< Deuteronomy 18 >

1 “Mwet tol ac mwet nukewa ke sruf lal Levi ac fah wangin ip lalos ke facl lun mwet Israel; a elos ac moulkin mwe sang ac mwe kisa saya ma itukyang nu sin LEUM GOD.
لاۋىي كاھىنلار ۋە شۇنىڭدەك بارلىق لاۋىيلار قەبىلىسىنىڭ ئىسرائىلدا ھېچقانداق نېسىۋىسى ياكى مىراسى بولمايدۇ؛ ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىقلاردىن ۋە [پەرۋەردىگارنىڭ] مىراسىدىن يېيىشكە بولىدۇ،
2 Ac fah wangin acn selos, tia oana sruf ngia. Ip lalos pa elos mukena sriyukla in oru orekma lun mwet tol lun LEUM GOD, oana ke LEUM GOD El wulela.
بىراق ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى ئارىسىدا ھېچقانداق مىراسى بولمايدۇ؛ پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك، ئۇ ئۆزى ئۇلارنىڭ مىراسىدۇر.
3 “Pacl nukewa ac kisakinyuk cow ku sheep, na in itukyang nu sin mwet tol finpisa, likintupa luo, ac fotowa.
كاھىنلارنىڭ قۇربانلىق قىلىدىغان خەلقتىن ئالىدىغان ئۈلۈشى مۇنداق: ــ (مەيلى كالا ياكى قوي بولسۇن) قول، ئېڭەك گۆشى ۋە ئۈچەي-قېرىنى كاھىنلارغا بېرىلىدۇ.
4 Elos ac fah eis pac ip se emeet ke wheat, wain, oil in olive ac unen sheep.
سىلەرنىڭ ئاشلىقىڭلاردىن، يېڭى شارابىڭلاردىن ۋە زەيتۇن مېيىڭلاردىن دەسلەپكى پىشقان ھوسۇلنى ۋە قويلىرىڭلاردىن دەسلەپكى قىرقىلغان يۇڭنى ئۇنىڭغا بېرىسىلەر؛
5 Inmasrlon sruf lowos nukewa, LEUM GOD El srela sruf lal Levi in kulansupwal in oru orekma lun mwet tol nwe tok.
چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۆز نامىدا خىزمىتىدە دائىم تۇرۇشقا بارلىق قەبىلىلىرىڭلار ئىچىدىن تاللىۋالغان.
6 “Kutena mwet Levi su lungse in kulansap in mwet tol, el ku in tuku liki kutena siti el muta we in Israel, ac som nu ke acn se ma LEUM GOD El sulela mwet uh in alu nu sel we,
ئەگەر لاۋىي بولغان بىر ئادەم پۈتكۈل ئىسرائىلدىكى ھەرقانداق شەھەر-يېزىدىن، يەنى ئۆزى ماكانلاشقان جايدىن چىقىپ، پەرۋەردىگار تاللايدىغان جايغا كەلسە
7 ac kulansap we fal nu ke sie mwet tol lun LEUM GOD lal, oana mwet Levi saya su wi orekma we.
ۋە شۇ يەردە پەرۋەردىگار ئالدىدا تۇرغۇچى بارلىق قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ نامىدا خىزمەتتە تۇرغان بولسا،
8 El ac fah eis lupa se na ma mwet tol ngia eis ke mwe mongo, sayen ma sou lal uh supu nu sel.”
ئۇنداقتا (مەيلى ئۇ ئاتىسىدىن قالغان مىراسىنى سېتىۋەتكەن ياكى سېتىۋەتمىگەن بولسۇن) ئۇنىڭ يەيدىغان ئۈلۈشى قېرىنداشلىرىنىڭكىدەك بولۇشى كېرەك.
9 “Pacl se kowos utyak nu in facl se ma LEUM GOD lowos El asot nu suwos uh, nimet etai ouiya na koluk lun mwet in mutunfacl we, su mwe srungayuk.
سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بېرىدىغان زېمىنغا كىرگەن چاغدا، سەن شۇ يەردىكى ئەللەرنىڭ يىرگىنچلىك ئادەتلىرىنى ئۆگەنمەسلىكىڭ كېرەك.
10 Nimet kisakin tulik nutuwos fin e ke loang lowos, ac nik kowos lela mwet lowos in orek susfa, ku orek fweni ke ma ac sikyak in pacl fahsru, ku inutnut,
ئاراڭلاردا ئۆز ئوغلى ياكى قىزىنى ئوتتىن ئۆتكۈزىدىغان، پالچىلىق، رەمچىلىك، ئەپسانىيلىك، جادۇگەرلىك
11 ku lulalfongi ke inpucl, ac nimet lela elos in lolngok nu sin ngunin mwet misa.
ياكى دەمىدىچىلىك قىلغۇچى ياكى جىنكەش، سېھىرگەر ياكى ئۆلگەنلەردىن يول سورىغۇچى ھېچقانداق كىشى بولمىسۇن؛
12 LEUM GOD lowos El srunga mwet su oru lumah koluk inge, pa oru El lusak mutunfacl ingo ke kowos apkuran in utyak nu in facl selos.
چۈنكى بۇنداق ئىشلارنى قىلىدىغان ھەرقانداق كىشى پەرۋەردىگارغا نەپرەتلىك بولىدۇ؛ بۇ يىرگىنچلىك ئىشلار تۈپەيلىدىن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ شۇ ئەللەرنى ئالدىڭلاردىن ھەيدەپ چىقىرىدۇ.
13 Kowos in arulana pwayena nu sin LEUM GOD.”
سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا ئەيىبسىز مۇكەممەل بولۇشۇڭ كېرەك؛
14 Na Moses el fahk, “In facl se su kowos apkuran in eis, mwet we lulalfongi kas lun mwet susfa ac fweni lalos, tusruktu LEUM GOD lowos El tia lela nu suwos in oru ma inge.
چۈنكى سەن زېمىندىن ھەيدەيدىغان بۇ ئەللەر رەمچىلەر ۋە پالچىلارغا قۇلاق سالىدۇ؛ بىراق پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ئۇنداق قىلىشقا يول قويمايدۇ.
15 A El fah supwaot sie mwet palu liki inmasrlon mwet lowos, su oana nga, na kowos in aksol.
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سىلەر ئۈچۈن ئاراڭلاردىن، قېرىنداشلىرىڭلار ئارىسىدىن ماڭا ئوخشايدىغان بىر پەيغەمبەر تۇرغۇزىدۇ؛ سىلەر ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار.
16 “Ke len se kowos tuh toeni pe Eol Sinai, kowos tuh kwafe kowos in tia sifil lohng pusren LEUM GOD, ku sifil liye e na lulap sac, mweyen kowos tuh nunku mu kowos ac misa.
بۇ سىلەر ھورەب تېغىدا يىغىلغان كۈندە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن: «پەرۋەردىگار خۇدايىمنىڭ ئاۋازىنى يەنە ئاڭلىمايلى، بۇ دەھشەتلىك ئوتنى كۆرمەيلى، بولمىسا ئۆلۈپ كېتىمىز» دەپ تەلەپ قىلغىنىڭلارغا پۈتۈنلەي ماس كېلىدۇ.
17 Ouinge LEUM GOD El fahk nu sik, ‘Elos orala sulela na lalmwetmet se.
شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ماڭا: «ئۇلارنىڭ ماڭا دېگەن سۆزى ياخشى بولدى.
18 Nga ac supwala nu yorolos sie mwet palu oana kom liki inmasrlon mwet lalos. Nga fah fahkang nu sel ma elan fahk, ac el fah fahk nu sin mwet uh ma nukewa nga sapkin.
مەن ئۇلارغا قېرىنداشلىرى ئارىسىدىن ساڭا ئوخشايدىغان بىر پەيغەمبەرنى تۇرغۇزىمەن، مەن ئۆز سۆزلىرىمنى ئۇنىڭ ئاغزىغا سالىمەن ۋە ئۇ مەن ئۇنىڭغا بارلىق تاپىلىغىنىمنى ئۇلارغا سۆزلەيدۇ.
19 El fah kaskas inek, ac nga fah kai kutena mwet su tia aksol.
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئۇ مېنىڭ نامىمدا دەيدىغان سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمايدىغان ھەرقانداق كىشى بولسا، مەن ئۇنىڭدىن ھېساب ئالىمەن.
20 Tusruktu fin oasr sie mwet palu su nunku in sulkakin sie kas inek ke nga tia sapkin elan fahk, el fah misa kac, na ac fah oapana nu sin mwet palu su fahkak ke inen god saya!
ئەمما مېنىڭ نامىمدا باشباشتاقلىق قىلىپ مەن ئۇنىڭغا تاپىلىمىغان بىرەر سۆزنى سۆزلىسە ياكى باشقا ئىلاھلارنىڭ نامىدا سۆز قىلىدىغان پەيغەمبەر بولسا، شۇ پەيغەمبەر ئۆلتۈرۈلسۇن.
21 “Sahp kowos ac suk lah kowos ac etu fuka lah ma sie mwet palu el fahk tia ma tuku sin LEUM GOD.
ئەگەر سەن كۆڭلۈڭدە: «پەرۋەردىگار قىلمىغان سۆزنى قانداق پەرق ئېتىمىز» دېسەڭ،
22 Sie mwet palu fin kaskas ke Inen LEUM GOD ac ma el fahk uh tia sikyak oana, na kas lal tia ma sin LEUM GOD me. Mwet palu sac el kaskas ke ku na lal sifacna, na kowos fah tia sangeng sel.
بىر پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا سۆز قىلغان بولسا ۋە ئۇ بېشارەت قىلغان ئىش توغرا چىقمىسا ياكى ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىسا، ئۇنداقتا بۇ سۆز پەرۋەردىگاردىن چىقمىغان؛ شۇ پەيغەمبەر باشباشتاقلىق بىلەن سۆزلىگەن دەپ، ئۇنىڭدىن قورقما.

< Deuteronomy 18 >