< 히브리서 7 >

1 이 멜기세덱은 살렘 왕이요 지극히 높으신 하나님의 제사장이라 여러 임금을 쳐서 죽이고 돌아오는 아브라함을 만나 복을 빈 자라
چۈنكى بۇ مەلكىزەدەك سالېم شەھىرىنىڭ پادىشاھى، شۇنداقلا ئەڭ ئالىي بولغۇچى خۇدانىڭ كاھىنى بولۇپ، ئىبراھىم پادىشاھلارنى يېڭىپ جەڭدىن قايتقاندا، ئۇنىڭ ئالدىغا چىققان ۋە ئۇنىڭغا بەخت تىلىگەنىدى.
2 아브라함이 일체 십분의 일을 그에게 나눠 주니라 그 이름을 번역한 즉 첫째 의의 왕이요 또 살렘 왕이니 곧 평강의 왕이요
ئىبراھىم بولسا ئېرىشكەن بارلىق [ئولجىسىنىڭ] ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئۇنىڭغا ئاتىغانىدى. [مەلكىزەدەك دېگەن ئىسىمنىڭ] بىرىنچى مەنىسى «ھەققانىيەت پادىشاھى» دېگەنلىكتۇر؛ ئۇنىڭ يەنە بىر نامى «سالېمنىڭ پادىشاھى» بولۇپ، بۇنىڭ مەنىسى «ئامانلىق پادىشاھى» دېگەنلىكتۇر؛
3 아비도 없고 어미도 없고 족보도 없고 시작한 날도 없고 생명의 끝도 없어 하나님 아들과 방불하여 항상 제사장으로 있느니라
ئۇنىڭ ئاتىسى يوق، ئانىسى يوق، نەسەبنامىسى يوق، كۈنلىرىنىڭ باشلىنىشى ۋە ھاياتىنىڭ ئاخىرلىشىشى يوقتۇر، بەلكى ئۇ خۇدانىڭ ئوغلىغا ئوخشاش قىلىنىپ، مەڭگۈلۈك كاھىن بولۇپ تۇرىدۇ.
4 이 사람의 어떻게 높은 것을 생각하라 조상 아브라함이 노략물 중 좋은 것으로 십분의 일을 저에게 주었느니라
ئەمدى قاراڭلار، بۇ مەلكىزەدەك نېمىدېگەن ئۇلۇغ ئادەم-ھە! ھەتتا ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ چوڭى ئىبراھىممۇ ئولجىسىنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۇنىڭغا ئاتىغان.
5 레위의 아들들 가운데 제사장의 직분을 받는 자들이 율법을 좇아 아브라함의 허리에서 난 자라도 자기 형제인 백성에게서 십분의 일을 취하라는 명령을 가졌으나
دەرۋەقە لاۋىينىڭ ئەۋلادلىرىدىن كاھىنلىقنى زىممىسىگە ئالغانلار تەۋرات قانۇنى بويىچە خەلقتىن، يەنى ئۆز قېرىنداشلىرىدىن ئىبراھىمنىڭ پۇشتىدىن بولغىنىغا قارىماي تاپقىنىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى يىغىشى ئەمر قىلىنغان.
6 레위 족보에 들지 아니한 멜기세덱은 아브라함에게서 십분의 일을 취하고 그 얻은 자를 위하여 복을 빌었나니
لېكىن بۇلارنىڭ قەبىلە-ئۇرۇقىدىن بولمىغان مەلكىزەدەك بولسا ئىبراھىمدىن «ئوندىن بىر ئۈلۈشى»نى قوبۇل قىلغان ئاندىن خۇدانىڭ ۋەدىلىرىگە ئىگە بولغۇچى ئىبراھىمغا بەخت تىلىگەن.
7 폐일언하고 낮은 자가 높은 자에게 복 빎을 받느니라
شۈبھىسىزكى، بەخت تىلىگۈچى بەختكە ئېرىشكۈچىدىن ئۈستۈندۇر.
8 또 여기는 죽을 자들이 십분의 일을 받으나 저기는 산다고 증거를 얻은 자가 받았느니라
بۇ يەردىكى «ئوندىن بىر ئۈلۈش»نى قوبۇل قىلغۇچىلار ئۆلىدىغان ئادەملەردىندۇر؛ ئۇ يەردىكى «ئوندىن بىر ئۈلۈش»نى قوبۇل قىلغۇچى توغرىسىدا [مۇقەددەس يازمىلاردا] «ئۇ ھايات ياشىغۇچى» دەپ گۇۋاھلىق بېرىلگەندۇر.
9 또한 십분의 일을 받는 레위도 아브라함으로 말미암아 십분의 일을 바쳤다 할 수 있나니
ھەتتا مۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئوندىن بىر ئۈلۈشنى ئالىدىغان لاۋىيمۇ [ئەجدادى] ئىبراھىم ئارقىلىق [مەلكىزەدەككە] ئوندىن بىر ئۈلۈشنى بەرگەن.
10 이는 멜기세덱이 아브라함을 만날 때에 레위는 아직 자기 조상의 허리에 있었음이니라
چۈنكى مەلكىزەدەك ئىبراھىمنى قارشى ئالغاندا، لاۋىينى [كەلگۈسىدىكى پۇشتى بولۇش سۈپىتىدە] يەنىلا ئىبراھىمنىڭ تېنىدە ئىدى، دەپ ھېسابلاشقا بولىدۇ.
11 레위 계통의 제사 직분으로 말미암아 온전함을 얻을 수 있었으면 백성이 그 아래서 율법을 받았으니 어찌하여 아론의 반차를 좇지 않고 멜기세덱의 반차를 좇는 별다른 한 제사장을 세울 필요가 있느뇨
ئەمدى لاۋىي قەبىلىسىنىڭ كاھىنلىق تۈزۈمى ئارقىلىق مۇكەممەل ھەققانىيلىق كېلەلەيدىغان بولسا (چۈنكى شۇ تۈزۈمگە ئاساسلىنىپ تەۋرات قانۇنى ئىسرائىل خەلقىگە چۈشۈرۈلگەنىدى)، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھارۇننىڭ كاھىنلىق تۈزۈمى بويىچە ئەمەس، بەلكى مەلكىزەدەكنىڭ كاھىنلىق تۈزۈمى بويىچە باشقا بىر كاھىننىڭ چىقىشىنىڭ نېمە ھاجىتى بولاتتى؟
12 제사 직분이 변역한즉 율법도 반드시 변역하리니
ئەمدى كاھىنلىق تۈزۈمى ئۆزگەرتىلگەن بولسا، ئۇنىڭغا [مۇناسىۋەتلىك] قانۇن-تۈزۈممۇ ئۆزگەرتىلىشكە توغرا كېلىدۇ.
13 이것은 한 사람도 제단 일을 받들지 않는 지파에 속한 자를 가리켜 말한 것이라
چۈنكى بۇ ئېيتىلىۋاتقان سۆزلەر قارىتىلغان زات بولسا باشقا بىر قەبىلىدىن بولۇپ، بۇ قەبىلىدىن ھېچكىم قۇربانگاھتا خىزمەتتە بولۇپ باقمىغان.
14 우리 주께서 유다로 좇아 나신 것이 분명하도다 이 지파에는 모세가 제사장들에 관하여 말한 것이 하나도 없고
چۈنكى رەببىمىزنىڭ يەھۇدا قەبىلىسىدىن چىققانلىقى ئېنىق؛ مۇسا بۇ قەبىلە توغرىسىدا كاھىنلىققا مۇناسىۋەتلىك ھېچبىر نەرسە دېمىگەنىدى.
15 멜기세덱과 같은 별다른 한 제사장이 일어난 것을 보니 더욱 분명하도다
ئەمدى مەلكىزەدەكتەك باشقا بىر كاھىن چىققان بولۇپ، بۇ ئۆزگىرىش مۇنۇلاردىن تېخىمۇ روشەن بولىدۇ؛
16 그는 육체에 상관된 계명의 법을 좇지 아니하고 오직 무궁한 생명의 능력을 좇아 된 것이니
ئۇنىڭ [كاھىنلىققا] تەيىنلىنىشى ئەت ئىگىلىرىگە باغلىق ئەمر بىلەن ئەمەس، بەلكى پۈتمەس-تۈگىمەس ھاياتنىڭ قۇدرىتىدىن بولغاندۇر.
17 증거하기를 네가 영원히 멜기세덱의 반차를 좇는 제사장이라 하였도다 (aiōn g165)
چۈنكى بۇ ھەقتە [مۇقەددەس يازمىلاردا]: «سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە مەلكىزەدەكنىڭ تىپىدىكى بىر كاھىندۇرسەن» دەپ گۇۋاھلىق بېرىلگەن. (aiōn g165)
18 전엣 계명이 연약하며 무익하므로 폐하고
چۈنكى ئالدىنقى ئەمر-تۈزۈم ئاجىزلىقى ۋە ئۈنۈمسىزلىكى تۈپەيلىدىن كۈچىدىن قالدۇرۇلغان
19 (율법은 아무 것도 온전케 못할지라)이에 더 좋은 소망이 생기니 이것으로 우리가 하나님께 가까이 가느니라
(ــ چۈنكى تەۋرات قانۇنى ھېچ ئىشنى كامالەتكە يەتكۈزەلمىدى). ئۇنىڭ ئورنىغا بىزنى خۇداغا يېقىنلاشتۇرىدىغان، ئۇنىڭدىن ئەۋزەل ئۈمىد ئېلىپ كېلىندى.
20 또 예수께서 제사장 된 것은 맹세 없이 된 것이 아니니
21 (저희는 맹세 없이 제사장이 되었으되 오직 예수는 자기에게 말씀하신 자로 말미암아 맹세로 되신 것이라 주께서 맹세하시고 뉘우치지 아니하시리니 네가 영원히 제사장이라 하셨도다) (aiōn g165)
‏ ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئىش [خۇدانىڭ] قەسىمى بىلەن كاپالەتكە ئىگە بولماي قالمىدى (ئىلگىرى ئۆتكەن كاھىنلار [خۇدانىڭ] قەسىمىسىز كاھىن بولغانىدى؛ لېكىن، ئەيسا بولسا ئۆزىگە: ــ «پەرۋەردىگار شۇنداق قەسەم ئىچتى، ھەم ھەرگىز بۇنىڭدىن يانمايدۇ: ــ «سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە كاھىندۇرسەن»» دېگۈچىنىڭ قەسىمى بىلەن كاھىن بولدى). (aiōn g165)
22 이와 같이 예수는 더 좋은 언약의 보증이 되셨느니라
ئەمدى ئەيسا شۇنداق ئۇلۇغ ئىش بىلەن ئەۋزەل بىر ئەھدىنىڭ كېپىلى قىلىندى.
23 저희 제사장 된 자의 수효가 많은 것은 죽음을 인하여 항상 있지 못함이로되
يەنە كېلىپ، ئىلگىرى ئۆتكەن كاھىنلار كۆپ بولۇشى كېرەك ئىدى؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ [ھەربىرى] ئۆلۈم تۈپەيلىدىن ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرالماي قالغان.
24 예수는 영원히 계시므로 그 제사 직분도 갈리지 아니하나니 (aiōn g165)
لېكىن [ئەيسا] مەڭگۈگە تۇرغاچقا، ئۇنىڭ كاھىنلىقى ھەرگىز ئۆزگەرتىلمەستۇر. (aiōn g165)
25 그러므로 자기를 힘입어 하나님께 나아가는 자들을 온전히 구원하실 수 있으니 이는 그가 항상 살아서 저희를 위하여 간구하심이니라
شۇ سەۋەبتىن، ئۇ ئۆزى ئارقىلىق خۇدانىڭ ئالدىغا كەلگەنلەرنى ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇشقا قادىر؛ چۈنكى ئۇ ئۇلار ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلىشقا مەڭگۈ ھاياتتۇر.
26 이러한 대제사장은 우리에게 합당하니 거룩하고 악이 없고 더러움이 없고 죄인에게서 떠나 계시고 하늘보다 높이 되신 자라
مۇشۇنداق بىر باش كاھىن دەل بىزنىڭ ھاجىتىمىزدىن چىقىدىغان ــ مۇقەددەس، ئەيىبسىز، غۇبارسىز، گۇناھكارلاردىن نېرى قىلىنغان، ئەرشلەردىن يۇقىرى ئېلىپ كۆتۈرۈلگەن كاھىندۇر.
27 저가 저 대제사장들이 먼저 자기 죄를 위하고 다음에 백성의 죄를 위하여 날마다 제사 드리는 것과 같이 할 필요가 없으니 이는 저가 단번에 자기를 드려 이루셨음이니라
ئۇ ئاشۇ باش كاھىنلاردەك ھەر كۈنى ئالدى بىلەن ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈن، ئاندىن خەلقنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن قۇربانلىق سۇنۇشقا موھتاج ئەمەس. چۈنكى ئۇ ئۆزىنى قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنغاندا، ھەممەيلەن ئۈچۈن بۇنى بىر يولىلا ئادا قىلدى.
28 율법은 약점을 가진 사람들을 제사장으로 세웠거니와 율법 후에 하신 맹세의 말씀은 영원히 온전케 되신 아들을 세우셨느니라 (aiōn g165)
چۈنكى تەۋرات قانۇنى ئاجىز بەندە بولغان ئىنسانلارنى باش كاھىن قىلىپ تەيىنلەيدۇ، لېكىن تەۋرات قانۇنىدىن كېيىن كەلگەن خۇدانىڭ قەسەم-كالامى مەڭگۈگە كامالەتكە يەتكۈزۈلگەن ئوغۇلنى باش كاھىن قىلىپ تەيىنلىدى. (aiōn g165)

< 히브리서 7 >