< ಜ್ಞಾನೋಕ್ತಿಗಳು 10 >

1 ಜ್ಞಾನಿಯಾದ ಮಗನಿಂದ ತಂದೆಗೆ ಆನಂದ, ಅಜ್ಞಾನಿಯಾದ ಮಗನಿಂದ ತಾಯಿಗೆ ದುಃಖ.
پادىشاھ سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرى: ــ دانا ئوغۇل ئاتىسىنى شاد قىلار؛ ئەقىلسىز ئوغۇل ئانىسىنى قايغۇ-ھەسرەتكە سالار.
2 ಅನ್ಯಾಯದ ಸಂಪತ್ತು ವ್ಯರ್ಥ, ಧರ್ಮವು ಮೃತ್ಯುವಿನಿಂದ ರಕ್ಷಿಸುವಂತದ್ದು.
ھارام بايلىقلارنىڭ ھېچ پايدىسى بولماس؛ ھەققانىيەت ئىنساننى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرار.
3 ಯೆಹೋವನು ನೀತಿವಂತರನ್ನು ಹಸಿವೆಗೊಳಿಸನು, ದುಷ್ಟನ ಆಶೆಯನ್ನು ಭಂಗಪಡಿಸುತ್ತಾನೆ.
پەرۋەردىگار ھەققانىي ئادەمنىڭ جېنىنى ئاچ قويماس؛ لېكىن ئۇ قەبىھلەرنىڭ نەپسىنى بوغۇپ قويار.
4 ಜೋಲುಗೈ ದಾರಿದ್ರ್ಯ, ಚುರುಕು ಕೈ ತರುವುದು ಐಶ್ವರ್ಯ.
ھۇرۇنلۇق كىشىنى گاداي قىلار؛ ئىشچانلىق بولسا باياشات قىلار.
5 ಸುಗ್ಗಿಯಲ್ಲಿ ಕೂಡಿಸುವವನು ಬುದ್ಧಿವಂತನು, ಕೊಯ್ಲಿನಲ್ಲಿ ತೂಕಡಿಸುವವನು ನಾಚಿಕೆಗೆಟ್ಟವನು.
يازدا ھوسۇلنى يىغىۋالغۇچى ــ دانا ئوغۇلدۇر؛ لېكىن ئورما ۋاقتىدا ئۇخلاپ ياتقۇچى ــ خىجالەتكە قالدۇرىدىغان ئوغۇلدۇر.
6 ಶಿಷ್ಟನ ತಲೆ ಆಶೀರ್ವಾದದ ನೆಲೆ, ದುಷ್ಟನ ಬಾಯಿಗೆ ಬಲಾತ್ಕಾರವೇ ಮುಚ್ಚಳ.
بەرىكەت ھەققانىي ئادەمنىڭ بېشىغا چۈشەر؛ ئەمما زوراۋانلىق يامانلارنىڭ ئاغزىغا ئۇرار.
7 ಶಿಷ್ಟರ ಸ್ಮರಣೆಯು ಆಶೀರ್ವಾದಕ್ಕಾಸ್ಪದ, ದುಷ್ಟರ ನಾಮವು ನಿರ್ನಾಮಕಾಸ್ಪದ.
ھەققانىي ئادەمنىڭ يادىكارى مۇبارەكتۇر؛ يامانلارنىڭ نامى بولسا، سېسىق قالار.
8 ಜ್ಞಾನಹೃದಯನು ಆಜ್ಞೆಗಳನ್ನು ಪಾಲಿಸುವನು, ಹರಟೆಯ ಮೂರ್ಖನು ಕೆಡವಲ್ಪಡುವನು.
دانا ئادەم يوليورۇق-نەسىھەتلەرنى قوبۇل قىلار؛ كوت-كوت، نادان كىشى ئۆز ئايىغى بىلەن پۇتلىشار.
9 ನಿರ್ದೋಷದ ನಡತೆಯವನು ನಿರ್ಭಯವಾಗಿ ನಡೆಯುವನು, ವಕ್ರಮಾರ್ಗಿಯು ಬೈಲಿಗೆ ಬೀಳುವನು.
غۇبارسىز يۈرگەن كىشىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى تۇراقلىقتۇر، يوللىرىنى ئەگرى قىلغاننىڭ كىرى ئاخىرى ئاشكارىلىنىدۇ.
10 ೧೦ ಕಣ್ಣು ಮಿಟಕಿಸುವವನು ಕಷ್ಟಕ್ಕೆ ಕಾರಣನು, ಧೈರ್ಯದಿಂದ ಗದರಿಸುವವನು ಸಮಾಧಾನಕರನು.
كۆز ئىشارىتىنى قىلىپ يۈرىدىغانلار ئادەمنى داغدا قالدۇرار؛ كوت-كوت، نادان كىشى ئۆز ئايىغى بىلەن پۇتلىشار.
11 ೧೧ ಶಿಷ್ಟನ ಬಾಯಿ ಜೀವದ ಬುಗ್ಗೆ, ದುಷ್ಟನ ಬಾಯಲ್ಲಿ ಬಲಾತ್ಕಾರವು ತುಂಬಿ ತುಳುಕುತ್ತದೆ.
ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزى ھاياتلىق بۇلىقىدۇر، ئەمما زوراۋانلىق ياماننىڭ ئاغزىغا ئۇرار.
12 ೧೨ ದ್ವೇಷವು ಜಗಳಗಳನ್ನೆಬ್ಬಿಸುತ್ತದೆ, ಪ್ರೀತಿಯು ಪಾಪಗಳನ್ನೆಲ್ಲಾ ಮುಚ್ಚುತ್ತದೆ.
ئۆچمەنلىك جېدەل قوزغار؛ مېھىر-مۇھەببەت ھەممە گۇناھلارنى ياپار.
13 ೧೩ ವಿವೇಕಿಯ ತುಟಿಗಳಿಂದ ಜ್ಞಾನ, ಬುದ್ಧಿಹೀನನ ಬೆನ್ನಿಗೆ ಬೆತ್ತ.
ئەقىل-ئىدراقلىك ئادەمنىڭ ئاغزىدىن دانالىق تېپىلار؛ ئەقىلسىزنىڭ دۈمبىسىگە پالاق تېگەر.
14 ೧೪ ಜ್ಞಾನಿಗಳು ತಿಳಿದ ಸಂಗತಿಯನ್ನು ಹೊರಪಡಿಸುವುದಿಲ್ಲ, ಮೂರ್ಖನ ಭಾಷಣ ನಾಶನಕ್ಕೆ ಸಮೀಪ.
دانا ئادەملەر بىلىملەرنى زىيادە توپلار؛ لېكىن ئەخمەقنىڭ ئاغزى ئۇنى ھالاكەتكە يېقىنلاشتۇرار.
15 ೧೫ ಐಶ್ವರ್ಯವಂತನಿಗೆ ಐಶ್ವರ್ಯವು ಬಲವಾದ ಕೋಟೆ, ಬಡವನಿಗೆ ಅವನ ಬಡತನವೇ ನಾಶನ.
مال-دۇنيالىرى گويا مەزمۇت شەھەردەك باينىڭ كاپالىتىدۇر؛ مىسكىننى ھالاك قىلىدىغان ئىش دەل ئۇنىڭ نامراتلىقىدۇر.
16 ೧೬ ಶಿಷ್ಟನ ದುಡಿತ ಜೀವಾಸ್ಪದ, ದುಷ್ಟನ ಆದಾಯ ಪಾಪಾಸ್ಪದ.
ھەققانىيلارنىڭ ئەجىرلىرى جانغا جان قوشار، قەبىھلەرنىڭ ھوسۇلى گۇناھنىلا كۆپەيتىشتۇر.
17 ೧೭ ಶಿಕ್ಷೆಯನ್ನು ಕೈಕೊಳ್ಳುವವನು ಜೀವದ ಮಾರ್ಗವನ್ನು ತೋರಿಸುವನು, ಗದರಿಕೆಯನ್ನು ಕೈಕೊಳ್ಳದವನು ಸನ್ಮಾರ್ಗದಿಂದ ತಪ್ಪಿಸುವನು.
نەسىھەتنى ئاڭلاپ ئۇنى ساقلىغۇچى ھاياتلىق يولىغا ماڭار؛ تەنبىھلەرنى رەت قىلغان كىشى يولدىن ئازغانلاردۇر.
18 ೧೮ ಹೊಟ್ಟೆಯಲ್ಲಿ ಹಗೆಯನ್ನಿಟ್ಟುಕೊಂಡವನು ಸುಳ್ಳುಗಾರ, ಚಾಡಿಗಾರನು ಜ್ಞಾನಹೀನ.
ئاداۋەت ساقلىغان كىشى يالغان سۆزلىمەي قالماس؛ تۆھمەت چاپلىغانلار ئەخمەقتۇر.
19 ೧೯ ಮಾತಾಳಿಗೆ ಪಾಪ ತಪ್ಪದು, ಮೌನಿಯು ವಿವೇಕಿ.
گەپ كۆپ بولۇپ كەتسە، گۇناھتىن خالىي بولماس، لېكىن ئاغزىغا ئىگە بولغان ئەقىللىقتۇر.
20 ೨೦ ಶಿಷ್ಟರ ನಾಲಿಗೆ ಚೊಕ್ಕ ಬೆಳ್ಳಿ, ದುಷ್ಟನ ಹೃದಯ ಮೌಲ್ಯವಿಲ್ಲದ್ದು.
ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزى خۇددى ساپ كۈمۈش؛ ياماننىڭ ئويلىرى تولىمۇ ئەرزىمەستۇر.
21 ೨೧ ಶಿಷ್ಟರ ಭಾಷಣ ಬಹುಜನ ಪೋಷಣ, ಬುದ್ಧಿಯ ಕೊರತೆ ಮೂರ್ಖರ ನಾಶನ.
ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزلىرى نۇرغۇن كىشىنى قۇۋۋەتلەر؛ ئەخمەقلەر ئەقلى كەملىكىدىن ئۆلەر.
22 ೨೨ ಯೆಹೋವನ ಆಶೀರ್ವಾದವು ಭಾಗ್ಯದಾಯಕವು, ಅದು ವ್ಯಸನವನ್ನು ಸೇರಿಸದು.
پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا قىلغان بەرىكىتى ئادەمنى دۆلەتمەن قىلار؛ ئۇ بەرىكىتىگە ھېچبىر جاپا-مۇشەققەت قوشماس.
23 ೨೩ ಅವಿವೇಕಿಗೆ ಕುಯುಕ್ತಿ ವಿನೋದ ವಿವೇಕಿಗೆ ಜ್ಞಾನ ವಿನೋದ.
ئەخمەق قەبىھلىكنى تاماشا دەپ بىلەر؛ ئەمما دانالىق يورۇتۇلغان كىشىنىڭ [خۇرسەنلىكىدۇر].
24 ೨೪ ದುಷ್ಟನಿಗೆ ಶಂಕಿಸಿದ್ದೇ ಸಂಭವಿಸುವುದು, ಶಿಷ್ಟನಿಗೆ ಇಷ್ಟವು ಲಭಿಸುವುದು.
يامان كىشى نېمىدىن قورقسا شۇنىڭغا ئۇچرار؛ ھەققانىي ئادەمنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلار.
25 ೨೫ ಬಿರುಗಾಳಿ ಬೀಸಿದರೆ ದುಷ್ಟನು ಎಲ್ಲೋ! ಶಿಷ್ಟನು ಶಾಶ್ವತವಾದ ಕಟ್ಟಡ.
يامان ئادەم قۇيۇندەك ئۆتۈپ يوقار؛ لېكىن ھەققانىي ئادەم مەڭگۈلۈك ئۇلدەكتۇر.
26 ೨೬ ಹಲ್ಲುಗಳಿಗೆ ಹುಳಿಯೂ, ಕಣ್ಣುಗಳಿಗೆ ಹೊಗೆಯೂ ಹೇಗೋ, ಯಜಮಾನನಿಗೆ ಸೋಮಾರಿಯು ಹಾಗೆ.
ئادەم ئاچچىق سۇ يۇتۇۋالغاندەك، كۆزىگە ئىس-تۈتەك كىرىپ كەتكەندەك، ھۇرۇن ئادەمنى ئىشقا ئەۋەتكەنمۇ شۇنداق بولار.
27 ೨೭ ಯೆಹೋವನಿಗೆ ಭಯಪಡುವವರ ದಿನಗಳಿಗೆ ವೃದ್ಧಿ, ದುಷ್ಟರ ವರ್ಷಗಳು ಅಲ್ಪ.
پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئۆمۈرنى ئۇزۇن قىلار، ياماننىڭ ئۆمرى قىسقارتىلار.
28 ೨೮ ಶಿಷ್ಟನ ನಂಬಿಕೆಗೆ ಆನಂದವು ಫಲ, ದುಷ್ಟನ ನಿರೀಕ್ಷೆ ನಿಷ್ಫಲ.
ھەققانىي ئادەمنىڭ ئۈمىدى خۇرسەنلىك ئېلىپ كېلەر؛ لېكىن رەزىلنىڭ كۈتكىنى يوققا چىقار.
29 ೨೯ ಯೆಹೋವನು ಸನ್ಮಾರ್ಗಿಗೆ ಆಶ್ರಯ, ಕೆಡುಕನಿಗೆ ನಾಶನ.
پەرۋەردىگارنىڭ يولى دۇرۇس ياشاۋاتقانلارغا باشپاناھدۇر؛ قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا بولسا ھالاكەتتۇر.
30 ೩೦ ಶಿಷ್ಟರು ಎಂದಿಗೂ ಕದಲರು, ದುಷ್ಟರು ದೇಶದಲ್ಲಿ ನಿಲ್ಲರು.
ھەققانىيلارنىڭ ئورنى مۇستەھكەمدۇر؛ يامانلار زېمىندا ئۇزۇن تۇرماس.
31 ೩೧ ಶಿಷ್ಟನ ಬಾಯಲ್ಲಿ ಜ್ಞಾನವು ಮೊಳೆಯುವುದು, ನೀಚನ ನಾಲಿಗೆ ಕತ್ತರಿಸಲ್ಪಡುವುದು.
ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزىدىن دانالىق چىقار؛ لېكىن شۇملۇق تىل كېسىپ تاشلىنار.
32 ೩೨ ಶಿಷ್ಟನ ತುಟಿಯಲ್ಲಿ ಹಿತವಚನ, ದುಷ್ಟನ ಬಾಯಲ್ಲಿ ನೀಚವಚನ.
ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزى كىشىگە موك خۇشياقار؛ يامان ئادەمنىڭ ئاغزىدىن شۇملۇق چىقار.

< ಜ್ಞಾನೋಕ್ತಿಗಳು 10 >