< 사사기 1 >

1 여호수아가 죽은 후에 이스라엘 자손이 여호와께 묻자와 가로되 `우리 중 누가 먼저 올라가서 가나안 사람과 싸우리이까?'
ۋە يەشۇئا ۋاپات بولغاندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، ئىسرائىللار پەرۋەردىگاردىن: ــ بىزدىن كىم ئاۋۋال چىقىپ قانائانىيلار بىلەن سوقۇشسۇن؟ ــ دەپ سورىدى.
2 여호와께서 가라사대 유다가 올라갈지니라 보라! 내가 이 땅을 그 손에 붙였노라 하시니라
پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ: ــ يەھۇدا چىقسۇن؛ مانا، مەن زېمىننى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم، ــ دېدى.
3 유다가 그 형제 시므온에게 이르되 `나의 제비 뽑아 얻은 땅에 나와 함께 올라가서 가나안 사람과 싸우자 그리하면 나도 너의 제비 뽑아 얻은 땅에 함께 가리라' 이에 시므온이 그와 함께 가니라
ئۇ ۋاقىتتا يەھۇدا ئاكىسى شىمېئونغا: ــ سەن مېنىڭ بىلەن بىللە قانائانىيلار بىلەن سوقۇشۇشقا، ماڭا چەك تاشلىنىپ مىراس قىلىنغان زېمىنغا چىقساڭ، مەنمۇ ساڭا چەك تاشلىنىپ مىراس قىلىنغان زېمىنغا سەن بىلەن بىللە چىقىپ [سوقۇشىمەن]، دېۋىدى، شىمېئون ئۇنىڭ بىلەن بىللە چىقتى.
4 유다가 올라가매 여호와께서 가나안 사람과 브리스 사람을 그들의 손에 붙이신지라 그들이 베섹에서 일만명을 죽이고
يەھۇدا ئۇ يەرگە چىققاندا، پەرۋەردىگار قانائانىيلار ۋە پەرىززىيلەرنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بېزەك دېگەن جايدا ئۇلارنى ئۇرۇپ قىرىپ، ئون مىڭ ئادىمىنى ئۆلتۈردى.
5 또 베섹에서 아도니 베섹을 만나서 그와 싸워 가나안 사람과 브리스 사람을 죽이니
ئۇلار بېزەكتە ئادونى-بېزەك دېگەن پادىشاھ بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن سوقۇشۇپ قانائانىيلار بىلەن پەرىززىيلەرنى ئۇرۇپ قىردى.
6 아도니 베섹이 도망하는지라 그를 쫓아가서 잡아 그 수족의 엄지 가락을 끊으매
ئادونى-بېزەك قاچتى، ئۇلار قوغلاپ بېرىپ، ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، قوللىرىنىڭ چوڭ بارمىقى بىلەن پۇتلىرىنىڭ چوڭ بارمىقىنى كېسىۋەتتى.
7 아도니 베섹이 가로되 `옛적에 칠십 왕이 그 수족의 엄지가락을 찍히고 내 상 아래서 먹을 것을 줍더니 하나님이 나의 행한 대로 내게 갚으심이로다' 하니라 무리가 그를 끌고 예루살렘에 이르렀더니 그가 거기서 죽었더라
شۇنىڭ بىلەن ئادونى-بېزەك: ــ ئەينى چاغدا قوللىرىنىڭ چوڭ بارمىقى بىلەن پۇتلىرىنىڭ چوڭ بارمىقى كېسىۋېتىلگەن يەتمىش پادىشاھ داستىخىنىمنىڭ تېگىدىكى ئۇۋاقلارنى تېرىپ يېگەنىدى. مانا ئەمدى خۇدا مېنىڭ قىلغانلىرىمنى ئۆزۈمگە ياندۇردى، دېدى. ئاندىن ئۇلار ئۇنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى، كېيىن ئۇ شۇ يەردە ئۆلدى.
8 유다 자손이 예루살렘을 쳐서 취하여 칼날로 치고 성을 불살랐으며
يەھۇدالار يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ شەھەرنى ئىشغال قىلدى؛ ئۇلار ئۇ يەردە ئولتۇرغۇچىلارنى قىلىچلاپ قىرىپ، شەھەرگە ئوت قويۇۋەتتى.
9 그 후에 유다 자손이 내려가서 산지와 남방과 평지에 거한 가나안 사람과 싸웠고
ئاندىن يەھۇدالار چۈشۈپ، تاغلىق رايون، جەنۇبدىكى نەگەۋ ۋە شەفەلاھ ئويمانلىقىدا تۇرۇۋاتقان قانائانىيلار بىلەن سوقۇشتى.
10 유다가 또 가서 헤브론에 거한 가나안 사람을 쳐서 세새와 아히만과 달매를 죽였더라 헤브론의 본 이름은 기럇 아르바이었더라
ئاندىن يەھۇدالار ھېبروندىكى قانائانىيلارغا ھۇجۇم قىلىپ، شېشاي، ئاھىمان ۋە تالمايلارنى ئۇرۇپ قىردى (ئىلگىرى ھېبرون «كىرىئات-ئاربا» دەپ ئاتىلاتتى).
11 거기서 나아가서 드빌의 거민들을 쳤으니 드빌의 본 이름은 기럇세벨이라
ئاندىن ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپ، دەبىردە تۇرۇۋاتقانلارغا ھۇجۇم قىلدى (ئىلگىرى دەبىر «كىرىئات-سەفەر» دەپ ئاتىلاتتى).
12 갈렙이 말하기를 `기럇 세벨을 쳐서 그것을 취하는 자에게는 내 딸 악사를 아내로 주리라' 하였더니
كالەب: ــ كىمكى كىرىئات-سەفەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئالسا، ئۇنىڭغا قىزىم ئاكساھنى خوتۇنلۇققا بېرىمەن، دېگەنىدى.
13 갈렙의 아우요 그나스의 아들인 옷니엘이 그것을 취한 고로 갈렙이 그 딸 악사를 그에게 아내로 주었더라
كالەبنىڭ ئۇكىسى كېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىيەل ئۇنى ئىشغال قىلدى، كالەب ئۇنىڭغا قىزى ئاكساھنى خوتۇنلۇققا بەردى.
14 악사가 출가할 때에 그에게 청하여 `자기 아비에게 밭을 구하자' 하고 나귀에서 내리매 갈렙이 묻되 `네가 무엇을 원하느냐?'
ۋە شۇنداق بولدىكى، قىز [ياتلىق بولۇپ] ئۇنىڭ قېشىغا بارار چاغدا، ئېرىنى ئاتىسىدىن بىر پارچە يەر سوراشقا ئۈندىدى. ئاكساھ ئېشەكتىن چۈشۈشىگە كالەب ئۇنىڭدىن: ــ سېنىڭ نېمە تەلىپىڭ بار؟ ــ دەپ سورىدى.
15 가로되 `내게 복을 주소서! 아버지께서 나를 남방으로 보내시니 샘물도 내게 주소서' 하매 갈렙이 윗샘과 아랫샘을 그에게 주었더라
ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مېنى ئالاھىدە بىر بەرىكەتلىگەيسەن؛ سەن ماڭا نەگەۋدىن [قاغجىراق] يەر بەرگەنىكەنسەن، ماڭا بىرنەچچە بۇلاقنىمۇ بەرگەيسەن، دېدى. شۇنى دېۋىدى، كالەب ئۇنىڭغا ئۈستۈن بۇلاقلار بىلەن ئاستىن بۇلاقلارنى بەردى.
16 모세의 장인은 겐 사람이라 그 자손이 유다 자손과 함께 종려나무 성읍에서 올라가서 아랏 남방의 유다 황무지에 이르러 그 백성 중에 거하니라
مۇسانىڭ قېينئاتىسىنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان كېنىيلەر يەھۇداغا قوشۇلۇپ «خورمىلىق شەھەر»دىن چىقىپ ئارادنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى يەھۇدا چۆلىگە بېرىپ، شۇ يەردىكى خەلق بىلەن بىللە تۇرغانىدى.
17 유다가 그 형제 시므온과 함께 가서 스밧에 거한 가나안 사람을 쳐서 그곳을 진멸하였으므로 그 성읍 이름을 호르마라 하니라
يەھۇدا بولسا ئاكىسى شىمېئون بىلەن بىللە بېرىپ، زەفات شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان قانائانىيلارنى ئۇرۇپ قىرىپ، شەھەرنى مۇتلەق ۋەيران قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن شەھەرنىڭ ئىسمى «خورماھ» دەپ ئاتالغان.
18 유다가 또 가사와 그 경내와 아스글론과 그 경내와 에그론과 그 경내를 취하였고
ئاندىن يەھۇدالار گازا بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىنى، ئاشكېلون بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىنى، ئەكرون بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئىگىلىدى.
19 여호와께서 유다와 함께 하신 고로 그가 산지 거민을 쫓아내었으나 골짜기의 거민들은 철병거가 있으므로 그들을 쫓아내지 못하였으며
پەرۋەردىگار يەھۇدا بىلەن بىللە بولغاچ، ئۇلار تاغلىق يۇرتنى مەغلۇپ قىلىپ ئالدى؛ لېكىن جىلغىدىكىلەرنى بولسا، ئۇلارنىڭ تۆمۈر جەڭ ھارۋىلىرى بولغاچقا، ئۇلارنى زېمىنىدىن قوغلىۋېتەلمىدى.
20 무리가 모세의 명한 대로 헤브론을 갈렙에게 주었더니 그가 거기서 아낙의 세 아들을 쫓아내었고
ئۇلار مۇسانىڭ بۇيرۇغىنىدەك ھېبروننى كالەبكە بەردى. شۇنىڭ بىلەن كالەب ئاناكنىڭ ئۈچ ئوغلىنى ئۇ يەردىن قوغلىۋەتتى.
21 베냐민 자손은 예루살렘에 거한 여부스 사람을 쫓아내지 못하였으므로 여부스 사람이 베냐민 자손과 함께 오늘날까지 예루살렘에 거하더라
لېكىن بىنيامىنلار بولسا يېرۇسالېمدا ئولتۇرۇۋاتقان يەبۇسىيلارنى قوغلاپ چىقىرىۋېتەلمىدى؛ شۇڭا تا بۈگۈنگىچە يەبۇسىيلار بىنيامىنلار بىلەن يېرۇسالېمدا بىللە تۇرماقتا.
22 요셉 족속도 벧엘을 치러 올라가니 여호와께서 그와 함께 하시니라
يۈسۈپنىڭ جەمەتى بەيت-ئەلگە ھۇجۇم قىلدى؛ پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى.
23 요셉 족속이 벧엘을 정탐케 하였는데 그 성읍의 본 이름은 루스라
يۈسۈپنىڭ جەمەتى بەيت-ئەلنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ كېلىشكە چارلىغۇچىلارنى ئەۋەتتى (ئىلگىرى شەھەرنىڭ نامى لۇز ئىدى).
24 탐정이 그 성읍에서 한 사람의 나오는 것을 보고 그에게 이르되 청하노니 이 성읍의 입구를 우리에게 가르치라 그리하면 너를 선대하리라 하매
چارلىغۇچىلار شەھەردىن بىر كىشىنىڭ چىقىپ كېلىۋاتقىنىنى بايقاپ ئۇنىڭغا: ــ شەھەرگە كىرىدىغان يولنى بىزگە كۆرسىتىپ قويساڭ، ساڭا شاپائەت كۆرسىتىمىز، ــ دېدى.
25 그 사람이 성읍의 입구를 가르친지라 이에 칼날로 그 성읍을 쳤으되 오직 그 사람과 그 가족을 놓아 보내매
شۇنىڭ بىلەن شۇ كىشى شەھەرگە كىرىدىغان يولنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ قويدى. ئۇلار بېرىپ شەھەردىكىلەرنى ئۇرۇپ قىلىچلىدى؛ لېكىن ئۇ ئادەم بىلەن ئائىلىسىدىكىلەرنى ئامان قويدى.
26 그 사람이 헷 사람의 땅에 가서 성읍을 건축하고 그 이름을 루스라 하였더니 오늘날까지 그 곳의 이름이더라
ئۇ ئادەم كېيىن ھىتتىيلارنىڭ زېمىنىغا بېرىپ، شۇ يەردە بىر شەھەر بەرپا قىلىپ، نامىنى لۇز دەپ ئاتىدى. تا بۈگۈنگىچە ئۇنىڭ نامى شۇنداق ئاتالماقتا.
27 므낫세가 벧스안과, 그 향리의 거민과, 다아낙과, 그 향리의 거민과, 돌과, 그 향리의 거민과, 이블르암과, 그 향리의 거민과, 므깃도와, 그 향리의 거민들을 쫓아내지 못하매 가나안 사람이 결심하고 그 땅에 거하였더니
لېكىن ماناسسەھلەر بولسا بەيت-شېئاننى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەرنى، تائاناقنى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەرنى ئىشغال قىلمىدى؛ ئۇلار دور ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەردىكى خەلقنى، ئىبلېئام ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەردىكى خەلقنى، مېگىددو ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەردىكى خەلقنى قوغلىۋەتمىدى، زېمىننى ئالمىدى؛ قانائانىيلار شۇ زېمىندا تۇرۇۋېرىشكە بەل باغلىغانىدى.
28 이스라엘이 강성한 후에야 가나안 사람에게 사역을 시켰고 다 쫓아내지 아니하였더라
ئىسرائىل بارغانسېرى كۈچەيگەچكە قانائانىيلارنى ئۆزلىرىگە ھاشارچى قىلىپ بېقىندۇردى، لېكىن ئۇلارنى ئۆز يەرلىرىدىن پۈتۈنلەي قوغلىۋەتمىدى.
29 에브라임이 게셀에 거한 가나안 사람을 쫓아내지 못하매 가나안 사람이 게셀에서 그들 중에 거하였더라
ئەفرائىملارمۇ گەزەردە تۇرۇۋاتقان قانائانىيلارنى قوغلىۋەتمىدى؛ شۇنىڭ بىلەن قانائانىيلار گەزەردە ئۇلار بىلەن بىللە تۇرىۋەردى.
30 스불론은 기드론 거민과 나할롤 거민을 쫓아내지 못하였으나 가나안 사람이 그들 중에 거하여 사역을 하였더라
زەبۇلۇن نە قىتروندا تۇرۇۋاتقانلارنى نە ناھالولدا تۇرۇۋاتقانلارنى قوغلىۋەتمىدى؛ شۇنىڭ بىلەن قانائانىيلار ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇراقلىشىپ، ئۇلارغا ھاشارچى مەدىكار بولدى.
31 아셀이 악고 거민과, 시돈 거민과, 알랍과, 악십과, 헬바와, 아빅과, 르홉 거민을 쫓아내지 못하고
ئاشىر بولسا نە ئاككودا تۇرۇۋاتقانلارنى نە زىدوندا تۇرۇۋاتقانلارنى قوغلىۋەتمىدى، شۇنداقلا ئاھلاب، ئاقزىب، ھەلباھ، ئافەك رەھوبلاردا تۇرۇۋاتقانلارنىمۇ قوغلىۋەتمىدى.
32 그 땅 거민 가나안 사람 가운데 거하였으니 이는 쫓아내지 못함이었더라
شۇنىڭ بىلەن ئاشىرلار شۇ زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا، يەنى قانائانىيلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇراقلىشىپ قالدى؛ ئۇلار قانائانىيلارنى ئۆز يېرىدىن قوغلىۋەتمىدى.
33 납달리가 벧세메스 거민과 벧아낫 거민을 쫓아내지 못하고 그 땅 거민 가나안 사람 가운데 거하였으나 벧세메스와 벧아낫 거민들이 그들에게 사역을 하였더라
نافتالىلار نە بەيت-شەمەشتە تۇرۇۋاتقانلارنى نە بەيت-ئاناتتا تۇرۇۋاتقانلارنى قوغلىۋەتمىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شۇ زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا، يەنى قانائانىيلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇراقلىشىپ قالدى؛ بەيت-شەمەش ۋە بەيت-ئاناتتىكى خەلق ئۇلارغا ھاشارچى مەدىكار بولدى.
34 아모리 사람이 단 자손을 산지로 쫓아들이고 골짜기에 내려오기를 용납지 아니하고
ئامورىيلار دانلارنى تاغلىق رايونغا مەجبۇرىي ھەيدەپ چىقىرىۋېتىپ، ئۇلارنى جىلغا-تۈزلەڭلىككە چۈشۈشكە يول قويمىدى.
35 결심하고 헤레스 산과 아얄론과 사알빔에 거하였더니 요셉 족속이 강성하매 아모리 사람이 필경은 사역을 하였으며
ئامورىيلار ھەرەس تېغى، ئايجالون ۋە شائالبىمدا تۇرۇۋېرىشكە نىيەت باغلىغانىدى؛ لېكىن يۈسۈپ جەمەتىنىڭ قولى كۈچەيگەندە، قانائانىيلار ئۇلارغا ھاشارچى مەدىكار بولدى.
36 아모리 사람의 지계는 아그랍빔 비탈의 바위부터 그 위였더라
ئامورىيلارنىڭ چېگرىسى بولسا «سېرىق ئېشەك داۋىنى»دىن قورام تېشىغا ئۆتۈپ يۇقىرى تەرىپىگە باراتتى.

< 사사기 1 >