< 士師記 17 >

1 ここにエフライムの山地の人で、名をミカと呼ぶものがあった。
ئەفرائىمنىڭ تاغلىرىدا مىكاھ ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى.
2 彼は母に言った、「あなたはかつて銀千百枚を取られたので、それをのろい、わたしにも話されましたが、その銀はわたしが持っています。わたしがそれを取ったのです」。母は言った、「どうぞ主がわが子を祝福されますように」。
ئۇ ئانىسىغا: ــ سېنىڭ ھېلىقى بىر مىڭ بىر يۈز كۈمۈش تەڭگەڭ ئوغرىلاپ كېتىلگەنىدى؛ سەن تەڭگىلەرنى قارغىدىڭ ۋە بۇنى ماڭا دەپ بەردىڭ. مانا، كۈمۈش مەندە، ئۇنى مەن ئالغاندىم، دېۋىدى، ئانىسى: ــ ئەي ئوغلۇم، پەرۋەردىگار سېنى بەرىكەتلىگەي!، ــ دېدى.
3 そして彼が銀千百枚を母に返したので、母は言った、「わたしはわたしの子のために一つの刻んだ像と、一つの鋳た像を造るためにその銀をわたしの手から主に献納します。それで今それをあなたに返しましょう」。
مىكاھ بۇ بىر مىڭ بىر يۈز كۈمۈش تەڭگىنى ئانىسىغا ياندۇرۇپ بەردى. ئانىسى: ــ مەن ئەسلىدە بۇ پۇلنى سەن ئوغلۇمنى دەپ پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ، ئۇنىڭ بىلەن ئويما بۇت ۋە قۇيما بۇت ياساشقا ئاتىۋەتكەنىدىم؛ ئەمدى يەنىلا ساڭا بېرەي، دېدى.
4 ミカがその銀を母に返したので、母はその銀二百枚をとって、それを銀細工人に与え、一つの刻んだ像と、一つの鋳た像を造らせた。その像はミカの家にあった。
لېكىن مىكاھ كۈمۈشنى ئانىسىغا قايتۇرۇپ بەردى؛ ئانىسى ئۇنىڭدىن ئىككى يۈز كۈمۈش تەڭگىنى ئېلىپ بىر زەرگەرگە بېرىپ، بىر ئويما بۇت بىلەن بىر قۇيما بۇت ياساتتى؛ ئۇلار مىكاھنىڭ ئۆيىگە قويۇپ قويۇلدى.
5 このミカという人は神の宮をもち、エポデとテラピムを造り、その子のひとりを立てて、自分の祭司とした。
مىكاھ دېگەن بۇ كىشى ئەسلىدە بىر بۇتخانا پەيدا قىلغان، شۇنىڭدەك ئۆزىگە بىر ئەفود بىلەن بىرنەچچە «تەرافىم»نى ياسىغانىدى؛ ئاندىن ئۆز ئوغۇللىرىدىن بىرىنى كاھىنلىققا مەخسۇس تەيىنلەپ، ئۇنى ئۆزىگە كاھىن قىلدى.
6 そのころイスラエルには王がなかったので、人々はおのおの自分たちの目に正しいと思うことを行った。
شۇ كۈنلەردە ئىسرائىلدا ھېچ پادىشاھ بولمىدى؛ ھەركىم ئۆز نەزىرىدە ياخشى كۆرۈنگەننى قىلاتتى.
7 さてここにユダの氏族のもので、ユダのベツレヘムからきたひとりの若者があった。彼はレビびとであって、そこに寄留していたのである。
يەھۇدا جەمەتىنىڭ تەۋەسىدىكى بەيت-لەھەمدە لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان بىر يىگىت بار ئىدى؛ ئۇ شۇ يەردە مۇساپىر بولۇپ تۇرۇپ قالغانىدى.
8 この人は自分の住むべきところを尋ねて、ユダのベツレヘムの町を去り、旅してエフライムの山地のミカの家にきた。
بۇ يىگىت بىر جاي تېپىپ تۇراي دەپ، يەھۇدالارنىڭ يۇرتىدىكى بەيت-لەھەم شەھىرىدىن چىقتى. ئۇ سەپەر قىلىپ، ئەفرائىم تاغلىقىغا، مىكاھنىڭ ئۆيىگە كېلىپ چۈشتى.
9 ミカは彼に言った、「あなたはどこからおいでになりましたか」。彼は言った、「わたしはユダのベツレヘムのレビびとですが、住むべきところを尋ねて旅をしているのです」。
مىكاھ ئۇنىڭدىن: ــ قەيەردىن كەلدىڭ، دەپ سورىۋىدى، ئۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ مەن يەھۇدالارنىڭ يۇرتىدىكى بەيت-لەھەملىك بىر لاۋىيمەن، بىر جاي تېپىپ تۇراي دەپ چىقتىم، ــ دېدى.
10 ミカは言った、「わたしと一緒にいて、わたしのために父とも祭司ともなってください。そうすれば年に銀十枚と衣服ひとそろいと食物とをさしあげましょう」。
مىكاھ ئۇنىڭغا: ــ ئۇنداق بولسا مەن بىلەن تۇرۇپ، ماڭا ھەم ئاتا ھەم كاھىن بولۇپ بەرگىن؛ مەن ساڭا ھەر يىلى ئون كۈمۈش تەڭگە، بىر يۈرۈش ئېگىن ۋە كۈندىلىك يېمەك-ئىچمىكىڭنى بېرەي، ــ دېدى. بۇنى ئاڭلاپ لاۋىي كىشى ئۇنىڭكىگە كىردى.
11 レビびとはついにその人と一緒に住むことを承諾した。そしてその若者は彼の子のひとりのようになった。
لاۋىي ئۇ كىشى بىلەن تۇرۇشقا رازى بولدى؛ يىگىت شۇ كىشىگە ئۆز ئوغۇللىرىدىن بىرىدەك بولۇپ قالدى.
12 ミカはレビびとであるこの若者を立てて自分の祭司としたので、彼はミカの家にいた。
ئاندىن مىكاھ بۇ لاۋىي كىشىنى [كاھىنلىققا] مەخسۇس تەيىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن [لاۋىي] يىگىت ئۇنىڭغا كاھىن بولۇپ، مىكاھنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قالدى.
13 それでミカは言った、「今わたしはレビびとを祭司に持つようになったので、主がわたしをお恵みくださることがわかりました」。
ئاندىن مىكاھ: ــ بىر لاۋىي كىشى ماڭا كاھىن بولغىنى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ياخشىلىق قىلىدىغىنىنى بىلىمەن، ــ دېدى.

< 士師記 17 >