< エレミヤ書 18 >

1 主からエレミヤに臨んだ言葉。
بۇ سۆز پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا كېلىپ، مۇنداق دېيىلدى: ــ
2 「立って、陶器師の家に下って行きなさい。その所でわたしはあなたにわたしの言葉を聞かせよう」。
«ئورنۇڭدىن تۇر، ساپالچىنىڭ ئۆيىگە چۈشكىن، مەن ساڭا سۆزلىرىمنى ئاڭلىتىمەن».
3 わたしは陶器師の家へ下って行った。見ると彼は、ろくろで仕事をしていたが、
شۇڭا مەن ساپالچىنىڭ ئۆيىگە چۈشتۇم؛ ۋە مانا، ساپالچى غالتەك ئۈستىدە بىر نەرسىنى ياساۋاتقانىدى.
4 粘土で造っていた器が、その人の手の中で仕損じたので、彼は自分の意のままに、それをもってほかの器を造った。
ئۇ سېغىز لايدىن ياساۋاتقان قاچا تۇرۇپ-تۇرۇپ قولى ئاستىدا بۇزۇلاتتى. شۇ چاغدا ساپالچى شۇ لايدىن ئۆزى لايىق كۆرگەن باشقا بىر قاچىنى ياسايتتى.
5 その時、主の言葉がわたしに臨んだ、
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
6 「主は仰せられる、イスラエルの家よ、この陶器師がしたように、わたしもあなたがたにできないのだろうか。イスラエルの家よ、陶器師の手に粘土があるように、あなたがたはわたしの手のうちにある。
«ئى ئىسرائىل جەمەتى، بۇ ساپالچى قىلغاندەك مەن ساڭا قىلالمامدىم؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. ــ مانا، سېغىز لاينىڭ ساپالچىنىڭ قولىدا بولغىنىغا ئوخشاش، سىلەر مېنىڭ قولۇمدىسىلەر، ئى ئىسرائىل جەمەتى.
7 ある時には、わたしが民または国を抜く、破る、滅ぼすということがあるが、
بەزىدە مەن مەلۇم بىر ئەل، مەلۇم بىر مەملىكەت توغرۇلۇق، يەنى ئۇنىڭ يۇلۇنۇشى، بۇزۇلۇشى ۋە ھالاك قىلىنىشى توغرۇلۇق سۆزلەيمەن؛
8 もしわたしの言った国がその悪を離れるならば、わたしはこれに災を下そうとしたことを思いかえす。
شۇ چاغ مەن ئاگاھلاندۇرغان شۇ ئەل يامانلىقىدىن توۋا قىلىپ يانسا، مەن ئۇلارغا قىلماقچى بولغان يامانلىقتىن يانىمەن.
9 またある時には、わたしが民または国を建てる、植えるということがあるが、
مەن يەنە بەزىدە مەلۇم بىر ئەل، مەلۇم بىر مەملىكەت توغرۇلۇق، يەنى ئۇنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تىكىپ ئۆستۈرۈلۈشى توغرۇلۇق سۆزلەيمەن؛
10 もしその国がわたしの目に悪と見えることを行い、わたしの声に聞き従わないなら、わたしはこれに幸を与えようとしたことを思いかえす。
شۇ چاغ شۇ ئەل كۆز ئالدىمدا يامانلىق قىلىپ ئاۋازىمنى ئاڭلىمىسا، مەن يەنە ئۇلارغا ۋەدە قىلغان، ئۇلارنى بەرىكەتلىمەكچى بولغان ياخشىلىقتىن يانىمەن.
11 それゆえ、ユダの人々とエルサレムに住む者に言いなさい、『主はこう仰せられる、見よ、わたしはあなたがたに災を下そうと工夫し、あなたがたを攻める計りごとを立てている。あなたがたはおのおのその悪しき道を離れ、その道と行いを改めなさい』と。
ئەمدى ھازىر يەھۇدادىكىلەرگە ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارغا مۇنداق دېگىن: ــ «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن سىلەرگە يامانلىق تەييارلاۋاتىمەن، سىلەرگە قارشى بىر پىلان تۈزىۋاتىمەن؛ شۇڭا ھەربىرىڭلار رەزىل يولۇڭلاردىن يېنىڭلار، يوللىرىڭلارنى ۋە قىلمىشلىرىڭلارنى تۈزىتىڭلار.
12 しかし彼らは言う、『それはむだです。われわれは自分の図るところに従い、おのおのその悪い強情な心にしたがって行動します』と。
ــ لېكىن ئۇلار: «ياق! خام خىيال قىلما! بىز ئۆز پىلانلىرىمىزغا ئەگىشىۋېرىمىز، ئۆز رەزىل كۆڭلىمىزدىكى جاھىللىقىمىز بويىچە قىلىۋېرىمىز» ــ دەيدۇ.
13 それゆえ主はこう言われる、異邦の民のうちのある者に尋ねてみよ、このような事を聞いた者があろうか。おとめイスラエルは恐ろしい事をした。
شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئەللەر ئارىسىدىن: «كىم مۇشۇنداق ئىشنى ئاڭلاپ باققان؟!» دەپ سوراڭلار. «پاك قىز» ئىسرائىل دەھشەتلىك يىرگىنچلىك ئىشنى قىلغان!
14 レバノンの雪が、どうしてシリオンの岩を離れようか。山の水、冷たい川の流れが、どうしてかわいてしまおうか。
لىۋان قارلىرى ئايدالادىكى قىيالىقتىن يوقاپ كېتەمدۇ؟ ئۇنىڭ يىراقتىن چۈشكەن مۇزدەك سۇلىرى قۇرۇپ كېتەمدۇ؟
15 それなのにわが民はわたしを忘れて、偽りの神々に香をたいている。彼らはその道、古い道につまずき、また小道に入り、大路からはなれた。
لېكىن مېنىڭ خەلقىم بولسا مېنى ئۇنتۇغان؛ ئۇلار يوق بىر نەرسىلەرگە خۇشبۇي ياقىدۇ؛ مانا، بۇلار ئۇلارنى ياشاۋاتقان يولىدىن، يەنى قەدىمدىن بولغان يوللاردىن پۇتلاشتۇرۇپ، كۆتۈرۈلۈپ تۈز قىلىنمىغان بىر يولدا ماڭدۇرغان.
16 自分の地を荒れすたれさせて、いつまでも人に舌打ちされるものとした。そこを通る人はみな身震いして、首を振る。
شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ زېمىنىنى دەھشەت باسىدىغان ھەم دائىم كىشىلەر ئۇش-ئۇش قىلىدىغان ئوبيېكت قىلىدۇ؛ ئۇنىڭدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى دەھشەت بېسىپ، بېشىنى چايقىشىدۇ.
17 わたしは東風のように、彼らをその敵の前に散らす。その滅びの日には、わたしは彼らに背を向け、顔を向けない」。
مەن خۇددى شەرقتىن چىققان شامالدەك ئۇلارنى دۈشمەن ئالدىدا تارقىتىۋېتىمەن؛ مەن بالايىئاپەت كۈنىدە ئۇلارغا يۈزۈمنى ئەمەس، بەلكى ئارقامنى قىلىمەن».
18 彼らは言った、「さあ、計略をめぐらして、エレミヤを倒そう。祭司には律法があり、知恵ある者には計りごとがあり、預言者には言葉があって、これらのものが滅びてしまうことはない。さあ、われわれは舌をもって彼を撃とう。彼のすべての言葉に、心を留めないことにしよう」。
كىشىلەر: «كېلىڭلار، يەرەمىياغا قەست قىلايلى؛ چۈنكى يا كاھىنلاردىن قانۇن-تەربىيە، يا دانىشمەنلەردىن ئەقىل-نەسىھەت يا پەيغەمبەرلەردىن سۆز-بېشارەت كەملىك قىلمايدۇ. كېلىڭلار، تىلىمىزنى بىر قىلىپ ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلايلى، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ھېچقايسىسىغا قۇلاق سالمايلى» ــ دېيىشتى.
19 主よ、どうぞわたしにみ心を留め、わたしの訴えをお聞きください。
ــ ئى پەرۋەردىگار، ماڭا قۇلاق سالغايسەن؛ ماڭا قارشىلىشىدىغانلارنىڭ دەۋاتقانلىرىنى ئاڭلىغايسەن.
20 悪をもって善に報いるべきでしょうか。しかもなお彼らはわたしの命を取ろうとして穴を掘りました。わたしがあなたの前に立って、彼らのことを良く言い、あなたの憤りを止めようとしたのを覚えてください。
ياخشىلىققا يامانلىق قىلىش بولامدۇ؟ چۈنكى ئۇلار جېنىم ئۈچۈن ئورا كولىغان؛ مەن ئۇلارغا ياخشى بولسۇن دەپ، غەزىپىڭنى ئۇلاردىن ياندۇرۇش ئۈچۈن سېنىڭ ئالدىڭدا [دۇئا قىلىپ] تۇرغانلىقىمنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن.
21 それゆえ、彼らの子どもたちをききんに渡し、彼らをつるぎの刃に渡してください。彼らの妻は子を失い、また寡婦となり、男は疫病にかかって死に、若い者は、戦争でつるぎに殺されますように。
شۇڭا بالىلىرىڭنى قەھەتچىلىككە تاپشۇرغايسەن، قىلىچنىڭ بىسىغا ئېلىپ بەرگەيسەن؛ ئاياللىرى بالىلىرىدىن جۇدا قىلىنىپ تۇل قالسۇن؛ ئەرلىرى ۋابا-ئۆلۈم بىلەن يوقالسۇن، يىگىتلەر جەڭدە قىلىچلانسۇن.
22 あなたが敵をにわかに彼らに臨ませられるとき、彼らの家から叫び声が聞えますように。彼らは穴を掘って、わたしを捕えようとし、わなをつくって、わたしの足を捕えようとしたからです。
ئۇلارنىڭ ئۈستىگە باسمىچىلارنى ئېلىپ كەلگىنىڭدە ئۆيلىرىدىن نالە-پەرياد ئاڭلانسۇن؛ چۈنكى ئۇلار مېنى تۇتۇشقا ئورا كولىغان، پۇتلىرىم ئۈچۈن قىسماقلارنى يوشۇرۇن سالغان.
23 主よ、あなたは彼らがわたしを殺すためにめぐらしている計略を皆ごぞんじです。その悪をゆるすことなく、その罪をあなたの前から消し去らないでください。彼らをあなたの前に倒れさせてください。あなたのお怒りになる時に彼らを罰してください。
ئەمدى سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ مېنى قەتل قىلىشقا بولغان قەستلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئوبدان بىلىسەن؛ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكلىرىنى كەچۈرمىگەيسەن، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆزۈڭ ئالدىدىن يۇمىغايسەن؛ بەلكى ئۇلار سېنىڭ ئالدىڭدا يىقىتىلسۇن؛ غەزىپىڭ چۈشكەن كۈنىدە ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلغايسەن.

< エレミヤ書 18 >