< ヨシュア記 11 >

1 ハゾルの王ヤビンは、これを聞いて、マドンの王ヨバブ、シムロンの王、およびアクサフの王、
ئەمما ھازورنىڭ پادىشاھى يابىن بۇلارنى ئاڭلاپ مادوننىڭ پادىشاھى يوباب بىلەن شىمروننىڭ پادىشاھى ۋە ئاقسافنىڭ پادىشاھىغا ئادەم ئەۋەتتى،
2 また北の山地、キンネロテの南のアラバ、平地、西の方のドルの高地におる王たち、
شۇنداقلا شىمالدىكى تاغلىق رايوندىكى پادىشاھلارغا، كىننەروتنىڭ جەنۇبىدىكى تۈزلەڭلىك، ئويمانلىق ۋە غەربتىكى دور ئېگىزلىكىدىكى ھەممە پادىشاھلارغا ئەلچى ئەۋەتتى؛
3 すなわち、東西のカナンびと、アモリびと、ヘテびと、ペリジびと、山地のエブスびと、ミヅパの地にあるヘルモンのふもとのヒビびとに使者をつかわした。
ئۇ يەنە شەرق بىلەن غەرب تەرەپتىكى قانائانىيلار، ئامورىيلار، ھىتتىيلار، پەرىززىيلەر بىلەن تاغلىق رايوندىكى يەبۇسىيلار ۋە ھەرمون تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى مىزپاھ يۇرتىدا تۇرۇۋاتقان ھىۋىيلارنى چاقىردى.
4 そして彼らは、そのすべての軍勢を率いて出てきた。その大軍は浜べの砂のように数多く、馬と戦車も、ひじょうに多かった。
ئۇلار، يەنى پادىشاھلىرى ۋە بارلىق قوشۇنلىرى چىقتى؛ ئۇلارنىڭ سانى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ ئىدى، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئات ۋە جەڭ ھارۋىلىرى بار ئىدى.
5 これらの王たちはみな軍を集め、進んできて、共にメロムの水のほとりに陣をしき、イスラエルと戦おうとした。
بۇ ھەممە پادىشاھلار بىر بولۇپ يىغىلىپ، ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن مەروم سۇلىرىنىڭ بويىدا چېدىرلارنى تىكتى.
6 その時、主はヨシュアに言われた、「彼らのゆえに恐れてはならない。あすの今ごろ、わたしは彼らを皆イスラエルに渡して、ことごとく殺させるであろう。あなたは彼らの馬の足の筋を切り、戦車を火で焼かなければならない」。
لېكىن پەرۋەردىگار يەشۇئاغا: ــ سەن ئۇلاردىن ھېچ قورقمىغىن؛ چۈنكى مەن ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا ھالاكەتكە تاپشۇرىمەن. سەن ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنىڭ پەيلىرىنى كېسىپ، ھارۋىلىرىنى ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىسەن، ــ دېدى.
7 そこでヨシュアは、すべてのいくさびとを率いて、にわかにメロムの水のほとりにおし寄せ、彼らを襲った。
بۇنى ئاڭلاپ يەشۇئا بىلەن ئۇنىڭ ھەممە جەڭچىلىرى مەروم سۇلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تۇيۇقسىز چۈشۈپ ھۇجۇم قىلدى.
8 主は彼らをイスラエルの手に渡されたので、これを撃ち破り、大シドンおよびミスレポテ・マイムまで、これを追撃し、東の方では、ミヅパの谷まで彼らを追い、ついにひとりも残さず撃ちとった。
پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئىسرائىلنىڭ قولىغا تاپشۇردى؛ ئۇلارنى ئۇرۇپ چوڭ زىدون ۋە مىسرەفوت-مايىمغىچە، شۇنداقلا شەرق تەرەپتىكى مىزپاھ ۋادىسىغىچە سۈرۈپ بېرىپ، ئۇلاردىن ھېچبىرىنى قويماي قىلىچلاپ ئۆلتۈردى.
9 ヨシュアは主が命じられたとおりに彼らに行い、彼らの馬の足の筋を切り、戦車を火で焼いた。
يەشۇئا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە بۇيرۇغىنىدەك قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنىڭ پەيلىرىنى كېسىپ، ھارۋىلىرىنى ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتتى.
10 その時、ヨシュアはひきかえして、ハゾルを取り、つるぎをもって、その王を撃った。ハゾルは昔、これらすべての国々の盟主であったからである。
شۇ چاغدا يەشۇئا قايتىپ بېرىپ، ھازورنى ئىشغال قىلىپ، ئۇنىڭ پادىشاھىنى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. ھازور بولسا شۇ دەۋرلەردە ئاشۇ بارلىق ئەللەرنىڭ بېشى ئىدى.
11 彼らはつるぎをもって、その中のすべての人を撃ち、ことごとくそれを滅ぼし、息のあるものは、ひとりも残さなかった。そして火をもってハゾルを焼いた。
[ئىسرائىللار] شەھەر ئىچىدە ئولتۇرۇشلۇق ھەممىسىنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈپ، ھېچ نەپەس ئىگىسىنى قويماي ھەممىسىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقاتتى؛ ھازورنى يەشۇئا ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتتى،
12 ヨシュアはこれらの王たちのすべての町々、およびその諸王を取り、つるぎをもって、これを撃ち、ことごとく滅ぼした。主のしもべモーセが命じたとおりであった。
شۇ پادىشاھلارنىڭ بارلىق پايتەخت شەھەرلىرىنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنى مەغلۇپ قىلدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى بولغان مۇسا بۇيرۇغىنىدەك، ئۇ ئۇلارنى قىلىچلاپ ئۈزۈل-كېسىل يوقاتتى.
13 ただし、丘の上に立っている町々をイスラエルは焼かなかった。ヨシュアはただハゾルだけを焼いた。
لېكىن ئېگىزلىككە سېلىنغان شەھەرلەرنى بولسا، ئىسرائىل كۆيدۈرمىدى؛ يەشۇئا ئۇلاردىن پەقەت ھازورنىلا كۆيدۈرۈۋەتتى.
14 これらの町のすべてのぶんどり物と家畜とは、イスラエルの人々が戦利品として取ったが、人はみなつるぎをもって、滅ぼし尽し、息のあるものは、ひとりも残さなかった。
ئىسرائىللار بۇ شەھەرلەردىكى غەنىيمەتلەرنى ۋە چارپايلارنى ئۆزلىرىگە ئولجا قىلىپ ئالدى، لېكىن ئىچىدىكى ھەممە ئادەملەرنى قىلىچلاپ يوقاتتى؛ ئۇلار بىرمۇ نەپەس ئىگىسىنى تىرىك قويمىدى.
15 主がそのしもべモーセに命じられたように、モーセはヨシュアに命じたが、ヨシュアはそのとおりにおこなった。すべて主がモーセに命じられたことで、ヨシュアが行わなかったことは一つもなかった。
پەرۋەردىگار ئۆز قۇلى بولغان مۇساغا نېمە بۇيرۇغان بولسا، مۇسامۇ يەشۇئاغا شۇنى بۇيرۇغانىدى ۋە يەشۇئامۇ شۇنداق قىلدى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدىن ھېچنېمىنى قالدۇرماي ھەممىنى شۇ بويىچە ئادا قىلدى.
16 こうしてヨシュアはその全地、すなわち、山地、ネゲブの全地、ゴセンの全地、平地、アラバならびにイスラエルの山地と平地を取り、
شۇ تەرىقىدە يەشۇئا شۇ زېمىننىڭ ھەممىسىنى، يەنى تاغلىق رايوندىكى زېمىنلارنى، بارلىق جەنۇبىي نەگەۋ زېمىنىنى، بارلىق گوشەن زېمىنىنى، ئويمانلىقتىكى زېمىنلارنى، تۈزلەڭلىكتىكى زېمىنلارنى ۋە ئىسرائىلنىڭ تاغلىق رايونلىرىنى ۋە شەفەلاھ ئويمانلىقىنى،
17 セイルへ上って行く道のハラク山から、ヘルモン山のふもとのレバノンの谷にあるバアルガデまでを獲た。そしてそれらの王たちを、ことごとく捕えて、撃ち殺した。
سېئىر داۋىنىغىچە سوزۇلغان ھالاك تېغىدىن تاكى ھەرمون تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى لىۋان جىلغىسىغا جايلاشقان بائال-گادقىچە بولغان زېمىننى ئىگىلىدى؛ ئۇ ئۇلارنىڭ ھەممە پادىشاھلىرىنى تۇتۇپ ئۇلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدى.
18 ヨシュアはこれらすべての王たちと、長いあいだ戦った。
شۇ تەرىقىدە يەشۇئا بۇ ھەممە پادىشاھلار بىلەن ئۇزۇن ۋاقىت جەڭ قىلدى.
19 ギベオンの住民ヒビびとのほかには、イスラエルの人々と和を講じた町は一つもなかった。町々はみな戦争をして、攻め取ったものであった。
گىبېئوندا ئولتۇراقلاشقان ھىۋىيلاردىن باشقا، ھېچبىر شەھەر ئىسرائىل بىلەن سۇلھ تۈزمىدى. ئىسرائىل ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى جەڭ ئارقىلىقلا ئالدى.
20 彼らが心をかたくなにして、イスラエルに攻めよせたのは、もともと主がそうさせられたので、彼らがのろわれた者となり、あわれみを受けず、ことごとく滅ぼされるためであった。主がモーセに命じられたとおりである。
چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆڭلىنىڭ قاتتىق قىلىنىشى، ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلىش نىيىتىدە بولۇشى پەرۋەردىگاردىن ئىدى؛ بۇنىڭ مەقسىتى، ئۇلارنىڭ ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىلىشى؛ يەنى، ئۇلارغا ھېچ رەھىم قىلىنماي، ئەكسىچە پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك ئۇلارنىڭ يوقىتىلىشى ئۈچۈن ئىدى.
21 その時、ヨシュアはまた行って、山地、ヘブロン、デビル、アナブ、ユダのすべての山地、イスラエルのすべての山地から、アナクびとを断ち、彼らの町々をも共に滅ぼした。
ئۇ ۋاقىتتا يەشۇئا كېلىپ ئاناكىيلارغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى تاغلىق رايوندىن، ھېبروندىن، دەبىردىن، ئانابدىن، يەھۇدانىڭ ھەممە تاغلىق رايونى بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەممە تاغلىق رايونىدىن يوقاتتى؛ يەشۇئا ئۇلارنى شەھەرلىرى بىلەن قوشۇپ ئۈزۈل-كېسىل يوقاتتى.
22 それでイスラエルの人々の地に、アナクびとは、ひとりもいなくなった。ただガサ、ガテ、アシドドには、少し残っているだけであった。
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىدا ئاناكىيلاردىن ھېچبىرىمۇ قالدۇرۇلمىدى؛ پەقەت گازا، گات ۋە ئاشدودتا بىرنەچچىسىلا قالدى.
23 こうしてヨシュアはその地を、ことごとく取った。すべて主がモーセに告げられたとおりである。そしてヨシュアはイスラエルの部族にそれぞれの分を与えて、嗣業とさせた。こうしてその地に戦争はやんだ。
شۇ تەرىقىدە يەشۇئا پەرۋەردىگار مۇساغا ۋەدە قىلغاندەك پۈتكۈل زېمىننى ئالدى؛ يەشۇئا ئۇنى ئىسرائىلغا ئۇلارنىڭ قوشۇن-قەبىلىسى بويىچە مىراس قىلىپ تەقسىم قىلدى. ئاندىن زېمىن جەڭدىن ئارام تاپتى.

< ヨシュア記 11 >