داودی پاشا پیر بوو و تەمەنی گەورە بوو، هەرچەندە بە جلوبەرگ دایاندەپۆشی گەرم نەدەبووەوە. | 1 |
داۋۇت پادىشاھ خېلى ياشىنىپ قالغانىدى؛ ئۇنى يوتقان-ئەدىيال بىلەن ياپسىمۇ، ئۇ ئىسسىمايتتى. |
ئینجا خزمەتکارەکانی پێیان گوت: «با بەدوای کچێکی پاکیزەدا بگەڕێین و بیهێنین بۆ پاشای گەورەمان، تاکو خزمەتی پاشا بکات و بایەخی پێبدات، لە باوەشیدا پاڵ بکەوێت، هەتا پاشای گەورەمان گەرم بێتەوە.» | 2 |
خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا: ــ غوجام پادىشاھ ئۆزلىرى ئۈچۈن، ئالدىلىرىدا تۇرىدىغان بىر پاك قىز تاپقۇزايلى؛ ئۇ پادىشاھتىن خەۋەر ئېلىپ، سىلىنىڭ قۇچاقلىرىدا ياتسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن غوجام پادىشاھ ئىسسىيلا ــ دېدى. |
ئینجا لە هەموو ناوچەکانی ئیسرائیل بەدوای کچێکی جواندا گەڕان، ئەبیشەگی شونێمییان دۆزییەوە و بۆ پاشایان هێنا. | 3 |
ئۇلار پۈتكۈل ئىسرائىل زېمىنىنى كېزىپ گۈزەل بىر قىزنى ئىزدەپ يۈرۈپ، ئاخىرى شۇناملىق ئابىشاگنى تېپىپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. |
کچەکە زۆر جوان بوو، چاودێری پاشای دەکرد و خزمەتی دەکرد، بەڵام پاشا لەگەڵی جووت نەبوو. | 4 |
قىز ئىنتايىن گۈزەل ئىدى؛ ئۇ پادىشاھتىن خەۋەر ئېلىپ ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى، ئەمما پادىشاھ ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلمايتتى. |
ئەدۆنیای کوڕی داود کە لە حەگیسی ژنی بوو، ڕاست بووەوە و گوتی: «من دەبمە پاشا.» گالیسکە و ئەسپ سواری بۆ خۆی ئامادە کرد، لەگەڵ پەنجا پیاو کە لەپێشیەوە ڕایاندەکرد. | 5 |
ئەمما ھاگگىتنىڭ ئوغلى ئادونىيا مەرتىۋىسىنى كۆتۈرمەكچى بولۇپ: «مەن پادىشاھ بولىمەن» دېدى. ئۇ ئۆزىگە جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ئاتلىقلارنى ۋە ئالدىدا يۈرىدىغان ئەللىك ئەسكەرنى تەييار قىلدى |
باوکی هیچ کاتێک سەرزەنشتی نەکردبوو و پێی بڵێت: «بۆچی وات کردووە؟» هەروەها زۆر قۆز بوو. لەدوای ئەبشالۆم لەدایک ببوو. | 6 |
(ئۇنىڭ ئاتىسى ھېچقاچان: «نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟» دەپ، ئۇنىڭغا تەنبىھ-تەربىيە بېرىپمۇ باقمىغانىدى ھەم ئۇ ناھايىتى كېلىشكەن يىگىت بولۇپ، ئانىسى ئۇنى ئابشالومدىن كېيىن تۇغقانىدى). |
ئەدۆنیا لەگەڵ یۆئابی کوڕی چەرویا و ئەبیاتاری کاهین قسەی کرد، ئەوانیش پشتگیرییان کرد. | 7 |
ئۇ زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئاب ۋە كاھىن ئابىياتار بىلەن مەسلىھەت قىلىشىپ تۇردى. ئۇلار بولسا ئادونىياغا ئەگىشىپ ئۇنىڭغا ياردەم بېرەتتى. |
بەڵام سادۆقی کاهین و بەنایای کوڕی یەهۆیاداع و ناتانی پێغەمبەر و شیمعی و ڕێعی و پاڵەوانەکانی داود، لەگەڵ ئەدۆنیا نەبوون. | 8 |
لېكىن كاھىن زادوك ۋە يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا، ناتان پەيغەمبەر، شىمەي، رەي ۋە داۋۇتنىڭ ئۆز پالۋانلىرى ئادونىياغا ئەگەشمىدى. |
ئیتر ئەدۆنیا لەلای بەردی زۆحەلەت ئەوەی لەتەنیشتی کانی ڕۆگێلە، مەڕ و مانگا و گوێرەکەی قەڵەوی سەربڕی. هەموو براکانی، واتە کوڕەکانی پاشا، لەگەڵ هەموو پیاوانی یەهودا کە خزمەتکاری پاشا بوون بانگهێشتی کردن. | 9 |
ئادونىيا قوي، كالا ۋە بوردىغان تورپاقلارنى ئەن-روگەلنىڭ يېنىدىكى زوھەلەت دېگەن تاشتا سويدۇرۇپ، ھەممە ئاكا-ئۇكىلىرىنى، يەنى پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولغان ھەممە يەھۇدالارنى چاقىردى. |
بەڵام ناتانی پێغەمبەر و بەنایا و پاڵەوانەکان و سلێمانی برای بانگهێشت نەکرد. | 10 |
لېكىن ناتان پەيغەمبەر، بىنايا، پالۋانلار ۋە ئۆز ئىنىسى سۇلايماننى ئۇ چاقىرمىدى. |
پاشان ناتان بە بەتشەبەعی دایکی سلێمانی گوت: «نەتبیستووە کە ئەدۆنیای کوڕی حەگیس بووەتە پاشا و داودی گەورەشمان بەمە نازانێت؟ | 11 |
ناتان بولسا سۇلايماننىڭ ئانىسى بات-شېباغا: ــ «ئاڭلىمىدىڭمۇ؟ ھاگگىتنىڭ ئوغلى ئادونىيا پادىشاھ بولدى، لېكىن غوجىمىز داۋۇت ئۇنىڭدىن خەۋەرسىز. |
ئێستاش وەرە ئامۆژگارییەکی باشت بکەم، تاکو گیانی خۆت و گیانی سلێمانی کوڕت بپارێزیت. | 12 |
ئەمدى مانا، ئۆز جېنىڭ ۋە ئوغلۇڭ سۇلايماننىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇشقا مېنىڭ ساڭا بىر مەسلىھەت بېرىشىمكە ئىجازەت بەرگەيسەن. |
بڕۆ ژوورەوە بۆ لای داودی پاشا و پێی بڵێ:”ئەی پاشای گەورەم، ئایا تۆ سوێندت بۆ کەنیزەکەت نەخوارد و گوتت، کە سلێمانی کوڕت لەدوای خۆت دەبێتە پاشا، ئەو لەسەر تەختەکەت دادەنیشێت؟ ئیتر بۆچی ئەدۆنیا بووەتە پاشا؟“ | 13 |
داۋۇت پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ غوجام پادىشاھ ئۆزلىرى قەسەم قىلىپ ئۆز كەمىنىلىرىگە ۋەدە قىلىپ: «سېنىڭ ئوغلۇڭ سۇلايمان مەندىن كېيىن پادىشاھ بولۇپ تەختىمدە ئولتۇرىدۇ» دېگەن ئەمەسمىدىلە؟ شۇنداق تۇرۇقلۇق نېمىشقا ئادونىيا پادىشاھ بولىدۇ؟ ــ دېگىن. |
لەو کاتەدا کە تۆ هێشتا لەوێ قسە لەگەڵ پاشا دەکەیت، من لەدوای تۆوە دێمە ژوورە و پشتگیری لە قسەکەت دەکەم.» | 14 |
مانا، پادىشاھ بىلەن سۆزلىشىپ تۇرغىنىڭدا، مەنمۇ سېنىڭ كەينىڭدىن كىرىپ سۆزۈڭنى ئىسپاتلايمەن، ــ دېدى. |
پاش ئەوە بەتشەبەع چوو بۆ لای پاشا لە ژووری نوستنەکەی، پاشا زۆر پیر ببوو، ئەبیشەگی شونێمیش خزمەتی پاشای دەکرد. | 15 |
بات-شېبا ئىچكىرى ئۆيگە پادىشاھنىڭ قېشىغا كىردى (پادىشاھ تولىمۇ قېرىپ كەتكەنىدى، شۇناملىق ئابىشاگ پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولۇۋاتاتتى). |
بەتشەبەع بەچۆکدا هات و کڕنۆشی بۆ پاشا برد. پاشاش پێی گوت: «چیت دەوێ؟» | 16 |
بات-شېبا پادىشاھقا ئېڭىشىپ تەزىم قىلدى. پادىشاھ: ــ نېمە تەلىپىڭ بار؟ ــ دەپ سورىدى. |
ئەویش پێی گوت: «گەورەم تۆ سوێندت بە یەزدانی پەروەردگارت خوارد بۆ کەنیزەکەت و گوتت کە سلێمانی کوڕت لەدوای خۆت دەبێتە پاشا، ئەو لەسەر تەختەکەت دادەنیشێت. | 17 |
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ئى غوجام، سىلى پەرۋەردىگار خۇدالىرى بىلەن ئۆز دېدەكلىرىگە: «سېنىڭ ئوغلۇڭ سۇلايمان مەندىن كېيىن پادىشاھ بولۇپ تەختىمدە ئولتۇرىدۇ» دەپ قەسەم قىلغانىدىلا. |
ئەی پاشای گەورەم، بەڵام وا ئەدۆنیا بووەتە پاشا، تۆش لەوە بێئاگای. | 18 |
ئەمدى مانا، ئادونىيا پادىشاھ بولدى! لېكىن ئى غوجام پادىشاھ، سىلىنىڭ ئۇنىڭدىن خەۋەرلىرى يوق. |
ئەو گا و دابەستە و مەڕێکی زۆری سەربڕیوە، هەموو کوڕەکانی پاشا و ئەبیاتاری کاهین و یۆئابی فەرماندەی گشتی سوپای بانگهێشت کردووە، بەڵام سلێمانی خزمەتکاری تۆی بانگهێشت نەکردووە. | 19 |
ئۇ كۆپ كالىلارنى، بورداق تورپاقلار بىلەن قويلارنى سويدۇرۇپ، پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرىنى، ئابىياتار كاھىننى ۋە قوشۇننىڭ سەردارى يوئابنى چاقىردى. لېكىن قۇللىرى سۇلايماننى ئۇ چاقىرمىدى. |
ئەی پاشای گەورەم، هەموو ئیسرائیل چاوەڕێی تۆ دەکەن بۆ ئەوەی پێیان ڕابگەیەنیت کێ لەدوای پاشای گەورەم لەسەر تەختەکەی دادەنیشێت. | 20 |
ئەمدى، ئى غوجام پادىشاھ، پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ كۆزلىرى سىلىگە تىكىلمەكتە، ئۇلار غوجام پادىشاھنىڭ ئۆزلىرىدىن كېيىن تەختلىرىدە كىمنىڭ ئولتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇلارغا خەۋەر بېرىشلىرىنى كۈتىشىۋاتىدۇ؛ |
ئەگینا کاتێک پاشای گەورەم لەگەڵ باوباپیرانی سەری نایەوە، من و سلێمانی کوڕم بە تاوانبار هەژمارد دەکرێین.» | 21 |
بىر قارارغا كەلمىسىلە، غوجام پادىشاھ ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن بىللە ئۇخلاشقا كەتكەندىن كېيىن، مەن بىلەن ئوغلۇم سۇلايمان گۇناھكار سانىلىپ قالارمىزمىكىن، ــ دېدى. |
هێشتا ئەو قسەی لەگەڵ پاشا دەکرد، ناتانی پێغەمبەر هات. | 22 |
مانا، ئۇ تېخى پادىشاھ بىلەن سۆزلىشىپ تۇرغىنىدا ناتان پەيغەمبەرمۇ كىرىپ كەلدى. |
بە پاشایان ڕاگەیاند و گوتیان: «ناتانی پێغەمبەر لێرەیە.» ئینجا چووە ژوورەوە بۆ بەردەم پاشا، کڕنۆشی بۆ پاشا برد و سەری خستە سەر زەوی. | 23 |
ئۇلار پادىشاھقا: ــ ناتان پەيغەمبەر كەلدى، دەپ خەۋەر بەردى. ئۇ پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپلا، يۈزىنى يەرگە يېقىپ تۇرۇپ پادىشاھقا تەزىم قىلدى. |
ناتان گوتی: «پاشای گەورەم، ئایا تۆ ڕاتگەیاندووە کە ئەدۆنیا لەپاش تۆ دەبێتە پاشا، ئەو لەسەر تەختەکەت دادەنیشێت؟ | 24 |
ناتان: ــ ئى غوجام پادىشاھ، سىلى ئادونىيا مەندىن كېيىن پادىشاھ بولۇپ مېنىڭ تەختىمدە ئولتۇرىدۇ، دەپ ئېيتقانىدىلىمۇ؟ |
ئەو ئەمڕۆ چووە خوارەوە، گا و دابەستە و مەڕێکی زۆری سەربڕیوە. هەموو کوڕانی پاشا و سەرکردەکانی سوپا و ئەبیاتاری کاهینی بانگهێشت کردووە. ئێستا لەبەردەمی ئەو دەخۆن و دەخۆنەوە و دەڵێن:”بژی ئەدۆنیای پاشا!“ | 25 |
چۈنكى ئۇ بۈگۈن چۈشۈپ، كۆپ بۇقا، بوردىغان تورپاقلار بىلەن قويلارنى سويدۇرۇپ، پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرىنى، قوشۇننىڭ سەردارلىرىنى، ئابىياتار كاھىننى چاقىردى؛ ۋە مانا، ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىدا يەپ-ئىچىپ: «ياشىسۇن پادىشاھ ئادونىيا!» ــ دەپ توۋلاشماقتا. |
بەڵام منی خزمەتکارت و سادۆقی کاهین و بەنایای کوڕی یەهۆیاداع و سلێمانی خزمەتکاری تۆی بانگهێشت نەکردووە. | 26 |
لېكىن قۇللىرى بولغان مېنى، زادوك كاھىننى، يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى ۋە قۇللىرى بولغان سۇلايماننى ئۇ چاقىرمىدى. |
ئایا ئەم کارە لەلای پاشای گەورەمەوەیە؟ ئەی بە خزمەتکارانی خۆتت نەفەرمووە کێ لەدوای پاشای گەورەم لەسەر تەختەکەی دادەنیشێت؟» | 27 |
غوجام پادىشاھ كىمنىڭ ئۆزلىرىدىن كېيىن غوجام پادىشاھنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدىغانلىقىنى ئۆز قۇللىرىغا ئۇقتۇرماي ئۇ ئىشنى بۇيرۇدىلىمۇ؟ ــ دېدى. |
داودی پاشا وەڵامی دایەوە و گوتی: «بەتشەبەعم بۆ بانگ بکەن.» ئەویش هاتە ژوورەوە بۆ لای پاشا، لەبەردەم پاشا ڕاوەستا. | 28 |
داۋۇت پادىشاھ: ــ بات-شېبانى ئالدىمغا قىچقىرىڭلار، دېدى. ئۇ پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا تۇردى. |
ئینجا پاشا سوێندی خوارد: «بە یەزدانی زیندوو، ئەوەی گیانی منی لە هەموو تەنگانەیەک دەرباز کرد، | 29 |
پادىشاھ بولسا: ــ جېنىمنى ھەممە قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزغان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، |
ئەمڕۆ هەروەک ئەوە دەکەم کە چۆن بە یەزدانی پەروەردگاری ئیسرائیل سوێندم بۆ خواردی و گوتم، کە سلێمانی کوڕت لەپاش من دەبێتە پاشا، ئەو لە شوێنی من لەسەر تەختەکەم دادەنیشێت.» | 30 |
مەن ئەسلىدە ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار بىلەن ساڭا قەسەم قىلىپ: «سېنىڭ ئوغلۇڭ سۇلايمان مەندىن كېيىن پادىشاھ بولۇپ ئورنۇمدا مېنىڭ تەختىمدە ئولتۇرىدۇ» دەپ ئېيتقىنىمدەك، بۈگۈنكى كۈندە مەن بۇ ئىشنى چوقۇم ۋۇجۇدقا چىقىرىمەن، ــ دېدى. |
بەتشەبەع سەری دانەواند و کڕنۆشی بۆ پاشا برد و گوتی: «بژی داودی پاشای گەورەم، بۆ هەتاهەتایە!» | 31 |
ۋە بات-شېبا يۈزىنى يەرگە يېقىپ تۇرۇپ پادىشاھقا تەزىم قىلىپ: ــ غوجام داۋۇت پادىشاھ ئەبەدىي ياشىسۇن! ــ دېدى. |
داودی پاشا گوتی: «سادۆقی کاهین و ناتانی پێغەمبەر و بەنایای کوڕی یەهۆیاداعم بۆ بانگ بکەن.» ئەوانیش هاتنە ژوورەوە بۆ بەردەم پاشا. | 32 |
داۋۇت پادىشاھ: ــ زادوك كاھىننى، ناتان پەيغەمبەرنى، يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى ئالدىمغا چاقىرىڭلار، دېدى. ئۇلار پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلدى. |
پاشا پێی گوتن: «خزمەتکارەکانی گەورەتان لەگەڵ خۆتان ببەن، سلێمانی کوڕم سواری هێسترەکەی خۆم بکەن و بیبەنە خوارەوە بۆ گیحۆن. | 33 |
پادىشاھ ئۇلارغا: ــ غوجاڭلارنىڭ خىزمەتكارلىرىنى ئۆزۈڭلارغا قوشۇپ، سۇلايماننى ئۆز قېچىرىمگە مىندۈرۈپ، گىھونغا ئېلىپ بېرىڭلار؛ |
با سادۆقی کاهین و ناتانی پێغەمبەر لەوێ وەک پاشای ئیسرائیل دەستنیشانی بکەن، فوو بە کەڕەنادا بکەن و بڵێن:”بژی سلێمانی پاشا!“ | 34 |
ئۇ يەردە زادوك كاھىن بىلەن ناتان پەيغەمبەر ئۇنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلسۇن. ئاندىن كاناي چېلىپ: ــ سۇلايمان پادىشاھ ياشىسۇن! دەپ توۋلاڭلار. |
ئینجا لەدوای ئەوەوە سەربکەون، ئەویش دێت و لەسەر تەختەکەم دادەنیشێت، لە شوێنی من دەبێتە پاشا. من فەرمانم داوە ئەو ببێتە فەرمانڕەوای ئیسرائیل و یەهودا.» | 35 |
ئاندىن ئۇ تەختىمدە ئولتۇرۇشقا بۇ يەرگە كەلگەندە، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مېڭىڭلار؛ ئۇ مېنىڭ ئورنۇمدا پادىشاھ بولىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇنى ئىسرائىل بىلەن يەھۇدانىڭ ئۈستىگە پادىشاھ بولۇشقا تەيىنلىدىم، ــ دېدى. |
بەنایای کوڕی یەهۆیاداع وەڵامی پاشای دایەوە و گوتی: «ئامین! با یەزدان، خودای پاشای گەورەم ئەمە بکات. | 36 |
يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ: ــ ئامىن! غوجام پادىشاھنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارمۇ شۇنداق بۇيرۇسۇن! |
هەروەک چۆن یەزدان لەگەڵ پاشای گەورەم بوو، بەو شێوەیەش لەگەڵ سلێمانیش بێت، تەختەکەشی لە تەختی داودی پاشای گەورەم مەزنتر بکات!» | 37 |
پەرۋەردىگار غوجام پادىشاھ بىلەن بىللە بولغاندەك، سۇلايمان بىلەن بىللە بولۇپ، ئۇنىڭ تەختىنى غوجام داۋۇت پادىشاھنىڭكىدىن تېخىمۇ ئۇلۇغ قىلغاي! ــ دېدى. |
ئیتر سادۆقی کاهین و ناتانی پێغەمبەر و بەنایای کوڕی یەهۆیاداع و کریتی و پەلەتییەکان چوونە خوارەوە، سلێمانیان سواری هێسترەکەی داودی پاشا کرد و بردیانە گیحۆن. | 38 |
زادوك كاھىن، ناتان پەيغەمبەر، يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا ۋە كەرەتىيلەر بىلەن پەلەتىيلەر چۈشۈپ، سۇلايماننى داۋۇت پادىشاھنىڭ قېچىرىغا مىندۈرۈپ، گىھونغا ئېلىپ باردى. |
سادۆقی کاهین قۆچە زەیتەکەی لە چادرەکەوە برد و سلێمانی پێ دەستنیشان کرد، ئینجا فوویان بە کەڕەنادا کرد، هەموو گەل گوتیان: «بژی سلێمانی پاشا!» | 39 |
زادوك كاھىن ئىبادەت چېدىرىدىن ماي بىلەن تولغان بىر مۈڭگۈزنى ئېلىپ، سۇلايماننى مەسىھ قىلدى. ئاندىن ئۇلار كاناي چالدى. خەلقنىڭ ھەممىسى: ــ سۇلايمان پادىشاھ ياشىسۇن! ــ دەپ توۋلاشتى. |
هەموو گەل لەدوای ئەو سەرکەوتن. گەل شمشاڵیان لێدەدا و زۆر دڵخۆش بوون، زەوی لەبەر دەنگیان دەلەرزی. | 40 |
خەلقنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ، سۇناي چېلىپ زور شادلىق بىلەن يەر يېرىلغۇدەك تەنتەنە قىلىشتى. |
ئەدۆنیا و هەموو بانگهێشتکراوان، ئەوانەی لەگەڵی بوون، پاش ئەوەی لە خواردن بوونەوە گوێیان لە دەنگی ئەوان بوو. یۆئاب گوێی لە دەنگی کەڕەناکە بوو و گوتی: «ئەو دەنگە دەنگە چییە لە شارەوە دێت؟» | 41 |
ئەمدى ئادونىيا ۋە ئۇنىڭ بىلەن جەم بولغان مېھمانلار غىزالىنىپ چىققاندا، شۇنى ئاڭلىدى. يوئاب كاناي ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا: ــ نېمىشقا شەھەردە شۇنچە قىيقاس-سۈرەن سېلىنىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. |
کاتێک هێشتا قسەی دەکرد، یۆناتانی کوڕی ئەبیاتاری کاهین هات، ئەدۆنیاش گوتی: «وەرە، چونکە تۆ پیاوێکی چاکیت، دیارە مژدەی خۆشیت هێناوە.» | 42 |
ئۇ تېخى سۆزىنى تۈگەتمەيلا، مانا ئابىياتار كاھىننىڭ ئوغلى يوناتان كەلدى. ئادونىيا ئۇنىڭغا: ــ كىرگىن، قەيسەر ئادەمسەن، چوقۇم بىزگە خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلدىڭ، ــ دېدى. |
یۆناتانیش وەڵامی دایەوە و بە ئەدۆنیای گوت: «بە پێچەوانەوە! داودی پاشای گەورەمان، سلێمانی کردە پاشا. | 43 |
يوناتان ئادونىياغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇنداق ئەمەس! غوجىمىز داۋۇت پادىشاھ سۇلايماننى پادىشاھ قىلدى! |
پاشاش سادۆقی کاهین و ناتانی پێغەمبەر و بەنایای کوڕی یەهۆیاداع و کریتی و پەلەتییەکانی لەگەڵ ناردووە، سواری هێسترەکەی پاشایان کردووە. | 44 |
ۋە پادىشاھ ئۆزى ئۇنىڭغا زادوك كاھىننى، ناتان پەيغەمبەرنى، يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى ۋە كەرەتىيلەر بىلەن پەلەتىيلەرنى ھەمراھ قىلىپ ئەۋىتىپ، ئۇنى پادىشاھنىڭ قېچىرىغا مىندۈردى؛ |
سادۆقی کاهین و ناتانی پێغەمبەریش لە گیحۆن بە پاشا دەستنیشانیان کردووە، لەوێشەوە بە خۆشییەوە سەرکەوتوون و شار خرۆشاوە، ئەمە ئەو دەنگەیە کە گوێتان لێی دەبێت. | 45 |
ئاندىن زادوك كاھىن بىلەن ناتان پەيغەمبەر ئۇنى پادىشاھ بولۇشقا گىھوندا مەسىھ قىلدى. ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپ شادلىق قىلىپ، پۈتكۈل شەھەرنى قىيقاس-سۈرەن بىلەن لەرزىگە سالدى. سىز ئاڭلاۋاتقان سادا دەل شۇدۇر. |
هەروەها سلێمان لەسەر تەختی پاشایەتییەکە دانیشتووە. | 46 |
ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇلايمان ھازىر پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرىۋاتىدۇ. |
خزمەتکارانی پاشاش بۆ پیرۆزبایی لە داودی پاشای گەورەمان هاتن و گوتیان:”با خوداکەت ناوی سلێمان لە ناوی تۆ ناودارتر بکات، تەختەکەشی لە تەختەکەی تۆ مەزنتر بکات!“پاشا لەسەر قەرەوێڵەکەی کڕنۆشی برد. | 47 |
يەنە كېلىپ پادىشاھنىڭ خىزمەتكارلىرى كېلىپ غوجىمىز داۋۇت پادىشاھقا: «خۇدالىرى سۇلايماننىڭ نامىنى سىلىنىڭكىدىن ئەۋزەل قىلىپ، تەختىنى سىلىنىڭكىدىن ئۇلۇغ قىلغاي!» دەپ بەخت تىلەپ مۇبارەكلەشكە كېلىشتى. پادىشاھ ئۆزى ياتقان ئورۇندا سەجدە قىلدى |
پاشا گوتی:”ستایش بۆ یەزدانی پەروەردگاری ئیسرائیل، ئەوەی ئەمڕۆ کەسێکی پێداوم کە لەسەر تەختەکەم دانیشێت و چاوەکانیشم دەیبینێت.“» | 48 |
ۋە پادىشاھ: ــ «بۈگۈن مېنىڭ تەختىمگە ئولتۇرغۇچى بىرسىنى تەيىنلىگەن، ئۆز كۆزلىرىمگە شۇنى كۆرگۈزگەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇبارەكلەنسۇن!» ــ دېدى ــ دېدى. |
لێرەدا هەموو ئەوانەی ئەدۆنیا بانگی کردبوون تۆقین و هەستان، هەریەکە بە ڕێگای خۆیدا ڕۆیشت. | 49 |
شۇنى ئاڭلاپ ئادونىيانىڭ بارلىق مېھمانلىرى ھودۇقۇپ، ئورنىدىن قوپۇپ ھەربىرى ئۆز يولىغا كەتتى. |
ئەدۆنیاش لە سلێمان ترسا، هەستا و چوو دەستی بە قۆچەکانی قوربانگاکەوە گرت. | 50 |
ئادونىيا بولسا سۇلايماندىن قورقۇپ، ئورنىدىن قوپۇپ، [ئىبادەت چېدىرىغا] بېرىپ قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىنى تۇتتى. |
ئینجا بە سلێمان ڕاگەیەنرا: «ئەوەتا ئەدۆنیا لە سلێمانی پاشا دەترسێت، دەستی بە قۆچەکانی قوربانگاکەوە گرتووە و دەڵێت:”با ئەمڕۆ سلێمانی پاشا سوێندم بۆ بخوات کە خزمەتکارەکەی بە شمشێر ناکوژێت.“» | 51 |
سۇلايمانغا شۇنداق خەۋەر بېرىلىپ: ــ «ئادونىيا سۇلايمان پادىشاھتىن قورقىدۇ؛ چۈنكى مانا، ئۇ قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: ــ «سۇلايمان پادىشاھ بۈگۈن ماڭا شۇنى قەسەم قىلسۇنكى، ئۇ ئۆز قۇلىنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرمەسلىككە ۋەدە قىلغاي» دېدى»، ــ دېيىلدى. |
سلێمانیش گوتی: «ئەگەر پیاوێکی چاک بێت، تاڵە مووێکی قژی ناکەوێتە سەر زەوی، بەڵام ئەگەر خراپەی تێدا بینرا، ئەوا دەکوژرێت.» | 52 |
سۇلايمان: ــ ئۇ دۇرۇس ئادەم بولسا بېشىدىن بىر تال چاچ يەرگە چۈشمەيدۇ. لېكىن ئۇنىڭدا رەزىللىك تېپىلسا، ئۆلىدۇ، دېدى. |
ئینجا سلێمانی پاشا ناردی و ئەدۆنیایان لە قوربانگاکەوە هێنایە خوارەوە، ئەویش هات و کڕنۆشی بۆ سلێمانی پاشا برد، سلێمانیش پێی گوت: «بڕۆوە ماڵەکەی خۆت.» | 53 |
سۇلايمان پادىشاھ ئادەم ئەۋىتىپ ئۇنى قۇربانگاھدىن ئېلىپ كەلدى. ئۇ كېلىپ سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئېڭىشىپ تەزىم قىلدى. سۇلايمان ئۇنىڭغا: ــ ئۆز ئۆيۈڭگە كەتكىن، ــ دېدى. |