< ゼカリヤ書 1 >

1 ダリヨスの二年八月のヱホバの言イドの子ベレキヤの子なる預言者ゼカリヤに臨めり云く
دارىئۇس پادىشاھنىڭ ئىككىنچى يىلى سەككىزىنچى ئايدا، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئىددونىڭ نەۋرىسى، بەرەكىيانىڭ ئوغلى زەكەرىيا پەيغەمبەرگە كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
2 ヱホバいたく汝らの父等を怒りたまへり
ــ «پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭلاردىن ئىنتايىن قاتتىق غەزەپلەندى.
3 萬軍のヱホバかく言ふと汝かれらに告よ萬軍のヱホバ言ふ汝ら我に歸れ萬軍のヱホバいふ我も汝らに歸らん
شۇڭا سەن ئۇلارغا: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار: ــ «مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كېلىڭلار، مەن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا قايتىپ كېلىمەن» دەيدۇ»، ــ دېگىن.
4 汝らの父等のごとくならざれ前の預言者等かれらに向ひて呼はりて言り萬軍のヱホバかく言たまふ請ふ汝らその惡き道を離れその惡き行を棄てて歸れと然るに彼等は聽ず耳を我に傾けざりきヱホバこれを言ふ
ــ ئاتا-بوۋىلىرىڭلاردەك بولماڭلار؛ چۈنكى ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار: ــ رەزىل يوللىرىڭلاردىن، رەزىل قىلمىشلىرىڭلاردىن يېنىپ توۋا قىلىڭلار، دېگەن»، ــ دەپ جاكارلىغان. بىراق ئۇلار ماڭا قۇلاق سالمىغان، بويسۇنمىغان، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
5 汝らの父等は何處にありや預言者たち永遠に生んや
ــ سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ھازىر قېنى؟ پەيغەمبەرلەر بولسا، مەڭگۈ ياشامدۇ؟
6 然ながら我僕なる預言者等に我が命じたる吾言とわが法度とは汝らの父等に追及たるに非ずや然ゆゑに彼らかへりて言り萬軍のヱホバ我らの道に循ひ我らの行に循ひて我らに爲んと思ひたまひし事を我らに爲たまへりと
لېكىن مېنىڭ پەيغەمبەرلەرگە بۇيرۇغان سۆزلىرىم ۋە بەلگىلىمىلىرىم، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ بېشىغىمۇ چۈشكەن ئەمەسمىدى؟». شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يولىدىن يېنىپ: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار يوللىرىمىز ۋە قىلمىشلىرىمىز بويىچە بىزنى قانداق قىلىمەن دېسە، شۇنداق قىلدى، ــ دېگەن.
7 ダリヨスの二年十一月すなはちセバテといふ月の二十四日にヱホバの言イドの子ベレキヤの子なる預言者ゼカリヤに臨めり云く
دارىئۇس پادىشاھنىڭ ئىككىنچى يىلى، ئون بىرىنچى ئاي، يەنى «شېبات ئېيى»نىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى، پەرۋەردىگارنىڭ كالامى ئىددونىڭ نەۋرىسى، بەرەكىيانىڭ ئوغلى زەكەرىيا پەيغەمبەرگە كەلدى. ئۇ مۇنداق بېشارەتنى كۆردى: ــ
8 我夜觀しに一箇の人赤馬に乗て谷の裏なる鳥拈樹の中に立ちその後に赤馬 駁馬 白馬をる
مەن كېچىدە [ئالامەت كۆرۈنۈشلەرنى] كۆردۈم؛ مانا، تورۇق ئاتقا مىنگەن بىر ئادەمنى كۆردۈم؛ ئۇ چوڭقۇر ئويمانلىقتىكى خاداس دەرەخلىرى ئارىسىدا تۇراتتى؛ ئۇنىڭ كەينىدە تورۇق، ئالا-تاغىل ۋە ئاق ئاتلار بار ئىدى.
9 我わが主よ是等は何ぞやと問ひけるに我と語ふ天の使われにむかひて是等の何なるをわれ汝に示さんと言り
مەن ئۇنىڭدىن: «تەقسىر، بۇلار نېمە؟» ــ دەپ سورىدىم. مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە ماڭا: «مەن ساڭا بۇلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىمەن» ــ دېدى.
10 鳥拈樹の中に立る人答へて言けるは是等は地上を遍く歩かしめんとてヱホバの遣したまひし者なりと
خاداس دەرەخلىرى ئارىسىدا تۇرغان زات جاۋابەن: «بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يەر يۈزىنى ئۇيان-بۇيان كېزىشكە ئەۋەتكەنلىرى» ــ دېدى.
11 彼ら答へて鳥拈樹の中に立るヱホバの使に言けるは我ら地上を行めぐり觀しに全地は穏にして安し
بۇ ئاتلار خاداس دەرەخلىرى ئارىسىدا تۇرغان پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە جاۋاب قىلىپ: «بىز يەر يۈزىدە ئۇيان-بۇيان كېزىپ كەلدۇق؛ مانا، پۈتكۈل يەر يۈزى تىپتىنچ، ئاراملىقتا تۇرۇۋاتىدۇ» ــ دېدى.
12 ヱホバの使こたへて言ふ萬軍のヱホバよ汝いつまでヱルサレムとユダの邑々を恤みたまはざるか汝はこれを怒りたまひてすでに七十年になりぬと
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى جاۋابەن: «ئى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، قاچانغىچە سەن بۇ يەتمىش يىلدىن بېرى ئاچچىقلىنىپ كېلىۋاتقان يېرۇسالېم ۋە يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىگە رەھىم قىلمايسەن؟» ــ دېدى.
13 ヱホバ我と語ふ天の使に嘉事慰事をもて答へたまへり
پەرۋەردىگار مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىگە يېقىملىق سۆزلەر، تەسەللى بەرگۈچى سۆزلەر بىلەن جاۋاب بەردى.
14 かくて我と語ふ天の使我に言けるは汝呼はりて言へ萬軍のヱホバかく言はまふ我ヱルサレムのためシオンのために甚だしく心を熱して嫉妬おもひ
شۇنىڭ بىلەن مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە ماڭا مۇنداق دېدى: «سەن مۇنداق جاكارلىغىن: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار: «يېرۇسالېم ۋە زىئونغا بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىمدىن يۈرىكىم لاۋىلداپ كۆيىدۇ!
15 安居せる國々の民を太く怒る其は我すこしく怒りしに彼ら力を出して之に害を加へたればなり
شۇنىڭ بىلەن مەن ئەركىن-ئازادىلىكتە ياشاۋاتقان ئەللەرگە قاتتىق غەزەپلىنىمەن؛ چۈنكى مەن [خەلقىمگە] سەللا غەزەپلىنىپ قويىۋىدىم، ئۇلار ھەددىدىن ئېشىپ [خەلقىمگە] زور ئازار قىلدى»، دەيدۇ.
16 ヱホバかく言ふ是故に我憐憫をもてヱルサレムに歸る萬軍のヱホバのたまふ我室その中に建てられ量繩ヱルサレムに張られん
شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن يېرۇسالېمغا رەھىم-شەپقەتلەر بىلەن قايتىپ كەلدىم؛ مېنىڭ ئۆيۈم ئۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇلىدۇ» ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ «ۋە يېرۇسالېم ئۈستىگە «ئۆلچەم تانىسى» يەنە تارتىلىدۇ».
17 汝また呼はりて言へ萬軍のヱホバかく宣ふ我邑々には再び嘉物あふれんヱホバふたたびシオンを慰め再びヱルサレムを簡びたまふべしと
ــ يەنە مۇنداق جاكارلىغىن: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ شەھەرلىرىم يەنە ئاۋاتلىشىدۇ، پەرۋەردىگار يەنە زىئونغا تەسەللى بېرىدۇ ۋە يېرۇسالېمنى يەنە تاللىۋالىدۇ».
18 かくて我目を擧て觀しに四の角ありければ
ئاندىن مەن بېشىمنى كۆتۈردۈم، مانا تۆت مۈڭگۈزنى كۆردۈم.
19 我に語ふ天の使に是等は何なるやと問しに彼われに答へけるは是等はユダ、イスラエルおよびヱルサレムを散したる角なりと
مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن: «بۇلار نېمە؟» دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا: «بۇ يەھۇدا، ئىسرائىل ۋە يېرۇسالېمنى تارقىتىۋەتكەن مۈڭگۈزلەردۇر» ــ دېدى.
20 時にヱホバ四箇の鍛冶を我に見し給へり
ۋە پەرۋەردىگار ماڭا تۆت ھۈنەرۋەننى كۆرسەتتى.
21 我是等は何を爲んとて來れるや問しに斯こたへ給へり是等の角はユダを散して人にその頭を擧しめざりし者なるが今この四箇の者來りて之を威しかのユダの地にむかひて角を擧て之を散せし諸國の角を擲たんとす
مەن: «بۇ [ھۈنەرۋەنلەر] نېمە ئىش قىلغىلى كەلدى؟» دەپ سورىدىم. ئۇ: «مانا بۇلار بولسا يەھۇدادىكىلەرنى ھېچكىم قەددىنى رۇسلىيالمىغۇدەك دەرىجىدە تارقىتىۋەتكەن مۈڭگۈزلەر؛ بىراق بۇ [ھۈنەرۋەنلەر مۈڭگۈزلەرنى] دەككە-دۈككىگە چۈشۈرگىلى، يەنى ئەللەرنىڭ يەھۇدانىڭ زېمىنىنى تارقىتىۋېتىش ئۈچۈن كۆتۈرگەن مۈڭگۈزلىرىنى يەرگە تاشلىۋەتكىلى كەلدى!» ــ دېدى.

< ゼカリヤ書 1 >