< イザヤ書 3 >

1 見よ、主、万軍の主はエルサレムとユダからささえとなり、頼みとなるものすべてささえとなるパン、すべてささえとなる水を取り去られる。
چۈنكى، قارا! ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار، يېرۇسالېم ۋە يەھۇداغا قۇۋۋەت ۋە يۆلەنچۈك بولغان [بارلىق نەرسىلەرنى يوق قىلىدۇ]، ــ يەنى قۇۋۋەت بولغان پۈتكۈل ئاش-نان، يۆلەنچۈك بولغان ھەممە سۇ،
2 すなわち勇士と軍人、裁判官と預言者、占い師と長老、
پالۋان ۋە لەشكەر، سوتچى ۋە پەيغەمبەر، پالچى ۋە ئاقساقال،
3 五十人の長と身分の高い人、議官と巧みな魔術師、老練なまじない師を取り去られる。
ئەللىك بېشى، مۆتىۋەر ۋە مەسلىھەتچى، ھۈنەرۋەن ئۇستىلار ۋە جادۇ قىلغۇچىلارنى يوق قىلىدۇ.
4 わたしはわらべを立てて彼らの君とし、みどりごに彼らを治めさせる。
ــ «[ئۇلارنىڭ ئورنىغا] ياشلارنى ئەمەلدار قىلىمەن، بەتخۇي بالىلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئىدارە قىلىدۇ.
5 民は互に相しえたげ、人はおのおのその隣をしえたげ、若い者は老いたる者にむかって高ぶり、卑しい者は尊い者にむかって高ぶる。
پۇقرالار بىر-بىرىنى ئېزىدۇ، ھەربىرى قوشنىسى تەرىپىدىن ئېزىلىدۇ؛ بالىلار قېرىلارغا، مۇتتەھەملەر مۆتىۋەرلەرگە ئەدەپسىزلىك قىلىدۇ؛
6 その時、人はその父の家で、兄弟をつかまえて言う、「あなたは外套を持っている、わたしたちのつかさびとになって、この荒れ跡をあなたの手で治めてください」と。
شۇ كۈنى بىرسى ئاتا جەمەتىدىكى قېرىندىشىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭغا: ــ «سىزنىڭ كىيىم-كېچىكىڭىز بار؛ بىزگە يېتەكچى بولۇڭ، بۇ خارابىلەر قولىڭىز ئاستىدا بولسۇن»، ــ دەيدۇ؛ ئۇ جاۋابەن قولىنى كۆتۈرۈپ [قەسەم ئىچىپ]: «دەردىڭلارغا دەرمان بولالمايمەن؛ ئۆيۈمدىمۇ يا ئاش-نان يا كىيىم-كېچەك يوق؛ مېنى خەلققە يېتەكچى قىلماڭلار!» ــ دەيدۇ.
7 その日、彼は声をあげて言う、「わたしはいやす者となることはできません、わたしの家にはパンもなく、外套もありません、わたしを立てて、民のつかさびとにしないでください」。
8 これは彼らの言葉と行いとが主にそむき、その栄光の目をおかしたので、エルサレムはつまずき、ユダは倒れたからである。
چۈنكى يېرۇسالېم پۇتلىشىدۇ-چۈشكۈنلىشىدۇ، يەھۇدا بولسا يىقىلىدۇ؛ سەۋەبى، ئۇلارنىڭ تىلى ۋە ئىللەتلىرى پەرۋەردىگارغا قارشى چىقىپ، شەرەپ ئىگىسىنىڭ كۆزلىرى ئالدىدا ئىسيانكارلىق قىلدى.
9 彼らの不公平は彼らにむかって不利なあかしをし、ソドムのようにその罪をあらわして隠さない。わざわいなるかな、彼らはみずから悪の報いをうけた。
ئۇلارنىڭ چىرايى ئۆزلىرىگە قارشى گۇۋاھلىق بېرىدۇ؛ ئۇلار سودوم شەھىرىدەك گۇناھىنى ھېچ يوشۇرماي، ئوچۇق-ئاشكارا جاكارلايدۇ. ئۇلارنىڭ جېنىغا ۋاي! ئۇلار يامانلىقنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرگەن!
10 正しい人に言え、彼らはさいわいであると。彼らはその行いの実を食べるからである。
ھەققانىيلارغا ئېيتقىنكى، ئۇلار ئامان-ئېسەنلىكتە تۇرىدۇ، ئۇلار ئۆز ئەمللىرىنىڭ مېۋىسىنى يەيدۇ؛
11 悪しき者はわざわいだ、彼は災をうける。その手のなした事が彼に報いられるからである。
رەزىللەرگە ۋاي! بېشىغا يامانلىق چۈشىدۇ، چۈنكى ئۆز قولى بىلەن قىلغانلىرى ئۆزىگە يانىدۇ.
12 わが民は幼な子にしえたげられ、女たちに治められる。ああ、わが民よ、あなたを導く者はかえって、あなたを迷わせ、あなたの行くべき道を混乱させる。
مېنىڭ خەلقىمدە بولسا، بالىلار ئۇلارنى خار قىلىدۇ، ئاياللار ئۇلارنى ئىدارە قىلىدۇ؛ ئى خەلقىم! سىلەرنى يېتەكلەۋاتقانلار سىلەرنى ئازدۇرىدۇ، ئۇلار ماڭىدىغان يوللىرىڭلارنى يوق قىلىدۇ.
13 主は言い争うために立ちあがり、その民をさばくために立たれる。
پەرۋەردىگار ئۆز دەۋاسىنى سوراشقا ئورۇن ئالىدۇ، خەلق-مىللەتلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشقا ئۆرە تۇرىدۇ؛
14 主はその民の長老と君たちとをさばいて、「あなたがたは、ぶどう畑を食い荒した。貧しい者からかすめとった物は、あなたがたの家にある。
پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ ئاقساقاللىرى ۋە ئەمىرلىرى بىلەن دەۋالىشىپ، ئۇلارغا: ــ ئۈزۈمزارنى يەپ تۈگەتكەنلەر سىلەر ئۆزۈڭلار، ئاجىز مۆمىنلەردىن ئالغان ئولجا ئۆيۈڭلاردا ياتىدۇ، دەيدۇ.
15 なぜ、あなたがたはわが民を踏みにじり、貧しい者の顔をすり砕くのか」と万軍の神、主は言われる。
ــ سىلەرنىڭ خەلقىمنى ئاشۇنداق ئېزىپ، ئاجىز مۆمىنلەرنىڭ يۈزلىرىگە دەسسەپ زادى نېمە قىلغىنىڭلار؟ ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار.
16 主は言われた、シオンの娘らは高ぶり、首をのばしてあるき、目でこびをおくり、その行くとき気どって歩き、その足でりんりんと鳴り響かす。
پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دېدى: ــ «زىئون قىز-ئاياللىرى تەكەببۇرلۇق قىلىپ، قاش-كىرپىكلىرىنى سۈزۈپ، كۆزلىرىنى ئوينىتىپ، ناز قىلىپ تايتاڭلىشىپ، پۇتلىرىنى جىلدىرلىتىپ مېڭىپ يۈرىشىدۇ؛
17 それゆえ、主はシオンの娘らの頭を撃って、かさぶたでおおい、彼らの隠れた所をあらわされる。
شۇڭا رەب زىئون قىز-ئاياللىرىنىڭ باش چوققىلىرىنى تاز قىلىدۇ، پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئۇيات يەرلىرىنى ئېچىۋېتىدۇ».
18 その日、主は彼らの美しい装身具と服装すなわち、くるぶし輪、髪ひも、月形の飾り、
ئاشۇ كۈنى رەب ئۇلارنى گۈزەللىكىدىن مەھرۇم قىلىدۇ؛ ــ ئۇلارنىڭ ئوشۇق جىلدىراقلىرىنى، باش جىيەكلىرىنى، ئاي شەكىللىك مارجانلىرىنى،
19 耳輪、腕輪、顔おおい、
ھالقىلىرىنى، بىلەزۈكلىرىنى، چۈمپەردە-چاچۋانلىرىنى،
20 頭飾り、すね飾り、飾り帯、香箱、守り袋、
روماللىرىنى، ئوشۇق زەنجىرلىرىنى، پوتىلىرىنى، ئەتىردانلىرىنى، تىلتۇمارلىرىنى،
21 指輪、鼻輪、
ئۈزۈكلىرىنى، بۇرۇن ھالقىلىرىنى،
22 礼服、外套、肩掛、手さげ袋、
ھېيتلىق تونلىرىنى، يوپۇقلىرىنى، پۈركەنجىلىرىنى، ھەميانلىرىنى،
23 薄織の上着、亜麻布の着物、帽子、被衣などを取り除かれる。
ئەينەكلىرىنى، ئاپئاق ئىچ كۆينەكلىرىنى، سەللىلىرىنى ۋە تور پەردىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ تاشلايدۇ.
24 芳香はかわって、悪臭となり、帯はかわって、なわとなり、よく編んだ髪はかわって、かぶろとなり、はなやかな衣はかわって、荒布の衣となり、美しい顔はかわって、焼き印された顔となる。
ئەمدى شۇنداق بولىدۇكى، ئەتىر پۇرىقىنىڭ ئورنىغا بەتبۇيلۇق؛ پوتىنىڭ ئورنىدا ئارغامچا، چىرايلىق ياسىغان چاچلىرىنىڭ ئورنىدا تاز بېشى، كېلىشكەن توننىڭ ئورنىدا بۆز رەختلەر، گۈزەللىكىنىڭ ئورنىدا داغمال تامغىسى بولىدۇ.
25 あなたの男たちはつるぎに倒れ、あなたの勇士たちは戦いに倒れる。
سېنىڭ يىگىتلىرىڭ قىلىچلىنىپ، باتۇرلىرىڭ جەڭدە يىقىلىدۇ.
26 シオンの門は嘆き悲しみ、シオンは荒れすたれて、地に座する。
[زىئوننىڭ] قوۋۇقلىرى زار كۆتۈرۈپ ماتەم تۇتىدۇ؛ ئۇ يالىڭاچلانغان ھالدا يەرگە ئولتۇرۇپ قالىدۇ.

< イザヤ書 3 >