< ヨブ 記 7 >

1 地上の人には、激しい労務があるではないか。またその日は雇人の日のようではないか。
ئىنسانغا زېمىندا جەۋرە-جاپا چېكىدىغان تۇرمۇش بېكىتىلگەن ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ كۈنلىرى بىر مەدىكارنىڭكىگە ئوخشاش ئەمەسمۇ؟
2 奴隷が夕暮を慕うように、雇人がその賃銀を望むように、
قۇل كەچقۇرۇننىڭ سايىسىگە تەشنا بولغاندەك، مەدىكار ئۆز ئەمگىكىنىڭ ھەققىنى كۈتكەندەك،
3 わたしは、むなしい月を持たせられ、悩みの夜を与えられる。
مانا بىھۇدە ئايلار ماڭا بېكىتىلگەن، غەشلىككە تولغان كېچىلەر ماڭا نېسىپ قىلىنغان.
4 わたしは寝るときに言う、『いつ起きるだろうか』と。しかし夜は長く、暁までころびまわる。
مەن ياتقىنىمدا: «قاچان قوپارمەن؟» دەپ ئويلايمەن، بىراق كەچ ئۇزۇندىن ئۇزۇن بولىدۇ، تاڭ ئاتقۇچە پۈتۈن بىر كېچە مەن تولغىنىپ ياتىمەن.
5 わたしの肉はうじと土くれとをまとい、わたしの皮は固まっては、またくずれる。
ئەتلىرىم قۇرتلار ھەم توپا-چاڭلار بىلەن قاپلاندى، تېرىلىرىم يېرىلىپ، يىرىڭلاپ كەتتى.
6 わたしの日は機のひよりも速く、望みをもたずに消え去る。
كۈنلىرىم باپكارنىڭ موكىسىدىنمۇ ئىتتىك ئۆتىدۇ، ئۇلار ئۈمىدسىزلىك بىلەن ئاياغلىشاي دەپ قالدى.
7 記憶せよ、わたしの命は息にすぎないことを。わたしの目は再び幸を見ることがない。
[ئاھ خۇدا]، مېنىڭ جېنىم بىر نەپەسلا خالاس. كۆزۈم ياخشىلىقنى قايتىدىن كۆرمەيدىغانلىقى ئېسىڭدە بولسۇن؛
8 わたしを見る者の目は、かさねてわたしを見ることがなく、あなたがわたしに目を向けられても、わたしはいない。
مېنى كۆرگۈچىنىڭ كۆزى ئىككىنچى قېتىم ماڭا قارىمايدۇ، سەن نەزىرىڭنى ئۈستۈمگە چۈشۈرگىنىڭدە، مەن يوقالغان بولىمەن.
9 雲が消えて、なくなるように、陰府に下る者は上がって来ることがない。 (Sheol h7585)
بۇلۇت غايىب بولۇپ، قايتا كۆرۈنمىگەندەك، ئوخشاشلا تەھتىساراغا چۈشكەن ئادەم قايتىدىن چىقمايدۇ. (Sheol h7585)
10 彼は再びその家に帰らず、彼の所も、もはや彼を認めない。
ئۇ يەنە ئۆز ئۆيىگە قايتمايدۇ، ئۆز يۇرتى ئۇنى قايتا تونۇمايدۇ.
11 それゆえ、わたしはわが口をおさえず、わたしの霊のもだえによって語り、わたしの魂の苦しさによって嘆く。
شۇڭا مەن ئاغزىمنى يۇمماي، روھىمنىڭ دەرد-ئەلىمى بىلەن سۆز قىلاي، جېنىمنىڭ ئازابىدىن زارلايمەن.
12 わたしは海であるのか、龍であるのか、あなたはわたしの上に見張りを置かれる。
نېمىشقا سەن ئۈستۈمدىن كۆزەت قىلىسەن؟ مەن [خەتەرلىك] بىر دېڭىزمۇ-يا؟ ياكى دېڭىزدىكى بىر ئەجدىھامۇمەن؟
13 『わたしの床はわたしを慰め、わたしの寝床はわが嘆きを軽くする』とわたしが言うとき、
مەن: «ئاھ، ياتقان ئورنۇم ماڭا راھەت بېرىدۇ، كۆرپەم نالە-پەريادىمغا دەرمان بولىدۇ» ــ دېسەم،
14 あなたは夢をもってわたしを驚かし、幻をもってわたしを恐れさせられる。
ئەمدى سەن چۈشلەر بىلەن مېنى قورقۇتىۋاتىسەن، غايىبانە ئالامەتلەر بىلەن ماڭا ۋەھىمە سالىسەن.
15 それゆえ、わたしは息の止まることを願い、わが骨よりもむしろ死を選ぶ。
شۇنىڭ ئۈچۈن بوغۇلۇشۇمنى، ئۆلۈمنى، بۇ سۆڭەكلىرىمگە قاراپ ئولتۇرۇشتىن ئارتۇق بىلىمەن.
16 わたしは命をいとう。わたしは長く生きることを望まない。わたしに構わないでください。わたしの日は息にすぎないのだから。
مەن ئۆز جېنىمدىن تويدۇم؛ مېنىڭ مەڭگۈگە ياشىغۇم يوق، مېنى مەيلىمگە قويىۋەتكىن، مېنىڭ كۈنلىرىم بىھۇدىدۇر.
17 人は何者なので、あなたはこれを大きなものとし、これにみ心をとめ、
ئىنسان بالىسى نېمىدى؟ سەن نېمىشقا ئۇنى چوڭ بىلىسەن، نېمە دەپ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بېرىسەن؟
18 朝ごとに、これを尋ね、絶え間なく、これを試みられるのか。
ھەر ئەتىگەندە ئۇنى سۈرۈشتۈرۈپ كېلىسەن، ھەر نەپەس ئۇنى سىنايسەن!
19 いつまで、あなたはわたしに目を離さず、つばをのむまも、わたしを捨てておかれないのか。
قاچانغىچە مېنىڭدىن نەزىرىڭنى ئالمايسەن، ماڭا قاچانغىچە ئاغزىمدىكى سېرىق سۇنى يۇتۇۋالغۇدەك ئارام بەرمەيسەن؟
20 人を監視される者よ、わたしが罪を犯したとて、あなたに何をなしえようか。なにゆえ、わたしをあなたの的とし、わたしをあなたの重荷とされるのか。
مەن گۇناھ قىلغان بولساممۇ، ئى ئىنسانىيەتنى كۆزەتكۈچى، ساڭا نېمە قىلىپتىمەن؟! مەن ساڭا يۈك بولۇپ قالدىممۇ؟ بۇنىڭ بىلەن مېنى ئۆزۈڭگە زەربە نىشانى قىلغانسەنمۇ؟
21 なにゆえ、わたしのとがをゆるさず、わたしの不義を除かれないのか。わたしはいま土の中に横たわる。あなたがわたしを尋ねられても、わたしはいないでしょう」。
سەن نېمىشقا مېنىڭ ئىتائەتسىزلىكىمنى كەچۈرۈم قىلىپ، گۇناھىمنى ساقىت قىلمايسەن؟ چۈنكى مەن پات ئارىدا توپىنىڭ ئىچىدە ئۇخلايمەن؛ سەن مېنى ئىزدەپ كېلىسەن، لېكىن مەن مەۋجۇت بولمايمەن».

< ヨブ 記 7 >