< ヨナ書 3 >

1 ヱホバの言ふたたびヨナに臨めり 曰く
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئىككىنچى قېتىم يۇنۇسقا يېتىپ مۇنداق دېيىلدى:
2 起てかの大なる府ニネベに往きわが汝に命ずるところを宣よ
«ئورنىڭدىن تۇر، نىنەۋە دېگەن ئاشۇ بۈيۈك شەھەرگە بېرىپ، مەن ساڭا تاپشۇرغان خەۋەرنى ئۇلارغا جاكارلا».
3 ヨナすなはちヱホバの言に循ひて起てニネベに往り ニネベは甚だ大なる邑にしてこれをめぐるに三日を歴る程なり
يۇنۇس ئورنىدىن تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بويىچە نىنەۋە شەھىرىگە باردى. نىنەۋە بولسا ناھايىتى بۈيۈك بىر شەھەر بولۇپ، شەھەرنىڭ ئۆزىلا ئۈچ كۈنلۈك يول ئىدى.
4 ヨナその邑に入はじめ一日路を行つつ呼はり曰けるは四十日を歴ばニネベは滅亡さるべし
يۇنۇس شەھەر ئىچىگە كىرىپ بىر كۈن ماڭدى، ئۇ: قىرىق كۈندىن كېيىن، نىنەۋە شەھىرى ۋەيران قىلىنىدۇ! — دەپ جاكارلىدى.
5 かかりしかばニネベの人々神を信じ斷食を宣れ大なる者より小き者に至るまでみな麻布を衣たり
نىنەۋەدىكىلەر خۇدانىڭ سۆزىگە ئىشەندى. ئۇلار روزا تۇتۇلسۇن دەپ ئېلان قىلىپ، مۆتىۋەرلەردىن تارتىپ ئەڭ كىچىكىگىچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۆز كىيىم كىيدى.
6 この言ニネベの王に聞えければ彼 位より起ち朝服を脱ぎ麻布を身に纒ふて灰の中に坐せり
بۇ سۆز پادىشاھقا يەتكەندە، ئۇمۇ تەختىدىن تۇرۇپ، تونىنى تاشلاپ بۆز كىيىم كىيىپ كۈللۈككە كىرىپ ئولتۇردى.
7 また王大臣とともに命をくだしてニネベ中に宣しめて曰く人も畜も牛も羊もともに何をも味ふべからず 又物をくらひ水を飮べからず
ئۇ يەنە ئەمرى ئارقىلىق پۈتكۈل نىنەۋە شەھىرىگە مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ــ «پادىشاھ ھەم ئاقسۆڭەكلەرنىڭ يارلىقى بويىچە، نىنەۋە شەھىرىدىكى ھېچقانداق ئادەم، ئات-ئۇلاغ، كالا، قوي پادىلىرى ھېچنەرسىگە ئېغىز تەگمىسۇن؛ ھېچنەرسىنى يېمىسۇن، سۇمۇ ئىچمىسۇن.
8 人も畜も麻布をまとひ只管神に呼はり且おのおの其惡き途および其手に作す邪惡を離るべし
ھەربىر ئادەم ۋە ھايۋان بۆز كىيسۇن، ھەربىرى خۇداغا قاتتىق پەرياد كۆتۈرسۇن؛ ھەربىرى يامان يولدىن يانسۇن، ھەربىرى قولىنى زوراۋانلىقتىن ئۈزسۇن؛
9 或は神その聖旨をかへて悔い其烈しき怒を息てわれらを滅亡さざらん 誰かその然らざるを知んや
كىم بىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن خۇدا قاتتىق غەزىپىدىن يېنىپ بىزنى ھالاك قىلماسمىكىن؟».
10 神かれらの爲すところをかんがみ其あしき途を離るるを見そなはし彼等になさんと言し所の災禍を悔て之をなしたまはざりき
شۇنىڭ بىلەن خۇدا ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى، يەنى يامان يوللاردىن يانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا قاراتقان بالايىقازانى چۈشۈرۈشتىن يېنىپ، شۇ بالىياقازانى چۈشۈرمىدى.

< ヨナ書 3 >