< 누가복음 20 >

1 하루는 예수께서 성전에서 백성을 가르치시며 복음을 전하실 새 대제사장들과 서기관들이 장로들과 함께 가까이 와서
ۋە شۇ كۈنلەردىن بىر كۈنى ئۇ ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىدا خەلققە تەلىم بېرىپ خۇش خەۋەرنى ئېلان قىلىۋاتقاندا، باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن ئاقساقاللار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن:
2 말하여 가로되 `당신이 무슨 권세로 이런 일을 하는지 이 권세를 준 이가 누구인지 우리에게 말하라'
ــ بىزگە ئېيتقىن: سەن قىلىۋاتقان بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا ئاساسەن قىلىۋاتىسەن؟ ساڭا بۇ ھوقۇقنى كىم بەرگەن؟ ــ دەپ سورىدى.
3 대답하여 가라사대 `나도 한 말을 너희에게 물으리니 내게 말하라
ئۇ ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەنمۇ سىلەردىن بىر ئىشنى سوراي؛ سىلەر ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلارچۇ،
4 요한의 세례가 하늘로서냐? 사람에게로서냐?'
ــ يەھيا يۈرگۈزگەن چۆمۈلدۈرۈش ئەرشتىنمۇ، ياكى ئىنسانلاردىنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
5 저희가 서로 의논하여 가로되 `만일 하늘로서라 하면 어찌하여 저를 믿지 아니하였느냐 할 것이요
ئۇلار ئۆزئارا مۇلاھىزە قىلىشىپ: ــ ئەگەر «ئەرشتىن كەلگەن» دېسەك، ئۇ بىزگە: «ئۇنداقتا، سىلەر نېمە ئۈچۈن [يەھياغا] ئىشەنمىدىڭلار؟» دەيدۇ.
6 만일 사람에게로서라 하면 백성이 요한을 선지자로 인정하니 저희가 다 우리를 돌로 칠 것이라' 하고
ئەگەر: «ئىنسانلاردىن كەلگەن» دېسەك، بۇ بارلىق خالايىق بىزنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىدۇ. چۈنكى ئۇلار يەھيانىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈلگەن، ــ دېيىشتى.
7 대답하되 `어디로서인지 알지 못하노라' 하니
ۋە ئۇلار: ــ [ئۇنىڭ] [ھوقۇقىنىڭ] قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلمەيمىز، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى.
8 예수께서 이르시되 `나도 무슨 권세로 이런 일을 하는지 너희에게 이르지 아니하리라' 하시니라
ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئۇنداقتا، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا ئاساسەن قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتمايمەن، ــ دېدى.
9 이 비유로 백성에게 말씀하시되 `한 사람이 포도원을 만들어 농부들에게 세로 주고 타국에 가서 오래 있다가
ئۇ خالايىققا مۇنۇ تەمسىلنى سۆزلەشكە باشلىدى: ــ «بىر كىشى بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، ئۇنى باغۋەنلەرگە ئىجارىگە بېرىپ، ئۆزى ياقا يۇرتقا بېرىپ ئۇ يەردە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپتۇ.
10 때가 이르매 포도원 소출 얼마를 바치게 하려고 한 종을 농부들에게 보내니 농부들이 종을 심히 때리고 거저 보내었거늘
ئۈزۈملەرنى يىغىدىغان مەزگىل كەلگەندە باغۋەنلەرنىڭ ئۈزۈمزارلىقتىكى مېۋىدىن ئۇنىڭغا بېرىشكە قۇللىرىدىن بىرىنى ئۇلارىنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ. لېكىن باغۋەنلەر ئۇنى ئۇرۇپ-دۇمبالاپ قۇرۇق قول ياندۇرۇۋېتىپتۇ.
11 다시 다른 종을 보내니 그도 심히 때리고 능욕하고 거저 보내었거늘
ئۇ يەنە باشقا بىر قۇلنى ئەۋەتىپتۇ. لېكىن ئۇلار ئۇنىمۇ دۇمبالاپ، خارلاپ، يەنە قۇرۇق قول قايتۇرۇۋېتىپتۇ.
12 다시 세번째 종을 보내니 이도 상하게 하고 내어 쫓은지라
ئۇ يەنە ئۈچىنچىسىنى ئەۋەتىپتۇ؛ ئۇلار ئۇنىمۇ ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇپ، تالاغا ھەيدەپ چىقىرىۋېتىپتۇ.
13 포도원 주인이 가로되 어찌할꼬 내 사랑하는 아들을 보내리니 저희가 혹 그는 공경하리라 하였더니
[ئاخىردا] ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى: «قانداق قىلسام بولار؟ سۆيۈملۈك ئوغلۇمنى ئەۋەتەي؛ ئۇلار ئۇنى كۆرسە، ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى قىلار؟» دەپتۇ.
14 농부들이 그를 보고 서로 의논하여 가로되 이는 상속자니 죽이고 그 유업을 우리의 것으로 만들자 하고
بىراق باغۋەنلەر ئۇنىڭ ئوغلىنى كۆرۈپ بىر-بىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ: «بۇ بولسا مىراسخور؛ كېلىڭلار، ئۇنى جايلىۋېتەيلى، ئاندىن مىراس بىزنىڭكى بولىدۇ» دېيىشىپتۇ.
15 포도원 밖에 내어 쫓아 죽였느니라 그런즉 포도원 주인이 이 사람들을 어떻게 하겠느뇨?
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى ئۈزۈمزارلىقنىڭ سىرتىغا ئاچىقىپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. ئەمدى بۇنداق ئەھۋالدا ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى ئۇلارنى قانداق قىلىدۇ؟
16 와서 그 농부들을 진멸하고 포도원을 다른 사람들에게 주리라 하시니 사람들이 듣고 가로되 그렇게 되지 말아지이다 하거늘
ئۇ كېلىپ ئۇ باغۋەنلەرنى يوقىتىپ ئۈزۈمزارلىقنى باشقىلارغا تاپشۇرىدۇ». خالايىق بۇنى ئاڭلاپ: ــ بۇنداق ئىشلار ھەرگىز بولمىسۇن! ــ دېيىشتى.
17 저희를 보시며 가라사대 그러면 기록된 바 건축자들의 버린 돌이 모퉁이의 머릿돌이 되었느니라 함이 어찜이뇨
لېكىن ئۇ ئۇلارغا كۆزلىرىنى تىكىپ مۇنداق دېدى: ــ ئۇنداق بولسا، مۇقەددەس يازمىلاردا «تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش بولسا، بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەندى» دەپ يېزىلغان سۆز زادى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟
18 무릇 이 돌 위에 떨어지는 자는 깨어지겠고 이 돌이 사람 위에 떨어지면 저를 가루로 만들어 흩으리라' 하시니라
بۇ «تاش»قا يىقىلغان كىشى پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ؛ لېكىن بۇ تاش ھەركىمنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، ئۇنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتىدۇ.
19 서기관들과 대제사장들이 예수의 이 비유는 자기들을 가리켜 말씀하심인 줄 알고 즉시 잡고자 하되 백성을 두려워하더라
باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنىڭ بۇ تەمسىلى ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئېيتقانلىقىنى بىلىپ شۇ ھامان ئۇنىڭغا قول سېلىش يولىنى ئىزدىدى؛ لېكىن ئۇلار خالايىقتىن قورقۇشتى.
20 이에 저희가 엿보다가 예수를 총독의 치리와 권세 아래 붙이려 하여 정탐들을 보내어 그들로 스스로 의인인 체하며 예수의 말을 책잡게 하니
شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭ كەينىدىن ماراپ، ئۇنى [رىم] ۋالىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا سوراققا تارتىشقا تاپشۇرۇش ئۈچۈن بىرنەچچە ئادەملەرنى سېتىۋېلىپ، سوقۇنۇپ كىرىشكە ئەۋەتتى. ئۇلار سەمىمىي قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئۇنىڭ سۆزىدىن يوچۇق ئىزدەپ يۈرەتتى.
21 그들이 물어 가로되 `선생님이여 우리가 아노니 당신은 바로 말씀하시고 가르치시며 사람을 외모로 취치 아니하시고 오직 참으로써 하나님의 도를 가르치시나이다
ئۇلار ئۇنىڭغا مۇنداق سوئال قويدى: ــ ئەي ئۇستاز، سىلىنى دۇرۇس سۆز قىلىدىغان ۋە دۇرۇس تەلىم بېرىدىغان، ھېچقانداق ئادەمنىڭ يۈز-خاتىرىسىنى [قەتئىي] قىلمايدىغان، بەلكى خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كېلىۋاتقان ئادەم دەپ بىلىمىز.
22 우리가 가이사에게 세를 바치는 것이 가하니이까? 불가하니이까?' 하니
[رىم ئىمپېراتورى] قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ-يوق؟».
23 예수께서 그 간계를 아시고 가라사대
ئەمما ئۇ ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى كۆرۈپ يېتىپ ئۇلارغا: ــ نېمىشقا مېنى سىنىماقچىسىلەر؟
24 `데나리온 하나를 내게 보이라 뉘 화상과 글이 여기 있느냐?' 대답하되 `가이사의 것이니이다'
ماڭا بىر كۈمۈش دىنار كۆرسىتىڭلار. بۇنىڭ ئۈستىدىكى سۈرەت ۋە نام-ئىسىم كىمنىڭ؟ ــ دېدى. ئۇلار ئۇنىڭغا: قەيسەرنىڭكى، ــ دېدى.
25 가라사대 `그런즉 가이사의 것은 가이사에게 하나님의 것은 하나님께 바치라' 하시니
ۋە ئۇ ئۇلارغا: ــ ئۇنداق بولسا، قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار، ــ دېدى.
26 저희가 백성 앞에서 그의 말을 능히 책잡지 못하고 그의 대답을 기이히 여겨 잠잠하니라
ئۇلار خالايىقنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ئۇنى تۇتۇۋالغۇدەك ھېچقانداق يوچۇق تاپالمىدى. ئۇلار ئۇنىڭ بۇ جاۋابىغا ھەيرانۇھەس بولۇپ، زۇۋانى تۇتۇلدى.
27 부활이 없다 주장하는 사두개인 중 어떤 이들이 와서
ۋە «ئۆلگەنلەر تىرىلمەيدۇ» دەپ ئىنكار قىلىدىغان سادۇقىيلارنىڭ بەزىلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ سوئال قويۇپ مۇنداق دېدى:
28 물어 가로되 `선생님이여, 모세가 우리에게 써 주기를 사람의 형이 만일 아내를 두고 자식이 없이 죽거든 그 동생이 그 아내를 취하여 형을 위하여 후사를 세울지니라 하였나이다
ــ ئۇستاز، مۇسا [پەيغەمبەر تەۋراتتا] بىزگە: «ئايالى بار، ئەمما پەرزەنت كۆرمىگەن كىشى ئۆلۈپ كەتسە، ئۆلگۈچىنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل قالغان يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى كېرەك» ــ دەپ يازغان.
29 그런데 칠 형제가 있었는데 맏이 아내를 취하였다가 자식이 없이 죽고
ئەمدى يەتتە ئاكا-ئۇكا بار ئىدى. چوڭى ئۆيلەنگەندىن كېيىن پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتتى.
30 그 둘째와 세째가 저를 취하고
ئىككىنچى قېرىندىشى ئايالىنى ئەمرىگە ئېلىپ، پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتتى.
31 일곱이 다 그와 같이 자식이 없이 죽고
ئاندىن ئۈچىنچىسى ئۇنى ئالدى؛ شۇنداق قىلىپ، يەتتىسى ئۇنى ئەمرىگە ئېلىپ پەرزەنت كۆرمەي ئۆلدى.
32 그 후에 여자도 죽었나이다
ھەممىسىدىن كېيىن ئايالمۇ ئۆلدى.
33 일곱이 다 저를 아내로 취하였으니 부활 때에 그 중에 뉘 아내가 되리이까?'
ئەمدى تىرىلىش كۈنىدە بۇ ئايال ئۇلارنىڭ قايسىسىنىڭكى بولار؟ چۈنكى يەتتىسى ئۇنى خوتۇنلۇققا ئالغان-دە؟!
34 예수께서 이르시되 `이 세상의 자녀들은 장가도 가고 시집도 가되 (aiōn g165)
ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ بۇ ئالەمنىڭ پەرزەنتلىرى ئۆيلىنىدۇ، ياتلىق بولىدۇ. (aiōn g165)
35 저 세상과 및 죽은 자 가운데서 부활함을 얻기에 합당히 여김을 입은 자들은 장가가고 시집가는 일이 없으며 (aiōn g165)
لېكىن ئۇ ئالەمدىن نېسىۋە بولۇشقا، شۇنداقلا ئۆلۈكلەردىن تىرىلىشكە لايىق سانالغانلار ئۆيلەنمەيدۇ، ياتلىق بولمايدۇ. (aiōn g165)
36 저희는 다시 죽을 수도 없나니 이는 천사와 동등이요 부활의 자녀로서 하나님의 자녀임이니라
چۈنكى ئۇلار يەنە ئۆلمەيدۇ، پەرىشتىلەرگە ئوخشاش بولىدۇ؛ «ئۆلۈمدىن تىرىلىشتىن تۇغۇلغان پەرزەنتلەر» بولغاچقا، ئۇلار خۇدانىڭ ئوغۇللىرىدۇر.
37 죽은 자의 살아난다는 것은 모세도 가시나무떨기에 관한 글에 보였으되 주를 아브라함의 하나님이요, 이삭의 하나님이요, 야곱의 하나님이시라 칭하였나니
ئەمدى ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشىنى ھەتتا مۇسا [پەيغەمبەر] ئۆزىمۇ ئايان قىلغان؛ چۈنكى [تەۋراتتىكى] «تىكەنلىك» دېگەن ۋەقەنىڭ خاتىرىسىدە ئۇ پەرۋەردىگارنى: «ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسى» دەپ بايان قىلغان.
38 하나님은 죽은 자의 하나님이 아니요 산 자의 하나님이시라 하나님에게는 모든 사람이 살았느니라' 하시니
ئۇ ئۆلۈكلەرنىڭ خۇداسى ئەمەس، بەلكى تىرىكلەرنىڭ خۇداسىدۇر؛ چۈنكى ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھەممەيلەن تىرىكتۇر!
39 서기관 중 어떤 이들이 말하되 `선생이여, 말씀이 옳으니이다' 하니
شۇنىڭ بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بىرقانچىسى باھا بېرىپ: ــ ئۇستاز، ياخشى ئېيتتىڭ، ــ دېدى.
40 저희는 아무 것도 감히 더 물을 수 없음이더라
چۈنكى ئۇلاردىن ھېچكىم يەنە ئۇنىڭدىن سوئال سوراشقا جۈرئەت قىلالمىدى.
41 예수께서 저희에게 이르시되 `사람들이 어찌하여 그리스도를 다윗의 자손이라 하느냐?
ئەمدى ئۇ ئۇلارغا سوئال قويدى: ــ كىشىلەر مەسىھنى قانداقسىگە داۋۇتنىڭ ئوغلى دەيدۇ؟
42 시편에 다윗이 친히 말하였으되 주께서 내 주께 이르시되
چۈنكى داۋۇت ئۆزى زەبۇردا: پەرۋەردىگار مېنىڭ رەببىمگە ئېيتتىكى: ــ «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى تەختىپەرىڭ قىلغۇچە، مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!» ــ دېگەنغۇ؟
43 내가 네 원수를 네 발의 발등상으로 둘 때까지 내 우편에 앉았으라 하셨도다 하였느니라
44 그런즉 다윗이 그리스도를 주라 칭하였으니 어찌 그의 자손이 되겠느뇨?' 하시니라
ئەمما داۋۇت ئۇنى «رەببىم» دەپ چاقىرغان يەردە، ئۇنداقتا ئۇ قانداقمۇ ئۇنىڭ ئوغلى بولىدۇ؟
45 모든 백성이 들을 때에 예수께서 그 제자들에게 이르시되
ۋە بارلىق خالايىق قۇلاق سېلىپ ئاڭلاۋاتقاندا، ئۇ مۇخلىسلىرىغا مۇنداق دېدى: ــ
46 `긴 옷을 입고 다니는 것을 원하며 시장에서 문안 받는 것과 회당의 상좌와 잔치의 상석을 좋아하는 서기관들을 삼가라
ــ تەۋرات ئۇستازلىرىدىن ھوشيار بولۇڭلار. ئۇلار ئۇزۇن تونلارنى كىيىۋالغان ھالدا غادىيىپ يۈرۈشكە، بازارلاردا كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا بولغان سالاملىرىغا، سىناگوگلاردا ئالدىنقى ئورۇنلاردا، زىياپەتلەردىمۇ تۆردە ئولتۇرۇشقا ئامراق كېلىدۇ.
47 저희는 과부의 가산을 삼키며 외식으로 길게 기도하니 그 받는 판결이 더욱 중하리라' 하시니라
ئۇلار تۇل ئاياللارنىڭ بارلىق ئۆي-بېساتلىرىنى يەۋالىدۇ ۋە كۆز-كۆز قىلىپ يالغاندىن ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئالار قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تارتىدىغان جازاسى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ!

< 누가복음 20 >