< エレミヤ書 43 >

1 エレミヤがすべての民にむかって、彼らの神、主の言葉をことごとく語り、彼らの神、主が自分をつかわして言わせられるその言葉をみな告げ終った時、
شۇنداق بولدىكى، يەرەمىيا ئۇلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە سۆزلىرىنى بارلىق خەلققە ئېيتىپ تۈگەتتى (خۇداسى پەرۋەردىگار يەرەمىيانى ئۇلارغا بۇ بارلىق سۆزلەرنى ئېيتىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن)، ــ
2 ホシャヤの子アザリヤと、カレヤの子ヨハナンおよび高慢な人々はみなエレミヤに言った、「あなたは偽りを言っている。われわれの神、主が、『エジプトへ行ってそこに住むな』と言わせるためにあなたをつかわされたのではない。
شۇنىڭ بىلەن ھوشىيانىڭ ئوغلى ئازارىيا ۋە كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان ۋە شۇنداقلا بارلىق ھالى چوڭ ئادەملەر يەرەمىياغا مۇنداق دېدى: ــ «سەن يالغان ئېيتىۋاتىسەن! خۇدايىمىز پەرۋەردىگار سېنى بىزگە: «سىلەر مىسىردا ئولتۇراقلىشىش ئۈچۈن بارماڭلار!» دېيىشكە ئەۋەتكەن ئەمەس؛
3 ネリヤの子バルクがあなたをそそのかして、われわれに逆らわせ、われわれをカルデヤびとの手に渡して殺すか、あるいはバビロンに捕え移させるのだ」。
بەلكى نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇق چوقۇم سېنى بىزگە قارشىلاشتۇرۇپ، بىزنى كالدىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇشقا كۈشكۈرتمەكتە؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىزنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىدۇ ياكى بىزنى بابىلغا سۈرگۈن قىلىدۇ».
4 こうしてカレヤの子ヨハナンと軍勢の長たちおよび民らは皆、主の声にしたがわず、ユダの地にとどまろうとしなかった。
شۇنىڭ بىلەن كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان، لەشكەر باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسى ۋە بارلىق خەلق پەرۋەردىگارنىڭ: «يەھۇدا زېمىنىدا تۇرۇپ قېلىڭلار» دېگەن ئاۋازىغا قۇلاق سالمىدى؛
5 そしてカレヤの子ヨハナンと軍勢の長たちは、ユダに残っている者すなわち追いやられた国々からユダの地に住むために帰ってきた者、
بەلكى كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان ۋە بارلىق لەشكەر باشلىقلىرى ھەيدىۋېتىلگەن بارلىق ئەللەردىن يەھۇدا زېمىنىدا ئولتۇراقلىشىشقا قايتىپ كەلگەن يەھۇدانىڭ پۈتۈن قالدىسىنى،
6 男、女、子供、王の娘たち、およびすべて侍衛の長ネブザラダンがシャパンの子であるアヒカムの子ゲダリヤに渡しておいた者、ならびに預言者エレミヤとネリヤの子バルクをつれて、
يەنى ئەرلەر، قىز-ئاياللار، بالىلار ۋە پادىشاھنىڭ قىزلىرىنى، جۈملىدىن قاراۋۇل بېگى نېبۇزار-ئادان ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىياغا تاپشۇرغان ھەربىر كىشىنى ھەمدە يەرەمىيا پەيغەمبەر ھەم نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇقنى ئېلىپ،
7 エジプトの地へ行った。彼らは主の声にしたがわなかったのである。そして彼らはついにタパネスに行った。
مىسىر زېمىنىغا كىرىپ كەلدى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلمىدى. ئۇلار تاھپانەس شەھىرىگە يېتىپ كەلدى.
8 主の言葉はタパネスでエレミヤに臨んだ、
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا تاھپانەستە كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
9 「大きな石を手に取り、ユダの人々の目の前で、これをタパネスにあるパロの宮殿の入口の敷石のしっくいの中に隠して、
يەھۇدىيلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا، قولۇڭغا بىرنەچچە چوڭ تاشلارنى ئېلىپ پىرەۋننىڭ تاھپانەستىكى ئوردىسىنىڭ كىرىش يولىنىڭ يېنىدىكى خىشلىق يولدىكى سېغىز لايغا كۆمۈپ يوشۇرۇپ،
10 彼らに言いなさい、『万軍の主、イスラエルの神はこう言われる、見よ、わたしは使者をつかわして、わたしのしもべであるバビロンの王ネブカデレザルを招く。彼はその位をこの隠した石の上にすえ、その上に王の天蓋を張る。
ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن مېنىڭ قۇلۇم بولغان بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنى چاقىرىپ ئېپكېلىمەن، ئۇ مەن كۆمۈپ يوشۇرغان بۇ تاشلار ئۈستىگە ئۆز تەختىنى سالىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە شاھانە چېدىرىنى يېيىپ تىكىدۇ.
11 彼は来てエジプトの地を撃ち、疫病に定まっている者を疫病に渡し、とりこに定まっている者をとりこにし、つるぎに定まっている者をつるぎにかける。
ئۇ كېلىپ مىسىر زېمىنىدا جەڭ قىلىدۇ؛ ئۆلۈمگە بېكىتىلگەنلەر ئۆلىدۇ؛ سۈرگۈن بولۇشقا بېكىتىلگەنلەر سۈرگۈن بولىدۇ؛ قىلىچقا بېكىتىلگەنلەر قىلىچلىنىدۇ.
12 彼はエジプトの神々の宮に火をつけてこれを焼き、彼らをとりこにする。そして羊を飼う者が着物の虫をはらいきよめるように、エジプトの地をきよめる。彼は安らかにそこを去る。
مەن مىسىردىكى بۇتلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت ياقتۇرغۇزىمەن؛ ئۇ ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ، بۇتلىرىنى ئېلىپ سۈرگۈن قىلىدۇ؛ قوي پادىچىسى ئۆز تونىنى كىيگەندەك نېبوقادنەسارمۇ مىسىر زېمىنىنى ئۆزىگە كىيىۋالىدۇ؛ ئۇ شۇ يەردىن ئامان-ئېسەن چىقىدۇ.
13 彼はエジプトの地にあるヘリオポリスのオベリスクをこわし、エジプトの神々の宮を火で焼く』」。
ئۇ مىسىر زېمىنىدىكى «قۇياش ئىبادەتخانىسى»دىكى تۈۋرۈكلەرنى چېقىۋېتىدۇ؛ ئۇ مىسىردىكى بۇتلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋېتىدۇ.

< エレミヤ書 43 >