< 역대하 14 >

1 아비야가 그 열조와 함께 자매 다윗성에 장사되고 그 아들 아사가 대신하여 왕이 되니 그 시대에 그 땅이 십년을 평안하니라
ئابىيا ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى، كىشىلەر ئۇنى «داۋۇت شەھىرى»گە دەپنە قىلدى. ئوغلى ئاسا ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. ئاسا پادىشاھ بولغان كۈنلەردە ئون يىل تىنچ ئۆتتى.
2 아사가 그 하나님 여호와 보시기에 선과 정의를 행하여
ئاسا خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس ۋە توغرا بولغاننى قىلدى.
3 이방 제단과 산당을 없이하고 주상을 훼파하며 아세라 상을 찍고
ئۇ يات ئەللەردىن كەلگەن بۇت قۇربانگاھلىرىنى ۋە «يۇقىرى جايلار»نى يوقىتىپ، «بۇت تۈۋرۈك»لەرنى ئۆرۈپ چېقىپ، ئاشەراھ بۇتلىرىنى كىسىپ تاشلىدى،
4 유다 사람을 명하여 그 열조의 하나님 여호와를 구하게 하며 그 율법과 명령을 행하게 하고
يەھۇدالارغا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى ئىزدەشنى، مۇقەددەس قانۇن-ئەمرلەرنى تۇتۇشنى ئەمر قىلدى.
5 또 유다 모든 성읍에서 산당과 태양상을 없이하매 나라가 그 앞에서 평안함을 얻으니라
ئۇ يەنە يەھۇدا زېمىنىدىكى ھەربىر شەھەرلەردىن «يۇقىرى جايلار»نى ۋە «كۈن تۈۋرۈكلىرى»نى يوقاتتى. ئۇ چاغدا پۈتۈن پادىشاھلىق ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا تىنچ-ئاسايىشلىقتا ئۆتتى.
6 여호와께서 아사에게 평안을 주셨으므로 그 땅이 평안하여 여러해 싸움이 없은지라 저가 견고한 성읍들을 유다에 건축하니라
ئۇ يەنە يەھۇدا زېمىنىدا بىرنەچچە قورغانلىق شەھەرلەرنى سالدۇردى، چۈنكى يۇرت-زېمىن ئاراملىقتا بولدى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئاراملىق بەرگەچكە، شۇ يىللاردا ھېچ ئۇرۇش بولمىدى.
7 아사가 일찌기 유다사람에게 이르되 우리가 우리 하나님 여호와를 찾았으므로 이 땅이 아직 우리 앞에 있나니 우리가 이 성읍들을 건축하고 그 주위에 성곽과 망대와 문과 빗장을 만들자 우리가 주를 찾았으므로 주께서 우리에게 사방의 평안을 주셨느니라 하고 이에 저희가 성읍을 형통하게 건축하였더라
ئۇ يەھۇدالارغا: ــ زېمىن ئالدىمىزدا تىنچ تۇرغاندا، بۇ شەھەرلەرنى سېپىل بىلەن قورشالغان، مۇنارلىق، بالداقلىق قوۋۇقلىرى بولغان شەھەرلەر قىلىپ قۇرايلى؛ چۈنكى بىز خۇدايىمىز پەرۋەردىگارنى ئىزدىگىنىمىز ئۈچۈن ئۇ تىنچلىك بەردى؛ بىز ئۇنى ئىزدەپ كەلدۇق ۋە ئۇ بىزنىڭ تۆت ئەتراپىمىزدا بىزگە ئاراملىق بەردى، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قۇرۇلۇشنى باشلىدى ۋە ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولدى.
8 아사의 군대는 유다 중에서 큰 방패와 창을 잡는 자가 삼십만이요 베냐민 중에서 작은 방패를 잡으며 활을 당기는 자가 이십 팔만이라 다 큰 용사더라
ئاسانىڭ قوشۇنى بار ئىدى؛ يەھۇدا قەبىلىسىدىن قالقان ۋە نەيزە بىلەن قوراللانغان ئۈچ يۈز مىڭ ئەسكىرى، بىنيامىن قەبىلىسىدىن سىپار ۋە ئوقيا بىلەن قوراللانغان ئىككى يۈز سەكسەن مىڭ كىشىلىك؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى باتۇر ئەزىمەتلەر ئىدى.
9 구스 사람 세라가 저희를 치려하여 군사 백만과 병거 삼백승을 거느리고 마레사에 이르매
ئۇ چاغدا زەراھ ئىسىملىك بىر ئېفىئوپىي مىليون كىشىلىك قوشۇنى بىلەن ئۈچ يۈز جەڭ ھارۋىسىنى باشلاپ، [ئاساغا] ھۇجۇم قوزغاپ مارەشاھغا كەلدى.
10 아사가 마주 나아가서 마레사의 스바다 골짜기에 진치고
ئاسا ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىشىشقا ئاتلاندى؛ ئۇلار مارەشاھقا يېقىن زەفاتاھ جىلغىسىغا كېلىپ، بىر-بىرىگە قارشى سەپ تۈزۈپ تۇرۇشتى.
11 그 하나님 여호와께 부르짖어 가로되 여호와여 강한 자와 약한자 사이에는 주밖에 도와줄 이가 없사오니 우리 하나님 여호와여, 우리를 도우소서 우리가 주를 의지하오며 주의 이름을 의탁하옵고 이 많은 무리를 치러왔나이다 여호와여, 주는 우리 하나님이시오니 원컨대 사람으로 주를 이기지 못하게 하옵소서 하였더니
ئاسا خۇداسى پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىپ: ــ ئى پەرۋەردىگار، ئۆز بەندەڭگە ياردەم بەرسەڭ، ئۇ كۈچلۈك بولسۇن، ئاجىز بولسۇن سەن ئۈچۈن ھېچقانچە ئىش ئەمەس. ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، بىزگە ياردەم قىلغايسەن؛ چۈنكى بىز ساڭا تايىنىمىز ۋە سېنىڭ نامىڭدا بۇ زور قوشۇنغا قارشى ئاتلىنىپ چىقتۇق. ئى پەرۋەردىگار، سەن بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇرسەن، ئىنسانلار سېنىڭدىن غالىپ كەلمىسۇن! ــ دېدى.
12 여호와께서 구스 사람을 아사와 유다 사람 앞에서 쳐서 패하게 하시니 구스 사람이 도망하는지라
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئاسا ۋە يەھۇدالار ئالدىدا ئېفىئوپىيلەرنى ئۇرۇپ تىرىپىرەن قىلىۋەتتى، ئېفىئوپىيلەر قاچتى.
13 아사와 그 좇는자가 구스 사람을 쫓아 그랄까지 이르매 이에 구스 사람이 엎드러지고 살아 남은 자가 없었으니 이는 여호와 앞에서와 그 군대 앞에서 패망하였음이라 노략한 물건이 심히 많았더라
ئاسا ئۆز ئادەملىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنى تاكى گەرارغىچە قوغلىدى؛ ئېفىئوپىيلەر شۇنداق يىقىتىلدىكى، ئۇلاردىن بىر ئادەممۇ تىرىك قالمىدى؛ چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى ئالدىدا كۇكۇم-تالقان قىلىندى. يەھۇدالار غايەت زور جەڭ غەنىمەتلىرىنى قولىغا ئېلىپ كەتتى.
14 여호와께서 그랄 사면 모든 성읍 백성을 두렵게 하시니 무리가 그 모든 성읍을 치고 그 가운데 있는 많은 물건을 노략하고
ئۇلار يەنە گەرار ئەتراپىدىكى بارلىق شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئىشغال قىلدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگاردىن زور بىر قورقۇنچ مۇشۇ شەھەرلەردىكىلەرنى باسقانىدى. يەھۇدالار يەنە ھەممە شەھەرنى بىرنىمۇ قويماي بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى، چۈنكى ئۇلاردا تولىمۇ كۆپ مال-مۈلۈك بار ئىدى.
15 또 짐승 지키는 천막을 치고 양과 약대를 많이 이끌고 예루살렘으로 돌아왔더라
ئۇلار يەنە مال باققان چارۋىچىلارنىڭ چېدىر-قوتانلىرىغىمۇ زەرب قىلىپ، ناھايىتى كۆپ قوي ۋە تۆگىلەرنى ئېلىپ يېرۇسالېمغا قايتتى.

< 역대하 14 >