< ホセア書 14 >

1 イスラエルよ汝の神ヱホバに歸れよ汝は不義のために仆れたり
ئى ئىسرائىل، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ يېنىغا ئىككىلەنمەي قايتىپ كەل! چۈنكى ئۆز قەبىھلىكىڭ بىلەن پۇتلىشىپ يىقىلغانسەن.
2 汝ら言詞をたづさへ來りヱホバに歸りていへ諸の不義は赦して善ところを受納れたまへ斯て我らは唇をもて牛のごとくに汝に献げん
ئۆزۈڭلار بىلەن بىللە سۆزلەرنى ئېپكېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا قايتىڭلار؛ ئۇنىڭغا: ــ «بارلىق قەبىھلىكنى كەچۈرگەيسەن، شاپائەت بىلەن بىزنى قوبۇل قىلغايسەن، شۇنىڭ بىلەن بىز ساڭا لەۋلىرىمىزدىكى «بۇقا [قۇربانلىقلار]»نى تۇتىمىز ــ دەڭلار.
3 アツスリヤはわれらを授けじ我らは馬に騎らじまたふたたび我儕みづからの手にて作れる者にむかひわが神なりと言じ孤児は爾によりて憐憫を得べければなりと
ــ «ئاسۇرىيە بىزنى قۇتقۇزمايدۇ، ئاتلارغا مىنمەيمىز؛ بىز ھەرگىز ئۆز قولىمىز ياسىغىنىغا: ــ «خۇدايىمىز!» دېمەيمىز؛ چۈنكى سەندىنلا يېتىم-يېسىرلار رەھىم-شەپقەت تاپىدۇ».
4 我かれらの反逆を醫し悦びて之を愛せん我が怒はかれを離れ去たり
ــ مەن ئۇلارنى «ئارقىغا چېكىنىشلىرى»دىن ساقايتىمەن، مەن ئۇلارنى چىن كۆڭلۈمدىن خالاپ سۆيىمەن؛ چۈنكى مېنىڭ غەزىپىم ئۇنىڭدىن ياندى.
5 我イスラエルに対しては露のごとくならん彼は百合花のごとく花さきレバノンのごとく根をはらん
مەن ئىسرائىلغا شەبنەمدەك بولىمەن؛ ئۇ نىلۇپەردەك بەرق ئۇرىدۇ، يىلتىزلىرى لىۋان [كېدىر] دەرىخىدەك يىلتىز تارتىدۇ؛
6 その枝は茂りひろがり其美麗は橄欖の樹のごとくその芬芳はレバノンのごとくならん
ئۇنىڭ بىخلىرى شاخلاپ يېيىلىدۇ، ئۇنىڭ گۈزەللىكى زەيتۇن دەرىخىدەك، پۇرىقى لىۋان [كېدىرىنىڭكىدەك] بولىدۇ.
7 その蔭に往む者かへり來らんかれらは穀物の如く活かへり葡萄樹のごとく花さきその馨香はレバノンの酒のごとくなるべし
خەلق قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ سايىسى ئاستىدا ئولتۇرىدۇ؛ ئۇلار زىرائەتلەردەك ياشنايدۇ، ئۈزۈم تېلىدەك چېچەكلەيدۇ؛ لىۋاننىڭ شارابلىرى [ئاغزىدا قالغاندەك]، ئېسىدە شېرىن قالىدۇ.
8 エフライムはいふ我また偶像と何のあづかる所あらんやと我これに應へたり我かれを顧みん我は蒼翠の松のごとし汝われより果を得ん
ئەفرائىم: «مېنىڭ بۇتلار بىلەن يەنە نېمە كارىم!» ــ دەيدىغان بولىدۇ. «مەن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىمەن، ئۇنىڭدىن خەۋەر ئالىمەن!»؛ «مەن ياپيېشىل بىر قارىغايدۇرمەن»؛ «سېنىڭ مېۋەڭ مەندىندۇر!»
9 誰か智慧ある者ぞその人はこの事を暁らん誰か頴悟ある者ぞその人は之を知んヱホバの道は凡て直し義者は之をむ然ど罪人は之に躓かん
كىم دانا بولۇپ، بۇ ئىشلارنى چۈشىنەر؟ چېچەن بولۇپ، بۇلارنى بىلەر؟ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ يوللىرى دۇرۇستۇر، ھەققانىيلار ئۇلاردا ماڭىدۇ؛ بىراق ئىتائەتسىزلەر ئۇلاردا پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ.

< ホセア書 14 >