< ネヘミヤ 記 4 >

1 サンバラテはわれわれが城壁を築くのを聞いて怒り、大いに憤ってユダヤ人をあざけった。
شۇنداق بولدىكى، سانباللات بىزنىڭ سېپىلنى يېڭىۋاشتىن ئوڭشاۋاتقانلىقىمىزنى ئاڭلاپ غەزەپلىنىپ، قەھرى بىلەن يەھۇدالارنى مەسخىرە قىلدى.
2 彼はその兄弟たちおよびサマリヤの兵隊の前で語って言った、「この弱々しいユダヤ人は何をしているのか。自分で再興しようとするのか。犠牲をささげようとするのか。一日で事を終えようとするのか。塵塚の中の石はすでに焼けているのに、これを取りだして生かそうとするのか」。
ئۇ ئۆز قېرىنداشلىرى ۋە سامارىيە قوشۇنى ئالدىدا: ــ بۇ زەئىپ يەھۇدالار نېمە قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇلار ئۆزلىرىنى شۇنداق مۇستەھكەملىمەكچىمۇ؟ ئۇلار قۇربانلىقلارنى سۇنماقچىمۇ؟ ئۇلار بىر كۈن ئىچىدە پۈتتۈرۈشمەكچىمۇ؟ توپا دۆۋىلىرى ئىچىدىن كۆيۈپ كەتكەن تاشلارنى كولاپ چىقىرىپ ئۇلارغا جان كىرگۈزەمدىكەن؟ ــ دېدى.
3 またアンモンびとトビヤは、彼のかたわらにいて言った、「そうだ、彼らの築いている城壁は、きつね一匹が上ってもくずれるであろう」と。
ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتقان ئاممونىي توبىيا: ــ ئۇلار ھەرقانچە ياسىسىمۇ، بىر تۈلكە سېپىلنىڭ ئۈستىگە يامىشىپ چىقسا، ئۇلارنىڭ تاش تېمىنى ئۆرۈۋېتىدۇ! ــ دېدى.
4 「われわれの神よ、聞いてください。われわれは侮られています。彼らのはずかしめを彼らのこうべに返し、彼らを捕囚の地でぶんどり物にしてください。
ــ ئى خۇدايىمىز، قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغايسەن، كەمسىتىلمەكتىمىز، ئۇلارنىڭ قىلغان ھاقارەتلىرىنى ئۆز بېشىغا ياندۇرغايسۇن؛ ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان ياقا يۇرتتا خەقنىڭ ئولجىسىغا ئايلاندۇرغايسۇن!
5 彼らのとがをおおわず、彼らの罪をみ前から消し去らないでください。彼らは築き建てる者の前であなたを怒らせたからです」。
ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ياپمىغايسەن، گۇناھلىرى ئالدىڭدىنمۇ ئۆچۈرۈۋېتىلمىسۇن؛ چۈنكى ئۇلار سېپىلنى ئوڭشاۋاتقانلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەردى!
6 こうしてわれわれは城壁を築いたが、石がきはみな相連なって、その高さの半ばにまで達した。民が心をこめて働いたからである。
شۇنداقتىمۇ سېپىلنى يېڭىۋاشتىن ئوڭشاۋەردۇق؛ ئۇنى ئۇلاپ، ئېگىزلىكىنى يېرىمىغا يەتكۈزدۇق؛ چۈنكى كۆپچىلىك كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىدى.
7 ところがサンバラテ、トビヤ、アラビヤびと、アンモンびと、アシドドびとらは、エルサレムの城壁の修理が進展し、その破れ目もふさがり始めたと聞いて大いに怒り、
شۇنداق بولدىكى، سانباللات، توبىيا، ئەرەبلەر، ئاممونىيلار، ئاشدودلۇقلار يېرۇسالېم سېپىللىرىنى يېڭىۋاشتىن ئوڭشاش قۇرۇلۇشىنىڭ يەنىلا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، سېپىل بۆسۈكلىرىنىڭ ئېتىۋېتىلگەنلىكىنى ئاڭلاپ قاتتىق غەزەپكە كېلىشتى-دە،
8 皆共に相はかり、エルサレムを攻めて、その中に混乱を起そうとした。
بىرلىكتە يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنىڭدا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشنى قەستلەشتى.
9 そこでわれわれは神に祈り、また日夜見張りを置いて彼らに備えた。
شۇڭا بىز خۇدايىمىزغا ئىلتىجا قىلدۇق ھەم ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن كېچە-كۈندۈز كۆزەتچى قويۇپ، ئۆزلىرىمىز ئۇلاردىن مۇداپىئەلەندۇق.
10 その時、ユダびとは言った、「荷を負う者の力は衰え、そのうえ、灰土がおびただしいので、われわれは城壁を築くことができない」。
بۇ چاغدا يەھۇدىيەدىكىلەر: ــ ئىشچى-ھامماللار ھالىدىن كەتتى، شۇنىڭدەك چالما-كېسەك ئەخلەتلەر يەنىلا ناھايىتى كۆپ، بىز سېپىلنى ئوڭشاشقا ھەتتا سېپىلغىمۇ يېقىنلىشالمىدۇق! ــ دېيىشتى.
11 またわれわれの敵は言った、「彼らの知らないうちに、また見ないうちに、彼らの中にはいりこんで彼らを殺し、その工事をやめさせよう」。
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۈشمەنلىرىمىز: ــ ئۇلار سەزمەستە، ئۇلار كۆرمەستە، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋېلىپ ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، قۇرۇلۇشنى توختىتىۋېتىمىز! ــ دېيىشتى.
12 また彼らの近くに住んでいるユダヤ人たちはきて、十度もわれわれに言った、「彼らはその住んでいるすべての所からわれわれに攻め上るでしょう」と。
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا تۇرۇۋاتقان يەھۇدالارمۇ يېنىمىزغا ئون قېتىم كېلىپ: ــ قايسى تەرەپكە قارىساڭلار، ئۇلار شۇ تەرەپتىن كېلىپ سىلەرگە ھۇجۇم قىلماقچى! ــ دەپ خەۋەر يەتكۈزۈشتى.
13 そこでわたしは民につるぎ、やりおよび弓を持たせ、城壁の後の低い所、すなわち空地にその家族にしたがって立たせた。
شۇڭا مەن خەلقنى جەمەت-جەمەت بويىچە، قولىغا قىلىچ، نەيزە ۋە ئوقيالىرىنى ئېلىپ، سېپىلى پەس بولغان ياكى ھۇجۇمغا ئوچۇق تۇرغان يەرلەردە سېپىلنىڭ ئارقىسىدا قاراۋۇللۇقتا تۇرۇشقا قويدۇم.
14 わたしは見めぐり、立って尊い人々、つかさたち、およびその他の民らに言った、「あなたがたは彼らを恐れてはならない。大いなる恐るべき主を覚え、あなたがたの兄弟、むすこ、娘、妻および家のために戦いなさい」。
كۆزدىن كەچۈرۈپ چىققاندىن كېيىن ئورنۇمدىن قوپۇپ مۆتىۋەرلەر بىلەن ئەمەلدارلار ۋە باشقا خەلققە: ــ ئۇلاردىن قورقماڭلار؛ ئۇلۇغ ۋە دەھشەتلىك رەبنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار، ئۆز قېرىنداشلىرىڭلار، ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، ئاياللىرىڭلار ۋە ئۆي-ماكانىڭلار ئۈچۈن جەڭ قىلىڭلار، دېدىم.
15 われわれの敵は自分たちの事が、われわれに悟られたことを聞き、また神が彼らの計りごとを破られたことを聞いたので、われわれはみな城壁に帰り、おのおのその工事を続けた。
شۇنداق بولدىكى، ئۆزلىرىنىڭ سۇيىقەستىنى بىلىپ قالغانلىقىمىز دۈشمەنلەرنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ بارغاچ، شۇنىڭدەك خۇدا ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنى بىتچىت قىلغاچ، بىز ھەممىمىز سېپىلغا قايتىپ، ھەربىرىمىز ئەسلى ئىش ئورنىمىزدا ئىشنى داۋاملاشتۇرىۋەردۇق.
16 その日から後は、わたしのしもべの半数は工事に働き、半数はやり、盾、弓、よろいをもって武装した。そしてつかさたちは城壁を築いているユダの全家の後に立った。
ئەنە شۇ چاغدىن باشلاپ خىزمەتكارلىرىمنىڭ يېرىمى ئىش بىلەن بولدى، يېرىمى قولىغا نەيزە، قالقان، ئوقيا تۇتقان، دوبۇلغا-ساۋۇت كىيگەن ھالدا يۈرۈشتى. سەردار-ئەمەلدارلار سېپىلنى ئوڭشاۋاتقان بارلىق يەھۇدا جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئارقىسىدا تۇردى. ھەم يۈكلەرنى توشۇۋاتقانلار ھەم ئۇلارغا يۈك ئارتىۋاتقانلارمۇ بىر قولىدا ئىشلەپ، بىر قولىدا ياراغلىرىنى چىڭ تۇتۇشقانىدى.
17 荷を負い運ぶ者はおのおの片手で工事をなし、片手に武器を執った。
18 築き建てる者はおのおのその腰につるぎを帯びて築き建て、ラッパを吹く者はわたしのかたわらにいた。
تامچىلارنىڭ ھەربىرى بەللىرىگە قىلىچ-خەنجەرلىرىنى ئاسقان ھالدا [سېپىلنى] ياساۋاتاتتى؛ كانايچى بولسا يېنىمدا تۇراتتى.
19 わたしは尊い人々、つかさたち、およびその他の民に言った、「工事は大きくかつ広がっているので、われわれは城壁の上で互に遠く離れている。
مەن مۆتىۋەرلەر، ئەمەلدارلار ۋە باشقا خەلققە: ــ بۇ قۇرۇلۇش ناھايىتى چوڭ، دائىرىسى كەڭ؛ بىز ھەممىمىز سېپىلدا بۆلەك-بۆلەكلەر بويىچە تارقىلىپ ئىشلەپ، بىر-بىرىمىزدىن يىراق تۇرۇۋاتىمىز.
20 どこででもラッパの音を聞いたなら、そこにいるわれわれの所に集まってほしい。われわれの神はわれわれのために戦われます」。
شۇڭا مەيلى قەيەردە بولۇڭلار، كاناي ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلارلا، بىز بار شۇ يەرگە كېلىپ يىغىلىڭلار؛ خۇدايىمىز بىز ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ، ــ دېدىم.
21 このようにして、われわれは工事を進めたが、半数の者は夜明けから星の出る時まで、やりを執っていた。
بىز ئەنە شۇ تەرىقىدە ئىشلىدۇق؛ خەلقنىڭ يېرىمى تاڭ ئاتقاندىن تارتىپ يۇلتۇز چىققۇچە نەيزىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇشتى.
22 その時わたしはまた民に告げて、「おのおのそのしもべと共にエルサレムの内に宿り、夜はわれわれの護衛者となり、昼は工事をするように」と言った。
ئۇ چاغدا مەن يەنە خەلققە: ــ ھەممەيلەن ئۆز خىزمەتكارى بىلەن كېچىنى يېرۇسالېمغا كىرىپ ئۆتكۈزسۇن، شۇنداق بولسا ئۇلار كېچىسى بىزنىڭ مۇھاپىزەتچىلىكىمىزنى قىلىدۇ، كۈندۈزى ئىشلەيدۇ، دېدىم.
23 そして、わたしも、わたしの兄弟たちも、わたしのしもべたちも、わたしを護衛する人々も、われわれのうちひとりも、その衣を脱がず、おのおの手に武器を執っていた。
شۇنداق قىلىپ يا مەن، نە قېرىنداشلىرىم، يا خىزمەتكارلىرىم ياكى ماڭا ئەگەشكەن مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ ھېچقايسىسى كىيىملىرىنى سېلىشمىدى؛ ھەربىرى ھەتتا سۇغا بارغاندىمۇ ئۆزىنىڭ ياراغلىرىنى ئېلىۋالاتتى.

< ネヘミヤ 記 4 >