< Oekyuk 33 >

1 Ma simla inge fahkak inen acn ma mwet Israel aktuktuk we tukun elos fahsr liki acn Egypt ke sruf lalos ye kolyuk lal Moses ac Aaron.
تۆۋەندىكىلەر ئۆز قوشۇنلىرى بويىچە، مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا مىسىر زېمىنىدىن چىققان ئىسرائ‍ىللارنىڭ ماڭغان يوللىرىدۇر؛
2 Moses el simusla inen kais sie acn ma elos tulokunak lohm nuknuk selos we, oana ma LEUM GOD El sapkin.
مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، ئۆزلىرىنىڭ سەپەر قىلغان يوللىرىنى پۈتۈپ قويدى، ئۇلارنىڭ سەپەر قىلغان يوللىرى مۇنداق: —
3 Mwet Israel elos som liki Egypt ke len aksingoul limekosr in malem se meet in yac, len se tukun Kufwen Alukela se oemeet. Ye karinginyuk lun LEUM GOD elos illa liki siti Rameses ye mutun mwet Egypt,
بىرىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنى [ئىسرائ‍ىللار] رامسەس شەھىرىدىن سەپەرگە چىقتى؛ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ئەتىسى ئۇلار بارلىق مىسىرلىقلارنىڭ كۆز ئالدىدا مەردانىلىك بىلەن يولغا چىقتى.
4 su pikin wounse mukul natulos ma LEUM GOD El uniya. LEUM GOD El oru ouinge in akkalemye lah El arulana ku liki god lun acn Egypt.
بۇ چاغدا مىسىرلىقلار ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى، يەنى بارلىق تۇنجى ئوغۇللىرىنى دەپنە قىلىۋاتقانىدى؛ پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنىڭ مەبۇدلىرىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چۈشۈردى.
5 Mwet Israel som liki acn Rameses ac tulokunak nien aktuktuk lalos Sukkoth.
ئىسرائ‍ىللار رامسەستىن يولغا چىقىپ سۇككوتقا بېرىپ چېدىر تىكتى.
6 Nien aktuktuk lalos akluo pa in acn Etham sisken yen mwesis.
ئۇلار سۇككوتتىن يولغا چىقىپ چۆل-باياۋاننىڭ ئايىغىدىكى ئېتامغا بېرىپ چېدىر تىكتى.
7 Liki acn sac elos folokla nu Pi Hahiroth, kutulap in Baal Zephon, ac aktuktuk apkuran nu Migdol.
ئېتامدىن يولغا چىقىپ، ئايلىنىپ بائال-زېفوننىڭ ئۇدۇلىدىكى پى-خاخىروتقا بېرىپ مىگدولنىڭ ئالدىدا چېدىر تىكتى.
8 Elos mukuila liki Pi Hahiroth ac fahsr sasla in Meoa Srusra nu in acn mwesis lun Shur. Tukun fahsr ke len tolu elos aktuktuk in acn Marah.
پى-خاخىروتتىن يولغا چىقىپ، دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ، ئېتام چۆلىدە ئۈچ كۈن يول يۈرۈپ ماراھدا چېدىر تىكتى.
9 Liki acn we elos som nu Elim ac aktuktuk we, mweyen oasr unon in kof singoul luo ac sak palm itngoul we.
ماراھدىن يولغا چىقىپ ئېلىمگە كەلدى؛ ئېلىمدە ئون ئىككى بۇلاق بىلەن يەتمىش خورما دەرىخى بار ئىدى؛ ئۇلار شۇ يەردە چېدىر تىكتى.
10 Elos fahsr liki Elim ac aktuktuk apkuran nu ke Meoa Srusra.
ئېلىمدىن يولغا چىقىپ قىزىل دېڭىز بويىدا چېدىر تىكتى.
11 Acn in aktuktuk se lalos toko pa yen mwesis lun Sin.
قىزىل دېڭىزدىن يولغا چىقىپ سىن چۆلىدە چېدىر تىكتى.
12 Na toko elos aktuktuk Dophkah,
سىن چۆلىدىن يولغا چىقىپ دوفقاھقا كېلىپ چېدىر تىكتى.
13 ac toko in acn Alush,
دوفقاھدىن يولغا چىقىپ ئالۇشقا بېرىپ چېدىر تىكتى.
14 ac toko in acn Rephidim, acn se ma wangin kof elos in nim we.
ئاندىن كېيىن ئالۇشتىن يولغا چىقىپ رىفىدىمغا كېلىپ چېدىر تىكتى، ئۇ يەردە خەلققە ئىچىدىغان سۇ تېپىلماي قالدى.
15 Elos mukuiyak liki acn Rephidim ac som aktuktuk in acn mwesis lun Sinai.
رىفىدىمدىن يولغا چىقىپ، سىناي چۆلىگە بېرىپ چېدىر تىكتى.
16 Elos som liki acn we nu in acn Kibroth Hattaavah.
سىناي چۆلىدىن يولغا چىقىپ قىبروت-ھاتتاۋاھقا كېلىپ چېدىر تىكتى.
17 Tok elos som ac aktuktuk in kais sie acn inge: Hazeroth,
قىبروت-ھاتتاۋاھدىن يولغا چىقىپ ھازىروتتا چېدىر تىكتى.
18 Rithmah,
ھازىروتتىن يولغا چىقىپ رىتماھدا چېدىر تىكتى.
19 Rimmon Perez,
رىتماھدىن يولغا چىقىپ رىممون-پەرەزدە چېدىر تىكتى.
20 Libnah,
رىممون-پەرەزدىن يولغا چىقىپ لىبناھدا چېدىر تىكتى.
21 Rissah,
لىبناھدىن يولغا چىقىپ رىسساھدا چېدىر تىكتى.
22 Kehelathah,
رىسساھدىن يولغا چىقىپ كەھەلاتاھدا چېدىر تىكتى.
23 Eol Shepher,
كەھەلاتاھدىن يولغا چىقىپ شافىر تېغىدا چېدىر تىكتى.
24 Haradah,
شافىر تېغىدىن يولغا چىقىپ ھاراداھتا چېدىر تىكتى.
25 Makheloth,
ھاراداھدىن يولغا چىقىپ ماكھىلوتتا چېدىر تىكتى.
26 Tahath,
ماكھىلوتتىن يولغا چىقىپ تاھاتتا چېدىر تىكتى.
27 Terah,
تاھاتتىن يولغا چىقىپ تەراھدا چېدىر تىكتى.
28 Mithkah,
تەراھدىن يولغا چىقىپ مىتقاھدا چېدىر تىكتى.
29 Hashmonah,
مىتقاھدىن يولغا چىقىپ ھاشموناھتا چېدىر تىكتى.
30 Moseroth,
ھاشموناھتىن يولغا چىقىپ موشەروتتا چېدىر تىكتى.
31 Bene Jaakan,
موشەروتتىن يولغا چىقىپ بەنە-يائاكاندا چېدىر تىكتى.
32 Hor Haggidgad,
بەنە-يائاكاندىن يولغا چىقىپ خور-ھاگىدگادقا بېرىپ چېدىر تىكتى.
33 Jotbathah,
خور-ھاگىدگادتىن يولغا چىقىپ يوتباتاھقا كېلىپ چېدىر تىكتى.
34 Abronah,
يوتباتاھتىن يولغا چىقىپ ئابروناھقا كېلىپ چېدىر تىكتى.
35 Ezion Geber,
ئابروناھتىن يولغا چىقىپ ئەزىئون-گەبەرگە كېلىپ چېدىر تىكتى.
36 acn mwesis lun Zin (pa ingan acn Kadesh),
ئەزىئون-گەبەردىن يولغا چىقىپ زىن چۆلىدە، يەنى قادەشتە چېدىر تىكتى.
37 ac Eol Hor, sisken na facl Edom.
قادەشتىن يولغا چىقىپ ئېدوم زېمىنىنىڭ چېگرىسىدىكى ھور تېغىدا چېدىر تىكتى.
38 Aaron mwet tol el fanyak nu fin mangon Eol Hor, oana ke LEUM GOD El sapkin nu sel, ac el misa we ke len se oemeet in malem se aklimekosr ke yac akangngaul tukun mwet Israel elos illa liki acn Egypt.
ئىسرائ‍ىللار مىسىر زېمىنىدىن چىققاندىن كېيىنكى قىرىقىنچى يىلى بەشىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى، كاھىن ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ھور تېغىغا چىقىپ شۇ يەردە ئۆلدى.
39 Aaron el yac siofok longoul tolu ke el misa Fineol Hor.
ھارۇن ھور تېغىدا ئۆلگەن چېغىدا بىر يۈز يىگىرمە ئۈچ ياشتا ئىدى.
40 Tokosra lun Arad, su oan layen eir in acn Canaan, el lohngak lah mwet Israel apkuranme.
ئۇ چاغدا، قانائان زېمىنىنىڭ جەنۇبىدا تۇرۇشلۇق قانائانىيلارنىڭ پادىشاھى ئاراد ئىسرائ‍ىللار كېلىۋېتىپتۇ دەپ ئاڭلىغانىدى.
41 Mwet Israel elos mukuiyak liki Eol Hor ac aktuktuk Zalmonah.
ئىسرائ‍ىللار ھور تېغىدىن يولغا چىقىپ زالموناھدا چېدىر تىكتى.
42 Na toko elos aktuktuk ke kais sie acn inge: Punon,
زالموناھدىن يولغا چىقىپ پۇنونغا كېلىپ چېدىر تىكتى.
43 Oboth,
پۇنوندىن يولغا چىقىپ ئوبوتقا كېلىپ چېدىر تىكتى.
44 mahnum Abarim in acn Moab,
ئوبوتتىن يولغا چىقىپ موئابنىڭ چېگرىسىدىكى ئىيە-ئابارىمغا كېلىپ چېدىر تىكتى.
45 Dibon Gad,
ئىيىمدىن يولغا چىقىپ دىبون-گادقا كېلىپ چېدىر تىكتى.
46 Almon Diblathaim,
دىبون-گادتىن يولغا چىقىپ ئالمون-دىبلاتايىمغا كېلىپ چېدىر تىكتى.
47 Fineol Abarim, apkuran nu Fineol Nebo,
ئالمون-دىبلاتايىمدىن يولغا چىقىپ نېبونىڭ ئالدىدىكى ئابارىم تاغلىقىغا كېلىپ چېدىر تىكتى.
48 ac in acn tupasrpasr Moab su oan layen kutulap in Infacl Jordan tulanang Jericho,
ئابارىم تاغلىقىدىن يولغا چىقىپ يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدە چېدىر تىكتى.
49 inmasrlon Beth Jeshimoth na nwe infahlfal Acacia in acn mwesis lun Moab.
موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدە ئىئوردان دەرياسىنى بويلاپ تىككەن چېدىرلىرى بەيت-يەشىموتتىن تارتىپ ئابەل-شىتتىمغىچە باردى.
50 In acn mwesis lun Moab sisken Infacl Jordan tulanang acn Jericho, LEUM GOD El kaskas nu sel Moses ac fahk,
پەرۋەردىگار موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدىكى ئىئوردان دەرياسى بويىدا يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: —
51 “Kaskas nu sin mwet Israel, ac fahk nu selos: Pacl se kowos fahsr alukela Infacl Jordan ac utyak nu in facl Canaan,
سەن ئىسرائ‍ىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق بۇيرۇغىن: — «سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ قانائان زېمىنىغا كەلگەن چېغىڭلاردا،
52 kowos in lusak mwet nukewa we. Kunausla ma sruloala lalos nukewa — ma orekla ke eot ac ma orekla ke osra — wi acn in alu lalos nukewa.
زېمىندىكى بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنى ئالدىڭلاردىن ھەيدىۋېتىڭلار، ئۇلارنىڭ بارلىق ئويما، قۇيما بۇتلىرىنى چېقىپ تاشلاڭلار ھەم بارلىق «يۇقىرى جاي»لىرىنى ۋەيران قىلىپ تاشلاڭلار.
53 Sruokya facl sac ac oakwuki we, mweyen nga sot acn we tuh in ma suwos.
سىلەر شۇ زېمىننى ئىگىلەپ ماكانلىشىڭلار، چۈنكى مەن ئۇ زېمىننى سىلەرگە مىراس قىلىپ بەرگەنمەن.
54 Kitalik acn we ke fa, nu sin sruf ac sou lowos nukewa. Sang ipin acn ma yohk nu sin sruf ma yohk, ac ipin acn ma srik nu sin sruf ma srik.
سىلەر جەمەت بويىچە چەك تاشلاپ، زېمىننى ئۆزۈڭلەرگە مىراس قىلىپ ئېلىڭلار؛ ئادىمى كۆپرەكلەرگە كۆپرەك مىراس بۆلۈپ بېرىڭلار؛ ئادىمى ئازراقلارغا ئازراق مىراس بۆلۈپ بېرىڭلار؛ چەك تاشلانغاندا كىملەرگە قەيەر چىققان بولسا، شۇ يەر ئۇنىڭ مىراسى بولسۇن؛ سىلەر مىراسقا ئاتا قەبىلە-جەمەت بويىچە ۋارىسلىق قىلىڭلار.
55 Kowos fin tia lusla mwet nukewa su muta we, na mwet lula uh ac fah arulana aklokoalokye kowos, oana kutkut in atronmotowos, ku oana sak ma oasr otoh kac inpupowos, na tok elos ac foroht lain kowos.
ھالبۇكى، ئەگەر ئۇ زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنى ئالدىڭلاردىن ھەيدىۋەتمىسەڭلار، ئۇلاردىن قېلىپ قالغانلار چوقۇم كۆزۈڭلەرگە تىكەن، بىقىنىڭلارغا يانتاق بولۇپ سانجىلىدۇ، تۇرغان زېمىنىڭلاردا سىلەرنى پاراكەندە قىلىدۇ؛
56 Kowos fin tia luselosla, na nga ac kunauskowosla oana ke nga akoo in kunauselosla.”
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، مەن ئەسلىدە ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلماقچى بولغان بولسام، سىلەرگە شۇنداق مۇئامىلدە بولىمەن».

< Oekyuk 33 >