< ヨシュア記 3 >

1 ヨシュアは朝早く起き、イスラエルの人々すべてとともにシッテムを出立して、ヨルダンに行き、それを渡らずに、そこに宿った。
يەشۇئا ئەتىسى تاڭ سەھەردە تۇرۇپ، پۈتكۈل ئىسرائىل بىلەن شىتتىمدىن ئايرىلىپ ئىئوردان دەرياسىغا كەلدى؛ ئۇلار دەريادىن ئۆتكۈچە شۇ يەردە بارگاھ تىكىپ تۇردى.
2 三日の後、つかさたちは宿営の中を行き巡り、
ئۈچ كۈن توشۇپ، سەردارلار چېدىرگاھتىن ئۆتۈپ،
3 民に命じて言った、「レビびとである祭司たちが、あなたがたの神、主の契約の箱をかきあげるのを見るならば、あなたがたはその所を出立して、そのあとに従わなければならない。
خەلققە ئەمر قىلىپ: ــ سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى، يەنى لاۋىيلارنىڭ ئۇنى كۆتۈرۈپ ماڭغىنىنى كۆرگەن ھامان، تۇرغان ئورنۇڭلاردىن قوزغىلىپ، ئەھدە ساندۇقىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىڭلار.
4 そうすれば、あなたがたは行くべき道を知ることができるであろう。あなたがたは前にこの道をとおったことがないからである。しかし、あなたがたと箱との間には、おおよそ二千キュビトの距離をおかなければならない。それに近づいてはならない」。
لېكىن ئۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ ئارىلىقىڭلاردا ئىككى مىڭ گەز ئارىلىق قالسۇن؛ قايسى يول بىلەن ماڭىدىغىنىڭلارنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭغا يېقىنلاشماڭلار؛ چۈنكى سىلەر ئىلگىرى مۇشۇ يول بىلەن مېڭىپ باقمىغانسىلەر، ــ دېدى.
5 ヨシュアはまた民に言った、「あなたがたは身を清めなさい。あす、主があなたがたのうちに不思議を行われるからである」。
يەشۇئا خەلققە: ــ ئۆزۈڭلارنى پاك-مۇقەددەس قىلىڭلار، چۈنكى ئەتە پەرۋەردىگار ئاراڭلاردا مۆجىزە-كارامەتلەرنى كۆرسىتىدۇ، ــ دېدى.
6 ヨシュアは祭司たちに言った、「契約の箱をかき、民に先立って渡りなさい」。そこで彼らは契約の箱をかき、民に先立って進んだ。
ئاندىن يەشۇئا كاھىنلارغا: ــ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ خەلقنىڭ ئالدىدا دەريادىن ئۆتۈڭلار، دەپ بۇيرۇۋىدى، ئۇلار ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ خەلقنىڭ ئالدىدا ماڭدى.
7 主はヨシュアに言われた、「きょうからわたしはすべてのイスラエルの前にあなたを尊い者とするであろう。こうしてわたしがモーセと共にいたように、あなたとともにおることを彼らに知らせるであろう。
پەرۋەردىگار يەشۇئاغا سۆز قىلىپ: ــ ھەممە ئىسرائىلنىڭ مېنىڭ مۇسا بىلەن بىللە بولغىنىمدەك، سېنىڭ بىلەنمۇ بىللە بولىدىغانلىقىمنى بىلىشى ئۈچۈن بۈگۈندىن ئېتىبارەن سېنى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە چوڭ قىلىمەن.
8 あなたは契約の箱をかく祭司たちに命じて言わなければならない、『あなたがたは、ヨルダンの水ぎわへ行くと、すぐ、ヨルダンの中に立ちとどまらなければならない』」。
ئەمدى سەن ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلارغا: ــ سىلەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۈيىنىڭ بويىغا يېتىپ كەلگەندە، ئىئوردان دەرياسى ئىچىدە تۇرۇڭلار، ــ دېگىن، ــ دېدى.
9 ヨシュアはイスラエルの人々に言った、「あなたがたはここに近づいて、あなたがたの神、主の言葉を聞きなさい」。
يەشۇئا ئىسرائىللارغا: ــ بۇ ياققا كېلىڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، دېدى.
10 そしてヨシュアは言った、「生ける神があなたがたのうちにおいでになり、あなたがたの前から、カナンびと、ヘテびと、ヒビびと、ペリジびと、ギルガシびと、アモリびと、エブスびとを、必ず追い払われることを、次のことによって、あなたがたは知るであろう。
ئاندىن يەشۇئا: ــ مانا، سىلەر شۇ ئىش ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ھايات تەڭرىنىڭ ئاراڭلاردا ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىن ھىتتىيلار، گىرگاشىيلار، ئامورىيلار، قانائانىيلار، پەرىززىيلار، ھىۋىيلار، يەبۇسىيلارنى ھەيدىۋېتىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر ــ پۈتكۈل يەر-زېمىننىڭ ئىگىسىنىڭ ئەھدە ساندۇقى سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ئىئوردان دەرياسى ئىچىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ.
11 ごらんなさい。全地の主の契約の箱は、あなたがたに先立ってヨルダンを渡ろうとしている。
12 それゆえ、今、イスラエルの部族のうちから、部族ごとにひとりずつ、合わせて十二人を選びなさい。
ئەمدى ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرىدىن ئون ئىككى ئادەمنى تاللاڭلار، ھەرقايسى قەبىلىدىن بىردىن بولسۇن؛
13 全地の主なる神の箱をかく祭司たちの足の裏が、ヨルダンの水の中に踏みとどまる時、ヨルダンの水は流れをせきとめられ、上から流れくだる水はとどまって、うず高くなるであろう」。
شۇنداق بولىدۇكى، پۈتكۈل يەر-زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلارنىڭ تاپىنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۈيىگە تەگكەندە، ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۈيى، يەنى باش ئېقىنىدىن ئېقىپ كەلگەن سۇلار ئۈزۈپ تاشلىنىپ، دەريا كۆتۈرۈلۈپ دۆڭ بولىدۇ، ــ دېدى.
14 こうして民はヨルダンを渡ろうとして天幕をいで立ち、祭司たちは契約の箱をかき、民に先立って行ったが、
ئەمدى شۇنداق بولدىكى، خەلق چېدىرلىرىدىن چىقىپ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتمەكچى بولغاندا، ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلار خەلقنىڭ ئالدىدا ماڭدى؛
15 箱をかく者がヨルダンにきて、箱をかく祭司たちの足が水ぎわにひたると同時に、ヨルダンは刈入れの間中、岸一面にあふれるのであるが、
ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگۈچىلەر ئىئوردان دەرياسىغا يېتىپ كېلىپ، پۇتلىرى سۇغا تېگىشى بىلەنلا (ئورما ۋاقتىدا ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۈيى دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدىن تېشىپ چىقىدۇ)،
16 上から流れくだる水はとどまって、はるか遠くのザレタンのかたわらにある町アダムのあたりで、うず高く立ち、アラバの海すなわち塩の海の方に流れくだる水は全くせきとめられたので、民はエリコに向かって渡った。
يۇقىرى ئېقىندىكى سۇلار خېلى يىراقتىلا، زارەتاننىڭ يېنىدىكى ئادەم شەھىرىنىڭ يېنىدا توختاپ، دۆڭ بولدى؛ ئاراباھ تۈزلەڭلىكى بويىدىكى دېڭىزغا، يەنى «شور دېڭىزى»غا ئېقىپ چۈشۈۋاتقان كېيىنكى ئېقىمى ئۈزۈلۈپ قالدى؛ خەلق بولسا يېرىخو شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىدىن [دەريادىن] ئۆتۈپ ماڭدى.
17 すべてのイスラエルが、かわいた地を渡って行く間、主の契約の箱をかく祭司たちは、ヨルダンの中のかわいた地に立っていた。そしてついに民はみなヨルダンを渡り終った。
پۈتكۈل ئىسرائىل قۇرۇق يەرنى دەسسەپ، بارلىق خەلق ئىئوردان دەرياسىدىن پۈتۈنلەي ئۆتۈپ بولغۇچىلىك، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قۇرۇق يەردە مەزمۇت تۇردى.

< ヨシュア記 3 >