< イザヤ書 25 >

1 主よ、あなたはわが神、わたしはあなたをあがめ、み名をほめたたえる。あなたはさきに驚くべきみわざを行い、いにしえから定めた計画を真実をもって行われたから。
پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ خۇدايىم؛ مەن سېنى ئۈستۈن دەپ مەدھىيىلەيمەن، مەن سېنىڭ نامىڭنى مۇبارەكلەيمەن، چۈنكى سەن كارامەت ئىشلارنى، سادىقلىق ۋە ھەقىقەت ئىچىدە قەدىمدىن بۇيان قەلبىڭگە پۈككەنلىرىڭنى بەجا كەلتۈرگەنسەن.
2 あなたは町を石塚とし、堅固な町を荒塚とされた。外国人のやかたは、もはや町ではなく、とこしえに建てられることはない。
چۈنكى سەن شەھەرنى خارابىلىك، قەلئە-قورغانلىق يۇرتنى خاراب، ياتلارنىڭ ئوردىسىنى شەھەر بولالماس قىلغانسەن، ئۇ ئىككىنچى ھەرگىز قۇرۇلمايدۇ.
3 それゆえ、強い民はあなたを尊び、あらぶる国々の町はあなたを恐れる。
شۇڭا ھېلىقى كۈچلۈك خەلق سېنى ئۇلۇغلايدۇ، ئەشەددىي ئەللەرنىڭ ھېلىقى شەھىرى سەندىن قورقىدۇ؛
4 あなたは貧しい者のとりでとなり、乏しい者の悩みのときのとりでとなり、あらしをさける避け所となり、熱さをさける陰となられた。あらぶる者の及ぼす害は、石がきを打つあらしのごとく、
چۈنكى سەن مىسكىنلەرگە قورغان، يوقسۇللارنىڭ دەردى-ھاجىتىگە قورغان، بورانغا دالدا، ئىسسىققا سايە بولغانسەن؛ چۈنكى ئەشەددىيلەرنىڭ زەربە دولقۇنى تامغا ئۇرۇلغان بوراندەك، قاغجىراق يەرنى باسقان ئىسسىق ھاۋادەك بولدى. بىراق ئىسسىق ھاۋا بۇلۇت سايىسى بىلەن توسۇلغاندەك، سەن ياتلارنىڭ چۇقان-سۈرەنلىرىنى پەسەيتىسەن؛ ئەشەددىيلەرنىڭ غەلىبە ناخشىسى پەس قىلىنىدۇ.
5 かわいた地の熱さのようだからである。あなたは外国人の騒ぎをおさえ、雲が陰をもって熱をとどめるようにあらぶる者の歌をとどめられる。
6 万軍の主はこの山で、すべての民のために肥えたものをもって祝宴を設け、久しくたくわえたぶどう酒をもって祝宴を設けられる。すなわち髄の多い肥えたものと、よく澄んだ長くたくわえたぶどう酒をもって祝宴を設けられる。
ۋە مۇشۇ تاغدا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بارلىق قوۋملار ئۈچۈن زىياپەت قىلىدۇ ــ مايلىق يېمەكلىكلەر، سۈزدۈرۈلگەن كونا شارابلار، يىلىكى توق مايلىق يېمەكلىكلەر، سۈزدۈرۈلگەن، ياخشى ساقلانغان كونا شارابلاردىن بولغان زىياپەت بولىدۇ؛
7 また主はこの山で、すべての民のかぶっている顔おおいと、すべての国のおおっているおおい物とを破られる。
ۋە ئۇ مۇشۇ تاغدا ھەممە قوۋملارنى ياپىدىغان چۈمپەردىنى، بارلىق ئەللەرنى ياپىدىغان ياپقۇچنى يوقىتىدۇ؛
8 主はとこしえに死を滅ぼし、主なる神はすべての顔から涙をぬぐい、その民のはずかしめを全地の上から除かれる。これは主の語られたことである。
ئۇ ئۆلۈمنى مەڭگۈگە يۇتۇپ يوقىتىدۇ! رەب پەرۋەردىگار ھەربىر يۈزدىكى ياشلارنى سۈرتىۋېتىدۇ؛ پۈتكۈل يەر-زېمىن ئالدىدا ئۆز خەلقىنىڭ شەرمەندىلىكىنى ئېلىپ تاشلايدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار شۇنداق ئېيتقان.
9 その日、人は言う、「見よ、これはわれわれの神である。わたしたちは彼を待ち望んだ。彼はわたしたちを救われる。これは主である。わたしたちは彼を待ち望んだ。わたしたちはその救を喜び楽しもう」と。
ۋە شۇ كۈنىدە دېيىلىدۇكى: ــ «مانا، خۇدايىمىز مۇشۇ، بىز ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ كەلگەن، ئۇ بىزنى قۇتقۇزىدۇ؛ مانا، مۇشۇ پەرۋەردىگاردۇر، بىز ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ كەلگەن، بىز شادلىنىپ ئۇنىڭ نىجات-قۇتۇلدۇرۇشىدىن خۇرسەن بولىمىز.
10 主の手はこの山にとどまり、モアブは肥だめの中に踏まれるわらのように、おのれの所で踏みにじられる。
چۈنكى مۇشۇ تاغقا پەرۋەردىگارنىڭ قولى قونۇپ تۇرىدۇ؛ ۋە سامان ئازگالدا تېزەك بىلەن چەيلەنگەندەك، موئاب ئۇنىڭ پۇتلىرى ئاستىدا چەيلىنىدۇ؛
11 彼はその中で泳ぐ物が泳ごうとして手を伸ばすように、その手を伸ばす。しかし主はその高ぶりを、その手の巧みなわざと共に低くされる。
[موئاب] ئاشۇ [تېزەكلىك] ئازگالدىن ئۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن قولىنى كېرىدۇ، بىراق ئۇنىڭ قولى چېۋەر بولغىنى بىلەن، [رەب] ئۇنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى پەس قىلىدۇ.
12 その石がきの高い城郭を主は傾け倒し、地に投げうって、ちりにかえされる。
ئۇ سېپىللىرىڭنىڭ ئېگىز مۇداپىئەلىك قورغانلىرىنى غۇلىتىپ، يەر بىلەن يەكسان قىلىپ، توپا-چاڭغا ئايلاندۇرىدۇ.

< イザヤ書 25 >