< ヨハネの福音書 9 >

1 またイエスは道の途中で、生まれつきの盲人を見られた。
ۋە ئۇ يولدا كېتىۋېتىپ، تۇغما قارىغۇ بىر ئادەمنى كۆردى.
2 弟子たちは彼についてイエスに質問して言った。「先生。彼が盲目に生まれついたのは、だれが罪を犯したからですか。この人ですか。その両親ですか。」
مۇخلىسلىرى ئۇنىڭدىن: ــ ئۇستاز، كىم گۇناھ قىلىپ ئۇنىڭ قارىغۇ تۇغۇلغىنىغا سەۋەب بولغان؟ ئۇ ئۆزىمۇ يا ئاتا-ئانىسىمۇ؟ ــ دەپ سوراشتى.
3 イエスは答えられた。「この人が罪を犯したのでもなく、両親でもありません。神のわざがこの人に現われるためです。
ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ ئۆزى ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ گۇناھ سادىر قىلغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئۆز ئەمەللىرى ئۇنىڭدا ئايان قىلىنسۇن دەپ شۇنداق بولغان.
4 わたしたちは、わたしを遣わした方のわざを、昼の間に行なわなければなりません。だれも働くことのできない夜が来ます。
كۈننىڭ يورۇقىدا، مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئەمەللىرىنى ئادا قىلىشىم كېرەك. كەچ كىرسە، شۇ چاغدا ھېچكىم ئىش قىلالمايدۇ.
5 わたしが世にいる間、わたしは世の光です。」
مەن دۇنيادا تۇرغان ۋاقتىمدا، دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن.
6 イエスは、こう言ってから、地面につばきをして、そのつばきで泥を作られた。そしてその泥を盲人の目に塗って言われた。
بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئۇ يەرگە تۈكۈرۈپ، تۈكۈرۈكتىن لاي قىلىپ، لاينى ھېلىقى ئادەمنىڭ كۆزلىرىگە سۈرۈپ قويدى
7 「行って、シロアム(訳して言えば、遣わされた者)の池で洗いなさい。」そこで、彼は行って、洗った。すると、見えるようになって、帰って行った。
ۋە ئۇنىڭغا: «سىلوئام كۆلچىكى»گە بېرىپ يۇيۇۋەتكىن» دېدى («سىلوئام» [ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ]، «ئەۋەتىلگەن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ). شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئادەم بېرىپ يۇيۇۋىدى، كۆزى كۆرىدىغان بولۇپ قايتىپ كەلدى.
8 近所の人たちや、前に彼がこじきをしていたのを見ていた人たちが言った。「これはすわって物ごいをしていた人ではないか。」
قوشنىلىرى ۋە ئۇ ئىلگىرى تىلەمچىلىك قىلغىنىدا ئۇنى كۆرگەنلەر: ــ بۇ ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىدىغان ھېلىقى ئادەم ئەمەسمۇ؟ ــ دېيىشىپ كەتتى.
9 ほかの人は、「これはその人だ。」と言い、またほかの人は、「そうではない。ただその人に似ているだけだ。」と言った。当人は、「私がその人です。」と言った。
بەزىلەر: «ھەئە، شۇ ئىكەن» دېسە، يەنە بەزىلەر: «ياق، ئۇ ئەمەس، لېكىن ئۇنىڭغا ئوخشايدىكەن» دېيىشتى. بىراق ئۇ ئۆزى: ــ مەن دەل شۇ كىشى بولىمەن! ــ دېدى.
10 そこで、彼らは言った。「それでは、あなたの目はどのようにしてあいたのですか。」
ــ ئۇنداقتا كۆزلىرىڭ قانداق ئېچىلدى؟ ــ دەپ سوراشتى ئۇلار.
11 彼は答えた。「イエスという方が、泥を作って、私の目に塗り、『シロアムの池に行って洗いなさい。』と私に言われました。それで、行って洗うと、見えるようになりました。」
ئۇ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ ئەيسا ئىسىملىك بىر كىشى [تۈكۈرۈكىدىن] لاي قىلىپ كۆزلىرىمگە سۈرۈپ قويىۋىدى، ماڭا: «سىلوئام كۆلچىكىگە بېرىپ يۇيۇۋەتكىن» دېگەنىدى. مەن بېرىپ يۇيۇۋىدىم، كۆرەلەيدىغان بولدۇم.
12 また彼らは彼に言った。「その人はどこにいるのですか。」彼は「私は知りません。」と言った。
ــ ئۇ ھازىر قەيەردە؟ ــ دەپ سوراشتى ئۇلار. ــ بىلمەيمەن، ــ دېدى ئۇ.
13 彼らは、前に盲目であったその人を、パリサイ人たちのところに連れて行った。
خالايىق ئىلگىرى قارىغۇ بولغان بۇ ئادەمنى پەرىسىيلەرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى
14 ところで、イエスが泥を作って彼の目をあけられたのは、安息日であった。
(ئەسلىدە ئەيسا لاي قىلىپ بۇ ئادەمنىڭ كۆزلىرىنى ئاچقان كۈن دەل شابات كۈنى ئىدى).
15 こういうわけでもう一度、パリサイ人も彼に、どのようにして見えるようになったかを尋ねた。彼は言った。「あの方が私の目に泥を塗ってくださって、私が洗いました。私はいま見えるのです。」
شۇنىڭ بىلەن پەرىسىيلەر قايتىدىن بۇ ئادەمدىن قانداق كۆرەلەيدىغان بولغىنىنى سورىۋىدى، ئۇ ئۇلارغا: ــ ئۇ كۆزلىرىمگە لاي [سۈرۈپ] قويدى، مەن يۇيۇۋىدىم ۋە مانا، كۆرەلەيدىغان بولدۇم! ــ دېدى.
16 すると、パリサイ人の中のある人々が、「その人は神から出たのではない。安息日を守らないからだ。」と言った。しかし、ほかの者は言った。「罪人である者に、どうしてこのようなしるしを行なうことができよう。」そして、彼らの間に、分裂が起こった。
شۇنىڭ بىلەن پەرىسىيلەردىن بەزىلىرى: ــ ئۇ ئادەم خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگەن ئەمەس، چۈنكى ئۇ شابات كۈنىنى تۇتمايدۇ، ــ دېيىشتى. يەنە بەزىلىرى: ــ ئۇ گۇناھكار ئادەم بولسا، قانداقلارچە بۇنداق مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى يارىتالايتتى؟ ــ دېيىشتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بۆلۈنۈش پەيدا بولدى.
17 そこで彼らはもう一度、盲人に言った。「あの人が目をあけてくれたことで、あの人を何だと思っているのか。」彼は言った。「あの方は預言者です。」
ئۇلار قارىغۇ ئادەمدىن يەنە: ــ ئۇ كۆزلىرىڭنى ئېچىپتۇ، ئەمدى سەن ئۇ توغرۇلۇق نېمە دەيسەن؟ ــ دەپ سوراشتى. ئۇ: ــ ئۇ بىر پەيغەمبەر ئىكەن، ــ دېدى.
18 しかしユダヤ人たちは、目が見えるようになったこの人について、彼が盲目であったが見えるようになったということを信ぜず、ついにその両親を呼び出して、
يەھۇدىيلار كۆرەلەيدىغان قىلىنغان كىشىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تېپىپ كەلمىگۈچە، بۇرۇن ئۇنىڭ قارىغۇ ئىكەنلىكىگە ۋە ھازىر كۆرەلەيدىغان قىلىنغانلىقىغا ئىشەنمەيتتى. شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى چاقىرتىپ،
19 尋ねて言った。「この人はあなたがたの息子で、生まれつき盲目だったとあなたがたが言っている人ですか。それでは、どうしていま見えるのですか。」
ئۇلاردىن: ــ بۇ سىلەرنىڭ ئوغلۇڭلارمۇ؟ تۇغما قارىغۇ، دەۋاتاتتىڭلار؟ ئەمدى ھازىر قانداقلارچە كۆرەلەيدىغان بولۇپ قالدى؟ ــ دەپ سوراشتى.
20 そこで両親は答えた。「私たちは、これが私たちの息子で、生まれつき盲目だったことを知っています。
ئاتا-ئانىسى ئۇلارغا: ــ ئۇنىڭ بىزنىڭ ئوغلىمىز ئىكەنلىكى، شۇنداقلا تۇغۇلۇشىدىنلا قارىغۇ ئىكەنلىكىنى بىلىمىز؛
21 しかし、どのようにしていま見えるのかは知りません。また、だれがあれの目をあけたのか知りません。あれに聞いてください。あれはもうおとなです。自分のことは自分で話すでしょう。」
لېكىن ھازىر قانداقلارچە كۆرەلەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، كۆزلىرىنى كىم ئاچقانلىقىنى بىلمەيمىز. ئۇ چوڭ ئادەم تۇرسا، [بۇنى] ئۆزىدىن سوراڭلار، ئۇ ئۆزى دەپ بەرسۇن، ــ دەپ جاۋاب بەردى.
22 彼の両親がこう言ったのは、ユダヤ人たちを恐れたからであった。すでにユダヤ人たちは、イエスをキリストであると告白する者があれば、その者を会堂から追放すると決めていたからである。
ئاتا-ئانىسىنىڭ شۇنداق دېيىشى يەھۇدىيلاردىن قورققانلىقى ئۈچۈن ئىدى؛ چۈنكى يەھۇدىيلار كىمدەكىم ئەيسانى مەسىھ دەپ ئېتىراپ قىلسا، ئۇ سىناگوگ جامائىتىدىن قوغلاپ چىقىرىلسۇن دەپ قارار قىلغانىدى.
23 そのために彼の両親は、「あれはもうおとなです。あれに聞いてください。」と言ったのである。
شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى: «ئۇ چوڭ ئادەم تۇرسا، [بۇنى] ئۆزىدىن سوراڭلار» دېگەنىدى.
24 そこで彼らは、盲目であった人をもう一度呼び出して言った。「神に栄光を帰しなさい。私たちはあの人が罪人であることを知っているのだ。」
پەرىسىيلەر ئەسلىدە قارىغۇ بولغان ئادەمنى يەنە چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ خۇداغا شان-شەرەپ بېرىپ [قەسەم قىل]! بىز بۇ ئادەمنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، ــ دېيىشتى.
25 彼は答えた。「あの方が罪人かどうか、私は知りません。ただ一つのことだけ知っています。私は盲目であったのに、今は見えるということです。」
ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ ئۇ گۇناھكارمۇ، ئەمەسمۇ، بىلمەيمەن. بىراق مەن شۇ بىرلا ئىشنى بىلىمەنكى، قارىغۇ ئىدىم، ھازىر كۆرەلەيدىغان بولدۇم.
26 そこで彼らは言った。「あの人はおまえに何をしたのか。どのようにしてその目をあけたのか。」
ئۇلار ئۇنىڭدىن يەنە بىر قېتىم: ــ ئۇ سېنى قانداق قىلدى؟ كۆزلىرىڭنى قانداق ئاچتى؟ ــ دەپ سوراشتى.
27 彼は答えた。「もうお話ししたのですが、あなたがたは聞いてくれませんでした。なぜもう一度聞こうとするのです。あなたがたも、あの方の弟子になりたいのですか。」
ئۇ جاۋابەن: ــ سىلەرگە ئاللىقاچان ئېيتتىم، بىراق قۇلاق سالمىدىڭلار. سىلەر نېمە دەپ قايتىدىن ئاڭلاشنى خالاپ قالدىڭلار؟ سىلەرمۇ ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى بولاي دەۋاتامسىلەر؟! ــ دېدى.
28 彼らは彼をののしって言った。「おまえもあの者の弟子だ。しかし私たちはモーセの弟子だ。
بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۇنى قاتتىق تىللاپ: ــ سەن ھېلىقىنىڭ مۇخلىسى! بىز بولساق مۇسا [پەيغەمبەرنىڭ] مۇخلىسلىرىمىز.
29 私たちは、神がモーセにお話しになったことは知っている。しかし、あの者については、どこから来たのか知らないのだ。」
خۇدانىڭ مۇساغا سۆزلىگەنلىكىنى بىلىمىز؛ لېكىن بۇ نېمىنىڭ بولسا قەيەردىن كەلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيمىز، ــ دېيىشتى.
30 彼は答えて言った。「これは、驚きました。あなたがたは、あの方がどこから来られたのか、ご存じないと言う。しかし、あの方は私の目をおあけになったのです。
ھېلىقى ئادەم ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: ــ ئاجايىپ ئىشقۇ بۇ! گەرچە سىلەر ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلمىگىنىڭلار بىلەن، ئۇ مېنىڭ كۆزلىرىمنى ئاچتى.
31 神は、罪人の言うことはお聞きになりません。しかし、だれでも神を敬い、そのみこころを行なうなら、神はその人の言うことを聞いてくださると、私たちは知っています。
بىز بىلىمىزكى، خۇدا گۇناھكارلارنىڭ تىلەكلىرىنى ئاڭلىمايدۇ؛ بىراق ئۆزىگە ئىخلاسمەن بولۇپ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭكىنى ئاڭلايدۇ.
32 盲目に生まれついた者の目をあけた者があるなどとは、昔から聞いたこともありません。 (aiōn g165)
دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ، بىرەرسىنىڭ تۇغما قارىغۇنىڭ كۆزىنى ئاچقانلىقىنى ئاڭلاپ باققان ئەمەس. (aiōn g165)
33 もしあの方が神から出ておられるのでなかったら、何もできないはずです。」
ئەگەر بۇ ئادەم خۇدادىن كەلمىگەن بولسا، ھېچنېمە قىلالمىغان بولاتتى.
34 彼らは答えて言った。「おまえは全く罪の中に生まれていながら、私たちを教えるのか。」そして、彼を外に追い出した。
ئۇلار ئۇنى: ــ سەن تۈپتىن گۇناھ ئىچىدە تۇغۇلغان تۇرۇقلۇق، بىزگە تەلىم بەرمەكچىمۇسەن؟ ــ دېيىشىپ، ئۇنى [سىناگوگتىن] قوغلاپ چىقىرىۋېتىشتى.
35 イエスは、彼らが彼を追放したことを聞き、彼を見つけ出して言われた。「あなたは人の子を信じますか。」
ئەيسا ئۇلارنىڭ ئۇنى [سىناگوگتىن] قوغلاپ چىقارغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ: سەن، خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلامسەن؟ ــ دەپ سورىدى.
36 その人は答えた。「主よ。その方はどなたでしょうか。私がその方を信じることができますように。」
ئۇ جاۋابەن: ــ تەقسىر، ئۇ كىم؟ مەن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلاي، ــ دېدى.
37 イエスは彼に言われた。「あなたはその方を見たのです。あなたと話しているのがそれです。」
ــ سەن ھەم ئۇنى كۆردۈڭ ھەم مانا، ھازىر سەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان دەل شۇنىڭ ئۆزى، ــ دېدى ئەيسا ئۇنىڭغا.
38 彼は言った。「主よ。私は信じます。」そして彼はイエスを拝した。
ھېلىقى ئادەم: ــ ئى رەب، ئېتىقاد قىلىمەن! ــ دەپ، ئۇنىڭغا سەجدە قىلدى.
39 そこで、イエスは言われた。「わたしはさばきのためにこの世に来ました。それは、目の見えない者が見えるようになり、見える者が盲目となるためです。」
ــ مەن كورلارنى كۆرىدىغان بولسۇن، كۆرىدىغانلارنى كور بولسۇن دەپ بۇ دۇنياغا ھۆكۈم چىقىرىشقا كەلدىم، ــ دېدى ئەيسا.
40 パリサイ人の中でイエスとともにいた人々が、このことを聞いて、イエスに言った。「私たちも盲目なのですか。」
ئۇنىڭ يېنىدىكى بەزى پەرىسىيلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن: ــ بىزمۇ كورمۇ؟ ــ دەپ سوراشتى.
41 イエスは彼らに言われた。「もしあなたがたが盲目であったなら、あなたがたに罪はなかったでしょう。しかし、あなたがたは今、『私たちは目が見える。』と言っています。あなたがたの罪は残るのです。」
ئەيسا ئۇلارغا: ــ كور بولغان بولساڭلار، گۇناھىڭلار بولمايتتى؛ لېكىن سىلەر ھازىر «كۆرۈۋاتىمىز» دېگىنىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە گۇناھ ھېسابلىنىۋېرىدۇ، ــ دېدى.

< ヨハネの福音書 9 >