< イザヤ書 6 >

1 ウジヤ王のしにたる年われ高くあがれる御座にヱホバの坐し給ふを見しにその衣裾は殿にみちたり
ئۇززىيا پادىشاھ ئالەمدىن ئۆتكەن يىلى مەن رەبنى كۆردۈم؛ ئۇ ئىنتايىن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بىر تەختتە ئولتۇراتتى؛ ئۇنىڭ تونى مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا بىر كەلگەنىدى.
2 セラピムその上にたつ おのおの六の翼ありその二をもて面をおほひその二をもて足をおほひ其二をもて飛翔り
ئۇنىڭ ئۈستىدە سارافلار پەرۋاز قىلىپ تۇراتتى؛ ھەربىرىنىڭ ئالتە تال قانىتى بار ئىدى؛ ئىككى قانىتى بىلەن ئۇ يۈزىنى ياپاتتى، ئىككى قانىتى بىلەن ئۇ پۇتىنى ياپاتتى، ۋە ئىككى قانىتى بىلەن ئۇ پەرۋاز قىلىپ تۇراتتى.
3 たがひに呼いひけるは聖なるかな聖なるかな聖なるかな萬軍のヱホバその榮光は全地にみつ
ئۇلاردىن بىرى باشقا بىرسىگە: ــ «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، مۇقەددەس، مۇقەددەس، مۇقەددەستۇر! بارلىق يەر يۈزى ئۇنىڭ شان-شەرىپىگە تولغان!» ــ دەپ توۋلاۋاتاتتى.
4 斯よばはる者の聲によりて閾のもとゐ揺うごき家のうちに煙みちたり
توۋلىغۇچىنىڭ ئاۋازىدىن دەرۋازىنىڭ كېشەكلىرى تەۋرىنىپ كەتتى، ئۆي ئىس-تۈتەك بىلەن قاپلاندى.
5 このとき我いへり禍ひなるかな我ほろびなん我はけがれたる唇の民のなかにすみて穢たるくちびるの者なるにわが眼ばんぐんのヱホバにまします王を見まつればなりと
شۇنىڭ بىلەن مەن: ــ «ئۆزۈمگە ۋاي! مەن تۈگەشتىم! چۈنكى مەن لەۋلىرى ناپاك ئادەممەن ھەم ناپاك لەۋلىك خەلق بىلەن ئارىلىشىپ تۇرۇپ، ئۆز كۆزۈم بىلەن پادىشاھقا، يەنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا قارىدىم!» ــ دېدىم.
6 爰にかのセラピムのひとり鉗をもて壇の上よりとりたる熱炭を手にたづさへて我にとびきたり
شۇنىڭ بىلەن سارافلاردىن بىرى قولىدا قۇربانگاھتىن بىر چوغنى لاخشىگىرغا قىسىپ ئېلىپ، يېنىمغا ئۇچۇپ كەلدى؛
7 わが口に觸ていひけるは視よこの火なんぢの唇にふれたれば既になんぢの惡はのぞかれなんぢの罪はきよめられたりと
ئۇ ئۇنى ئاغزىمغا تەگكۈزۈپ: ــ «مانا، بۇ لەۋلىرىڭگە تەگدى؛ سېنىڭ قەبىھلىكىڭ ئېلىپ تاشلاندى، گۇناھىڭ كافارەت بىلەن كەچۈرۈم قىلىندى» ــ دېدى.
8 我またヱホバの聲をきく曰くわれ誰をつかはさん誰かわれらのために往べきかとそのとき我いひけるはわれ此にあり我をつかはしたまヘ
ئاندىن مەن رەبنىڭ: ــ «مەن كىمنى ئەۋەتىمەن؟ كىم بىزگە ۋەكىل بولۇپ بارىدۇ؟» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن: ــ «مانا مەن! مېنى ئەۋەتكەيسەن» ــ دېدىم.
9 ヱホバいひたまはく往てこの民にかくのごとく告よなんぢら聞てきけよ然どさとらざるべし見てみよ然どしらざるべしと
ۋە ئۇ: «بارغىن؛ مۇشۇ خەلققە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: ــ «سىلەر ئاڭلاشنى ئاڭلايسىلەر، بىراق چۈشەنمەيسىلەر؛ كۆرۈشنى كۆرۈسىلەر، بىراق بىلىپ يەتمەيسىلەر.
10 なんぢこの民のこころを鈍くしその耳をものうくしその眼をおほヘ 恐らくは彼らその眼にて見その耳にてききその心にてさとり翻ヘりて醫さるることあらん
مۇشۇ خەلقنىڭ يۈرىكىنى تاش قىلغىن؛ ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېغىر، كۆزلىرىنى كور قىلغىن؛ بولمىسا، ئۇلار كۆزلىرى بىلەن كۆرەلەيدىغان، قۇلىقى بىلەن ئاڭلىيالايدىغان، كۆڭلى بىلەن چۈشىنەلەيدىغان قىلىنىپ، يولىدىن ياندۇرۇلۇپ ساقايتىلغان بولاتتى».
11 ここに我いひけるは主よいつまで如此あらんか 主こたヘたまはく邑はあれすたれて住むものなく家に人なく邦ことごとく荒土となり
ئاندىن مەن: ــ «رەب، بۇ ئەھۋال قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ؟» ــ دەپ سورىۋىدىم، ئۇ جاۋابەن: ــ «تا شەھەرلەر خاراب قىلىنىپ ئاھالىسىز، ئۆيلەر ئادەمزاتسىز، زېمىن پۈتۈنلەي چۆلگە ئايلىنىپ بولغۇچە،
12 人々ヱホバに遠方までうつされ廢りたるところ國中におほくならん時まで如此あるべし
پەرۋەردىگار ئادەملىرىنى يىراقلارغا يۆتكەپ، زېمىندىكى تاشلىۋېتىلگەن يەرلەر كۆپ بولغۇچە بولىدۇ» ــ دېدى.
13 そのなかに十分の一のこる者あれども此もまた呑つくされん されど聖裔のこりてこの地の根となるべし彼のテレビントまたは橿樹がきらるることありともその根ののこるがごとし
«ھالبۇكى، زېمىندا ئادەملەرنىڭ ئوندىن بىرىلا قالىدۇ؛ ئۇلار [زېمىنغا] قايتىپ كېلىپ يەنە يۇتۇۋېتىلىدۇ، كېسىلگەن بىر دۇب ياكى ئارئار دەرىخىنىڭ كۆتىكىدەك بولىدۇ؛ كۆتەك بولسا «مۇقەددەس نەسىل» بولۇر.

< イザヤ書 6 >