< 民数記 24 >

1 バラムはイスラエルを祝福することが主の心にかなうのを見たので、今度はいつものように行って魔術を求めることをせず、顔を荒野にむけ、
بالائام پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائ‍ىللارغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرگەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىپ، ئالدىنقى [ئىككى] قېتىمقىدىكىدەك سېھىر ئىشلىتىشكە بارمىدى، بەلكى يۈزىنى چۆل-باياۋان تەرەپكە قاراتتى.
2 目を上げて、イスラエルがそれぞれ部族にしたがって宿営しているのを見た。その時、神の霊が臨んだので、
بالائام بېشىنى كۆتۈرۈپ ئىسرائ‍ىللارنىڭ قەبىلە بويىچە چېدىرلاردا ئولتۇراقلاشقانلىقىنى كۆردى، خۇدانىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشتى.
3 彼はこの託宣を述べた。「ベオルの子バラムの言葉、目を閉じた人の言葉、
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاغزىغا كالام سۆزىنى ئېلىپ مۇنداق دېدى: — «بېئورنىڭ ئوغلى بالائام يەتكۈزىدىغان كالام سۆزى، كۆزى ئېچىلمىغان ئادەمنىڭ ئېيتىدىغان كالام سۆزى،
4 神の言葉を聞く者、全能者の幻を見る者、倒れ伏して、目の開かれた者の言葉。
يەنى تەڭرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغۇچى، ھەممىگە قادىرنىڭ ئالامەت كۆرۈنۈشىنى كۆرگۈچى، مانا ئەمدى كۆزى ئېچىلىپ دۈم يىقىلغان كىشى يەتكۈزگەن كالام سۆزى: —
5 ヤコブよ、あなたの天幕は麗しい、イスラエルよ、あなたのすまいは、麗しい。
ئاھ ياقۇپ، چېدىرلىرىڭ نەقەدەر گۈزەل، تۇرالغۇلىرىڭ نەقەدەر گۈزەل، ئاھ ئىسرائىل!
6 それは遠くひろがる谷々のよう、川べの園のよう、主が植えられた沈香樹のよう、流れのほとりの香柏のようだ。
گويا كېڭەيگەن دەريا ۋادىلىرىدەك، خۇددى دەريا بويىدىكى باغلاردەك، گويا پەرۋەردىگار تىكىپ ئۆستۈرگەن ئۇد دەرەخلىرىدەك، دەريا بويىدىكى كېدىر دەرەخلىرىدەك؛
7 水は彼らのかめからあふれ、彼らの種は水の潤いに育つであろう。彼らの王はアガグよりも高くなり、彼らの国はあがめられるであろう。
سۇلار ئۇنىڭ سوغىلىرىدىن ئېقىپ چىقىدۇ، ئەۋلادلىرى سۈيى مول جايلاردا بولىدۇ؛ پادىشاھى ئاگاگدىن ئېشىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئۈستۈن قىلىنىپ گۈللىنىدۇ.
8 神は彼らをエジプトから導き出された、彼らは野牛の角のようだ。彼らは敵なる国々の民を滅ぼし、その骨を砕き、矢をもって突き通すであろう。
تەڭرى ئۇنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان، ئۇنىڭدا ياۋا بۇقىنىڭ كۈچى باردۇر؛ دۈشمەن ئەللەرنى ئۇ يەپ كېتىدۇ، ئۇستىخانلىرىنى ئېزىپ تاشلايدۇ، ئوقيا ئېتىپ ئۇلارنى تېشىپ تاشلايدۇ.
9 彼らは雄じしのように身をかがめ、雌じしのように伏している。だれが彼らを起しえよう。あなたを祝福する者は祝福され、あなたをのろう者はのろわれるであろう」。
ئۇ باغىرلاپ ياتسا، ئەركەك شىردەك، ياتسا ھەم چىشى شىردەك، كىم ئۇنى قوزغىتىشقا پېتىنار؟ كىم ساڭا بەخت-بەرىكەت تىلىسە، بەخت-بەرىكەت تاپىدۇ. كىم سېنى قارغىسا، قارغىشقا كېتىدۇ».
10 そこでバラクはバラムにむかって怒りを発し、手を打ち鳴らした。そしてバラクはバラムに言った、「敵をのろうために招いたのに、あなたはかえって三度までも彼らを祝福した。
بالاق بالائامغا ئاچچىقلىنىپ، قولىنى قولىغا ئۇرۇپ كەتتى؛ بالاق بالائامغا: — مەن سىلىنى دۈشمىنىمنى قارغاپ بېرىشكە قىچقىرتقانىدىم ۋە مانا، سىلى ئۈچ قېتىم پۈتۈنلەي ئۇلارغا ئامەت تىلىدىلە!
11 それで今あなたは急いで自分のところへ帰ってください。わたしはあなたを大いに優遇しようと思った。しかし、主はその優遇をあなたに得させないようにされました」。
ئەمدى تېزدىن يۇرتلىرىغا قېچىپ كەتسىلە؛ مەن ئەسلىدە سىلىنىڭ ئىززەت-ھۆرمەتلىرىنى كاتتا قىلاي دېگەنىدىم، مانا پەرۋەردىگار سىلىنى بۇ كاتتا ئىززەت-ھۆرمەتكە نائىل بولۇشتىن توسۇپ قويدى، — دېدى.
12 バラムはバラクに言った、「わたしはあなたがつかわされた使者たちに言ったではありませんか、
بالائام بالاققا: — مەن ئەسلىدە ئۆزلىرىنىڭ ئەلچىلىرىگە:
13 『たといバラクがその家に満ちるほどの金銀をわたしに与えようとも、主の言葉を越えて心のままに善も悪も行うことはできません。わたしは主の言われることを述べるだけです』。
«بالاق ماڭا ئۆزىنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشكە لىق تولغان ئۆز ئۆيىنى بەرسىمۇ، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنىدىن ھالقىپ، ئۆز مەيلىمچە ياخشى-يامان ئىش قىلالمايمەن؛ پەرۋەردىگار ماڭا نېمە دېسە، مەن شۇنى دەيمەن» دېگەن ئەمەسمىدىم؟
14 わたしは今わたしの民のところへ帰って行きます。それでわたしはこの民が後の日にあなたの民にどんなことをするかをお知らせしましょう」。
ئەمدى مەن ئۆز خەلقىمگە قايتىمەن؛ كەلسىلە، مەن ئۆزلىرىگە بۇ خەلقنىڭ كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا سىلىنىڭ خەلقلىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەي، — دېدى.
15 そしてこの託宣を述べた。「ベオルの子バラムの言葉、目を閉じた人の言葉。
ئۇ كالام سۆزىنى ئاغزىغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: — بېئورنىڭ ئوغلى بالائام يەتكۈزىدىغان كالام سۆزى، كۆزلىرى ئېچىلمىغان كىشى ئېيتقان كالام سۆزى،
16 神の言葉を聞く者、いと高き者の知識をもつ者、全能者の幻を見、倒れ伏して、目の開かれた者の言葉。
تەڭرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغۇچى، ھەممىدىن ئالىينىڭ ۋەھىيلىرىنى بىلگۈچى، ھەممىگە قادىرنىڭ ئالامەت كۆرۈنۈشىنى كۆرگۈچى، مانا ئەمدى كۆزى ئېچىلغان دۈم يىقىلىغان كىشى يەتكۈزىدىغان كالام سۆزى: —
17 わたしは彼を見る、しかし今ではない。わたしは彼を望み見る、しかし近くではない。ヤコブから一つの星が出、イスラエルから一本のつえが起り、モアブのこめかみと、セツのすべての子らの脳天を撃つであろう。
مەن ئۇنى كۆرىمەن، لېكىن ھازىر ئەمەس؛ مەن ئۇنىڭغا قارايمەن، لېكىن يېقىن يەردىن ئەمەس؛ ياقۇپتىن چىقار بىر يۇلتۇز، كۆتۈرۈلەر ئىسرائىلدىن بىر شاھانە ھاسا؛ چېقىۋېتەر ئۇ موئابنىڭ چېكىسىنى، بارلىق شېتلەرنىڭ بېشىنى يانجىيدۇ.
18 敵のエドムは領地となり、セイルもまた領地となるであろう。そしてイスラエルは勝利を得るであろう。
ئېدوم ئۇنىڭغا تەۋە بولىدۇ، يەنە تېخى دۈشمىنى سېئىرلار ئۇنىڭغا تەۋە بولىدۇ؛ ئىسرائىل بولسا باتۇرلۇق قىلىدۇ.
19 権を執る者がヤコブから出、生き残った者を町から断ち滅ぼすであろう」。
ياقۇپتىن چىققان بىرى سەلتەنەت سۈرىدۇ، شەھەردە قالغان ھەممەيلەننى يوقىتىدۇ».
20 バラムはまたアマレクを望み見て、この託宣を述べた。「アマレクは諸国民のうちの最初のもの、しかし、ついに滅び去るであろう」。
ئاندىن بالائام ئامالەكنى كۆرۈپ، مۇنداق كالام سۆزىنى ئېيتتى: — «ئامالەك ئىدى ئەسلى ئەللەر ئارىسىدا باش، ئەمدى ھالاكەتتۇر تەقدىر-قىسمىتى».
21 またケニびとを望み見てこの託宣を述べた。「お前のすみかは堅固だ、岩に、お前は巣をつくっている。
ئاندىن بالائام كېنىيلەرنى كۆرۈپ مۇنداق كالام سۆزىنى ئېيتتى: — «سېنىڭ ماكانىڭ مۇستەھكەم بولۇپ، چاڭگاڭ قورام تاش ئىچىدە بولسىمۇ،
22 しかし、カインは滅ぼされるであろう。アシュルはいつまでお前を捕虜とするであろうか」。
لېكىن سىلەر كېنىيلەر ھالاك قىلىنىپ تۇرىسىلەر؛ تاكى ئاشۇر سىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ كەتكۈچە».
23 彼はまたこの託宣を述べた。「ああ、神が定められた以上、だれが生き延びることができよう。
بالائام يەنە كالام سۆزىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دېدى: — «ئاھ ، تەڭرى بۇ ئىشلارنى قىلغان چېغىدا، كىم تىرىك قېلىشقا قادىر بولار؟
24 キッテムの海岸から舟がきて、アシュルを攻めなやまし、エベルを攻めなやますであろう。そして彼もまたついに滅び去るであろう」。
كىتتىم تەرەپلىرىدىن كېمىلەر كېلىپ، زۇلۇم-زەخمەت سالىدۇ ئاشۇرغا، زۇلۇم-زەخمەت سالىدۇ ئېبەرگە؛ لېكىن [كىتتىمدىن كەلگۈچى] ئۆزىمۇ ھالاكەتكە يۈزلىنەر.
25 こうしてバラムは立ち上がって、自分のところへ帰っていった。バラクもまた立ち去った。
شۇنىڭ بىلەن بالائام ئورنىدىن قوپۇپ ئۆز يۇرتىغا قايتتى؛ بالاقمۇ ئۆز يولىغا ماڭدى.

< 民数記 24 >