< 사무엘하 4 >

1 사울의 아들 이스보셋이 아브넬의 헤브론에서 죽었다 함을 듣고 손맥이 풀렸고 온 이스라엘이 놀라니라
سائۇلنىڭ ئوغلى ئابنەرنىڭ ھېبروندا ئۆلگىنىنى ئاڭلىغاندا قولى بوشىشىپ كەتتى، بارلىق ئىسرائىل دەككە-دۈككىگە چۈشتى.
2 사울의 아들 이스보셋에게 군장 두 사람이 있으니 하나의 이름은 바아나요 하나의 이름은 레갑이라 베냐민 족속 브에롯 사람 림몬의 아들들이더라 브에롯도 베냐민 지파에 속하였으니
سائۇلنىڭ ئوغلىنىڭ قوشۇنىنىڭ ئالدىن يۈرەر قىسمىدا ئىككى سەردارى بولۇپ، بىرىنىڭ ئىسمى بائاناھ، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى رەكاب ئىدى. ئۇلار بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بەئەروتلۇق رىمموننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى (چۈنكى بەئەروت بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە ھېسابلىناتتى؛
3 일찍 브에롯 사람들이 깃다임으로 도망하여 오늘까지 거기 우거함이더라
لېكىن بەئەروتلۇقلار گىتتائىمغا قېچىپ بېرىپ ئۇ يەردە بۇ كۈنگىچە مۇساپىردەك ياشاۋاتىدۇ).
4 사울의 아들 요나단에게 절뚝발이 아들 하나가 있으니 이름은 므비보셋이라 전에 사울과 요나단의 죽은 소식이 이스르엘에서 올 때에 그 나이 다섯 살이었는데 그 유모가 안고 도망하더니 급히 도망하므로 아이가 떨어져 절게 되었더라
سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ بىر ئوغلى بولۇپ، پۇتى ئاقساق ئىدى. سائۇل بىلەن يوناتاننىڭ ئۆلگەنلىكى توغرۇلۇق خەۋەر يىزرەئەلگە يەتكەندە، ئۇ بەش ياشقا كىرگەن ئىدى. ئىنىك ئانىسى ئۇنى ئېلىپ قاچتى؛ لېكىن شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئالدىراپ يۈگۈرگەچكە، بالا چۈشۇپ كېتىپ، ئاقساق بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ ئىسمى مەفىبوشەت ئىدى.
5 브에롯 사람 림몬의 아들 레갑과 바아나가 행하여 볕이 쬘 때 즈음에 이스보셋의 집에 이르니 마침 저가 낮잠을 자는지라
ئەمدى بىر كۈنى بەئەروتلوق رىمموننىڭ ئوغۇللىرى رەكاب بىلەن بائاناھ چىڭقى چۈش ۋاقتىدا ئىشبوشەتنىڭ ئۆيىگە باردى. ئىشبوشەت چۈشلۈك ئۇيقۇدا ئۇخلاۋاتقانىدى.
6 레갑과 그 형제 바아나가 밀을 가지러 온 체하고 집 가운데로 들어가서 그 배를 찌르고 도망하였더라
ئۇلار بۇغداي ئالىمىز دېگەننى باھانە قىلىپ، ئۆيىنىڭ ئىچكىرىگە كىرىپ، ئىشبوشەتنىڭ قورسىقىغا [پىچاق] سانجىدى. ئاندىن رەكاب ۋە بائاناھ قېچىپ كەتتى
7 저희가 집에 들어가니 이스보셋이 침실에서 상 위에 누웠는지라 저를 쳐 죽이고 목을 베어 그 머리를 가지고 밤새도록 아라바 길로 행하여
(ئۇلار ئىشبوشەت ھۇجرىسىدا كارىۋاتتا ياتقىنىدا، ئۆيگە كىرىپ، ئۇنى ئۆلتۈرگەنىدى). ئۇلار ئۇنىڭ كاللىسىنى كېسىپ، ئاندىن كاللىسىنى ئېلىپ كېچىچە ئاراباھ تۈزلەڭلىكىدىن مېڭىپ ئۆتتى.
8 헤브론에 이르러 다윗 왕에게 이스보셋의 머리를 드리며 고하되 왕의 생명을 해하려 하던 원수 사울의 아들 이스보셋의 머리가 여기 있나이다 여호와께서 오늘 우리 주 되신 왕의 원수를 사울과 그 자손에게 갚으셨나이다
ئۇلار ئىشبوشەتنىڭ كاللىسىنى ھېبرونغا، داۋۇتنىڭ قېشىغا ئېلىپ بېرىپ، پادىشاھقا: مانا، بۇ جانابلىرىنىڭ جېنىنى ئىزدىگەن دۈشمەنلىرى سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنىڭ كاللىسى! بۈگۈن پەرۋەردىگار غوجام پادىشاھنى سائۇل بىلەن نەسلىدىن ئىنتىقام ئېلىشقا مۇيەسسەر قىلدى ــ دېدى.
9 다윗이 브레롯 사람 림몬의 아들 레갑과 그 형제 바아나에게 대답하여 가로되 내 생명을 여러 환난 가운데서 건지신 여호와의 사심을 가리켜 맹세하노니
داۋۇت بەئەروتلۇق رىمموننىڭ ئوغۇللىرى رەكاب بىلەن ئىنىسى بائاناھغا: مېنى بارلىق قىيىنچىلىقلاردىن قۇتقۇزغان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،
10 전에 사람이 내게 고하기를 사울이 죽었다 하며 좋은 소식을 전하는 줄로 생각하였어도 내가 저를 잡아 시글락에서 죽여서 그것으로 그 기별의 갚음을 삼았거든
بۇرۇن بىرسى داۋۇتقا خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلدىم، دەپ ئويلاپ، ماڭا: ــ مانا، سائۇل ئۆلدى، دەپ كەلگەندە، مەن ئۇنى ئېلىپ زىكلاگتا ئۆلتۈرۈۋەتتىم. بەرھەق، مانا بۇ ئۇنىڭ يەتكۈزگەن خەۋىرىنىڭ مۇكاپاتى بولغانىدى!
11 하물며 악인이 의인을 그 집 침상 위에서 죽인 것이겠느냐 그런즉 내가 저의 피흘린 죄를 너희에게 갚아서 너희를 이 땅에서 없이 하지 아니하겠느냐 하고
ئەمدى مەن شۇنداق قىلغان يەردە، رەزىل ئادەملەر ئۆز ئۆيىدە ئورۇندا ياتقان بىر ھەققانىي كىشىنى ئۆلتۈرگەن بولسا، مەن نېمە قىلاي؟! ئۇنىڭ ئاققان قان قەرزىنى سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن ئېلىپ، سىلەرنى يەر يۈزىدىن يوقاتمامدىم؟ ــ دېدى.
12 소년들을 명하매 곧 저희를 죽이고 수족을 베어 헤브론 못가에 매어달고 이스보셋의 머리를 가져다가 헤브론에서 아브넬의 무덤에 장사하였더라
داۋۇت غۇلاملىرىغا بۇيرۇق قىلىۋىدى، ئۇلار بۇلارنى قەتل قىلدى. ئۇلارنىڭ قول-پۇتلىرىنى كېسىپ، ئۇلارنى ھېبروندىكى كۆلنىڭ يېنىدا ئېسىپ قويدى؛ لېكىن ئۇلار ئىشبوشەتنىڭ بېشىنى ئېلىپ ھېبروندا ئابنەرنىڭ قەبرىسىدە دەپنە قىلدى.

< 사무엘하 4 >