داود سەرژمێری ئەو پیاوانەی کرد کە لەگەڵیدا بوون، فەرماندەی هەزاران و سەدانی بەسەرەوە دانان. | 1 |
داۋۇت ئۆزى بىلەن بولغان خەلقنى يىغىپ ئېدىتلىدى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە مىڭبېشى بىلەن يۈزبېشى قويدى. |
ئینجا داود سێیەکی سەربازەکانی بە دەستی یۆئابدا نارد، سێیەکیش بە دەستی ئەبیشەی کوڕی چەرویای برای یۆئاب، سێیەکیش بە دەستی ئیتتایی گەتی. پاشا بە سوپاکەی گوت: «هەروەها بە دڵنیاییەوە منیش لەگەڵتان دێمە دەرەوە.» | 2 |
ئاندىن داۋۇت خەلقنى ئۈچ بۆلەككە بۆلۈپ جەڭگە چىقاردى؛ بىرىنچى بۆلەكنى يوئابنىڭ قول ئاستىدا، ئىككىنچى بۆلەكنى زەرۇئىيانىڭ ئوغلى، يوئابنىڭ ئىنىسى ئابىشاينىڭ قول ئاستىدا ۋە ئۈچىنچى بۆلەكنى گاتلىق ئىتتاينىڭ قول ئاستىدا قويدى. پادىشاھ خەلققە: بەرھەق، مەنمۇ سىلەر بىلەن جەڭگە چىقىمەن، دېدى. |
بەڵام سەربازەکان گوتیان: «مەچۆ دەرەوە، چونکە ئەگەر ئێمە هەڵبێین گوێمان پێ نادەن، ئەگەر نیوەشمان لێ بمرێت هەر گوێمان پێ نادەن، بەڵام تۆ هێندەی دە هەزار کەسی لە ئێمە، ئێستاش باشترە کە تۆ بۆ یارمەتیدانمان لە شارەکە بیت.» | 3 |
لېكىن خەلق: سىلى چىقمىسىلا، ئەگەر بىز قاچساق دۈشمەن بىزگە پەرۋا قىلمايدۇ؛ ھەتتا يېرىمىمىز ئۆلۈپ كەتسەكمۇ بىزگە پەرۋا قىلمايدۇ. چۈنكى ئۆزلىرى بىزنىڭ ئون مىڭىمىزگە باراۋەر بولىلا. ياخشىسى سىلى شەھەردە تۇرۇپ بىزگە ھەمدەم بولۇشقا تەييار تۇرغايلا، دېدى. |
پاشاش وەڵامی دانەوە: «ئەوەی پێتان باشە دەیکەم.» ئیتر پاشا لەلای دەروازەکەوە وەستا و هەموو پیاوان بە یەکەی سەدان و بە هەزاران چوونە دەرەوە. | 4 |
پادىشاھ ئۇلارغا: سىلەرگە نېمە لايىق كۆرۈنسە، شۇنى قىلىمەن، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن خەلق يۈزدىن، مىڭدىن بولۇپ شەھەردىن چىقىۋاتقاندا، پادىشاھ دەرۋازىنىڭ يېنىدا تۇردى. |
پاشا فەرمانی بە یۆئاب و ئەبیشەی و ئیتتای کرد و گوتی: «لەبەر من، لەگەڵ ئەو گەنجە نەرم بن، لەگەڵ ئەبشالۆم.» هەموو سەربازەکانیش گوێیان لێبوو کاتێک پاشا سەبارەت بە ئەبشالۆم فەرمانی بە سەرکردەکان کرد. | 5 |
پادىشاھ يوئاب بىلەن ئابشاي ۋە ئىتتايغا: مەن ئۈچۈن ئابشالومغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇپ ئاياڭلار، دېدى. پادىشاھنىڭ [ھەممە سەردارلىرىغا] ئابشالوم توغرىسىدا شۇنداق تاپىلىغىنىدا، بارلىق خەلق تاپىلىغىنىنى ئاڭلىدى. |
سوپای داود چوونە دەرەوە بۆ بەرەنگاربوونەوەی ئیسرائیل لە دەشتودەر، شەڕەکەش لە دارستانی ئەفرایم ڕوویدا. | 6 |
ئاندىن خەلق ئىسرائىل بىلەن سوقۇشقىلى مەيدانغا چىقتى؛ سوقۇش ئەفرائىمنىڭ ئورمانلىقىدا بولدى. |
لەوێ سوپای ئیسرائیل لەبەردەم خزمەتکارەکانی داود شکان، لەو ڕۆژەدا کوشتارێکی گەورە ڕوویدا، بیست هەزار پیاو کوژرا. | 7 |
ئۇ يەردە ئىسرائىل داۋۇتنىڭ ئادەملىرىدىن مەغلۇپ بولدى. ئۇ كۈنى ئۇلار قاتتىق قىرغىن قىلىندى ــ يىگىرمە مىڭى ئۆلدى. |
شەڕەکە لە هەموو ناوچەکەدا بڵاو بووەوە، لەو ڕۆژەدا ئەوانەی لەناو دارستانەکەدا لەناوچوون زیاتر بوون لەوانەی بە شمشێر لەناوچوون. | 8 |
سوقۇش شۇ زېمىنغا يېيىلدى؛ ئورمانلىق يەۋەتكەنلەر قىلىچتا ئۆلگەنلەردىن كۆپ بولدى. |
ئەبشالۆم بە سواری هێسترەکەیەوە بەڕێکەوت تووشی خزمەتکارەکانی داود بوو. هێسترەکە چووە ژێر لقەکانی دار بەڕووێکی گەورە و سەری ئەبشالۆم لەنێوان لقەکانی دار بەڕووەکەدا گیربوو، لەنێوان ئاسمان و زەویدا هەڵواسرا، هێسترەکەی ژێریشی ڕۆیشت. | 9 |
ئابشالوم داۋۇتنىڭ غۇلاملىرى بىلەن تۇيۇقسىز ئۇچرىشىپ قالدى؛ ئابشالوم ئۆز قېچىرىغا مىنىپ، چوڭ دۇب دەرىخىنىڭ قويۇق شاخلىرىنىڭ تېگىدىن ئۆتكەندە، ئۇنىڭ بېشى دەرەخ شېخىغا كەپلىشىپ قېلىپ، ئۇ ئېسىلىپ قالدى؛ ئۇ مىنگەن قېچىر بولسا ئالدىغا كېتىپ قالدى. |
پیاوێک بینی و بە یۆئابی ڕاگەیاند: «هەر ئێستا ئەبشالۆمم بینی بە دار بەڕووەکەوە هەڵواسرابوو.» | 10 |
بىرسى بۇنى كۆرۈپ يوئابقا خەۋەر بېرىپ: مانا، مەن ئابشالومنىڭ بىر دۇب دەرىخىدە ساڭگىلاپ تۇرغىنىنى كۆردۈم، دېدى. |
یۆئابیش بەو پیاوەی گوت کە پێی ڕاگەیاند: «هەر ئێستا بینیت؟ ئەی بۆچی لەوێ بە زەویتدا نەدا، هەتا دە شاقل زیو و پشتێنێکت بدەمێ؟» | 11 |
يوئاب خەۋەر بەرگەن ئادەمگە: نېمە! سەن ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ، نېمىشقا ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ يەرگە چۈشۈرمىدىڭ؟ شۇنداق قىلغان بولساڭ، ساڭا ئون كۈمۈش تەڭگە ۋە بىر كەمەر بېرەتتىم، ــ دېدى. |
بەڵام پیاوەکە بە یۆئابی گوت: «تەنانەت ئەگەر هەزار شاقل زیویش بکێشن و بە دەستم بگات، بە هیچ جۆرێک دەستم بۆ کوڕی پاشا درێژ ناکەم، چونکە پاشا لەبەردەمی ئێمە فەرمانی بە تۆ و ئەبیشەی و ئیتتای کرد و گوتی:”لەبەر من ئەو گەنجە، ئەبشالۆم بپارێزن و دەستی لێ مەدەن.“ | 12 |
ئۇ ئادەم يوئابقا: قولۇمغا مىڭ كۈمۈش تەڭگە تەگسىمۇ، قولۇمنى پادىشاھنىڭ ئوغلىغا ئۇزاتمايتتىم! چۈنكى پادىشاھنىڭ ھەممىمىز ئالدىدا ساڭا، ئابىشايغا ۋە ئىتتايغا: مېنىڭ ئۈچۈن ھەر بىرىڭلار ئابشالومنى ئاياڭلار، دەپ بۇيرۇغىنىنى ئاڭلىدۇق. |
ئەگەر نا ستەمم لەگەڵ خۆم دەکرد، پاشاش هیچی لێ ناشاردرێتەوە، تۆش لە دژم دەوەستایت.» | 13 |
ئەگەر مەن ئۆز جېنىمنى تەۋەككۇل قىلىپ، شۇنداق قىلغان بولسام (ھەرقانداق ئىش پادىشاھتىن يوشۇرۇن قالمايدۇ!) سەن مېنى تاشلاپ، دۈشمىنىڭ قاتارىدا كۆرەتتىڭ، ــ دېدى. |
یۆئابیش گوتی: «من بەم شێوەیە لەبەردەمتدا ئارام ناگرم.» جا سێ ڕمی گرت بە دەستیەوە و لە دڵی ئەبشالۆمی گرت کە هێشتا لەناو دار بەڕووەکەدا زیندوو بوو. | 14 |
يوئاب: سېنىڭ بىلەن بۇنداق دېيىشىشكە چولام يوق! ــ دېدى-دە، قولىغا ئۈچ نەيزىنى ئېلىپ دەرەختە ساڭگىلاقلىق ھالدا تىرىك تۇرغان ئابشالومنىڭ يۈرىكىگە سانجىدى. |
دە خزمەتکار کە هەڵگرانی تفاقەکانی یۆئاب بوون چواردەوریان دا، لە ئەبشالۆمیان دا و کوشتیان. | 15 |
ئاندىن يوئابنىڭ ياراغ كۆتۈرگۈچىسى بولغان ئون غۇلام ئابشالومنىڭ چۆرىسىگە يىغىلىپ، ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى. |
ئەوسا یۆئاب فووی بە کەڕەنادا کرد و ڕێگای لەسەر سەربازەکان گرت، سەربازەکانیش لە ڕاونانی ئیسرائیل گەڕانەوە. | 16 |
ئاندىن يوئاب كاناي چالدى؛ خەلق ئىسرائىلنى قوغلاشتىن ياندى؛ چۈنكى يوئاب قوشۇننى چېكىنىشكە چاقىردى. |
ئیتر ئەبشالۆمیان هەڵگرت و لە دارستانەکەدا فڕێیاندایە ناو چاڵێکی گەورە، بەردێکی زۆریان لەسەری کەڵەکە کرد. هەموو ئیسرائیلیش هەریەکە و بۆ شوێنی خۆی هەڵات. | 17 |
ئۇلار ئابشالومنى ئورمانلىقتىكى چوڭ بىر ئازگالغا تاشلاپ ئۈستىگە نۇرغۇن تاشلارنى دۆۋىلەپ قويدى. ئىسرائىللار بولسا قېچىپ ھەربىرى ئۆز ماكانىغا كەتتى. |
پێشتر ئەبشالۆم کە هێشتا زیندوو بوو، ئەو کۆڵەکەیەی کە لە دۆڵی پاشادا بوو بردبووی و بۆ خۆی دایمەزراندبوو، چونکە گوتبووی: «کوڕێکم نییە بۆ یادکردنەوەی ناوەکەم.» کۆڵەکەکەشی بە ناوی خۆیەوە ناونا، هەتا ئەمڕۆش پێ دەگوترێت «یادەوەری ئەبشالۆم». | 18 |
ئابشالوم تىرىك ۋاقتىدا پادىشاھ ۋادىسىدا ئۆزىگە بىر ئابىدە تۇرغۇزغانىدى. چۈنكى ئۇ: مېنىڭ نامىمنى قالدۇردىغانغا ئوغلۇم يوق دەپ، ئۇ تاش ئابىدىنى ئۆز نامى بىلەن ئاتىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ تاش بۈگۈنگە قەدەر «ئابشالومنىڭ يادىكارى» دەپ ئاتىلىدۇ. |
ئەوە بوو ئەحیمەعەچی کوڕی سادۆق گوتی: «با ڕابکەم و مژدە بدەمە پاشا:”یەزدان حەقی بۆ سەندیتەوە و لە دوژمنەکانت ڕزگاری کردیت.“» | 19 |
زادوكنىڭ ئوغلى ئاخىمائاز [يوئابقا]: پەرۋەردىگار سېنى دۈشمەنلىرىڭدىن قۇتقۇزۇپ سەن ئۈچۈن ئىنتىقام ئالدى، دەپ پادىشاھقا خەۋەر بېرىشكە مېنى دەرھال ماڭغۇزغىن، ــ دېدى. |
یۆئابیش پێی گوت: «تۆ ئەمڕۆ خاوەن مژدە نیت، لە ڕۆژێکی دیکەدا مژدە بدە و ئەمڕۆ مژدە مەدە، چونکە کوڕی پاشا مردووە.» | 20 |
لېكىن يوئاب ئۇنىڭغا: سەن بۈگۈن خەۋەر بەرمەيسەن، بەلكى باشقا بىر كۈنى خەۋەر بېرىسەن؛ پادىشاھنىڭ ئوغلى ئۆلگىنى تۈپەيلىدىن، بۈگۈن خەۋەر بەرمەيسەن، دېدى. |
یۆئاب بە کوشییەکی گوت: «بڕۆ و ئەوەی بینیت بە پاشای ڕابگەیەنە.» کوشییەکەش کڕنۆشی بۆ یۆئاب برد و ڕایکرد. | 21 |
شۇنىڭ بىلەن يوئاب كۇشىيغا: بېرىپ پادىشاھقا كۆرگىنىڭنى دەپ بەرگىن، دېدى. كۇشىي يوئابقا تەزىم قىلىپ يۈگۈرۈپ كەتتى. |
ئەحیمەعەچی کوڕی سادۆق دووبارە بە یۆئابی گوت: «هەرچییەک بووە لێمگەڕێ با منیش بەدوای کوشییەکەدا ڕابکەم.» یۆئابیش گوتی: «کوڕم، تۆ بۆ ڕادەکەیت، لە کاتێکدا مژدەیەکت نییە شایانی پاداشت بێت؟» | 22 |
لېكىن زادوكنىڭ ئوغلى ئاخىمائاز يوئابقا يەنە: قانداقلا بولمىسۇن بۇ كۇشىينىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈشكە ماڭا ئىجازەت بەرگىن، ــ دېدى. يوئاب: ئى ئوغلۇم، ساڭا ھېچقانداق سۆيۈنچى بەرگۈدەك خەۋەر بولمىسا، نېمىشقا يۈگۈرۈشنى خالايسەن؟ ــ دېدى. |
ئەویش گوتی: «هەرچی بێت، ڕادەکەم.» یۆئابیش پێی گوت: «ڕابکە!» ئەوسا ئەحیمەعەچ بە ڕێگای پێدەشتەکەدا ڕایکرد و بە پێش کوشییەکە کەوت. | 23 |
ئۇ يەنە: قانداقلا بولمىسۇن، مېنى يۈگۈرگۈزگىن، دېدى. يوئاب ئۇنىڭغا: ماڭ، يۈگۈر، دېۋىدى، ئاخىمائاز ئىئوردان دەرياسىدىكى تۈزلەڭلىك بىلەن يۈگۈرۈپ كۇشىيگە يېتىشىپ ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ كەتتى. |
کاتێک داود لەنێوان دەروازەکانی ژوورەوە و دەرەوە دانیشتبوو، ئێشکگرەکە سەرکەوتە سەربانی دەرگاکە بۆ سەر شووراکە، چاوی هەڵبڕی و بینی پیاوێک بە تەنها ڕادەکات. | 24 |
داۋۇت ئىچكى-تاشقى دەرۋازىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇراتتى. كۆزەتچى دەرۋازىنىڭ ئۆگزىسىدىن سېپىلنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، مانا بىر ئادەمنىڭ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقىنىنى كۆردى. |
ئێشکگرەکە هاواری کرد و بە پاشای ڕاگەیاند. پاشاش گوتی: «ئەگەر بە تەنها بێت مژدەی پێیە.» پیاوەکەش ڕایدەکرد و نزیک دەبووەوە. | 25 |
كۆزەتچى ۋارقىراپ پادىشاھقا خەۋەر بەردى. پادىشاھ: ئەگەر ئۇ يالغۇز بولسا ئۇنىڭدا چوقۇم خەۋەر بار، دېدى. خەۋەرچى بولسا يېقىنلىشىپ كېلىۋاتاتتى. |
ئینجا ئێشکگرەکە پیاوێکی دیکەی بینی ڕادەکات، بانگی دەرگاوانەکەی کرد و پێی گوت: «ئەوەتا پیاوێکی دیکەش بە تەنها ڕادەکات.» پاشاش گوتی: «ئەمەش هەر مژدەی پێیە.» | 26 |
ئاندىن كۆزەتچى يەنە بىر ئادەمنىڭ يۈگۈرۈپ كەلگىنىنى كۆردى. كۆزەتچى دەرۋازىۋەنگە: مانا يەنە بىر ئادەم يالغۇز يۈگۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ، ــ دېدى. پادىشاھ: بۇمۇ خەۋەرچى ئىكەن، دېدى. |
ئێشکگرەکە گوتی: «من دەبینم کە ڕاکردنی یەکەم وەک ڕاکردنی ئەحیمەعەچی کوڕی سادۆق وایە.» پاشاش گوتی: «ئەمە پیاوچاکە و مژدەیەکی چاکیش دەهێنێت.» | 27 |
كۆزەتچى: ئاۋۋالقىسىنىڭ يۈگۈرۈشى ماڭا زادوكنىڭ ئوغلى ئاخىمائازنىڭ يۈگۈرشىدەك كۆرۈندى، ــ دېدى. پادىشاھ: ئۇ ياخشى ئادەم، خۇش خەۋەر يەتكۈزىدۇ، ــ دېدى. |
ئەحیمەعەچ هاواری کرد و بە پاشای گوت: «سڵاو، هەموو شتێک باشە!» کڕنۆشی بۆ پاشا برد و سەری خستە سەر زەوی و گوتی: «ستایش بۆ یەزدانی پەروەردگارت، ئەوەی ئەو خەڵکەی ڕادەست کرد کە لە پاشای گەورەم هەستابوون!» | 28 |
ئاخىمائاز پادىشاھقا توۋلاپ: سالام! دەپ پادىشاھقا يۈزىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلىپ: غوجام پادىشاھقا زىيان يەتكۈرۈشكە قوللىرىنى كۆتۈرگەن ئادەملەرنى مەغلۇبىيەتكە مۇپتىلا قىلغان پەرۋەردىگار خۇدالىرى مۇبارەكتۇر! ــ دېدى. |
پاشاش گوتی: «ئەو گەنجە، ئەبشالۆم سەلامەتە؟» ئەحیمەعەچیش گوتی: «گەورەم، کاتێک کە یۆئابی بەردەستی تایبەتی تۆ منی دەنارد، شڵەژانێکی گەورەم بینی، بەڵام نەمزانی چی بوو.» | 29 |
پادىشاھ: ئابشالوم سالامەتمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئاخىمائاز جاۋاب بېرىپ: يوئاب پادىشاھنىڭ قۇلى ۋە پېقىرلىرىنى ماڭدۇرغاندا، پېقىر كىشىلەرنىڭ چوڭ قالايمىقانچىلىقىنى كۆردۇم، لېكىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمىدىم، ــ دېدى. |
پاشاش گوتی: «بسووڕێوە و لێرە ڕابوەستە.» ئەویش سووڕایەوە و ڕاوەستا. | 30 |
پادىشاھ: بولدى، بۇياقتا تۇرۇپ تۇرغىن، دېدى. ئۇ بىر تەرەپكە بېرىپ تۇردى. |
لەو کاتەدا کوشییەکەش هات، کوشییەکە گوتی: «پاشای گەورەم مژدەم بدەرێ، چونکە یەزدان ئەمڕۆ حەقی بۆ سەندیتەوە و لە هەموو ئەوانەی لێت ڕاست بوونەوە ڕزگاری کردیت!» | 31 |
ۋە مانا، كۇشىي يېتىپ كەلدى؛ كۇشىي: غوجام پادىشاھ خۇش خەۋەرنى ئاڭلىغايلا. پەرۋەردىگار بۈگۈن ئاسىيلىق قىلىپ قوزغالغان ھەممىسىدىن سىلىنى قۇتقۇزۇپ، ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالدى، دېدى. |
پاشاش بە کوشییەکەی گوت: «ئەو گەنجە، ئەبشالۆم سەلامەتە؟» کوشییەکەش گوتی: «با دوژمنەکانی پاشای گەورەم و هەموو ئەوانەی بۆ خراپە لە دژی تۆ سەرهەڵدەدەن وەک ئەو گەنجەیان لێ بێت.» | 32 |
پادىشاھ كۇشىيغا: يىگىت ئابشالوم سالامەتمۇ؟ دەپ سورىدى. كۇشىيلىق: غوجام پادىشاھنىڭ دۈشمەنلىرى ۋە سىلىنى قەستلەشكە قوزغالغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇ يىگىتكە ئوخشاش بولسۇن! ــ دېدى. |
جا پاشا نیگەران بوو، دەگریا و سەرکەوتە ژووری سەر دەروازەکە، بە دەم ڕۆیشتنەوە ئاوای دەگوت: «کوڕەکەم ئەبشالۆم! کوڕەکەم، کوڕەکەم ئەبشالۆم! خۆزگە لە جێی تۆ بمردبامایە، کوڕەکەم ئەبشالۆم! کوڕەکەم!» | 33 |
پادىشاھ تولىمۇ ئازابلىنىپ، دەرۋازىنىڭ تۆپىسىدىكى بالىخانىغا يىغلىغان پېتى چىقتى؛ ئۇ ماڭغاچ: ئى ئوغلۇم ئابشالوم! ئى ئوغلۇم، ئوغلۇم ئابشالوم! كاشكى، مەن سېنىڭ ئورنۇڭدا ئۆلسەم بولماسمىدى! ئى ئابشالوم، مېنىڭ ئوغلۇم، مېنىڭ ئوغلۇم! دېدى. |