< エレミヤ書 34 >

1 バビロンの王ネブカデレザルがその全軍と、彼に従っている地のすべての国の人々、およびもろもろの民を率いて、エルサレムとその町々を攻めて戦っていた時に、主からエレミヤに臨んだ言葉、
بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار، پۈتۈن قوشۇنى ۋە ھۆكۈمرانلىقىغا بېقىنغان بارلىق پادىشاھلىقلار ۋە ئەللەرنىڭ ھەممىسى يېرۇسالېمغا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق شەھەرلەرگە جەڭ قىلغان ۋاقتىدا، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا كەلگەن سۆز: ــ
2 「イスラエルの神、主はこう言われる、行ってユダの王ゼデキヤに告げて言いなさい、『主はこう言われる、見よ、わたしはこの町をバビロンの王の手に渡す。彼は火でこれを焼く。
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ زەدەكىيانىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، بۇ شەھەرنى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن، ئۇ ئۇنىڭغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋېتىدۇ.
3 あなたはその手をのがれることはできない、必ず捕えられてその手に渡される。あなたはまのあたりバビロンの王を見、顔と顔を合わせて彼と語る。それからバビロンへ行く』。
سەن بولساڭ، ئۇنىڭ قولىدىن قاچالمايسەن؛ بەلكى سەن تۇتۇلۇپ ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىسەن؛ سېنىڭ كۆزلىرىڭ بابىل پادىشاھىنىڭ كۆزلىرىگە قارايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن يۈز تۇرانە سۆزلىشىسەن ۋە سەن بابىلغا سۈرگۈن بولۇپ كېتىسەن.
4 しかしユダの王ゼデキヤよ、主の言葉を聞きなさい。主はあなたの事についてこう言われる、『あなたはつるぎで死ぬことはない。
لېكىن، ئى يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلا؛ پەرۋەردىگار سېنىڭ تۇغراڭدا مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن قىلىچ بىلەن ئۆلمەيسەن؛
5 あなたは安らかに死ぬ。民はあなたの先祖であるあなたの先の王たちのために香をたいたように、あなたのためにも香をたき、またあなたのために嘆いて「ああ、主君よ」と言う』。わたしがこの言葉をいうのであると主は言われる」。
سەن ئامان-تىنچلىقتا ئۆلىسەن؛ ئاتا-بوۋىلىرىڭ بولغان ئۆزۈڭدىن ئىلگىرىكى پادىشاھلار ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ خۇشبۇي ياققاندەك ئۇلار ئوخشاشلا سەن ئۈچۈنمۇ [خۇشبۇي] ياقىدۇ؛ ئۇلار سەن ئۈچۈن: «ئاھ، شاھىم!» دەپ ماتەم تۇتىدۇ؛ چۈنكى مەن شۇنداق ۋەدە قىلغانمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
6 そこで預言者エレミヤはこの言葉をことごとくエルサレムでユダの王ゼデキヤに告げた。
ئاندىن يەرەمىيا پەيغەمبەر بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىياغا يېرۇسالېمدا ئېيتتى.
7 その時バビロンの王の軍勢はエルサレム、および残っているユダのすべての町、すなわちラキシとアゼカを攻めて戦っていた。それはユダの町々のうちに、これらの堅固な町がなお残っていたからである。
شۇ چاغدا بابىل پادىشاھىنىڭ قوشۇنى يېرۇسالېمدا ۋە يەھۇدادىكى قالغان شەھەرلەردە، يەنى لاقىشتا ۋە ئازىكاھتا جەڭ قىلىۋاتاتتى؛ چۈنكى يەھۇدادىكى مۇستەھكەم شەھەرلەر ئارىسىدىن پەقەت بۇلارلا ئىشغال بولمىغانىدى.
8 ゼデキヤ王がエルサレムにいるすべての民と契約を立てて、彼らに釈放のことを告げ示した後に、主からエレミヤに臨んだ言葉。
پادىشاھ زەدەكىيا [قۇللىرىمىزغا] ئازادلىق جاكارلايلى دەپ يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن ئەھدىنى كېسىپ تۈزگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگاردىن تۆۋەندىكى بۇ سۆز يەرەمىياغا كەلدى
9 その契約はすなわち人がおのおのそのヘブルびとである男女の奴隷を解放し、その兄弟であるユダヤ人を奴隷としないことを定めたものであった。
(ئەھدە بويىچە ھەربىرى ئۆز ئىبرانىي قۇللىرىنى، ئەر بولسۇن، قىز-ئايال بولسۇن، قويۇۋېتىشى كېرەك ئىدى؛ ھېچقايسىسى ئۆز قېرىندىشى بولغان يەھۇدىينى قۇللۇقتا قالدۇرماسلىقى كېرەك ئىدى.
10 この契約をしたつかさたちと、すべての民は人がおのおのその男女の奴隷を解放し、再びこれを奴隷としないということに聞き従って、これを解放したが、
ئەھدىگە قوشۇلغان بارلىق ئەمىرلەر ۋە بارلىق خەلق شۇنىڭغا، يەنى ھەرقايسىمىز ئۆز قۇلى ياكى دېدىكىنى قويۇۋېتەيلى، ئۇلارنى قۇللۇقتا قالدۇرۇۋەرمەيلى دېگەن سۆزىگە بويسۇندى. ئۇلار بويسۇنۇپ ئۇلارنى قويۇۋەتتى.
11 後に心を翻し、解放した男女の奴隷をひきかえさせ、再びこれを従わせて奴隷とした。
لېكىن ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار بۇ يولدىن يېنىپ قويۇۋەتكەن قۇل-دېدەكلەرنى ئۆزىگە قايتۇرۇۋالدى. ئۇلار بۇلارنى قايتىدىن مەجبۇرىي قۇل-دېدەك قىلىۋالدى).
12 そこで主の言葉が主からエレミヤに臨んだ、
ــ شۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
13 「イスラエルの神、主はこう言われる、わたしはあなたがたの先祖をエジプトの地、その奴隷であった家から導き出した時、彼らと契約を立てて言った、
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى مىسىرنىڭ زېمىنىدىن، يەنى «قۇللۇق ئۆيى»دىن چىقارغىنىمدا، ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزگەنىدىم؛
14 『あなたがたの兄弟であるヘブルびとで、あなたがたに身を売り、六年の間あなたがたに仕えた者は、六年の終りに、あなたがたおのおのがこれを解放しなければならない。あなたがたは彼を解放して、あなたがたに仕えることをやめさせなければならない』。ところがあなたがたの先祖たちはわたしに聞き従わず、またその耳を傾けなかった。
[شۇ ئەھدە بويىچە] ھەربىرىڭلار يەتتىنچى يىلىدا سىلەرگە ئۆزىنى ساتقان ھەرقايسى قېرىندىشىڭلار بولغان ئىبرانىي كىشىلىرىنى قويۇۋېتىشىڭلار كېرەك؛ ئۇ قۇللۇقۇڭدا ئالتە يىل بولغاندىن كېيىن، سەن ئۇنى ئازادلىققا قويۇۋېتىشىڭ كېرەك، دېگەنىدىم. لېكىن ئاتا-بوۋىلىرىڭلار بۇنى ئاڭلىماي ھېچ قۇلاق سالمىغان.
15 しかしあなたがたは今日、心を改め、おのおのその隣り人に釈放のことを告げ示して、わたしの見て正しいとすることを行い、かつわたしの名をもってとなえられる家で、わたしの前に契約を立てた。
لېكىن سىلەر بولساڭلار، [شۇ يامان يولدىن] يېنىپ، كۆز ئالدىمدا دۇرۇس ئىشنى كۆرۈپ، ھەربىرىڭلار ئۆز يېقىنىغا «ئازاد بول» دەپ جاكارلىدىڭلار، شۇنىڭدەك ئۆز نامىم بىلەن ئاتالغان ئۆيدە ئەھدە تۈزۈدىڭلار؛
16 ところがあなたがたは再び心を翻して、わたしの名を汚し、おのおの男女の奴隷をその願いのままに解放したのをひきかえさせ、再びこれを従わせて、あなたがたの奴隷とした。
لېكىن سىلەر يەنە يېنىپ مېنىڭ نامىمغا داغ كەلتۈرۈپ، ھەربىرىڭلار ئۆز رايىغا قويۇۋەتكەن قۇلنى ھەم ئىختىيارىغا قويۇۋەتكەن دېدەكنى قايتۇرۇۋېلىپ قايتىدىن ئۆزۈڭلارغا قۇل-دېدەك بولۇشقا مەجبۇرلىدىڭلار.
17 それゆえに、主はこう仰せられる、あなたがたがわたしに聞き従わず、おのおのその兄弟とその隣に釈放のことを告げ示さなかったので、見よ、わたしはあなたがたのために釈放を告げ示して、あなたがたをつるぎと、疫病と、ききんとに渡すと主は言われる。わたしはあなたがたを地のもろもろの国に忌みきらわれるものとする。
شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر ماڭا قۇلاق سالمىدىڭلار، ھەربىرىڭلار ئۆز قېرىندىشىڭلارغا، ھەربىرىڭلار ئۆز يېقىنىڭلارغا ئازاد بولۇڭلار دەپ ھېچ جاكارلىمىدىڭلار؛ مانا، مەن سىلەرگە بىر خىل ئازادلىقنى ــ يەنى قىلىچقا، ۋاباغا ۋە قەھەتچىلىككە بولغان بىر ئازادلىقنى جاكارلايمەن؛ سىلەرنى يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا بىر ۋەھشەت باسقۇچى قىلىمەن.
18 わたしの契約を破り、わたしの前に立てた契約の定めに従わない人々を、わたしは彼らが二つに裂いて、その二つの間を通った子牛のようにする。
شۇنىڭ بىلەن مەن ئەھدەمنى بۇزغان، كۆز ئالدىمدا كېسىپ تۈزگەن ئەھدىنىڭ سۆزلىرىگە ئەمەل قىلمىغان كىشىلەرنى بولسا، ئۇلار ئۆزلىرى سويۇپ ئىككى پارچە قىلىپ، ئوتتۇرىسىدىن ئۆتكەن ھېلىقى موزايدەك قىلىمەن؛
19 すなわち二つに分けた子牛の間を通ったユダのつかさたち、エルサレムのつかさたちと宦官と祭司と、この地のすべての民を、
يەھۇدانىڭ ئەمىرلىرى ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئەمىرلىرى، ئوردىدىكى ئەلەمدارلار، كاھىنلار، شۇنىڭدەك موزاينىڭ ئىككى پارچىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتكەن بارلىق خەلقنى بولسا،
20 わたしはその敵の手と、その命を求める者の手に渡す。その死体は空の鳥と野の獣の食物となる。
مەن ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا، جېنىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن جەسەتلىرى ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا ۋە زېمىندىكى ھايۋانلارغا ئوزۇق بولىدۇ؛
21 わたしはまたユダの王ゼデキヤと、そのつかさたちをその敵の手、その命を求める者の手、あなたがたを離れて去ったバビロンの王の軍勢の手に渡す。
يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا ۋە ئۇنىڭ ئەمىرلىرىنىمۇ دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا، جېنىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قولىغا، شۇنداقلا سىلەرگە ھۇجۇم قىلىشتىن چىكىنىپ تۇرغان بابىل پادىشاھىنىڭ قوشۇنىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن.
22 主は言われる、見よ、わたしは彼らに命じて、この町に引きかえしてこさせる。彼らはこの町を攻めて戦い、これを取り、火を放って焼き払う。わたしはユダの町々を住む人のない荒れ地とする」。
مانا، مەن ئەمر قىلىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ۋە ئۇلار بۇ شەھەر ئالدىغا يەنە كېلىدۇ؛ ئۇلار ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋېتىدۇ؛ ۋە مەن يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىنى ۋەيرانە، ھېچ ئادەمزاتسىز قىلىمەن.

< エレミヤ書 34 >