< ルツ記 4 +

1 爰にボアズ門の所にのぼり往て其處に坐しけるに前にボアズの言たる贖業者過りければ之に言ふ 某よ來りて此に坐せよと 即ち來りて坐す
بوئاز شەھەر دەرۋازىسىغا چىقىپ، شۇ يەردە ئولتۇردى. مانا، ئۇ ۋاقىتتا بوئاز ئېيتقان ھېلىقى ھەمجەمەتلىك ھوقۇقىغا ئىگە كىشى كېلىۋاتاتتى. بوئاز ئۇنىڭغا: ــ ئەي بۇرادەر، كېلىپ بۇ يەردە ئولتۇرغىن، دېۋىدى، ئۇ كېلىپ ئولتۇردى.
2 ボアズまた邑の長老十人を招き汝等此に坐せよといひければ則ち坐す
ئاندىن بوئاز شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىدىن ئون ئادەمنى چاقىرىپ، ئۇلارغىمۇ: ــ بۇ يەردە ئولتۇرۇڭلار، دېدى. ئۇلار ئولتۇرغاندا
3 時に彼その贖業人にいひけるはモアブの地より還りしナオミ我等の兄弟エリメレクの地を賣る
ئۇ ھەمجەمەتلىك ھوقۇقىغا ئىگە كىشىگە: ــ موئابنىڭ سەھراسىدىن يېنىپ كەلگەن نائومى قېرىندىشىمىز ئەلىمەلەككە تەۋە شۇ زېمىننى ساتماقچى بولۇۋاتىدۇ.
4 我汝につげしらせて此に坐する人々の前わが民の長老の前にて之を買へと言んと想へり 汝もし之を贖はんと思はば贖ふべし 然どもし之を贖はずば吾に告げてしらしめよ 汝の外に贖ふ者なければなり 我はなんぢの次なりと彼我これを贖はんといひければ
سس شۇڭا مەن مۇشۇ ئىشنى ساڭا خەۋەرلەندۈرمەكچى ئىدىم، شۇنداقلا مۇشۇ يەردە ئولتۇرغانلارنىڭ ئالدىدا ۋە خەلقىمنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ ئالدىدا «بۇنى سېتىۋالغىن» دېمەكچىمەن. سەن ئەگەر ھەمجەمەتلىك ھوقۇقىغا ئاساسەن ئالاي دېسەڭ، ئالغىن؛ ھەمجەمەتلىك قىلماي، ئالمايمەن دېسەڭ، ماڭا ئېيتقىن، مەن بۇنى بىلەي؛ چۈنكى سەندىن [ئاۋۋال] باشقىسىنىڭ ھەمجەمەتلىك ھوقۇقى بولمايدۇ؛ ئاندىن سەندىن كېيىن مېنىڭ ھوقۇقۇم بار، دېدى. ئۇ كىشى: ــ ھەمجەمەتلىك قىلىپ ئۇنى ئالىمەن، دېدى.
5 ボアズいふ 汝ナオミの手よりその地を買ふ日には死る者の妻なりし モアブの女ルツをも買て死る者の名をその産業に存すべきなり
بوئاز ئۇنىڭغا: ــ ئۇنداقتا يەرنى نائومىنىڭ قولىدىن ئالغان كۈنىدە مەرھۇمنىڭ مىراسىغا ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بىرەر ئەۋلادى قالدۇرۇلۇشى ئۈچۈن مەرھۇمنىڭ ئايالى، موئاب قىزى رۇتنىمۇ ئېلىشىڭ كېرەك، ــ دېدى.
6 贖業人いひけるは我はみづから贖ふあたはず 恐くはわが産業を壞はん 汝みづから我にかはりてあがなへ 我あがなふことあたはざればなりと
ھەمجەمەت كىشى: ــ ئۇنداق بولسا ھەمجەمەتلىك ھوقۇقۇمنى ئىشلىتىپ [ئېتىزنى] ئالسام بولمىغۇدەك؛ ئالسام ئۆز مىراسىمغا زىيان يەتكۈزگۈدەكمەن. ھەمجەمەتلىك ھوقۇقىنى سەن ئۆزۈڭ ئىشلىتىپ، يەرنى سېتىۋالغىن؛ مەن ئىشلىتەلمەيمەن دېدى.
7 昔イスラエルにて物を贖ひ或は交易んとする事につきて萬事を定めたる慣例は斯のごとし 即ち此人鞋を脱ぎて彼人にわたせり 是イスラエルの中の證なりき
قەدىمكى ۋاقىتلاردا ئىسرائىلدا ھەمجەمەتلىك ھوقۇقىغا ياكى ئالماشتۇرۇش-تېگىشىش ئىشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇنداق بىر رەسىم-قائىدە بار ئىدى: ــ ئىشنى كەسمەك ئۈچۈن بىر تەرەپ ئۆز كەشىنى سېلىپ، ئىككىنچى تەرەپكە بېرەتتى. ئىسرائىلدا سودا-سېتىقنى بېكىتىشتە مانا مۇشۇنداق بىر ئۇسۇل بار ئىدى.
8 是によりてその贖業人ボアズにむかひ汝みづから買ふべしといひて其鞋を脱たり
شۇڭا ھەمجەمەت ھوقۇقىغا ئىگە كىشى بوئازغا: ــ سەن ئۇنى ئالغىن، دەپ، ئۆز كەشىنى سېلىۋەتتى.
9 ボアズ長老および諸の民にいひけるは汝等今日 見證をなす 我エリメレクの凡の所有及びキリオンとマロンの凡の所有をナオミの手より買たり
بوئاز ئاقساقاللارغا ۋە كۆپچىلىككە: ــ سىلەر بۈگۈن مېنىڭ ئەلىمەلەككە تەۋە بولغان ھەممىنى، شۇنداقلا كىليون بىلەن ماھلونغا تەۋە بولغان ھەممىنى نائومىنىڭ قولىدىن ئالغىنىمغا گۇۋاھتۇرسىلەر.
10 我またマロンの妻なりしモアブの女ルツを買て妻となし彼死る者の名をその産業に存すべし 是かの死る者の名を其兄弟の中とその處の門に絶ざらしめんためなり 汝等今日 證をなす
ئۇنىڭ ئۈستىگە مەرھۇمنىڭ نامى قېرىنداشلىرى ئارىسىدىن ۋە شەھىرىنىڭ دەرۋازىسىدىن ئۆچۈرۈلمەسلىكى ئۈچۈن مەرھۇمنىڭ مىراسىغا ئۇنىڭ نامى بولغان [بىرەر ئەۋلادى] قالدۇرۇلسۇن ئۈچۈن ماھلوننىڭ ئايالى، موئاب قىزى رۇتنى خوتۇنلۇققا ئالدىم. سىلەر بۈگۈن بۇنىڭغا گۇۋاھتۇرسىلەر، دېدى.
11 門にをる人々および長老等いひけるはわれら證をなす 願くはヱホバ汝の家にいるところの婦人をして彼イスラエルの家を造りなしたるラケルとレアの二人のごとくならしめたまはんことを 願くは汝エフラタにて能を得ベテレヘムにて名をあげよ
دەرۋازىدا تۇرغان ھەممە خەلق بىلەن ئاقساقاللار: ــ بىز گۇۋاھتۇرمىز. پەرۋەردىگار سېنىڭ ئۆيۈڭگە كىرگەن ئايالنى ئىسرائىلنىڭ جەمەتىنى بەرپا قىلغان راھىلە بىلەن لېياھ ئىككىسىدەك قىلغاي؛ سەن ئۆزۈڭ ئەفراتاھ جەمەتى ئىچىدە باياشات بولۇپ، بەيت-لەھەمدە نام-ئىززىتىڭ زىيادە بولغاي؛
12 ねがはくはヱホバが此 若き婦よりして汝にたまはんところの子に由て汝の家かのタマルがユダに生たるペレズの家のごとくなるにいたれ
پەرۋەردىگار ساڭا بۇ ياش چوكاندىن تاپقۇزىدىغان نەسلىڭ تۈپەيلىدىن سېنىڭ جەمەتىڭ تامار يەھۇداغا تۇغۇپ بەرگەن پەرەزنىڭ جەمەتىدەك بولغاي! ــ دېدى.
13 斯てボアズ、ルツを娶りて妻となし彼の所にいりければヱホバ彼を孕ましめたまひて彼 男子を生り
ئاندىن بوئاز رۇتنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئۇنىڭغا يېقىنلىق قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا شاپائەت قىلىپ، ئۇ ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغدى.
14 婦女等ナオミにいひけるはヱホバは讚べきかな 汝を遺ずして今日汝に贖業人あらしめたまふ その名イスラエルに揚れ
قىز-ئاياللار نائومىغا: ــ ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدا ساڭا ھەمجەمەت-نىجاتكار نەسلىنى ئۈزۈپ قويمىغان پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن! شۇ نەسلىڭنىڭ نامى ئىسرائىلدا ئىززەت-ئابرۇيلۇق بولغاي!
15 彼は汝の心をなぐさむる者 汝の老を養ふ者とならん 汝を愛する汝の媳即ち七人の子よりも汝に善もの之をうみたり
ئۇ ساڭا جېنىڭنى يېڭىلىغۇچى ھەم قېرىغىنىڭدا سېنى ئەزىزلىغۇچى بولىدۇ؛ چۈنكى سېنى سۆيىدىغان، ساڭا يەتتە ئوغۇلدىن ئەۋزەل بولغان كېلىنىڭ ئۇنى تۇغدى، ــ دېدى.
16 ナオミその子をとりて之を懷に置き之が養育者となる
نائومى بالىنى ئېلىپ، باغرىغا باستى ۋە ئۇنىڭغا باققۇچى ئانا بولدى.
17 その隣人なる婦女等これに名をつけて云ふ ナオミに男子うまれたりと その名をオベデと稱り 彼はダビデの父なるヱサイの父なり
ئۇنىڭغا قوشنا بولغان ئاياللار «نائومىغا بىر بالا تۇغۇلدى» دەپ، ئۇنىڭغا ئىسىم قويدى. ئۇلار ئۇنىڭغا «ئوبەد» دەپ ئات قويدى. ئۇ يەسسەنىڭ ئاتىسى بولدى، يەسسە داۋۇتنىڭ ئاتىسى بولدى.
18 偖ペレヅの系圖は左のごとし ペレヅ、ヘヅロンを生み
پەرەزنىڭ نەسەبنامىسى تۆۋەندىكىدەكتۇر: ــ پەرەزدىن ھەزرون تۆرەلدى،
19 ヘヅロン、ラムを生み ラム、アミナダブを生み
ھەزروندىن رام تۆرەلدى، رامدىن ئاممىناداب تۆرەلدى، ئاممىنادابتىن ناھشون تۆرەلدى، ناھشوندىن سالمون تۆرەلدى،
20 アミナダブ、ナシヨンを生み ナシヨン、サルモンを生み
ئاممىنادابتىن ناھشون تۆرەلدى، ناھشوندىن سالمون تۆرەلدى،
21 サルモン、ボアズを生み ボアズ、オベデを生み
سالموندىن بوئاز تۆرەلدى، بوئازدىن ئوبەد تۆرەلدى،
22 オベデ、ヱサイを生み ヱサイ、ダビデを生り
ئوبەدتىن يەسسە تۆرەلدى ۋە يەسسەدىن داۋۇت تۆرەلدى.

< ルツ記 4 +