< 이사야 27 >

1 그 날에 여호와께서 그 견고하고 크고 강한 칼로 날랜 뱀 리워야단 곧 꼬불꼬불한 뱀 리워야단을 벌하시며 바다에 있는 용을 죽이시리라
شۇ كۈنىدە پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ دەھشەتلىك، بۈيۈك ۋە كۈچلۈك شەمشىرى بىلەن ئۇچقۇر يىلان لېۋىئاتاننى، يەنى تولغانغۇچى يىلان لېۋىئاتاننى جازالايدۇ؛ ئۇ يەنە دېڭىزدا تۇرغان ئەجدىھانى ئۆلتۈرىدۇ.
2 그 날에 너희는 아름다운 포도원을 두고 노래를 부를지어다
شۇ كۈنى ساپ شاراب بېرىدىغان بىر ئۈزۈمزار بولىدۇ! ئۇ توغرۇلۇق ناخشا ئېيتىڭلار!
3 나 여호와는 포도원지기가 됨이여 때때로 물을 주며 밤낮으로 간수하여 아무든지 상해하지 못하게 하리로다
ئۆزۈم پەرۋەردىگار ئۇنى ساقلايمەن؛ مەن ھەر دەقىقە ئۇنى سۇغىرىمەن؛ بىرسى ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزمىسۇن دەپ كېچە-كۈندۈز ساقلايمەن.
4 포도원에 대하여 노함이 없나니 질려와 형극이 나를 대적하여 싸운다하자 내가 그것을 밟고 모아 불사르리라
غەزەپ مەندە قالمىدى؛ ئاھ، ماڭا قارشى جەڭ قىلىدىغان تىكەنلەر ياكى جىغانلار بولسائىدى! ئۇنداق بولسا مەن ئۇلارغا قارشى يۈرۈش قىلاتتىم، ئۇلارنى يىغىشتۇرۇپ كۆيدۈرۈۋېتەتتىم!
5 그리하지 아니할것 같으면 나의 힘을 의지하고 나와 화친하며 나로 더불어 화친할 것이니라
بولمىسا ئۇ مېنى باشپاناھلىق قىلىپ تۇتسۇن؛ ئۇ مەن بىلەن بىرلىكتە خاتىرجەملىكتە بولسۇن، دەرھەقىقەت، ئۇ مەن بىلەن بىرلىكتە خاتىرجەملىكتە بولسۇن!
6 후일에는 야곱의 뿌리가 박히며 이스라엘의 움이 돋고 꽃이 필것이라 그들이 그 결실로 지면에 채우리로다
كەلگۈسى كۈنلەردە، ياقۇپ يىلتىز تارتىدۇ؛ ئىسرائىل بىخلىنىپ، چېچەكلەيدۇ، ئۇلار پۈتكۈل يەر يۈزىنى مېۋە-چېۋە بىلەن قاپلايدۇ.
7 주께서 그 백성을 치셨은들 그 백성을 친 자들을 치심과 같았겠으며 백성이 살륙을 당하였은들 백성을 도륙한 자의 살륙을 당함과 같았겠느냐
[پەرۋەردىگار ئىسرائىلنى] ئۇرغانلارنى ئۇرغانچىلىك [ئىسرائىلنى] ئۇرۇپ باققانمۇ؟ ئۇ قىرغانلاردەك [ئىسرائىل] قىرىلىپ باققانمۇ؟
8 주께서 백성을 적당하게 견책하사 쫓아내실 때에 동풍 부는 날에폭풍으로 그들을 옮기셨느니라
سەن ئۇلارنى ئەيىبلىگەندە ئۆلچەمدىن تۆۋەن جازالاپ ئۇلارنى پالىۋەتكەنسەن؛ شەرق شامىلى چىققان كۈنىدە ئۇ ئۇنىڭ زەربلىك شامىلى بىلەن ئۇلارنى قوغلىۋەتكەن.
9 야곱의 불의가 속함을 얻으며 그 죄를 없이 함을 얻을 결과는 이로 인하나니 곧 그가 제단의 모든 돌로 부숴진 횟돌 같게 하며 아세라와 태양상으로 다시 서지 못하게 함에 있는 것이라
ئەمدى شۇ يول بىلەن ياقۇپنىڭ قەبىھلىكى كەچۈرۈم قىلىنىدۇكى، ــ ئۇنىڭ گۇناھىنىڭ ئېلىپ تاشلانغانلىقىنىڭ پىشقان مېۋىسى شۇ بولىدۇكى: ــ ئۇ قۇربانگاھتىكى ھەممە تاشلارنى كۇكۇم-تالقان قىلىدۇ، «ئاشەراھ»لارنى ۋە «كۈن تۈۋرۈكلىرى»نى زادىلا تۇرغۇزمايدۇ.
10 대저 견고한 성읍은 적막하고 거처가 황무하며 버림이 되어 광야와 같았은즉 송아지가 거기서 먹고 거기 누우며 그 나무 가지를 먹어 없이하리라
چۈنكى مۇستەھكەملەنگەن شەھەر غېرىب بولۇپ قالىدۇ، ئادەمزاتسىز ماكان ھەم تاشلىۋېتىلگەن باياۋاندەك بولىدۇ؛ شۇ يەردە موزاي ئوزۇقلىنىدۇ، شۇ يەردە يېتىپ، ئۇنىڭ شاخلىرىنى يەيدۇ.
11 마르면 꺾이나니 여인이 와서 그것을 불사를 것이라 이 백성이 지각이 없으므로 그들을 지으신 자가 불쌍히 여기지 아니하시며 그들을 조성하신 자가 은혜를 베풀지 아니하시리라
ئۇنىڭ شاخلىرى سولىشىش بىلەن ئۈزۈلىدۇ؛ ئاياللار كېلىپ ئۇلارنى ئوتۇن قىلىپ كۆيدۈرىۋېتىدۇ. چۈنكى بۇ بىر يورۇتۇلمىغان خەلق؛ شۇڭا ئۇلارنى ياراتقۇچى ئۇلارغا رەھىم قىلمايدۇ؛ ئۇلارنى شەكىللەندۈرگۈچى ئۇلارغا شەپقەت كۆرسەتمەيدۇ.
12 너희 이스라엘 자손들아 그 날에 여호와께서 창일하는 하수에서부터 애굽 시내에까지 과실을 떠는 것 같이 너희를 일일이 모으시리라
ۋە شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار ئەفرات دەرياسىنىڭ ئېقىملىرىدىن تارتىپ مىسىر ۋادىسىغىچە ھەر يەرنى سىلكىيدۇ، ۋە سىلەر بىر-بىرلەپ تېرىپ يىغىۋېلىنىسىلەر، ئى ئىسرائىل بالىلىرى!
13 그날에 큰 나팔을 울려 불리니 앗수르 땅에서 파멸케 된 자와 애굽 땅으로 쫓겨난 자가 돌아와서 예루살렘 성산에서 여호와께 경배하리라
ۋە شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، بۈيۈك كاناي چېلىنىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئاسۇرىيە زېمىنىدا تۈگىشەي دەپ قالغانلار، ۋە مىسىر زېمىنىدا مۇساپىر بولغانلار كېلىدۇ؛ ئۇلار يېرۇسالېمدا مۇقەددەس تاغ ئۈستىدە پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىدۇ.

< 이사야 27 >