< エズラ記 5 >

1 さて預言者ハガイおよびイドの子ゼカリヤのふたりの預言者は、ユダとエルサレムにいるユダヤ人に向かって、彼らの上にいますイスラエルの神の名によって預言した。
بۇ چاغدا پەيغەمبەرلەر، يەنى ھاگاي پەيغەمبەر بىلەن ئىددونىڭ ئوغلى زەكەرىيا پەيغەمبەر يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدىكى يەھۇدىيلارغا بېشارەت بېرىشكە باشلىدى؛ ئۇلار ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ نامىدا ئۇلارغا بېشارەت بېرىشتى.
2 そこでシャルテルの子ゼルバベルおよびヨザダクの子エシュアは立ちあがって、エルサレムにある神の宮を建て始めた。神の預言者たちも、彼らと共にいて彼らを助けた。
شۇنىڭ بىلەن شېئالتىيەلنىڭ ئوغلى زەرۇببابەل ۋە يوزاداكنىڭ ئوغلى يەشۇئا قوپۇپ يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئۆيىنى يېڭىۋاشتىن سېلىشقا باشلىدى؛ خۇدانىڭ پەيغەمبەرلىرى ئۇلار بىلەن بىللە بولۇپ ئۇلارغا ياردەم بەردى.
3 その時、川向こうの州の知事タテナイおよびセタル・ボズナイとその同僚は彼らの所に来てこう言った、「だれがあなたがたにこの宮を建て、この城壁を築きあげることを命じたのか」。
شۇ چاغدا دەريانىڭ غەرب تەرىپىنىڭ باش ۋالىيسى تاتتىناي بىلەن شېتار-بوزناي ھەم ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ: «كىم سىلەرگە بۇ ئۆينى يېڭىۋاشتىن سېلىشقا، بۇ قۇرۇلۇشنى پۈتتۈرۈشكە بۇيرۇق بەردى؟» دەپ سورىدى.
4 また「この建物を建てている人々の名はなんというのか」と尋ねた。
ئۇلار يەنە: «بۇ قۇرۇلۇشقا مەسئۇل بولغۇچىلارنىڭ ئىسمى نېمە؟» دەپ سورىدى.
5 しかしユダヤ人の長老たちの上には、神の目が注がれていたので、彼らはこれをやめさせることができず、その事をダリヨスに奏して、その返答の来るのを待った。
لېكىن خۇدانىڭ نەزىرى يەھۇدا ئاقساقاللىرىنىڭ ئۈستىدە ئىدى، شۇڭا باش ۋالىي قاتارلىقلار پادىشاھ دارىئۇسقا مەلۇم قىلغۇچە، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن بۇ ھەقتە بىرەر جاۋاب يارلىق كەلگۈچە ئۇلارنىڭ قۇرۇلۇش ئىشىنى توسمىدى.
6 川向こうの州の知事タテナイおよびセタル・ボズナイとその同僚である川向こうの州の知事たちが、ダリヨス王に送った手紙の写しは次のとおりである。
دەريانىڭ غەرب تەرىپىنىڭ ۋالىيسى تاتتىناي بىلەن شېتار-بوزناي ھەم ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى، يەنى دەريانىڭ غەرب تەرىپىدىكى ئافارساقلىقلار پادىشاھ دارىئۇسقا خەت ئەۋەتتى؛ خەتنىڭ كۆچۈرۈلمىسى مانا تۆۋەندىكىدەك:
7 すなわち、彼らが王に送った手紙には、次のようにしるされてあった。「願わくはダリヨス王に全き平安があるように。
ئۇلار پادىشاھقا ئەۋەتكەن مەلۇماتتا مۇنداق دېيىلگەن: «دارىئۇس ئالىيلىرىغا چوڭقۇر ئامان-ئېسەنلىك بولغاي!
8 王に次のことをお知らせいたします。すなわち、われわれがユダヤ州へ行き、かの大いなる神の宮へ行って見たところ、それは大きな石をもって建てられ、材木を組んで壁をつくり、その工事は勤勉に行われ、彼らの手によって大いにはかどっています。
پادىشاھىمىزغا شۇ ئىش يېتىپ مەلۇم بولسۇنكى، بىز يەھۇدىيەگە، ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئۆيىگە بېرىپ كۆردۇقكى، شۇ ئۆي يوغان تاشلار بىلەن ياسىلىۋاتىدۇ، تاملىرىغا لىملار ئۆتكۈزۈلۈپ سېلىنماقتا؛ بۇ قۇرۇلۇش تېز سۈرەتتە ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ.
9 そこでわれわれはその長老たちに尋ねてこう言いました、『だれがあなたがたにこの宮を建て、この城壁を築きあげることを命じたのか』と。
ئاندىن بىز ئۇ يەردىكى ئاقساقاللاردىن: ــ كىم سىلەرگە بۇ ئۆينى سېلىشقا، بۇ قۇرۇلۇشنى پۈتتۈرۈشكە بۇيرۇق بەردى؟ ــ دەپ سورىدۇق.
10 われわれはまた彼らのかしらたる人々の名を書きしるして、あなたにお知らせするために、その名を尋ねました。
ۋە ئالىيلىرىغا مەلۇم بولسۇن ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى سورىدۇق، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ باشلىقلىرىنىڭ ئىسمىلىرىنى پۈتۈپ خاتىرىلىمەكچى ئىدۇق.
11 すると、彼らはわれわれに答えてこう言いました、『われわれは天地の神のしもべであって、年久しい昔に建てられた宮を、再び建てるのです。これはもと、イスラエルの大いなる王の建てあげたものですが、
ئۇلار بىزگە: «بىز ئاسمان-زېمىننىڭ خۇداسىنىڭ قۇللىرى، بىز ھازىر بۇنىڭدىن ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى سېلىنغان ئۆينى يېڭىۋاشتىن سېلىۋاتىمىز. مۇشۇ ئۆينى ئەسلىدە ئىسرائىلنىڭ ئۇلۇغ بىر پادىشاھى سالدۇرغانىدى.
12 われわれの先祖たちが、天の神の怒りを引き起したため、神は彼らを、カルデヤびとバビロンの王ネブカデネザルの手に渡されたので、彼はこの宮をこわし、民をバビロンに捕えて行きました。
لېكىن ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئاسماندىكى خۇدانىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپ قويغاچقا، خۇدا ئۇلارنى كالدىيەلىك بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا تاپشۇرغان؛ ئۇ بۇ ئۆينى چاقتۇرۇۋېتىپ، خەلقنى بابىلغا تۇتقۇن قىلىپ ئەكەتكەن.
13 ところがバビロンの王クロスの元年に、クロス王は神のこの宮を再び建てることの命令を下されました。
لېكىن بابىل پادىشاھى قورەشنىڭ بىرىنچى يىلى پادىشاھ قورەش خۇدانىڭ بۇ ئۆيىنى يېڭىۋاشتىن سېلىشقا يارلىق چۈشۈرگەن.
14 またクロス王は先にネブカデネザルが、エルサレムの宮からバビロンの神殿に移した神の宮の金銀の器を、バビロンの神殿から取り出して、彼が総督に任じたセシバザルという名の者に渡して、
ۋە نېبوقادنەسار يېرۇسالېمدىكى بۇ ئىبادەتخانىدىن ئېلىپ بابىل بۇتخانىسىغا ئاپىرىپ قويغان خۇدانىڭ ئۆيىدىكى ئالتۇن-كۈمۈش قاچا-قۇچىلارنىمۇ پادىشاھ قورەش ئۇلارنى بابىل بۇتخانىسىدىن ئەپچىقتۇرۇپ، شەشبازار ئىسىملىك بىر كىشىگە تاپشۇرغان؛ ئۇ ئۇنى باش ۋالىي قىلىپ تەيىنلىگەنىدى.
15 彼に言われました、「これらの器を携えて行って、エルサレムにある宮に納め、神の宮をもとの所に建てよ」と。
ھەم ئۇنىڭغا: ــ بۇ قاچا-قۇچىلارنى ئېلىپ ئۇلارنى يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا ئاپىرىپ قويغىن؛ خۇدانىڭ ئۆيى ئەسلى جايىغا يېڭىۋاشتىن سېلىنسۇن، دەپ بۇيرۇغان
16 そこでこのセシバザルは来てエルサレムにある神の宮の基礎をすえました。その時から今に至るまで、建築を続けていますが、まだ完成しないのです』と。
ئاندىن شۇ شەشبازار دېگەن كىشى كېلىپ، يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئۆيىگە ئۇل سالغان؛ ئەنە شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ھازىرغىچە ياسىلىۋاتىدۇ، تېخى پۈتمىدى» دەپ جاۋاپ بەردى.
17 それで今、もし王がよしと見られるならば、バビロンにある王の宝庫を調べて、エルサレムの神のこの宮を建てることの命令が、はたしてクロス王から出ているかどうかを確かめ、この事についての王のお考えをわれわれに伝えてください」。
ئەمدى ئالىيلىرىغا لايىق كۆرۈنسە، پادىشاھىمىزنىڭ شۇ يەردە، يەنى بابىلدىكى خەزىنىنى ئاختۇرۇپ بېقىشىنى، ئۇ يەردە پادىشاھ قورەشنىڭ يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئۆيىنى يېڭىۋاشتىن سېلىش توغرىسىدا چۈشۈرگەن يارلىقىنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈپ بېقىشىنى سورايمىز ھەم پادىشاھىمىزنىڭ بۇ ئىش توغرىسىدا ئۆز ئىرادىسىنى بىزگە بىلدۈرۈپ قويۇشىنى ئۆتۈنىمىز».

< エズラ記 5 >