< 사무엘상 9 >

1 베냐민 지파에 기스라 이름하는 유력한 사람이 있으니 그는 아비엘의 아들이요 스롤의 손자요 베고랏의 증손이요 아비아의 현손 이라 베냐민 사람이더라
بىنيامىن قەبىلىسىدىن كىش ئاتلىق بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ ئابىئەلنىڭ ئوغلى، ئابىئەل زېرورنىڭ ئوغلى، زېرور بىكوراتنىڭ ئوغلى، بىكورات ئافىيانىڭ ئوغلى ئىدى؛ ئافىيا بولسا بىنيامىنلىق ئىدى. ئۇ ئۆزى باتۇر ۋە دۆلەتمەن كىشى ئىدى.
2 기스가 아들이 있으니 그 이름은 사울이요 준수한 소년이라 이스라엘 자손 중에 그보다 더 준수한 자가 없고 키는 모든 백성보다 어깨 위는 더하더라
كىشنىڭ سائۇل ئىسىملىك، ئېسىل ۋە خۇشخۇي بىر ئوغلى بار ئىدى. ئىسرائىللار ئارىسىدا ئۇنىڭدىن چىرايلىق ئادەم يوق ئىدى؛ ئۇ شۇنداق ئېگىز بويلۇق ئەر ئىدىكى، خەلقنىڭ ھەرقاندىقى ئۇنىڭ مۈرىسىگىمۇ كەلمەيتتى.
3 사울의 아비 기스가 암나귀들을 잃고 그 아들 사울에게 이르되 `너는 한 사환을 데리고 일어나 가서 암나귀들을 찾으라' 하매
سائۇلنىڭ ئاتىسى كىشنىڭ ئېشەكلىرى يىتىپ كەتكەنىدى. بۇنىڭ بىلەن كىش ئوغلى سائۇلغا: ــ سەن خىزمەتكارلاردىن بىرىنى ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئېلىپ، ئېشەكلەرنى تېپىپ كەلگىن، دېدى.
4 그가 에브라임 산지와 살리사 땅으로 두루 다니되 찾지 못하고 사알림 땅으로 두루 다니되 없고 베냐민 사람의 땅으로 두루 다니되 찾지 못하니라
ئۇلار بېرىپ ئەفرائىم ئېدىرلىقىدىن ئۆتۈپ، شالىشاھ زېمىنىنى كېزىپ، ئۇلارنى ئىزدەپ تاپالمىدى؛ ئۇلار شائالىم زېمىنىدىنمۇ ئۆتتى، ئېشەكلەر ئۇ يەردىمۇ يوق ئىدى. ئاندىن بىنيامىن زېمىنىنى كېزىپ ئۆتتى، ئۇلارنى يەنە تاپالمىدى.
5 그들이 숩 땅에 이른 때에 사울이 함께 하는 사환에게 이르되 돌아가자 내 부친이 암나귀 생각은 고사하고 우리를 위하여 걱정하실까 두려워하노라
ئۇلار زۇف زېمىنىغا يەتكەندە سائۇل ئۆزى بىلەن كەلگەن خىزمەتكارىغا: ــ بولە، ئۆيگە يانايلى؛ بولمىسا ئاتام ئېشەكلەردىن ئەنسىرمەي، ئەكسىچە بىزنىڭ غېمىمىزنى يەپ كېتەرمىكى، دېدى.
6 대답하되 `보소서 이 성에 하나님의 사람이 있는데 존중히 여김을 받는 사람이라 그가 말한 것은 반드시 다 응하나니 그리로 가사이다 그가 혹 우리의 갈 길을 가르칠까 하나이다'
لېكىن ئۇ ئۇنىڭغا: ــ مانا، بۇ شەھەردە خۇدانىڭ بىر ئادىمى بار. ئۇ مۆھتەرەم بىر ئادەم، ھەر نېمە دېسە ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ. ئەمدى ئۇ يەرگە بارايلى؛ ئۇ بىزگە بارىدىغان يولىمىزنى كۆرسىتىپ قويارمىكىن، دېدى.
7 사울이 그 사환에게 이르되 `우리가 가면 그 사람에게 무엇을 드리겠느냐? 우리 그릇에 식물이 다하였으니 하나님의 사람에게 드릴 예물이 없도다 무엇이 있느냐?'
شۇڭا سائۇل خىزمەتكارىغا: ــ لېكىن ئۇنىڭ يېنىغا بارساق ئۇ كىشىگە نېمە بېرىمىز؟ چۈنكى خۇرجۇنلىرىمىزدا نان تۈگەپ قالدى، قولىمىزدا خۇدانىڭ ئادىمىگە بەرگۈدەك سوۋغىتىمىز يوق. يېنىمىزدا يەنە نېمە بار؟ ــ دېدى.
8 사환이 사울에게 다시 대답하여 가로되 `보소서 내 손에 은 한 세겔의 사분 일이 있으니 하나님의 사람에게 드려 우리 길을 가르치게 하겠나이다'
خىزمەتكار سائۇلغا جاۋاب بېرىپ: ــ مانا قولۇمدا چارەك شەكەل كۈمۈش بار. ماڭىدىغان يولىمىزنى دەپ بەرسۇن، خۇدانىڭ ئادىمىگە شۇنى بېرەي، دېدى
9 (옛적 이스라엘에 사람이 하나님께 가서 물으려 하면 말하기를 선견자에게로 가자 하였으니 지금 선지자라 하는 자를 옛적에는 선견자라 일컬었더라)
(بۇرۇن ئىسرائىلدا بىر ئادەم خۇدادىن يول سورىماقچى بولسا: ــ كېلىڭلار، ئالدىن كۆرگۈچىنىڭ قېشىغا بارايلى، دەيتتى. ھازىر «پەيغەمبەر» دېگەننى ئۆتكەن زاماندا «ئالدىن كۆرگۈچى» دەيتتى).
10 사울이 그 사환에게 이르되 `네 말이 옳다 가자` 하고 그들이 하나님의 사람 있는 성으로 가니라
سائۇل خىزمەتكارىغا: ــ مەسلىھەتىڭ ياخشى بولدى. بىز ماڭايلى، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خۇدانىڭ ئادىمى تۇرغان شەھەرگە باردى.
11 그들이 성을 향한 비탈길로 올라가다가 물 길러 나오는 소녀들을 만나 그들에게 묻되 `선견자가 여기 있느냐?'
ئۇلار شەھەرگە چىقىدىغان يولدا كېتىۋاتقاندا، سۇ تارتقىلى چىققان بىرنەچچە قىزغا ئۇچرىدى ۋە ئۇلاردىن: ــ ئالدىن كۆرگۈچى مۇشۇ يەردىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
12 그들이 대답하여 가로되 `있나이다 보소서 그가 당신보다 앞섰으니 빨리 가소서 백성이 오늘 산당에서 제사를 드리므로 그가 오늘 성에 들어오셨나이다
ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ شۇنداق. مانا ئۇ ئالدىڭلاردا تۇرىدۇ؛ تېز بېرىڭلار، چۈنكى خالايىق بۈگۈن [شەھەرنىڭ] يۇقىرى جايىدا قۇربانلىق قىلماقچى، شۇڭا ئۇ بۈگۈن شەھەرگە كىردى.
13 당신들이 성으로 들어가면 그가 먹으러 산당에 올라가기 전에 곧 만나리이다 그가 오기 전에는 백성이 먹지 아니하나니 이는 그가 제물을 축사한 후에야 청함을 받은 자가 먹음이라 그러므로 지금올라 가소서 금시로 만나리이다' 하는지라
ئۇ [قۇربانلىقتىن] يېيىشكە تېخى يۇقىرى جايغا چىقماي تۇرۇپلا، سىلەر ئۇنىڭ بىلەن شەھەردە ئۇچرىشىسىلەر. خەلق ئۇ كەلمىگۈچە تائام يېمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئاۋۋال قۇربانلىقنى بەرىكەتلەيدۇ؛ ئاندىن چاقىرىلغان مېھمانلار تائامغا ئېغىز تېگىدۇ. ھازىر چىقىڭلار، چۈنكى بۇ دەل ئۇنى تاپقىلى بولىدىغان ۋاقىت، دېدى.
14 그들이 성읍으로 올라가서 그리로 들어갈 때에 사무엘이 마침 산당으로 올라가려고 마주 나오더라
ئۇلار شەھەرگە چىقىپ شەھەر مەركىزىگە كەلگەندە، مانا سامۇئىل يۇقىرى جايغا چىقىشقا ئۇلارغا قاراپ كېلىۋاتاتتى.
15 사울의 오기 전 날에 여호와께서 사무엘에게 알게 하여 가라사대
پەرۋەردىگار سائۇل كېلىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى سامۇئىلغا:
16 내일 이맘 때에 내가 베냐민 땅에서 한 사람을 네게 보내리니 너는 그에게 기름을 부어 내 백성 이스라엘의 지도자를 삼으라 그가 내 백성을 블레셋 사람의 손에서 구원하리라 내 백성의 부르짖음이 내게 상달하였으므로 내가 그들을 돌아 보았노라 하시더니
ــ ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا مەن يېنىڭغا بىنيامىن زېمىنىدىن بىر ئادەمنى ئەۋەتىمەن. سەن ئۇنى مېنىڭ خەلقىم ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە ئەمىر بولۇشقا مەسىھ قىلغىن. ئۇ مېنىڭ خەلقىمنى فىلىستىيلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ. چۈنكى مېنىڭ خەلقىمنىڭ پەريادى ماڭا يەتكىنى ئۈچۈن ئۇلارغا ئىلتىپات بىلەن قارىدىم، ــ دېدى.
17 사무엘이 사울을 볼 때에 여호와께서 그에게 이르시되 보라, 이는 내가 네게 말한 사람이니 이가 내 백성을 통할하리라 하시니라
سامۇئىل سائۇلنى كۆرگەندە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ مانا، مەن ساڭا سۆز قىلغان ئادەم مۇشۇدۇر. بۇ ئادەم مېنىڭ خەلقىمنىڭ ئۈستىدە سەلتەنەت قىلىدۇ، دەپ ئىزھار قىلدى.
18 사울이 성문 가운데 사무엘에게 나아가 가로되 `선견자의 집이 어디인지 청컨대 내게 가르치소서'
سائۇل دەرۋازىدا تۇرغان سامۇئىلنىڭ قېشىغا بېرىپ: سىلىدىن سوراي، ئالدىن كۆرگۈچىنىڭ ئۆيى نەدە، دەپ سورىدى.
19 사무엘이 사울에게 대답하여 가로되 `내가 선견자니라 너는 내 앞서 산당으로 올라가라 너희가 오늘날 나와 함께 먹을 것이요 아침에는 내가 너를 보내되 네 마음에 있는 것을 다 네게 말하리라
سامۇئىل سائۇلغا: ــ ئالدىن كۆرگۈچى مەن ئۆزۈم شۇ. مەندىن ئاۋۋال يۇقىرى جايغا چىققىن. بۈگۈن سىلەر مەن بىلەن تائام يەيسىلەر؛ ئەتە سېنى ئۇزۇتۇپ چىققاندا، كۆڭلۈڭدىكى ھەربىر ئىشلارنى ساڭا دەپ بېرەي، ــ دەپ جاۋاب بەردى.
20 사흘 전에 잃은 네 암나귀들을 염려하지 말라 찾았느니라 온 이스라엘의 사모하는 자가 누구냐? 너와 네 아비의 온 집이 아니냐?'
ئەمما ئۈچ كۈن بۇرۇن يىتىپ كەتكەن ئېشەكلەردىن بولسا، ئەندىشە قىلمىغىن؛ ئۇلار تېپىلدى. ئەمدى ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئارزۇسى كىمگە مايىل؟ ساڭا ۋە ئاتاڭنىڭ پۈتكۈل جەمەتىگە ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى.
21 사울이 대답하여 가로되 `나는 이스라엘 지파의 가장 작은 지파 베냐민 사람이 아니오며 나의 가족은 베냐민 지파 모든 가족 중에 가장 미약하지 아니하니이까 당신이 어찌하여 내게 이같이 말씀하시나이까?'
سائۇل جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ كىچىك قەبىلە بولغان بىنيامىندىن، جەمەتىممۇ بىنيامىن قەبىلىسى ئىچىدىكى ئەڭ كىچىكى تۇرسا؟ نېمە ئۈچۈن بۇ سۆزلەرنى ماڭا دەيلا؟ ــ دېدى.
22 사무엘이 사울과 그 사환을 인도하여 객실로 들어가서 청한 자 중 수석에 앉게 하였는데 객은 삼십명 가량이었더라
سامۇئىل بولسا سائۇلنى ۋە خىزمەتكارىنى باشلاپ، مېھمانخانا ئۆيىگە كىردى ۋە ئۇلارنى چاقىرىلغانلارنىڭ ئارىسىدا تۆردە ئولتۇرغۇزدى. ئۇلار ئوتتۇزچە ئادەم ئىدى.
23 사무엘이 요리인에게 이르되 `내가 네게 주며 네게 두라고 말한 그 부분을 가져오라'
سامۇئىل ئاشپەزگە: ــ مەن ساقلاپ قويغىن دەپ، ساڭا تاپشۇرغان ھېلىقى تائامنى ئېلىپ كەلگىن، دېدى.
24 요리인이 넓적다리와 그것에 붙은 것을 가져다가 사울 앞에 놓는지라 사무엘이 가로되 `보라, 이는 두었던 것이니 네 앞에 놓고 먹으라 내가 백성을 청할 때부터 너를 위하여 이것을 두어서 이때를 기다리게 하였느니라' 그 날에 사울이 사무엘과 함께 먹으니라
شۇنىڭ بىلەن ئاشپەز ساقلاپ قويغان چوڭ ئاجرىتىلغان قولنى ئېلىپ سائۇلنىڭ ئالدىغا قويدى. سامۇئىل: ــ مانا، [ساڭا] ساقلاپ قويۇلغىنى شۇدۇر! ئۇنى ئالدىڭغا ئېلىپ يېگىن؛ چۈنكى ئۇ مەن خەلقنى چاقىرغان چېغىمدا ئاتايىن ساڭا ئاتاپ ئېلىپ قويغاندىن تارتىپ بۇ بېكىتىلگەن ۋاقىتقىچە ساقلاندى، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۈنى سائۇل بىلەن سامۇئىل تاماقتا بىللە بولدى.
25 그들이 산당에서 내려 성에 들어가서는 사무엘이 사울과 함께 지붕에서 담화하고
ئۇلار يۇقىرى جايدىن چۈشۈپ شەھەرگە كىردى، [سامۇئىل] ئۆگزىدە سائۇل بىلەن سۆزلەشتى.
26 그들이 일찌기 일어날새 동틀 때 즈음이라 사무엘이 지붕에서 사울을 불러 가로되 `일어나라 내가 너를 보내리라' 하매 사울이 일어나고 그 두 사람 사울과 사무엘이 함께 밖으로 나가서
ئەتىسى تاڭ شەھەردە ئورۇندىن تۇرغاندا سامۇئىل سائۇلنى ئۆگزىدىن چاقىرىپ: ــ ئورنۇڭدىن تۇر، مەن سېنى ئۇزۇتۇپ قوياي، دېدى. سائۇل ئورۇندىن تۇردى ۋە ئىككىسى بىللە چىقتى، ــ ھەم ئۇ سامۇئىل بىلەن بىللە كوچىغا چىقتى.
27 성읍 끝에 이르매 사무엘이 사울에게 이르되 `사환으로 우리를 앞서게 하라' 사환이 앞서매 또 가로되 `너는 이제 잠간 서 있으라 내가 하나님의 말씀을 네게 들리리라'
ئۇلار شەھەرنىڭ ئايىغىغا كېتىۋاتقاندا، سامۇئىل سائۇلغا: خىزمەتكارغا ئالدىمىزدا ماڭغاچ تۇرغىن، دەپ بۇيرۇغىن، دېدى. ئۇ شۇنداق قىلدى. ئاندىن سامۇئىل: ــ سەن تۇرۇپ تۇر، پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامىنى ساڭا يەتكۈزەي، دېدى.

< 사무엘상 9 >