خۆیان گڵاوکرد. ڕەفتاریان لەبەرچاوی من وەک خوێنلێچوونی مانگانەی ئافرەتێک بوو. | 17 |
ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل جەمەتى ئۆز زېمىنىدا تۇرغان چاغلاردا، ئۇلار ئۆز يولى ھەم قىلمىشلىرى بىلەن ئۇنى بۇلغىغان؛ مېنىڭ ئالدىمدا ئۇلارنىڭ يولى ئاي كۆرگەن ئايالنىڭ ناپاكلىقىغا ئوخشاش. |
جا تووڕەیی خۆمم بەسەریاندا ڕژاند، لەبەر ئەو خوێنەی لەسەر خاکەکە ڕژاندیان و بە بتەکانیان گڵاویان کرد. | 18 |
شۇڭا زېمىنغا تۆككەن قان ئۈچۈن، زېمىننى مەبۇدلىرى بىلەن بۇلغىغانلىقى ئۈچۈن، مەن قەھرىمنى ئۇلار ئۈستىگە تۆكتۇم؛ |
بەناو نەتەوەکاندا پەرتەوازەم کردن و بەناو خاکەکاندا بڵاو بوونەوە. بەگوێرەی ڕەفتار و کردەوەکانیان حوکمم دان. | 19 |
مەن ئۇلارنى ئەللەر ئارىسىغا تارقىتىۋەتتىم، ئۇلار مەملىكەتلەر ئىچىگە تارىلىپ كەتتى؛ مەن ئۇلارنىڭ يوللىرى ھەم قىلمىشلىرى بويىچە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقاردىم. |
جا چوونە هەرکوێیەک لەنێو نەتەوەکان ناوی پیرۆزی منیان زڕاند، چونکە سەبارەت بەوان گوتراوە:”ئا ئەمانەن گەلی یەزدان، کە لە خاکەکەی ئەوەوە دەرکراون.“ | 20 |
ئۇلار بارىدىغان ھەرقايسى ئەللەرگە كەلگەندە، ئۇلار توغرىسىدا: «بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى، بىراق ئۇلار ئۇنىڭ زېمىنىدىن چىققان!» ــ دېيىلگەندە، ئۇلار يەنىلا مېنىڭ پاك-مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىغان؛ |
جا من خەمی ناوی پیرۆزی خۆمم خوارد، ئەوەی کە بنەماڵەی ئیسرائیل زڕاندیان لەنێو ئەو نەتەوانەی کە بۆی چوون. | 21 |
بىراق مەن ئىسرائىل جەمەتى بارغان ھەرقايسى ئەللەر ئارىسىدا بۇلغانغان پاك-مۇقەددەس نامىم ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلدۈم. |
«لەبەر ئەوە بە بنەماڵەی ئیسرائیل بڵێ:”یەزدانی باڵادەست ئەمە دەفەرموێت: ئەی بنەماڵەی ئیسرائیل، من لەبەر ئێوە ئەمە ناکەم، بەڵکو لەبەر ناوی پیرۆزی خۆم کە لەنێو نەتەوەکان بۆ هەرکوێیەک چوون زڕاندتان. | 22 |
شۇڭا ئىسرائىل جەمەتىگە مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن بۇ ئىشنى سىلەرنى دەپ ئەمەس، ئى ئىسرائىل جەمەتى، بەلكى سىلەر بارغان ھەرقايسى ئەللەر ئارىسىدا سىلەر بۇلغىغان ئۆز پاك-مۇقەددەس نامىم ئۈچۈن قىلىمەن. |
جا پیرۆزی ناوی گەورەی خۆم دەردەخەم کە لەنێو نەتەوەکان زڕێنراوە، ئەوەی ئێوە لەناوەڕاستیان زڕاندتان، جا نەتەوەکان دەزانن کە من یەزدانم، کاتێک لەبەرچاویان لە ئێوەدا پیرۆزی خۆم دەردەخەم. ئەوە فەرمایشتی یەزدانی باڵادەستە. | 23 |
مەن ئەللەر ئارىسىدا بۇلغانغان، ئۆزۈمنىڭ بۈيۈك نامىمنى پاك-مۇقەددەس دەپ كۆرسىتىمەن؛ نامىمنى دەل سىلەر ئۇلار ئارىسىدا بۇلغىغان؛ ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا مەن ئۆزۈمنى سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا پاك-مۇقەددەس كۆرسەتكىنىمدە، ئەللەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. |
«”لەنێو نەتەوەکان دەتانبەم و لە هەموو خاکەکانەوە کۆتان دەکەمەوە و دەتانهێنمەوە خاکەکەتان. | 24 |
مەن سىلەرنى ئەللەر ئارىسىدىن ئېلىپ، مەملىكەتلەر ئىچىدىن يىغىپ، سىلەرنى ئۆز زېمىنىڭلارغا قايتۇرىمەن. |
ئاوێکی پاکتان بەسەردا دەپرژێنم و لە هەموو گڵاوییەکانتان پاک دەبنەوە، لە هەموو بتەکانتان پاکتان دەکەمەوە، | 25 |
ــ مەن سۈپسۈزۈك سۇنى ئۈستۈڭلارغا چاچىمەن، بۇنىڭ بىلەن سىلەر پاك بولىسىلەر. سىلەرنى ھەممە پاسكىنىلىقىڭلاردىن ۋە بۇتلىرىڭلاردىن پاكلايمەن. |
دڵێکی نوێتان دەدەمێ و ڕۆحێکی نوێ دەخەمە ناوتانەوە، ئەو دڵە بەردینەتان لێ دەکەمەوە و دڵێکی گۆشتینتان دەدەمێ. | 26 |
مەن سىلەرگە يېڭى قەلب بېرىمەن، ئىچىڭلارغا يېڭى بىر روھ سالىمەن؛ تېنىڭلاردىكى تاش يۈرەكنى ئېلىپ تاشلاپ، مېھرلىك بىر قەلبنى ئاتا قىلىمەن. |
ڕۆحی خۆم دەخەمە ناوتانەوە، واتان لێ دەکەم کە ڕێگای فەرزەکانم پەیڕەو بکەن و حوکمەکانم بەجێبهێنن و کاریان پێ بکەن. | 27 |
مېنىڭ روھىمنى ئىچىڭلارغا كىرگۈزۈپ، سىلەرنى ئەمر-پەرمانلىرىم بويىچە ماڭغۇزىمەن، ھۆكۈملىرىمنى تۇتقۇزىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ئەمەل قىلىسىلەر؛ |
لەو خاکەدا نیشتەجێ دەبن کە بە باوباپیرانتانم دابوو، دەبن بە گەلی من، منیش دەبمە خودای ئێوە. | 28 |
سىلەر مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا تەقدىم قىلغان زېمىندا ياشايسىلەر؛ مېنىڭ قوۋمىم بولىسىلەر، مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن. |
لە هەموو گڵاوییەکانتان ڕزگارتان دەکەم. بانگی دانەوێڵە دەکەم، زۆری دەکەم و قاتوقڕی نانێرمە سەرتان. | 29 |
مەن سىلەرنى بارلىق پاسكىنىچىلىكتىن قۇتقۇزىمەن؛ مەن بۇغداينى ئاۋۇن بولۇشقا بۇيرۇيمەن؛ ئۈستۈڭلەرگە ھېچ ئاچارچىلىقنى قويمايمەن؛ |
بەری دار و بەروبوومی کێڵگە زۆر دەکەم، بۆ ئەوەی لەمەودوا لەنێو نەتەوەکان بەهۆی قاتوقڕییەوە ئابڕووتان نەچێت. | 30 |
مەن دەرەخلەرنىڭ مېۋىسىنى ۋە ئېتىزدىكى مەھسۇلاتلارنى ئاۋۇتىمەنكى، سىلەر ئاچارچىلىق تۈپەيلدىن ئەللەر ئارىسىدا شەرمەندە بولمايسىلەر. |
ئەو کاتە ڕێگا خراپەکانی خۆتان و کردەوە ناپەسەندەکانی خۆتان دێتەوە یادتان، لەبەر تاوان و لەسەر نەریتە گڵاوەکانتان قێزتان لە خۆتان دەبێتەوە. | 31 |
سىلەر رەزىل يوللىرىڭلار ۋە ناچار قىلمىشلىرىڭلارنى ئەسلەپ، قەبىھلىكلىرىڭلار ۋە يىرگىنچلىك قىلغانلىرىڭلار ئۈچۈن ئۆز-ئۆزۈڭلاردىن يىرگىنىسىلەر. |
با لەلاتان زانراو بێت، لەبەر ئێوە نایکەم. جا ئەی بنەماڵەی ئیسرائیل، لە ڕەفتارەکانتان شەرمەزار و ڕیسوا بن! ئەوە فەرمایشتی یەزدانی باڵادەستە. | 32 |
سىلەرگە مەلۇم بولسۇنكى، بۇ ئىشنى قىلىشىم سىلەر ئۈچۈن ئەمەس ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ ئۆز يوللىرىڭلار ئۈچۈن خىجىل بولۇپ شەرمەندە بولۇڭلار، ئى ئىسرائىل جەمەتى. |
«”یەزدانی باڵادەست ئەمە دەفەرموێت: ئەو ڕۆژەی لە هەموو تاوانەکانتان پاکتان دەکەمەوە، لە شارۆچکەکان نیشتەجێتان دەکەم و کەلاوەکانتان بنیاد دەنرێنەوە. | 33 |
ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن قەبىھلىكىڭلاردىن پاكلىغان كۈنىدە، مەن شەھەرلەرنى ئاھالىلىك قىلىمەن، خارابە قالغان جايلارمۇ قايتىدىن قۇرۇلىدۇ. |
خاکە وێرانەکە دەکێڵدرێت، لە جیاتی ئەوەی لەبەرچاوی هەموو ڕێبوارێک وێرانە بوو. | 34 |
ۋەيران قىلىنغان زېمىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ھەربىرىنىڭ كۆز ئالدىدا ۋەيرانە كۆرۈنسىمۇ، ئۇ قايتىدىن تېرىلىدۇ. |
جا دەڵێن:’ئەم خاکە وێرانە وەک باخچەی عەدەنی لێ هاتووە، ئەو شارانەش کە کاول و چۆڵ و ڕووخێنراو بوون، ئێستا قەڵابەند و ئاوەدانن.‘ | 35 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار: «بۇ ۋەيران قىلىنغان زېمىن خۇددى ئېرەم باغچىسىدەك بولدى؛ خارابە، ۋەيران قىلىنغان شەھەرلەر ھازىر مۇستەھكەملەندى، ئاھالىلىك بولدى» ــ دەيدۇ. |
ئیتر ئەو نەتەوانەی لە دەوروبەرتان ماونەتەوە دەزانن کە من یەزدانم، ڕووخاوەکەم بنیاد ناوە و چۆڵکراوەکەم چاندەوە. من یەزدانم، ئەوەم فەرموو، هەروەها بەجێی دەهێنم.“ | 36 |
ۋە ئەتراپىدا قالغان ئەللەر مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ بۇزۇلغان جايلارنى قۇرغۇچى ھەم ۋەيرانە قىلىنغان يەرلەرنى قايتىدىن تېرىغۇچى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ؛ مەنكى پەرۋەردىگار سۆز قىلدىم، بۇنىڭغا ئەمەل قىلىمەن. |
«یەزدانی باڵادەست ئەمە دەفەرموێت: دوای ئەمە لەلایەن بنەماڵەی ئیسرائیلەوە داوام لێ دەکرێت و منیش لە پێناوی ئەوان ئەنجامی دەدەم، وەک مەڕ خەڵکەکەیان زۆر دەکەم، | 37 |
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن يەنىلا ئىسرائىلنىڭ جەمەتىنىڭ بۇ ئىشلارنى تىلەيدىغان دۇئا-تىلاۋەتلىرىگە ئىجابەت قىلغۇچى بولىمەن؛ مەن قوي پادىسىدەك ئۇلارنىڭ ئادەملىرىنى ئاۋۇتىمەن؛ |
وەک مێگەلی تەرخانکراو، وەک مێگەلی ئۆرشەلیم لە جەژنەکانی خۆیدا، شارە کاولەکان بە هەمان شێوە بە تەواوەتی ئاوەدان دەبن، ئیتر ئەوان دەزانن کە من یەزدانم.» | 38 |
مۇقەددەس دەپ ئايرىلغان قۇربانلىق قوي پادىسىدەك، بېكىتىلگەن ھېيت-بايراملىرىغا بېغىشلانغان قوي پادىسى يېرۇسالېمغا تولدۇرۇلغاندەك، خارابە بولغان شەھەرلەر قايتىدىن ئادەم پادىلىرى بىلەن تولدۇرۇلىدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ. |