< ネヘミヤ 記 10 >

1 印を押した者はハカリヤの子である総督ネヘミヤ、およびゼデキヤ、
بۇنىڭغا بىرىنچى بولۇپ مۆھۈر باسقانلار ھاقالىيانىڭ ئوغلى، ۋالىي نەھەمىيا بىلەن زەدەكىيا ئىدى؛
2 セラヤ、アザリヤ、エレミヤ、
ئاندىن [كاھىنلاردىن] سېرايا، ئازارىيا، يەرەمىيا،
3 パシュル、アマリヤ、マルキヤ、
پاشخۇر، ئامارىيا، مالكىيا،
4 ハットシ、シバニヤ、マルク、
ھاتتۇش، شەبانىيا، ماللۇق،
5 ハリム、メレモテ、オバデヤ、
ھارىم، مەرەموت، ئوبادىيا،
6 ダニエル、ギンネトン、バルク、
دانىيال، گىننىتون، بارۇق،
7 メシュラム、アビヤ、ミヤミン、
مەشۇللام، ئابىيا، مىيامىن،
8 マアジヤ、ビルガイ、シマヤで、これらは祭司である。
مائازىياھ، بىلگاي، شېمايالار؛ ئۇلار كاھىنلار ئىدى.
9 レビびとではアザニヤの子エシュア、ヘナダデの子らのうちのビンヌイ、カデミエル、
لاۋىيلاردىن: ــ ئازانىيانىڭ ئوغلى يەشۇئا، ھېنادادنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىننۇئى بىلەن كادمىيەل
10 およびその兄弟シバニヤ、ホデヤ、ケリタ、ペラヤ、ハナン、
ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىدىن شەبانىيا، خودىيا، كېلىتا، پېلايا، ھانان،
11 ミカ、レホブ、ハシャビヤ、
مىكا، رەخوب، ھاشابىيا،
12 ザックル、セレビヤ、シバニヤ、
زاككور، شەرەبىيا، شەبانىيا،
13 ホデヤ、バニ、ベニヌである。
خودىيا، بانى، بېنىنۇ ئىدى.
14 民のかしらではパロシ、パハテ・モアブ、エラム、ザット、バニ、
جامائەت باشلىقلىرىدىن: پاروش، پاھات-موئاب، ئېلام، زاتتۇ، بانى،
15 ブンニ、アズガデ、ベバイ、
بۇننى، ئازگاد، بىباي،
16 アドニヤ、ビグワイ、アデン、
ئادونىيا، بىگۋاي، ئادىن،
17 アテル、ヒゼキヤ、アズル、
ئاتېر، ھەزەكىيا، ئاززۇر،
18 ホデヤ、ハシュム、ベザイ、
خودىيا، ھاشۇم، بىزاي،
19 ハリフ、アナトテ、ノバイ、
ھارىف، ئاناتوت، نېباي،
20 マグピアシ、メシュラム、ヘジル、
ماگپىياش، مەشۇللام، ھېزىر،
21 メシザベル、ザドク、ヤドア、
مەشەزابەل، زادوك، ياددۇئا،
22 ペラテヤ、ハナン、アナニヤ、
پىلاتىيا، ھانان، ئانايا،
23 ホセア、ハナニヤ、ハシュブ、
ھوشىيا، ھانانىيا، ھاششۇب،
24 ハロヘシ、ピルハ、ショベク、
ھاللوخەش، پىلخا، شوبەك،
25 レホム、ハシャブナ、マアセヤ、
رەھۇم، ھاشابناھ، مائاسېياھ،
26 アヒヤ、ハナン、アナン、
ئاخىياھ، ھانان، ئانان،
27 マルク、ハリム、バアナである。
ماللۇق، ھارىم، بائاناھلار ئىدى.
28 その他の民、祭司、レビびと、門を守る者、歌うたう者、宮に仕えるしもべ、ならびにすべて国々の民と離れて神の律法に従った者およびその妻、むすこ、娘などすべて知識と悟りのある者は、
قالغان خەلق: ــ كاھىنلار، لاۋىيلار، دەرۋازىۋەنلەر، غەزەلكەشلەر، ئىبادەتخانىنىڭ خىزمەتكارلىرى ۋە شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنى زېمىنلاردىكى تائىپىلەردىن ئايرىپ چىقىپ، خۇدانىڭ تەۋرات قانۇنىغا قايتقانلارنىڭ ھەربىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ۋە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلىرى قاتارلىق ھىدايەت تېپىپ يورۇتۇلغانلارنىڭ ھەممىسى
29 その兄弟である尊い人々につき従い、神のしもべモーセによって授けられた神の律法に歩み、われわれの主、主のすべての戒めと、おきてと、定めとを守り行うために、のろいと誓いとに加わった。
ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان مۆتىۋەرلەر بىلەن قوشۇلۇپ: «ئۆزىمىزنى قارغىش قەسىمى بىلەن ئەھدىگە باغلاپ، خۇدانىڭ قۇلى مۇسا ئارقىلىق جاكارلىغان تەۋرات قانۇنىدا مېڭىپ، رەببىمىز پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمىرلىرى، ھۆكۈم-بەلگىلىمىلىرىنى تۇتۇپ ئەمەل قىلىمىز؛
30 われわれはこの地の民らにわれわれの娘を与えず、われわれのむすこに彼らの娘をめとらない。
قىزلىرىمىزنى بۇ يۇرتتىكى يات ئەللىكلەرگە ياتلىق قىلمايمىز ھەم ئوغۇللىرىمىزغىمۇ ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى ئېلىپ بەرمەيمىز؛
31 またこの地の民らがたとい品物または穀物を安息日に携えて来て売ろうとしても、われわれは安息日または聖日にはそれを買わない。また七年ごとに耕作をやめ、すべての負債をゆるす。
بۇ يۇرتتىكى يات ئەللىكلەر شابات كۈنىدە مال-تاۋار ۋە ئاشلىقلىرىنى ئەكىلىپ ساتماقچى بولسا، شابات كۈنلىرى ياكى ھەرقايسى باشقا مۇقەددەس كۈنلەردىمۇ ئۇلاردىن قەتئىي ھېچنېمە سېتىۋالمايمىز؛ ھەر يەتتىنچى يىلى يەرنى تېرىقسىز ئاق قالدۇرىمىز ھەم بارلىق قەرزلەرنى كەچۈرۈم قىلىمىز» ــ دېيىشتى.
32 われわれはまたみずから規定を設けて、われわれの神の宮の用のために年々シケルの三分の一を出し、
بىز يەنە ئۆزىمىزگە ھەربىر ئادەم ھەر يىلى خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىنىڭ خىزمەت خىراجىتى ئۈچۈن ئۈچتىن بىر شەكەل كۈمۈش بېرىشكە بەلگىلىمىلەرنى بېكىتتۇق؛
33 供えのパン、常素祭、常燔祭のため、安息日、新月および定めの祭の供え物のため、聖なる物のため、イスラエルのあがないをなす罪祭、およびわれわれの神の宮のもろもろのわざのために用いることにした。
بۇ پۇل «تىزىلىدىغان تەقدىم نان»لار، دائىمىي ئاشلىق ھەدىيەلەر، دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، شابات كۈنى بىلەن يېڭى ئايلاردىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، قەرەلى بېكىتىلگەن ھېيتلاردا قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ئۈچۈن، ھەرخىل مۇقەددەس بۇيۇملار ئۈچۈن، ئىسرائىلغا كافارەت كەلتۈرىدىغان گۇناھ قۇربانلىقلىرى ئۈچۈن، شۇنىڭدەك خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ خىراجىتى ئۈچۈن ئىشلىتىلسۇن دەپ بەلگىلەندى.
34 またわれわれ祭司、レビびとおよび民はくじを引いて、律法にしるされてあるようにわれわれの神、主の祭壇の上にたくべきたきぎの供え物を、年々定められた時に氏族にしたがって、われわれの神の宮に納める者を定めた。
بىز يەنە ئاتا جەمەتلىرىمىز بويىچە كاھىنلار، لاۋىيلار ۋە خەلق ئارىسىدا چەك تاشلاپ، ھەر يىلى بەلگىلەنگەن قەرەلدە خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىگە تەۋرات قانۇنىدا پۈتۈلگىنىدەك پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ قۇربانگاھىدا قالاش ئۈچۈن ئوتۇن يەتكۈزۈپ بېرىش نۆۋەتلىرىنى بېكىتتۇق؛
35 またわれわれの土地の初なり、および各種の木の実の初なりを、年々主の宮に携えてくることを誓い、
يەنە ھەر يىلى ئېتىزىمىزدىكى تۇنجى پىشقان ھوسۇلنى، ھەممە مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ تۇنجى پىشقان مېۋىلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە يەتكۈزۈپ بېرىشنى،
36 また律法にしるしてあるように、われわれの子どもおよび家畜のういご、およびわれわれの牛や羊のういごを、われわれの神の宮に携えてきて、われわれの神の宮に仕える祭司に渡し、
شۇنداقلا تەۋرات قانۇنىدا پۈتۈلگىنىدەك، تۇنجى ئوغلىمىزنى ۋە كالا، قوي-ئوغلاق پادىلىرىدىن تۇنجى چارپىيىمىزنى خۇدانىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ، ئۇ ئۆيدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كاھىنلارغا ئەپكېلىشنى،
37 われわれの麦粉の初物、われわれの供え物、各種の木の実、ぶどう酒および油を祭司のもとに携えて行って、われわれの神の宮のへやに納め、またわれわれの土地の産物の十分の一をレビびとに与えることにした。レビびとはわれわれのすべての農作をなす町において、その十分の一を受くべき者だからである。
ھەربىر يېڭى خېمىرنىڭ دەسلەپ پىشقان نانلىرىدىن بىرنى، شۇنداقلا بارلىق «كۆتۈرمە ھەدىيە»لىرىمىزنى تەقدىم قىلىشنى، ھەرخىل دەرەخلەردىن دەسلەپكى پىشقان مېۋىلەرنى، يېڭى شاراب، يېڭى زەيتۇن مېيىنى خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىنىڭ خەزىنە-ئامبارلىرىغا ئاپىرىپ بېرىشنى، يەنى كاھىنلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشنى، شۇنىڭدەك ئېتىزلىرىمىزدىن چىققان ھوسۇلنىڭ ئوندىن بىرى بولغان ئۆشرىنى لاۋىيلارغا بېرىشنى بېكىتتۇق؛ لاۋىيلار بىزنىڭ تېرىقچىلىققا تايىنىدىغان شەھەرلىرىمىزدىن چىققان ھوسۇلنىڭ ئوندىن بىرى بولغان ئۆشرىنى تاپشۇرۇۋالسۇن دەپ بېكىتتۇق؛
38 レビびとが十分の一を受ける時には、アロンの子孫である祭司が、そのレビびとと共にいなければならない。そしてまたレビびとはその十分の一の十分の一を、われわれの神の宮に携え上って、へやまたは倉に納めなければならない。
شۇنىڭدەك، لاۋىيلار چىققان ھوسۇلنىڭ ئوندىن بىرىنى تاپشۇرۇۋالغان چاغدا ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن كاھىن بولغان بىرسى ئۇلار بىلەن بىللە بولسۇن، لاۋىيلار ئەشۇ ئوندىن بىر ئۈلۈشنىڭ يەنە ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئايرىپ خۇدانىڭ ئۆيىگە، ئۇنىڭ خەزىنە-ئامبارلىرىغا ساقلاشقا تاپشۇرسۇن دەپ بەلگىلىدۇق.
39 すなわちイスラエルの人々およびレビの子孫は穀物、ぶどう酒、および油の供え物を携えて行って、聖所の器物および勤めをする祭司、門衛、歌うたう者たちのいるへやにこれを納めなければならない。こうしてわれわれは、われわれの神の宮をなおざりにしない。
ئىسرائىللار بىلەن لاۋىيلار ئاشلىقتىن، يېڭى شارابتىن، يېڭى زەيتۇن مېيىدىن «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلىپ مۇقەددەس جايدىكى ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەر ساقلىنىدىغان خەزىنە-ئامبارلارغا، يەنى ۋەزىپە ئۆتەيدىغان كاھىن، دەرۋازىۋەن ۋە غەزەلكەشلەر تۇرىدىغان جايغا تاپشۇرۇشى كېرەك. بىز خۇدايمىنىزنىڭ ئۆيىنىڭ ھاجەتلىرىدىن ھەرگىز ئۆزىمىزنى تارتمايمىز!

< ネヘミヤ 記 10 >