< 빌립보서 4 >

1 그러므로 나의 사랑하고 사모하는 형제들, 나의 기쁨이요 면류관인 사랑하는 자들아 이와 같이 주 안에 서라
ئەمدى، ئەي قېرىنداشلىرىم، سۆيگەنلىرىم ۋە تەلپۈنگەنلىرىم، مېنىڭ شاد-خۇراملىقىم، مېنىڭ بېشىمنىڭ تاجى بولغۇچىلار، رەبدە چىڭ تۇرۇڭلار، ئى سۆيگەنلىرىم!
2 내가 유오디아를 권하고 순두게를 권하노니 주 안에서 같은 마음을 품으라
ئېۋودىيادىن ئۆتۈنىمەن، ۋە سۇنتىخەدىن ئۆتۈنىمەنكى، رەبدە بىر ئوي، بىر پىكىردە بولۇڭلار!
3 또 참으로 나와 멍에를 같이 한 자 네게 구하노니 복음에 나와 함께 힘쓰던 저 부녀들을 돕고 또한 글레멘드와 그 위에 나의 동역자들을 도우라 그 이름들이 생명책에 있느니라
دۇرۇس، مەن سەندىنمۇ تەلەپ قىلىمەنكى، ئى ھەقىقىي ھەمبويۇنتۇرۇقلۇق خىزمەتدىشىم، بۇ ئاياللارنىڭ ياردىمىدە بولغىن؛ مانا ئۇلار مەن ۋە كلىمەنت بىلەن بىللە، شۇنداقلا ناملىرى «ھاياتلىك دەپتىرى»گە خاتىرىلەنگەن باشقا خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىللە خۇش خەۋەر خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بىرگە كۈرەش قىلغان.
4 주 안에서 항상 기뻐하라! 내가 다시 말하노니 기뻐하라!
رەبدە شادلىنىڭلار؛ مەن يەنە ئېيتىمەنكى، شادلىنىڭلار!
5 너희 관용을 모든 사람에게 알게 하라 주께서 가까우시니라
سىلەرنىڭ مۇلايىملىقىڭلار پۈتكۈل ئىنسانغا ئايان بولسۇن؛ رەب يېقىندۇر!
6 아무 것도 염려하지 말고 오직 모든 일에 기도와 간구로 너희 구할 것을 감사함으로 하나님께 아뢰라
ھېچ ئىش توغرۇلۇق ئەندىشە قىلماڭلار؛ بەلكى ھەربىر ئىشتا تەشەككۈر ئېيتىپ تىلىكىڭلارنى خۇداغا دۇئا ھەم ئىلتىجا ئارقىلىق مەلۇم قىلىڭلار؛
7 그리하면 모든 지각에 뛰어난 하나님의 평강이 그리스도 예수 안에서 너희 마음과 생각을 지키시리라
شۇ چاغدا ئادەمنىڭ ئويلىغىنىدىن ئېشىپ چۈشىدىغان، خۇدا ئىگە بولغان خاتىرجەملىك قەلبىڭلارنى ۋە ئوي-پىكرىڭلارنى مەسىھ ئەيسادا قوغدايدۇ.
8 종말로 형제들아 무엇에든지 참되며, 무엇에든지 경건하며, 무엇에든지 옳으며, 무엇에든지 정결하며, 무엇에든지 사랑할 만하며, 무엇에든지 칭찬할 만하며, 무슨 덕이 있든지, 무슨 기림이 있든지, 이것들을 생각하라!
ئاخىرىدا، ئەي قېرىنداشلىرىم، نېمە ئىشلار ھەقىقەت، نېمە ئىشلار ئالىيجاناب، نېمە ئىشلار ھەققانىي، نېمە ئىشلار پاك، نېمە ئىشلار خۇش-يېقىملىق، نېمە ئىشلار شان-شۆھرەتلىك بولسا، قىسقىسى ھەرقانداق ئىشلاردا ئەخلاق-پەزىلەت ياكى ماختاشقا لايىق تەرەپلەر بار بولسا، شۇ ئىشلارغا كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىڭلار.
9 너희는 내게 배우고 받고 듣고 본 바를 행하라 그리하면 평강의 하나님이 너희와 함께 계시리라
مەندىن ئۆگەنگەن، قوبۇل قىلغان، ئاڭلىغان ۋە مەندە كۆرگەنلەرنىڭ ھەرقاندىقى بولسا، سىلەر شۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار؛ شۇنداق قىلغاندا خاتىرجەملىك ئىگىسى بولغان خۇدا سىلەرگە يار بولىدۇ.
10 내가 주 안에서 크게 기뻐함은 너희가 나를 생각하던 것이 이제 다시 싹이 남이니 너희가 또한 이를 위하여 생각은 하였으나 기회가 없었느니라
ئەمدى مەن رەبدە زىيادە شادلاندىمكى، سىلەر ھازىر ئاخىردا ماڭا بولغان كۆيۈمچانلىقىڭلارنى قايتىدىن كۆرسەتتىڭلار (بىلىمەنكى، ماڭا دائىم كۆيۈنۈپ كەلدىڭلار، ئەمما پەقەتلا كۆرسىتىش پۇرسىتى چىقمىدى).
11 내가 궁핍하므로 말하는 것이 아니라 어떠한 형편에든지 내가 자족하기를 배웠노니
مەن بۇ گېپىمنى، بىرەر موھتاجلىقتىن ئېيتىۋاتقىنىم يوق؛ چۈنكى ئەھۋالىم قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بارىغا قانائەت قىلىشنى ئۆگىنىۋالدىم.
12 내가 비천에 처할 줄도 알고 풍부에 처할 줄도 알아 모든 일에 배부르며 배고픔과 풍부와 궁핍에도 일체의 비결을 배웠노라
مەن ئوسال ئەھۋالدا ياشاشنى بىلىمەن، ھەم كەڭرىچىلىكتە ياشاشنىمۇ بىلىمەن. ھەر ئىشتا، ھەر ئەھۋالدا، ھەم توقلۇقتا ھەم ئاچلىقتا، ھەم باياشاتچىلىقتا ھەم موھتاجلىقتا ياشاشنىڭ سىرىنى ئۆگىنىۋالدىم.
13 내게 능력 주시는 자 안에서 내가 모든 것을 할 수 있느니라!
ماڭا قۇدرەت بەرگۈچىگە تايىنىپ ھەممە ئىشنى قىلالايدىغان بولدۇم.
14 그러나 너희가 내 괴로움에 함께 참예하였으니 잘하였도다
ھالبۇكى، مېنىڭ قىيىنچىلىقىمغا ئورتاق بولۇشۇڭلار بىلەن ياخشى قىلدىڭلار.
15 빌립보 사람들아! 너희도 알거니와 복음의 시초에 내가 마게도냐를 떠날 때에 주고 받는 내 일에 참예한 교회가 너희 외에 아무도 없었느니라
سىلەرگىمۇ مەلۇمكى، ئەي فىلىپپىلىقلار، مەن ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىن ئايرىلىپ چىققىنىمدا، خۇش خەۋەرنى باشقا يەرلەرگە يەتكۈزگەن دەسلەپتىكى ۋاقىتلاردا، سىلەردىن باشقا ھېچقانداق جامائەت بېرىش ۋە قوبۇل قىلىش ئىشلىرىدا مەن بىلەن ھەمكارلاشمىغان.
16 데살로니가에 있을 때에도 너희가 한 번 두 번 나의 쓸 것을 보내었도다
چۈنكى تېسالونىكا شەھىرىدىكى ۋاقتىمدىمۇ ئېھتىياجىم چۈشكەندە سىلەر ماڭا بىرنەچچە قېتىم ياردەم ئەۋەتتىڭلار.
17 내가 선물을 구함이 아니요 오직 너희에게 유익하도록 과실이 번성하기를 구함이라
مېنىڭ بۇنداق دېيىشىم، سىلەردىن بىرەر سوۋغاتنى ئىزدەپ سورىغىنىم ئەمەستۇر، ئىزدىگىنىم بولسا ھېساۋاتىڭلارغا [روھىي] مېۋىنىڭ كۆپ توپلىنىشىدىن ئىبارەتتۇر.
18 내게는 모든 것이 있고 또 풍부한지라 에바브로디도 편에 너희의 준 것을 받으므로 내가 풍족하니 이는 받으실 만한 향기로운 제물이요 하나님을 기쁘시게 한 것이라
لېكىن مەندە ھەممە نەرسە بار، ھەتتا يېتىپ ئاشقۇدەك بار؛ سىلەر ئەۋەتكەنلىرىڭلارنى ئېپافرودىتتىن تاپشۇرۇۋېلىپ تېرەمگە سىغماي قالدىم ۋە مولچىلىققا چۆمدۇم. بۇ ئەۋەتكىنىڭلار ئىنتايىن خۇشبۇي، خۇداغا قوبۇل بولغۇدەك، شۇنداقلا ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان بىر قۇربانلىقتەك ئىدى.
19 나의 하나님이 그리스도 예수 안에서 영광 가운데 그 풍성한 대로 너희 모든 쓸 것을 채우시리라
ۋە مېنىڭ خۇدايىم سىلەر موھتاج بولغان ھەممە نەرسىنى مەسىھ ئەيسادا بولغان شان-شەرىپىدىكى بايلىقلارغا ئاساسەن مول تەمىنلەيدۇ.
20 하나님 곧 우리 아버지께 세세 무궁토록 영광을 돌릴지어다 아멘 (aiōn g165)
ئەمدى خۇدايىمىز ھەم ئاتىمىزغا ئەبەدىلئەبەدگىچە شان-شەرەپ بولغاي! ئامىن. (aiōn g165)
21 그리스도 예수 안에 있는 성도에게 각각 문안하라 나와 함께 있는 형제들이 너희에게 문안하고
مەسىھ ئەيسادا بولغان بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە سالام يەتكۈزۈڭلار. يېنىمدىكى قېرىنداشلاردىنمۇ سىلەرگە سالام!
22 모든 성도들이 너희에게 문안하되 특별히 가이사 집 사람 중 몇이니라
بارلىق مۇقەددەس بەندىلەردىن، بولۇپمۇ قەيسەر [ئىمپېراتورنىڭ] ئوردىسىدا بولغانلاردىن سىلەرگە سالام!
23 주 예수 그리스도의 은혜가 너희 심령에 있을지어다
رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى روھىڭلارغا يار بولغاي!

< 빌립보서 4 >