< 예레미야 1 >

1 베냐민 땅 아나돗의 제사장 중 힐기야의 아들 예레미야의 말이라
بىنيامىن قەبىلىسى زېمىنىدىكى ئاناتوت يېزىسىدا تۇرۇۋاتقان كاھىنلاردىن بولغان ھىلقىيانىڭ ئوغلى يەرەمىيانىڭ سۆزلىرى [تۆۋەندە خاتىرىلىنىدۇ]: ــ
2 아몬의 아들 유다 왕 요시야의 다스린지 십 삼년에 여호와의 말이라 이 예레미야에게 임하였고
يەھۇدا پادىشاھى، ئاموننىڭ ئوغلى يوسىيانىڭ كۈنلىرىدە، يەنى ئۇ تەختكە ئولتۇرغان ئون ئۈچىنچى يىلىدا [يەرەمىياغا] پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى كەلدى؛
3 요시야의 아들 유다 왕 여호야김 시대부터 요시야의 아들 유다 왕 시드기야의 제 십 일년 말까지 임하니라 이 해 오월에 예루살렘이 사로잡히니라
يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاكىمنىڭ كۈنلىرىدە ھەمدە يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى زەدەكىيانىڭ ئون بىرىنچى يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، يەنى شۇ يىلنىڭ بەشىنچى ئېيىدا يېرۇسالېمدىكىلەر سۈرگۈن قىلىنغۇچە ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەنە كېلىپ تۇردى.
4 여호와의 말씀이 내게 임하니라 이르시되
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ:
5 내가 너를 복 중에 짓기 전에 너를 알았고 네가 태에서 나오기 전에 너를 구별하였고 너를 열방의 선지자로 세웠노라 하시기로
ــ ئاناڭنىڭ قورسىقىدا سېنى ئاپىرىدە قىلىشتىن ئىلگىرىلا مەن سېنى بىلەتتىم؛ سەن بالىياتقۇدىن چىقىشتىن بۇرۇن سېنى ئۆزۈمگە ئاتاپ، ئەللەرگە پەيغەمبەر بولۇشقا تىكلىدىم، ــ دېيىلدى.
6 내가 가로되 `슬프도소이다 주 여호와여, 보소서 나는 아이라 말할 줄을 알지 못하나이다'
مەن بولسام: ــ ئاپلا، پەرۋەردىگار! مەن گەپ قىلىشنى بىلمەيمەن؛ چۈنكى مەن گۆدەك بالىدۇرمەن، دېدىم.
7 여호와께서 내게 이르시되 너는 아이라 하지 말고 내가 너를 누구에게 보내든지 너는 가며 내가 네게 무엇을 명하든지 너는 말할지니라
لېكىن پەرۋەردىگار ماڭا: ــ ئۆزۈڭنى گۆدەك بالا، دېمە؛ چۈنكى مەن سېنى كىمگە ئەۋەتسەم، سەن شۇلارغا بارىسەن؛ ۋە مەن سېنى نېمە دە دەپ بۇيرۇسام، سەن شۇنى دەيسەن.
8 너는 그들을 인하여 두려워 말라! 내가 너와 함께 하여 너를 구원하리라 나 여호와의 말이니라! 하시고
ئۇلاردىن قورقما؛ چۈنكى سېنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن مەن سەن بىلەن بىللىدۇرمەن، ــ دېدى.
9 여호와께서 그 손을 내밀어 내 입에 대시며 내게 이르시되 보라, 내가 내 말을 네 입에 두었노라
ۋە پەرۋەردىگار قولىنى سوزۇپ ئاغزىمغا تەگكۈزدى؛ پەرۋەردىگار ماڭا: مانا، ئۆز سۆزلىرىمنى ئاغزىڭغا قويدۇم؛
10 보라, 내가 오늘날 너를 열방 만국 위에 세우고 너를 뽑으며 파괴하며 파멸하며 넘어뜨리며 건설하며 심게 하였느니라
قارا، مۇشۇ كۈنى مەن سېنى يۇلۇش، سۆكۈش، ھالاك قىلىش ۋە ئۆرۈش، قۇرۇش ۋە تېرىپ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئەللەر ۋە پادىشاھلىقلار ئۈستىگە تىكلىدىم، ــ دېدى.
11 여호와의 말씀이 또 내게 임하니라 이르시되 예레미야야! 네가 무엇을 보느냐? 대답하되 `내가 살구나무 가지를 보나이다'
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ: «يەرەمىيا، نېمىنى كۆرۈۋاتىسەن؟» ــ دېيىلدى. مەن: «بادام دەرىخىنىڭ شېخىنى كۆرۈۋاتىمەن» ــ دېدىم.
12 여호와께서 내게 이르시되 네가 잘 보았도다 이는 내가 내 말을 지켜 그대로 이루려 함이니라
پەرۋەردىگار ماڭا: «كۆرگىنىڭ ياخشى بولدى؛ چۈنكى مەن سۆزۈمنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن سۆزۈمنى كۆزىتىپ تۇرىمەن» ــ دېدى.
13 여호와께서 내게 이르시되 재앙이 북방에서 일어나 이 땅의 모든 거민에게 임하리라
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا ئىككىنچى قېتىم كېلىپ: «نېمىنى كۆرۈۋاتىسەن؟» ــ دېيىلدى. مەن: «پورۇق-پورۇق قايناۋاتقان، ئاغزى شىمال تەرىپىدىن قىيسايغان بىر قازاننى كۆردۈم» ــ دېدىم.
14 나 여호와가 말하노라! 내가 북방 모든 나라의 족속을 부를 것인즉 그들이 와서 예루살렘 성문 어귀에 각기 자리를 정하고 그 사면 성벽과 유다 모든 성읍을 치리라
پەرۋەردىگار ماڭا: ــ كۈلپەت شىمال تەرەپتىن كېلىپ بۇ زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۈستىگە بۆسۈپ كېلىدۇ ــ دېدى.
15 무리가 나를 버리고 다른 신들에게 분향하며 자기 손으로 만든 것에 절하였은즉 내가 나의 심판을 베풀어 그들의 모든 죄악을 징계하리라
ــ چۈنكى مانا، مەن شىمالىي پادىشاھلىقلارنىڭ بارلىق جەمەتلىرىنى چاقىرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ئۇلار كېلىدۇ، پادىشاھلار ھەربىرى ئۆز تەختىنى يېرۇسالېم قوۋۇقلىرى ئالدىغا سېلىپ، ھەممە سېپىللارغا ۋە يەھۇدانىڭ بارلىق شەھەرلىرىگە ھۇجۇمغا تەييارلىنىدۇ؛
16 그러므로 너는 네 허리를 동이고 일어나 내가 네게 명한 바를 다 그들에게 고하라 그들을 인하여 두려워 말라! 두렵건대 내가 너로 그들 앞에서 두려움을 당하게 할까 하노라
شۇنىڭ بىلەن مەن [يەھۇدادىكىلەرنىڭ] بارلىق رەزىللىكلىرى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈملەرنى جاكارلايمەن؛ چۈنكى ئۇلار مەندىن ۋاز كېچىپ، باشقا ئىلاھلارغا خۇشبۇي يېقىپ، ئۆز قوللىرى ياسىغانلىرىغا چوقۇندى.
17 보라, 내가 오늘날 너로 그 온 땅과 유다 왕들과 그 족장들과 그 제사장들과 그 땅 백성 앞에 견고한 성읍, 쇠기둥, 놋 성벽이 되게 하였은즉
سەن ئەمدى بېلىڭنى باغلاپ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، ساڭا بۇيرۇغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارغا ئېيت؛ ئۇلار ئالدىدا ھودۇقۇپ كەتمىگىن؛ بولمىسا مەن سېنى ئۇلار ئالدىدا ھودۇقتۇرىمەن.
18 그들이 너를 치나 이기지 못하리니 이는 내가 너와 함께 하여 너를 구원할 것임이니라 여호와의 말이니라
قارا، مەن بۈگۈن سېنى يەھۇدانىڭ پادىشاھلىرىغا، ئەمىرلىرىگە، كاھىنلىرىغا ھەم پۈتكۈل زېمىن خەلقىگە قارشى تۇرغۇچى مۇستەھكەم شەھەر، تۆمۈر تۈۋرۈك ۋە مىس سېپىللاردەك تىكلىدىم.
ئۇلار ساڭا قارشى جەڭ قىلىدۇ، لېكىن سېنىڭ ئۈستۈڭدىن غەلىبە قىلالمايدۇ ــ چۈنكى مەن سېنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن سەن بىلەن بىللىدۇرمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.

< 예레미야 1 >