< 역대하 27 >

1 요담이 위에 나아갈 때에 나이 이십오 세라 예루살렘에서 십육 년을 치리하니라 그 모친의 이름은 여루사라 사독의 딸이더라
يوتام تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە بەش ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا ئون ئالتە يىل سەلتەنەت قىلدى؛ ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى يەرۇشا بولۇپ، زادوكنىڭ قىزى ئىدى.
2 요담이 그 부친 웃시야의 모든 행위대로 여호와 보시기에 정직히 행하였으나 여호와의 전에는 들어가지 아니하였고 백성은 오히려 사악을 행하였더라
ئۇ ئاتىسى ئۇززىيانىڭ بارلىق قىلغانلىرىدەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلدى (لېكىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەسخانىسىغا كىرمىدى). لېكىن خەلق يەنىلا بۇزۇق ئىشلارنى قىلىۋەردى.
3 저가 여호와의 전 윗문을 건축하고 또 오벨 성을 많이 증축하고
پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ يۇقىرىقى دەرۋازىسىنى ياساتقۇچى يوتام ئىدى؛ ئۇ يەنە ئوفەلدىكى سېپىلدىمۇ نۇرغۇن قۇرۇلۇشلارنى قىلدى.
4 유다 산중에 성읍을 건축하며 수풀 가운데 견고한 영채와 망대를 건축하고
ئۇ يەھۇدانىڭ تاغلىق رايونىدا شەھەرلەرنى بىنا قىلدى، ئورمانلىقلاردىمۇ قەلئە-قورغانلار ۋە كۆزەت مۇنارلىرىنى ياساتتى.
5 암몬 자손의 왕으로 더불어 싸워 이기었더니 그 해에 암몬 자손이 은 일백 달란트와 밀 일만 석과 보리 일만 석을 드렸고 제이년과 제삼년에도 암몬 자손이 그와 같이 드렸더라
ئۇ ئاممونىيلارنىڭ پادىشاھى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ ئۇلارنى يەڭدى؛ شۇ يىلى ئاممونىيلار ئۇنىڭغا ئۈچ تالانت كۈمۈش، مىڭ توننا بۇغداي، مىڭ توننا ئارپا ئولپان بەردى؛ ئاممونىيلار ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى يىلىمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش ئولپان ئېلىپ كەلدى.
6 요담이 그 하나님 여호와 앞에서 정도를 행하였으므로 점점 강하여졌더라
يوتام خۇداسى پەرۋەردىگار ئالدىدا يوللىرىنى توغرا قىلغىنى ئۈچۈن قۇدرەت تاپتى.
7 요담의 남은 사적과 그 모든 전쟁과 행위는 이스라엘과 유다 열왕기에 기록되니라
يوتامنىڭ قالغان ئىشلىرى، جۈملىدىن قىلغان جەڭلىرى ۋە تۇتقان يوللىرىنىڭ ھەممىسى مانا «يەھۇدا ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخنامىسى»دا پۈتۈلگەندۇر.
8 요담이 위에 나아갈 때에 나이 이십오 세요 예루살렘에서 치리한지 십육년이라
ئۇ تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە بەش ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا ئون ئالتە يىل سەلتەنەت قىلدى.
9 저가 그 열조와 함께 자매 다윗 성에 장사되고 그 아들 아하스가 대신하여 왕이 되니라
يوتام ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە «داۋۇتنىڭ شەھىرى»گە دەپنە قىلىندى؛ ئوغلى ئاھاز ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى.

< 역대하 27 >