< 에스더 9 >

1 아달월 곧 십이월 십 삼일은 왕의 조명을 행하게 된 날이라 유다인의 대적이 저희를 제어하기를 바랐더니 유다인이 도리어 자기를 미워하는 자를 제어하게 된 그 날에
ئون ئىككىنچى ئاي، يەنى ئادار ئېيىنىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى، پادىشاھنىڭ ئەمرى بىلەن يارلىقى ئىجرا قىلىنىشقا ئاز قالغان چاغدا، يەنى يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمەنلىرى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىشكە ئۈمىد قىلىپ كۈتكەن كۈنى، ئەكسىچە يەھۇدىيلارنىڭ ئۆز دۈشمەنلىرىنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىدىغان كۈنىگە ئايلىنىپ كەتتى.
2 유다인들이 아하수에로왕의 각 도, 각 읍에 모여 자기를 해하고자 하는 자를 죽이려 하니 모든 민족이 저희를 두려워 하여 능히 막을 자가 없고
يەھۇدىيلار پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىكى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق شەھەرلەردە ئۇلارغا قەست قىلماقچى بولغانلارغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن يىغىلىشقا باشلىدى؛ ھېچكىم ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرالمايتتى؛ ئۇلاردىن بولغان قورقۇنچ ھەربىر ئەل-مىللەتنى باسقانىدى.
3 각 도 모든 관원과 대신과 방백과 왕의 사무를 보는 자들이 모르드개를 두려워하므로 다 유다인을 도우니
ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى بەگلەر، ۋالىيلار، ئۆلكە باشلىقلىرى، شۇنداقلا پادىشاھنىڭ ئىشلىرىنى ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى يەھۇدىيلارنى قوللىدى؛ چۈنكى موردىكايدىن بولغان قورقۇنچ ئۇلارنى باسقانىدى.
4 모르드개가 왕궁에서 존귀하여 점점 창대하매 이 사람 모르드개의 명성이 각 도에 퍼지더라
چۈنكى موردىكاي دېگەن كىشى ئوردىدا ئىنتايىن نوپۇزلۇق بولۇپ، نام-شۆھرىتى ھەممە ئۆلكىلەرگە تارقالغانىدى؛ ئۇنىڭ ھوقۇقى بارغانسېرى چوڭىيىپ كېتىۋاتاتتى.
5 유다인이 칼로 그 모든 대적을 쳐서 도륙하고 진멸하고 자기를 미워하는 자에게 마음대로 행하고
شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ ھەممە دۈشمەنلىرىنى قىلىچلاپ، قىرغىن قىلىپ يوقاتتى؛ ئۆزلىرىگە ئۆچ بولغانلارغا قانداق قىلىشنى خالىسا شۇنداق قىلدى.
6 유다인이 또 도성 수산에서 오백인을 죽이고 멸하고
شۇشان قەلئەسىدىلا يەھۇدىيلار بەش يۈز ئادەمنى قەتل قىلىپ يوقاتتى.
7 또 바산다다와, 달본과, 아스바다와
ئۇلار يەنە پارشانداتا، دالفون، ئاسپاتا،
8 보라다와, 아달리야와, 아리다다와
پوراتا، ئادالىيا، ئارىداتا،
9 바마스다와, 아리새와, 아리대와, 왜사다
پارماشتا، ئارىساي، ئارىداي ۋە ۋايىزاتانى قەتل قىلدى؛
10 곧 함므다다의 손자요, 유다인의 대적 하만의 열 아들을 죽였으나 그 재산에는 손을 대지 아니하였더라
بۇ ئون ئادەم ھاممىداتانىڭ نەۋرىسى، يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمىنى بولغان ھاماننىڭ ئوغلى ئىدى؛ لېكىن ئۇلار ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئولجا قىلىشقا قول سالمىدى.
11 그 날에 도성 수산에서 도륙한자의 수효를 왕께 고하니
شۇ كۈنى شۇشان قەلئەسىدە قەتل قىلىنغان ئادەم سانى پادىشاھقا مەلۇم قىلىندى.
12 왕이 왕후 에스더에게 이르되 `유다인이 도성 수산에서 이미 오백인을 죽이고 멸하고 또 하만의 열 아들을 죽였으니 왕의 다른 도에서는 어떠하였겠느뇨 이제 그대의 소청이 무엇이뇨 곧 허락하겠노라 그대의 요구가 무엇이뇨 또한 시행하겠노라'
پادىشاھ خانىش ئەستەرگە: ــ يەھۇدىيلار شۇشان قەلئەسىدە بەش يۈز ئادەمنى قەتل قىلىپ يوقىتىپتۇ، يەنە ھاماننىڭ ئون ئوغلىنى قەتل قىپتۇ؛ ئۇلار پادىشاھنىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدە نېمە قىلدىكىن؟ ئەمدى نېمە ئىلتىماسىڭ بار؟ ئۇ ساڭا بېرىلىدۇ. يەنە نېمە تەلىپىڭ بار؟ ئۇمۇ بەجا ئەيلىنىدۇ، ــ دېدى.
13 에스더가 가로되 `왕이 만일 선히 여기시거든 수산에 거하는 유다인으로 내일도 오늘날 조서대로 행하게 하시고 하만의 열 아들의 시체를 나무에 달게 하소서'
ــ ئالىيلىرىغا مۇۋاپىق كۆرۈنسە، شۇشاندىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئەتىمۇ بۈگۈنكى يارلىقتا دېيىلگەندەك ئىش قىلىشىغا ھەمدە ھاماننىڭ ئون ئوغلىنىڭ [جەسەتلىرىنى] دارغا ئېسىپ قويۇشقا ئىجازەت بەرگەيلا، دېدى ئەستەر.
14 왕이 그대로 행하기를 허락하고 조서를 내리니 하만의 열 아들의 시체가 달리니라
پادىشاھ شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى؛ يارلىق شۇشان قەلئەسىدە چىقىرىلغاندا، كىشىلەر ھاماننىڭ ئون ئوغلىنى دارغا ئېسىپ قويۇشتى.
15 아달월 십 사일에도 수산에 있는 유다인이 모여 또 삼백인을 수산에서 도륙하되 그 재산에는 손을 대지 아니하였고
ئادار ئېيىنىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى شۇشاندىكى يەھۇدىيلار يەنە يىغىلىپ ئۈچ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈردى؛ لېكىن ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئولجا قىلىشقا قول سالمىدى.
16 왕의 각 도에 있는 다른 유다인들이 모여 스스로 생명을 보호하여 대적들에게서 벗어나며 자기를 미워하는 자 칠만 오천인을 도륙하되 그 재산에는 손을 대지 아니하였더라
پادىشاھنىڭ ھەرقايسى باشقا ئۆلكىلىرىدىكى قالغان يەھۇدىيلار يىغىلىپ ئۆز جانلىرىنى ساقلاشقا سەپتە تۇرۇپ ئۆزلىرىگە ئۆچ بولغانلاردىن جەمئىي يەتمىش بەش مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى، ئەمما ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئولجا قىلىشقا قول سالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دۈشمەنلىرىدىن قۇتۇلۇپ ئاراملىققا مۇيەسسەر بولدى.
17 아달월 십 삼일에 그 일을 행하였고 십 사일에 쉬며 그 날에 잔치를 베풀어 즐겼고
بۇ ئادار ئېيىنىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنىدىكى ئىش ئىدى؛ ئون تۆتىنچى كۈنى ئۇلار ئارام ئالدى، شۇ كۈننى زىياپەت بېرىپ شادلىنىدىغان كۈن قىلىپ بېكىتتى.
18 수산에 거한 유다인은 십 삼일과 십 사일에 모였고 십 오일에 쉬며 이 날에 잔치를 베풀어 즐긴지라
لېكىن شۇشاندىكى يەھۇدىيلار بولسا ئون ئۈچىنچى، ئون تۆتىنچى كۈنلىرى توپلىشىپ جەڭ قىلدى؛ ئون بەشىنچى كۈنى ئۇلار ئارام ئالدى، شۇ كۈننى زىياپەت بېرىپ شادلىنىدىغان كۈن قىلىپ بېكىتتى.
19 그러므로 촌촌의 유다인 곧 성이 없는 고을 고을에 거하는 자들이 아달월 십사일로 경절을 삼아 잔치를 베풀고 즐기며 서로 예물을 주더라
شۇ سەۋەبتىن سەھرادىكى يەھۇدىيلار، يەنى يېزا-قىشلاقلاردا تۇرۇۋاتقان يەھۇدىيلار ئادار ئېيىنىڭ ئون تۆتىنچى كۈنىنى زىياپەت بېرىپ شادلىنىدىغان مۇبارەك كۈن بېكىتىپ، بىر-بىرىگە سوۋغا-سالام بېرىشىدىغان بولدى.
20 모르드개가 이 일을 기록하고 아하수에로왕의 각 도에 있는 모든 유다인에게 무론 원근하고 글을 보내어 이르기를
موردىكاي بۇ ۋەقەلەرنى خاتىرىلەپ ھەمدە ئاھاشۋېروشنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىنىڭ يىراق-يېقىن جايلىرىدا تۇرۇۋاتقان بارلىق يەھۇدىيلارغا مەكتۇپلارنى يوللىدى.
21 `한 규례를 세워 해마다 아달월 십 사일과 십 오일을 지키라
شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەريىلى ئادار ئېيىنىڭ ئون تۆت، ئون بەشىنچى كۈنىنى بايرام قىلىپ ئۆتكۈزۈلسۇن دەپ بېكىتتى؛
22 이 달 이 날에 유다인이 대적에게서 벗어나서 평안함을 얻어 슬픔이 변하여 기쁨이 되고 애통이 변하여 길한 날이 되었으니 이 두 날을 지켜 잔치를 베풀고 즐기며 서로 예물을 주며 가난한 자를 구제하라' 하매
ئۇ بۇ ئىككى كۈننى يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمەندىن قۇتۇلۇپ ئاراملىققا ئېرىشكەن كۈنى سۈپىتىدە، شۇ ئاينى ئۇلارنىڭ قايغۇ-ھەسرىتى شادلىققا، يىغا-زارلىرى مۇبارەك كۈنگە ئايلانغان ئاي سۈپىتىدە ئەسلەپ، بۇ ئىككى كۈننى زىياپەت قىلىپ شادلىنىدىغان، كۆپچىلىك بىر-بىرىگە سالام-سوۋغا بېرىدىغان، كەمبەغەللەرگە خەير-ئېھسان قىلىدىغان كۈن قىلىشقا بۇيرۇدى.
23 유다인이 자기들의 이미 시작한대로 또는 모르드개의 보낸 글대로 계속하여 행하였으니
شۇ سەۋەبتىن يەھۇدىيلار دەسلەپ باشلىغان شۇ [ھېيتنى] داۋاملاشتۇرۇشقا ۋە شۇنىڭدەك موردىكاينىڭ ئۇلارغا يازغانلىرىنىمۇ ئورۇنلايدىغانغا ۋەدە بېرىشتى.
24 곧 아각 사람 함므다다의 아들 모든 유다인의 대적 하만이 유다인을 진멸하기를 꾀하고 부르 곧 제비를 뽑아 저희를 죽이고 멸하려 하였으나
چۈنكى ئەسلىدە بارلىق يەھۇدىيلارنىڭ كۈشەندىسى بولغان ئاگاگىي ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھامان يەھۇدىيلارنى ھالاك قىلىشنى قەستلىگەن، شۇنداقلا ئۇلارنى نەسلىدىن قۇرۇتۇپ يوقاتماقچى بولۇپ «پۇر»، يەنى چەك تاشلىغانىدى.
25 에스더가 왕의 앞에 나아감을 인하여 왕이 조서를 내려 하만이 유다인을 해하려던 악한 꾀를 그 머리에 돌려 보내어 하만과 그 여러 아들을 나무에 달게 하였으므로
لېكىن بۇ ئىش پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا يەتكەندە، پادىشاھ مەكتۇپلارنى يېزىپ، ھامان قەستلىگەن رەزىل ئىش، يەنى ئۇنىڭ يەھۇدىيلارنى قەست قىلغان ئىشى ئۇنىڭ ئۆز بېشىغا يانسۇن، دەپ يارلىق چۈشۈردى؛ ھەم كىشىلەر ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى دارغا ئاستى.
26 무리가 부르의 이름을 좇아 이 두 날을 부림이라 하고 유다인이 이 글의 모든 말과 이 일에 보고 당한 것을 인하여
شۇڭلاشقا، كىشىلەر «پۇر» (چەك) دېگەن ئىسىم بويىچە بۇ ئىككى كۈننى «پۇرىم بايرىمى» دەپ ئاتىدى؛ شۇڭا يەھۇدىيلار ئەشۇ خەتتە پۈتۈلگەنلىرى بويىچە، ھەم كۆرگەن، ھەم باشتىن ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئاساسەن،
27 뜻을 정하고 자기와 자손과 자기와 화합한 자들이 해마다 그 기록한 정기에 이 두 날을 연하여 지켜 폐하지 아니하기로 작정하고
ئۆزلىرى، ئەۋلادلىرى ھەمدە ئۆزلىرى بىلەن بىرلەشكەن بارلىق كىشىلەرنىڭ پۈتۈلگەن ئەھكامنى تۇتۇپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئەشۇ ئىككى كۈننى ھەر يىلى مەڭگۈ ئۈزۈلدۈرمەي بايرام قىلىشىنى قارار قىلدى،
28 각 도, 각 읍, 각 집에서 대대로 이 두 날을 기념하여 지키되 이 부림일을 유다인 중에서 폐하지 않게 하고 그 자손 중에서도 기념함이 폐하지 않게 하였더라
شۇنداقلا بۇ ئىككى كۈن ھەربىر دەۋردە، ھەربىر جەمەت-ئائىلىدە، ھەرقايسى ئۆلكە، ھەرقايسى شەھەردە خاتىرىلىنىپ تەبرىكلنىپ تۇرسۇن ۋە «پۇرىم بايرىمى» بولىدىغان مۇشۇ كۈنلەرنىڭ تەبرىكلىنىشى يەھۇدىي خەلقى ئىچىدە مەڭگۈ ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن، خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-نەسلى ئارىسىدىنمۇ يوقاپ كەتمىسۇن، دەپ قارار قىلدى.
29 아비하일의 딸 왕후 에스더와 유다인 모르드개가 전권으로 글을 쓰고 부림에 대한 이 둘째 편지를 굳이 지키게 하되
ئاندىن ئابىخائىلنىڭ قىزى، خانىش ئەستەر ۋە يەھۇدىي موردىكاي يەھۇدىيلارغا يازغان «پۇرىم بايرىمى» توغرىسىدىكى شۇ ئىككىنچى خەتنى تولۇق ھوقۇقى بىلەن تەكىتلەپ، يەنە بىر خەتنى يوللىدى.
30 화평하고 진실한 말로 편지를 써서 아하수에로의 나라 일백 이십 칠도에 있는 유다 모든 사람에게 보내어
موردىكاي خاتىرجەملىك ۋە ھەقىقەتنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزىدىغان مەكتۇپلارنى ئاھاشۋېروشنىڭ پادىشاھلىقىدىكى بىر يۈز يىگىرمە يەتتە ئۆلكىدىكى بارلىق يەھۇدىيلارغا ئەۋەتىپ،
31 정한 기한에 이 부림일을 지키게 하였으니 이는 유다인 모르드개와 왕후 에스더의 명한 바와 유다인이 금식하며 부르짖은 것을 인하여 자기와 자기 자손을 위하여 정한 바가 있음이더라
شۇ «پۇرىم» كۈنلىرى بەلگىلەنگەن ۋاقىتلىرىدا ئۆتكۈزۈلسۇن، شۇنىڭدەك يەھۇدىي موردىكاي ۋە خانىش ئەستەرنىڭ تاپىلىغانلىرى بويىچە، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۆز-ئۆزىگە ۋە نەسلىگە بېكىتكەنلىرى بويىچە ئەينى ۋاقىتتىكى تۇتۇلغان روزىلار ۋە كۆتۈرۈلگەن نىدا-پەريادلار ئەسلەپ خاتىرىلەنسۇن، دەپ تەكىتلىدى.
32 에스더의 명령이 이 부림에 대한 일을 견고히 하였고 그 일이 책에 기록되었더라
ئەستەرنىڭ يارلىقى «پۇرىم بايرىمى»دىكى شۇ ئىشلارنى بېكىتىپ بەردى؛ بۇ ئىش تارىخنامىغىمۇ پۈتۈلدى.

< 에스더 9 >