< 시편 27 >

1 (다윗의 시) 여호와는 나의 빛이요 나의 구원이시니 내가 누구를 두려워하리요 여호와는 내 생명의 능력이시니 내가 누구를 무서워하리요
داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگار مېنىڭ نۇرۇم ۋە نىجاتلىقىمدۇر؛ مەن يەنە كىمدىن قورقاي؟ پەرۋەردىگار ھاياتىمنىڭ قورغىنىدۇر؛ مەن كىمنىڭ ئالدىدا تىترەي؟
2 나의 대적, 나의 원수된 행악자가 내 살을 먹으려고 내게로 왔다가 실족하여 넘어졌도다
يامانلىق قىلغۇچىلار «ئۇنىڭ ئەتلىرىنى يەيلى» دەپ ماڭا ھۇجۇم قىلغاندا، رەقىبلىرىم، دۈشمەنلىرىم ماڭا يېقىنلاشقاندا، پۇتلىشىپ، يىقىلدى ئۇلار.
3 군대가 나를 대적하여 진 칠지라도 내 마음이 두렵지 아니하며 전쟁이 일어나 나를 치려 할지라도 내가 오히려 안연하리로다
زور قوشۇن بارگاھ قۇرۇپ مېنى قورشاۋغا ئالسىمۇ، قەلبىمدە ھېچ قورقۇنچ يوق؛ ماڭا ئۇرۇش قوزغىسىمۇ، يەنىلا خاتىرجەم تۇرىۋېرىمەن.
4 내가 여호와께 청하였던 한 가지 일 곧 그것을 구하리니 곧 나로 내 생전에 여호와의 집에 거하여 여호와의 아름다움을 앙망하며 그 전에서 사모하게 하실 것이라
پەرۋەردىگاردىن بىرلا نەرسىنى تىلەپ كەلدىم؛ مەن شۇنىڭغا ئىنتىلىمەكتىمەنكى: ــ ئۆمۈر بويى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە بولسام، پەرۋەردىگارنىڭ گۈزەللىكىگە قاراپ يۈرسەم، ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىدا تۇرۇپ، يېتەكلىشىگە مۇيەسسەر بولسام، دەيمەن.
5 여호와께서 환난 날에 나를 그 초막 속에 비밀히 지키시고 그 장막 은밀한 곳에 나를 숨기시며 바위 위에 높이 두시리로다
بېشىمغا كۈن چۈشكەندە، ئۇ مېنى سايىۋىنى ئاستىغا ئالىدۇ؛ مېنى چېدىرىنىڭ ئىچىدە ئامان ساقلاپ يوشۇرۇۋالىدۇ. ئۇ مېنى ئۇيۇلتاش ئۈستىگە مۇقىم تۇرغۇزىدۇ.
6 이제 내 머리가 나를 두른 내 원수 위에 들리리니 내가 그 장막에서 즐거운 제사를 드리겠고 노래하여 여호와를 찬송하리로다!
شۇڭا ھازىر ئەتراپىمدىكى دۈشمەنلىرىم ئالدىدا بېشىم يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭ مۇقەددەس چېدىرىدا تەنتەنە قىلىپ قۇربانلىقلار سۇنىمەن؛ ناخشا-كۈيلەر ئېيتىمەن، مۇناجاتلارنى ئېيتىمەن پەرۋەردىگارغا!
7 여호와여, 내가 소리로 부르짖을 때에 들으시고 또한 나를 긍휼히 여기사 응답하소서
نىدا قىلغىنىمدا ئاۋازىمنى ئاڭلىغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، ئىجابەت قىلغايسەن.
8 너희는 내 얼굴을 찾으라 하실 때에 내 마음이 주께 말하되 여호와여, 내가 주의 얼굴을 찾으리이다 하였나이다
ئۆز كۆڭلۈم: «ئۇنىڭ دىدارىنى ئىزدەڭلار!» دەيدۇ؛ دىدارىڭنى، ئى پەرۋەردىگار، ئۆزۈم ئىزدەيمەن.
9 주의 얼굴을 내게서 숨기지 마시고 주의 종을 노하여 버리지 마소서 주는 나의 도움이 되셨나이다 나의 구원의 하나님이시여, 나를 버리지 말고 떠나지 마옵소서
مەندىن ئۆزۈڭنى قاچۇرمىغايسەن! غەزەپلەنگەندە قۇلۇڭنى نېرى قوغلىمىغايسەن؛ سەن مېنىڭدىن ياردىمىڭنى ئايىماي كەلدىڭ؛ سەن مەندىن ئايرىلمىغايسەن، مېنى تاشلىۋەتمىگەيسەن، ئى نىجاتكارىم خۇدا!
10 내 부모는 나를 버렸으나 여호와는 나를 영접하시리이다
ئاتا-ئانام مېنى تاشلىۋەتسىمۇ، پەرۋەردىگار مېنى قۇچىقىغا ئالىدۇ.
11 여호와여, 주의 길로 나를 가르치시고 내 원수를 인하여 평탄한 길로 인도하소서
ماڭا ئۆز يولۇڭنى ئۆگەتكەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ كۈشەندىلىرىم [پايلاپ يۈرمەكتە]، مېنى تۈز يولغا باشلىغايسەن.
12 내 생명을 내 대적의 뜻에 맡기지 마소서 위증자와 악을 토하는 자가 일어나 나를 치려 함이니이다
مېنى رەقىبلىرىمنىڭ مەيلىگە تاپشۇرمىغايسەن، چۈنكى ماڭا قارا چاپلاشماقچى بولغان يالغانچىلار خېلى كۆپتۇر، ئۇلارنىڭ نەپەسلىرىمۇ زوراۋانلىقتۇر.
13 내가 산 자의 땅에 있음이여 여호와의 은혜 볼 것을 믿었도다
ئاھ، پەرۋەردىگارنىڭ مېھرىبانلىقىنى تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدە كۆرۈشكە كۆزۈم يەتمىگەن بولسا...!
14 너는 여호와를 바랄지어다! 강하고 담대하며 여호와를 바랄지어다!
پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈپ كۈتكىن! جىگەرلىك بول، قەلبىڭ مەردانە بولسۇن! شۇنداق قىل، پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈپ كۈتكىن!

< 시편 27 >