< 創世記 50 >

1 ヨセフは父の顔に伏して泣き、口づけした。
يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ يۈزىگە ئۆزىنى ئېتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە يىغلاپ، ئۇنى سۆيدى.
2 そしてヨセフは彼のしもべである医者たちに、父に薬を塗ることを命じたので、医者たちはイスラエルに薬を塗った。
ئاندىن يۈسۈپ ئۆز خىزمىتىدە بولغان تېۋىپلارغا ئاتىسىنى مۇمىيا قىلىشنى بۇيرۇدى؛ شۇنىڭ بىلەن تېۋىپلار ئىسرائىلنى مۇمىيا قىلدى.
3 このために四十日を費した。薬を塗るにはこれほどの日数を要するのである。エジプトびとは七十日の間、彼のために泣いた。
بۇنى قىلىشقا قىرىق كۈن كەتتى، چۈنكى مۇمىيا قىلىشقا شۇنچىلىك كۈن كېتەتتى. مىسىرلىقلار ئۇنىڭغا يەتمىش كۈن ماتەم تۇتتى.
4 彼のために泣く日が過ぎて、ヨセフはパロの家の者に言った、「今もしわたしがあなたがたの前に恵みを得るなら、どうかパロに伝えてください。
ئۇنىڭغا ھازا تۇتۇش كۈنلىرى ئۆتۈپ بولغاندا، يۈسۈپ پىرەۋننىڭ ئوردىسىدىكىلەرگە: ــ مەن نەزىرىڭلاردا ئىلتىپات تاپقان بولسام، پىرەۋننىڭ قۇلاقلىرىغا سۆز قىلىڭلاركى: ــ ئاتام ماڭا قەسەم قىلدۇرۇپ: «مانا مەن ئۆلىمەن؛ سەن مېنى مەن قانائان زېمىنىدا ئۆزۈم ئۈچۈن كولاپ قويغان گۆرگە دەپنە قىلغىن» دېگەنىدى. ئەمدى پىرەۋن ماڭا ئىجازەت بەرگەي، مەن بېرىپ ئاتامنى دەپنە قىلىپ بولۇپ يېنىپ كەلسەم، ــ دېدى.
5 『わたしの父はわたしに誓わせて言いました「わたしはやがて死にます。カナンの地に、わたしが掘って置いた墓に葬ってください」。それで、どうかわたしを上って行かせ、父を葬らせてください。そうすれば、わたしはまた帰ってきます』」。
6 パロは言った、「あなたの父があなたに誓わせたように上って行って彼を葬りなさい」。
پىرەۋن جاۋابەن: ــ سەن بېرىپ ئۆزۈڭگە ئاتاڭ قەسەم قىلدۇرغاندەك ئۇنى دەپنە قىلغىن، دېدى.
7 そこでヨセフは父を葬るために上って行った。彼と共に上った者はパロのもろもろの家来たち、パロの家の長老たち、エジプトの国のもろもろの長老たち、
شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئاتىسىنى دەپنە قىلغىلى ماڭدى. پىرەۋننىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرى، ئوردىنىڭ ئاقساقاللىرى ھەم مىسىر زېمىنىدىكى ئاقساقاللار ئۇنىڭ بىلەن ھەمراھ بولۇپ ماڭدى.
8 ヨセフの全家とその兄弟たち及びその父の家族であった。ただ子供と羊と牛はゴセンの地に残した。
يۈسۈپنىڭ ئۆيىدىكى ھەممىسى، قېرىنداشلىرى ۋە ئاتىسىنىڭ ئۆيىدىكىلەرمۇ بىللە باردى؛ ئۇلار پەقەت كىچىك بالىلىرى، قوي-كالا پادىلىرىنى گوشەن يۇرتىدا قويۇپ كەتتى.
9 また戦車と騎兵も彼と共に上ったので、その行列はたいそう盛んであった。
ئۇنىڭ بىلەن يەنە جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىقلارمۇ بىللە باردى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ناھايىتى چوڭ بىر قوشۇن بولدى.
10 彼らはヨルダンの向こうのアタデの打ち場に行き着いて、そこで大いに嘆き、非常に悲しんだ。そしてヨセフは七日の間父のために嘆いた。
ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى «ئاتادنىڭ خامىنى»غا يېتىپ كەلگەندە، شۇ يەردە قاتتىق ۋە ھەسرەتلىك يىغا-زار قىلىپ ماتەم تۇتۇپ يىغلاشتى. يۈسۈپ ئاتىسى ئۈچۈن يەتتە كۈن ماتەم تۇتتى.
11 その地の住民、カナンびとがアタデの打ち場の嘆きを見て、「これはエジプトびとの大いなる嘆きだ」と言ったので、その所の名はアベル・ミツライムと呼ばれた。これはヨルダンの向こうにある。
شۇ يۇرتتا ئولتۇرۇشلۇق قانائانىيلار ئاتادنىڭ خامىنىدا بولغان بۇ ماتەمنى كۆرۈپ: ــ بۇ مىسىرلىقلارنىڭ ئىنتايىن قاتتىق تۇتقان ھازىسى بولدى، دېيىشتى. بۇ سەۋەبتىن ئۇ جاينىڭ نامى «ئابەل-مىزرائىم» دەپ ئاتالدى؛ ئۇ ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىدۇر.
12 ヤコブの子らは命じられたようにヤコブにおこなった。
ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە تاپىلىغىنىدەك قىلدى؛
13 すなわちその子らは彼をカナンの地へ運んで行って、マクペラの畑のほら穴に葬った。このほら穴はマムレの東にあって、アブラハムがヘテびとエフロンから畑と共に買って、所有の墓地としたものである。
ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇنى قانائان زېمىنىغا ئېلىپ بېرىپ، مامرەنىڭ ئۇدۇلىدا، ماكپېلاھنىڭ ئېتىزلىقىنىڭ ئىچىدىكى غاردا دەپنە قىلدى. شۇ غارنى ئىبراھىم قەبرىستانلىق قىلاي دەپ ماكپېلاھنىڭ ئېتىزلىقى بىلەن قوشۇپ ھىتتىي ئەفروندىن سېتىۋالغانىدى.
14 ヨセフは父を葬った後、その兄弟たち及びすべて父を葬るために一緒に上った者と共にエジプトに帰った。
يۈسۈپ ئاتىسىنى دەپنە قىلغاندىن كېيىن، ئۆزى، قېرىنداشلىرى، شۇنداقلا ئاتىسىنى دەپنە قىلىشقا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ چىققان ھەممە خەلقلەر مىسىرغا يېنىپ كەلدى.
15 ヨセフの兄弟たちは父の死んだのを見て言った、「ヨセフはことによるとわれわれを憎んで、われわれが彼にしたすべての悪に、仕返しするに違いない」。
لېكىن يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرى ئاتىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىنى كۆرگەندە: ــ ئەمدى يۈسۈپ بىزگە دۈشمەن بولۇپ بىزنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان بارلىق يامانلىقىمىزنى ئۈستىمىزگە ياندۇرارمىكىن، دېيىشتى.
16 そこで彼らはことづけしてヨセフに言った、「あなたの父は死ぬ前に命じて言われました、
ئۇلار يۈسۈپنىڭ قېشىغا ئادەم ئەۋەتىپ: ــ ئاتىلىرى ئۆلۈشتىن ئىلگىرى بىزگە ۋەسىيەت قىلىپ تاپىلاپ: ــ
17 『おまえたちはヨセフに言いなさい、「あなたの兄弟たちはあなたに悪をおこなったが、どうかそのとがと罪をゆるしてやってください」』。今どうかあなたの父の神に仕えるしもべらのとがをゆるしてください」。ヨセフはこの言葉を聞いて泣いた。
«سىلەر يۈسۈپكە: ــ ئاكىلىرىڭ ساڭا رەزىللىك قىلغانىدى؛ ئەمدى ئۇلارنىڭ ئاسىيلىقى ھەم گۇناھىنى كەچۈرگىن! ــ دەڭلار» ــ دېگەنىدى. ھازىر سىلىدىن ئۆتۈنۈمىزكى، ئاتىلىرىنىڭ خۇداسىنىڭ بەندىلىرىنىڭ ئاسىيلىقىنى كەچۈرگەيلا! ــ دېدى. يۈسۈپ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ يىغلىدى.
18 やがて兄弟たちもきて、彼の前に伏して言った、「このとおり、わたしたちはあなたのしもべです」。
ئاندىن ئاكىلىرى كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنى يەرگە ئېتىپ: ــ مانا، بىز سىلىنىڭ قۇللىرىدۇرمىز! ــ دېدى.
19 ヨセフは彼らに言った、「恐れることはいりません。わたしが神に代ることができましょうか。
لېكىن يۈسۈپ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ قورقماڭلار! مەن خۇدانىڭ ئورنىدا تۇرۇۋاتامدىم؟
20 あなたがたはわたしに対して悪をたくらんだが、神はそれを良きに変らせて、今日のように多くの民の命を救おうと計らわれました。
سىلەر دەرۋەقە ماڭا شۇ ئىشنى يامان نىيەت بىلەن قىلدىڭلار؛ لېكىن خۇدا بۈگۈنكى كۈندىكىدەك نۇرغۇنلىغان خەلقنىڭ جېنىنى تىرىك ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن شۇ ئىشنى ياخشىلىققا بېكىتكەنىدى.
21 それゆえ恐れることはいりません。わたしはあなたがたとあなたがたの子供たちを養いましょう」。彼は彼らを慰めて、親切に語った。
شۇڭا ئەمدى قورقماڭلار؛ مەن ھەم سىلەرنى ھەم بالا-چاقىلىرىڭلارنى باقىمەن، ــ دېدى ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىپ مېھىرلىك گەپ قىلدى.
22 このようにしてヨセフは父の家族と共にエジプトに住んだ。そしてヨセフは百十年生きながらえた。
يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ جەمەتى بىلەن بىللە مىسىردا تۇرۇپ قالدى. يۈسۈپ بىر يۈز ئون يىل ئۆمۈر كۆردى.
23 ヨセフはエフライムの三代の子孫を見た。マナセの子マキルの子らも生れてヨセフのひざの上に置かれた。
بۇ تەرىقىدە يۈسۈپ ئەفرائىمنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلادىنى كۆردى؛ ماناسسەھنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ بالىلىرىمۇ ئۇنىڭ تىزلىرى ئۈستىدە تۇغۇلدى.
24 ヨセフは兄弟たちに言った、「わたしはやがて死にます。神は必ずあなたがたを顧みて、この国から連れ出し、アブラハム、イサク、ヤコブに誓われた地に導き上られるでしょう」。
يۈسۈپ قېرىنداشلىرىغا: ــ مەن ئۆلۈپ كېتىمەن؛ لېكىن خۇدا چوقۇم سىلەرنى يوقلاپ سىلەرنى بۇ زېمىندىن چىقىرىپ، ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا بېرىشكە قەسەم قىلىپ ۋەدە قىلغان زېمىنغا يەتكۈزىدۇ، ــ دېدى.
25 さらにヨセフは、「神は必ずあなたがたを顧みられる。その時、あなたがたはわたしの骨をここから携え上りなさい」と言ってイスラエルの子らに誓わせた。
ئاندىن يۈسۈپ يەنە قېرىنداشلىرىغا قەسەم ئىچكۈزۈپ: «خۇدا سىلەرنى چوقۇم يوقلايدۇ؛ شۇ چاغدا سىلەر مېنىڭ سۆڭەكلىرىمنى ئېلىپ، بۇ يەردىن چىقىپ كېتىشىڭلار كېرەك»، ــ دېدى.
26 こうしてヨセフは百十歳で死んだ。彼らはこれに薬を塗り、棺に納めて、エジプトに置いた。
يۈسۈپ بىر يۈز ئون ياشقا كىرگەندە ۋاپات تاپتى. ئۇلار ئۇنى مۇمىيا قىلىپ، مىسىردا بىر مېيىت ساندۇقىغا سېلىپ قويدى.

< 創世記 50 >