< ミカ書 6 >

1 あなたがたは主の言われることを聞き、立ちあがって、もろもろの山の前に訴えをのべ、もろもろの丘にあなたの声を聞かせよ。
پەرۋەردىگارنىڭ نېمە دەۋاتقىنىنى ھازىر ئاڭلاڭلار: ــ «ئورنۇڭدىن تۇر، تاغلار ئالدىدا دەۋايىڭنى بايان قىل، ئېگىزلىكلەرگە ئاۋازىڭنى ئاڭلاتقىن».
2 もろもろの山よ、地の変ることなき基よ、主の言い争いを聞け。主はその民と言い争い、イスラエルと論争されるからである。
«ئى تاغلار، ۋە سىلەر، يەر-زېمىننىڭ ئۆزگەرمەس ئۇللىرى، پەرۋەردىگارنىڭ دەۋاسىنى ئاڭلاڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقى بىلەن بىر دەۋاسى بار، ئۇ ئىسرائىل بىلەن مۇنازىلىشىپ ئەيىبىنى كۆرسەتمەكچى؛
3 「わが民よ、わたしはあなたに何をなしたか、何によってあなたを疲れさせたか、わたしに答えよ。
ئى خەلقىم، مەن ساڭا زادى نېمە قىلدىم؟ سېنى نېمە ئىشتا بىزار قىلىپتىمەن؟ مېنىڭ خاتالىقىم توغرۇلۇق گۇۋاھلىق بېرىشكىن!
4 わたしはエジプトの国からあなたを導きのぼり、奴隷の家からあなたをあがない出し、モーセ、アロンおよびミリアムをつかわして、あなたに先だたせた。
چۈنكى مەن سېنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىقاردىم، سېنى قۇللۇق ماكانىدىن ھۆرلۈككە قۇتقۇزدۇم؛ ئالدىڭدا يېتەكلەشكە مۇسا، ھارۇن ۋە مەريەملەرنى ئەۋەتتىم.
5 わが民よ、モアブの王バラクがたくらんだ事、ベオルの子バラムが彼に答えた事、シッテムからギルガルに至るまでに起った事どもを思い起せ。そうすれば、あなたは主の正義のみわざを知るであろう」。
ئى خەلقىم، پەرۋەردىگارنىڭ ھەققانىيلىقلىرىنى بىلىپ يېتىشىڭلار ئۈچۈن، موئاب پادىشاھى بالاكنىڭ قانداق نىيىتىنىڭ بارلىقىنى، بېئورنىڭ ئوغلى بالائامنىڭ ئۇنىڭغا قانداق جاۋاب بەرگەنلىكىنى، شىتتىمدىن گىلگالغىچە نېمە ئىشلار بولغانلىقىنى ھازىر ئېسىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار.
6 「わたしは何をもって主のみ前に行き、高き神を拝すべきか。燔祭および当歳の子牛をもってそのみ前に行くべきか。
ــ مەن ئەمدى نېمىنى كۆتۈرۈپ پەرۋەردىگار ئالدىغا كېلىمەن؟ نېمەم بىلەن ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى خۇدانىڭ ئالدىدا ئېگىلىمەن؟ ئۇنىڭ ئالدىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى، بىر يىللىق موزايلارنى ئېلىپ كېلەمدىم؟
7 主は数千の雄羊、万流の油を喜ばれるだろうか。わがとがのためにわが長子をささぐべきか。わが魂の罪のためにわが身の子をささぐべきか」。
پەرۋەردىگار مىڭلىغان قوچقارلاردىن، تۈمەنلىگەن زەيتۇن مېيى دەريالىرىدىن ھۇزۇر ئالامدۇ؟ ئىتائەتسىزلىكىم ئۈچۈن تۇنجى بالامنى، تېنىمنىڭ پۇشتىنى جېنىمنىڭ گۇناھىغا ئاتامدىمەن!؟
8 人よ、彼はさきによい事のなんであるかをあなたに告げられた。主のあなたに求められることは、ただ公義をおこない、いつくしみを愛し、へりくだってあなたの神と共に歩むことではないか。
ئى ئىنسان، ئۇ ساڭا نېمە ئىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى، بەرھەق، پەرۋەردىگار سەندىن نېمە تەلەپ قىلغانلىقىنى كۆرسەتتى ــ ئادالەتنى يۈرگۈزۈش، مېھرىبانلىقنى سۆيۈش، سېنىڭ خۇدايىڭ بىلەن بىللە كەمتەرلىك بىلەن مېڭىشتىن باشقا يەنە نېمە ئىشىڭ بولسۇن؟
9 主の声が町にむかって呼ばわる全き知恵はあなたの名を恐れることである「部族および町の会衆よ、聞け。
پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى شەھەرگە خىتاب قىلىپ چاقىرىدۇ؛ (پەم-دانالىق بولسا نامىڭغا ھۆرمەت بىلەن قارايدۇ!) ئەمدى ھۆكۈم پالىقىنى ۋە ئۇنى بېكىتكىنىنى ئاڭلاڭلار: ــ
10 わたしは悪人の家にある不義の財宝、のろうべき不正な枡を忘れ得ようか。
رەزىل ئادەمنىڭ ئۆيىدە رەزىللىكتىن ئالغان بايلىقلار يەنە بارمىدۇ؟ كەم ئۆلچەيدىغان يىرگىنچلىك ئۆلچەم يەنە بارمىدۇ؟
11 不正なはかりを用い、偽りのおもしを入れた袋を用いる人をわたしは罪なしとするだろうか。
بىئادىل تارازا بىلەن، بىر خالتا ساختا تارازا تاشلىرى بىلەن پاك بولالامدىم؟
12 あなたのうちの富める人は暴虐で満ち、あなたの住民は偽りを言い、その舌は口で欺くことをなす。
چۈنكى شەھەرنىڭ بايلىرى زوراۋانلىق بىلەن تولغان، ئۇنىڭ ئاھالىسى يالغان گەپ قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىكى تىلى ئالدامچىدۇر.
13 それゆえ、わたしはあなたを撃ち、あなたをその罪のために滅ぼすことを始めた。
شۇڭا مەن سېنى ئۇرۇپ كېسەل قىلىمەن، گۇناھلىرىڭ تۈپەيلىدىن سېنى خارابە قىلىمەن.
14 あなたは食べても、飽くことがなく、あなたの腹はいつもひもじい。あなたは移しても、救うことができない。あなたが救う者を、わたしはつるぎにわたす。
يەيسەن، بىراق تويۇنمايسەن، ئوتتۇراڭدا ئاچ-بوشلۇق قالىدۇ، سەن مۈلكۈڭنى ئېلىپ يۆتكىمەكچى بولىسەن، بىراق ساقلىيالمايسەن؛ ساقلاپ قالدۇرغىنىڭ بولسىمۇ، ئۇنى قىلىچقا تاپشۇرىمەن.
15 あなたは種をまいても、刈ることがなく、オリブの実を踏んでも、その身に油を塗ることがなく、ぶどうを踏んでも、その酒を飲むことがない。
تېرىيسەن، بىراق ھوسۇل ئالمايسەن؛ زەيتۇنلارنى چەيلەيسەن، بىراق ئۆزۈڭنى مېيىنى سۈرتۈپ مەسىھ قىلالمايسەن، يېڭى شارابنى چەيلەپ چىقىرىسەن، بىراق شاراب ئىچەلمەيسەن.
16 あなたはオムリの定めを守り、アハブの家のすべてのわざをおこない、彼らの計りごとに従って歩んだ。これはわたしがあなたを荒し、その住民を笑い物とするためである。あなたがたは民のはずかしめを負わねばならぬ」。
چۈنكى «ئومرىنىڭ بەلگىلىمىلىرى»نى، «ئاھابنىڭ جەمەتىدىكىلەر قىلغانلىرى»نى تۇتىسەن؛ سەن ئۇلارنىڭ نەسىھەتلىرىدە ماڭىسەن، شۇنىڭ بىلەن مەن سېنى خارابە، سەندە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئىسقىرتىش ئوبيېكتى قىلىمەن؛ سەن خەلقىمدىكى شەرمەندىچىلىكنى كۆتۈرىسەن.

< ミカ書 6 >