< 이사야 39 >

1 그 때에 발라단의 아들 바벨론 왕 므로닥발라단이 히스기야가 병들었다가 나았다 함을 듣고 글과 예물을 보낸지라
شۇ پەيتتە بالاداننىڭ ئوغلى بابىل پادىشاھى مېروداق-بالادان ھەزەكىيانىڭ كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغانلىقىنى ھەم ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغاچقا، ھەزەكىياغا خەتلەرنى ھەدىيە بىلەن ئەۋەتتى.
2 히스기야가 사자를 인하여 기뻐하여 그에게 궁중 보물 곧 은금과 향료와 보배로운 기름과 모든 무기고와 보물고에 있는 것을 다 보였으니 궁중의 소유와 전 국내의 소유를 보이지 아니한 것이 없은지라
ھەزەكىيا ئەلچىلەرنى خۇشاللىق بىلەن كۈتۈپ، ئۇنىڭ خەزىنە-ئامبارلىرىدا ساقلانغان نەرسىلىرىنى كۆرسەتتى؛ يەنى كۈمۈشنى، ئالتۇننى، دورا-دەرمانلارنى، سەرخىل مايلارنى، ساۋۇت-قوراللارنى ساقلايدىغان ئۆينىڭ ھەممىسىنى ۋە بايلىقلىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتتى؛ ئۇنىڭ ئوردىسى ۋە ياكى پۈتكۈل پادىشاھلىقى ئىچىدىكى نەرسىلەردىن ھەزەكىيا ئۇلارغا كۆرسەتمىگەن بىرىمۇ قالمىدى.
3 이에 선지자 이사야가 히스기야왕에게 나아와 묻되 그 사람들이 무슨 말을 하였으며 어디서 왕에게 왔나이까 히스기야가 가로되 그들이 원방 곧 바벨론에서 내게 왔나이다
ئاندىن يەشايا پەيغەمبەر ھەزەكىيانىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن: ــ «مۇشۇ كىشىلەر نېمە دېدى؟ ئۇلار سېنى يوقلاشقا نەدىن كەلگەن؟» ــ دەپ سورىدى. ھەزەكىيا: ــ «ئۇلار يىراق بىر يۇرتتىن، يەنى بابىلدىن كەلگەن»، دېدى.
4 이사야가 가로되 그들이 왕의 궁전에서 무엇을 보았나이까 히스기야가 대답하되 그들이 내 궁전에 있는 것을 다 보았나이다 내 보물은 보이지 아니한 것이 하나도 없나이다
يەشايا يەنە: ــ «ئۇلار ئورداڭدا نېمىنى كۆردى؟» دەپ سورىدى. ھەزەكىيا: ــ «ئوردامدا بار نەرسىلەرنى ئۇلار كۆردى؛ بايلىقلىرىمنىڭ ئارىسىدىن ئۇلارغا كۆرسەتمىگەن بىرىمۇ قالمىدى» ــ دېدى.
5 이사야가 히스기야에게 이르되 왕은 만군의 여호와의 말씀을 들으소서
يەشايا ھەزەكىياغا مۇنداق دېدى: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قويغىن: ــ
6 보라 날이 이르리니 네 집에 있는 모든 소유와 네 열조가 오늘 까지 쌓아둔 것이 모두 바벨론으로 옮긴 바 되고 남을 것이 없으리라 여호와의 말이니라
ــ مانا شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ئورداڭدا بار نەرسىلەر ۋە بۈگۈنگە قەدەر ئاتا-بوۋىلىرىڭ توپلاپ، ساقلاپ قويغان ھەممە نەرسە بابىلغا ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ ھېچنەرسە قالمايدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار،
7 또 네게서 날 자손 중에서 몇이 사로잡혀 바벨론 왕궁의 환관이 되리라 하셨나이다
ــ ھەمدە [بابىللىقلار] ئوغۇللىرىڭنى، يەنى ئۆزۈڭدىن بولغان ئەۋلادلىرىڭنى ئېلىپ كېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بابىل پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا ئاغۋات بولىدۇ.
8 히스기야가 이사야에게 이르되 당신의 이른바 여호와의 말씀이 좋소이다 또 가로되 나의 생전에는 평안과 견고함이 있으리로다 하니라
شۇنىڭ بىلەن ھەزەكىيا ئۆز-ئۆزىگە: «ئۆز كۈنلىرىمدە بولسا ئامان-تىنچلىق، [خۇدانىڭ] ھەقىقەت-ۋاپالىقى بولىدىكەنغۇ» دەپ، يەشاياغا: ــ «سىز ئېيتقان پەرۋەردىگارنىڭ مۇشۇ سۆزى ياخشى ئىكەن» ــ دېدى.

< 이사야 39 >