< 出エジプト記 19 >

1 イスラエルの人々は、エジプトの地を出て後三月目のその日に、シナイの荒野にはいった。
ئىسرائىللار مىسىر زېمىنىدىن چىقىپ، دەل ئۈچىنچى ئېيىنىڭ باشلانغان كۈنى سىناي چۆلىگە يېتىپ كەلدى.
2 すなわち彼らはレピデムを出立してシナイの荒野に入り、荒野に宿営した。イスラエルはその所で山の前に宿営した。
ئۇلار رەفىدىمدىن چىقىپ، سىناي چۆلىگە يېتىپ كېلىپ، چۆلدە چېدىر تىكتى؛ ئىسرائىل شۇ يەردە، تاغنىڭ ئۇدۇلىدا توختاپ چېدىر تىكتى.
3 さて、モーセが神のもとに登ると、主は山から彼を呼んで言われた、「このように、ヤコブの家に言い、イスラエルの人々に告げなさい、
مۇسا خۇدانىڭ ئالدىغا چىقىۋىدى، پەرۋەردىگار تاغدىن ئۇنىڭغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ سەن ياقۇپنىڭ جەمەتىگە سۆز قىلىپ، ئىسرائىللارغا مۇنۇ خەۋەرنى يەتكۈزگىن: ــ
4 『あなたがたは、わたしがエジプトびとにした事と、あなたがたを鷲の翼に載せてわたしの所にこさせたことを見た。
«مېنىڭ مىسىرلىقلارغا نېمە قىلغىنىمنى، شۇنداقلا مەن سىلەرنى خۇددى بۈركۈت بالىلىرىنى قاناتلىرىغا مىندۈرۈپ ئېلىپ يۈرگەندەك، ئۆز قېشىمغا ئېلىپ كەلگىنىمنى ئۆزۈڭلار كۆردۈڭلار.
5 それで、もしあなたがたが、まことにわたしの声に聞き従い、わたしの契約を守るならば、あなたがたはすべての民にまさって、わたしの宝となるであろう。全地はわたしの所有だからである。
ئەمدى سىلەر دەرھەقىقەت مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاپ، ئەھدەمنى تۇتساڭلار، ئۇنداقتا بارلىق ئەللەرنىڭ ئارىسىدا ماڭا خاس بىر گۆھەر بولىسىلەر ــ چۈنكى پۈتكۈل يەر مېنىڭكىدۇر ــ
6 あなたがたはわたしに対して祭司の国となり、また聖なる民となるであろう』。これがあなたのイスラエルの人々に語るべき言葉である」。
ۋە سىلەر ماڭا كاھىنلاردىن تەركىب تاپقان خاس بىر پادىشاھلىق ۋە مۇقەددەس بىر قوۋم بولىسىلەر». مانا بۇ سەن ئىسرائىللارغا دېيىشىڭ كېرەك بولغان سۆزلەردۇر، ــ دېدى.
7 それでモーセは行って民の長老たちを呼び、主が命じられたこれらの言葉を、すべてその前に述べたので、
شۇنىڭ بىلەن مۇسا يېنىپ كېلىپ، خەلقنىڭ ئاقساقاللىرىنى چاقىرتىپ، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغان شۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارغا يەتكۈزدى.
8 民はみな共に答えて言った、「われわれは主が言われたことを、みな行います」。モーセは民の言葉を主に告げた。
خەلقنىڭ ھەممىسى بىر ئېغىزدىن: ــ پەرۋەردىگار بۇيرۇغاننىڭ ھەممىسىگە چوقۇم ئەمەل قىلىمىز! ــ دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن مۇسا خەلقنىڭ جاۋاب سۆزلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ قېشىغا بېرىپ يەتكۈزدى.
9 主はモーセに言われた、「見よ、わたしは濃い雲のうちにあって、あなたに臨むであろう。それはわたしがあなたと語るのを民に聞かせて、彼らに長くあなたを信じさせるためである」。モーセは民の言葉を主に告げた。
پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مانا، مەن ساڭا سۆز قىلغىنىمدا خەلق ئاۋازىمنى ئاڭلىسۇن، ھەمىشە ساڭا ئىشەنسۇن دەپ، يېنىڭغا قارا بۇلۇتنىڭ قاراڭغۇلۇقى ئىچىدە كېلىمەن، دەپ ئېيتتى. مۇسامۇ خەلقنىڭ دېگەنلىرىنى پەرۋەردىگارغا ئاڭلاتتى.
10 主はモーセに言われた、「あなたは民のところに行って、きょうとあす、彼らをきよめ、彼らにその衣服を洗わせ、
پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە: ــ سەن خەلقنىڭ قېشىغا بېرىپ، بۈگۈن ۋە ئەتە ئۇلارنى پاك-مۇقەددەس قىلىپ، كىيىم-كېچەكلىرىنى يۇدۇرغىن.
11 三日目までに備えさせなさい。三日目に主が、すべての民の目の前で、シナイ山に下るからである。
ئۇلار ئۈچىنچى كۈنىگە تەييار تۇرسۇن؛ چۈنكى ئۈچىنچى كۈنى بارلىق خەلقنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگار سىناي تېغىغا چۈشىدۇ.
12 あなたは民のために、周囲に境を設けて言いなさい、『あなたがたは注意して、山に上らず、また、その境界に触れないようにしなさい。山に触れる者は必ず殺されるであろう。
سەن خەلق ئۈچۈن [تاغنىڭ] ئەتراپىغا بىر پاسىل قىلىپ، ئۇلارغا: «سىلەر ئېھتىيات قىلىڭلار، تاغقا چىقماڭلار ياكى ئۇنىڭ ئېتىكىگە تېگىپ كەتمەڭلار. كىمكى تاغقا تەگسە ئۆلتۈرۈلمەي قالمايدۇ؛
13 手をそれに触れてはならない。触れる者は必ず石で打ち殺されるか、射殺されるであろう。獣でも人でも生きることはできない』。ラッパが長く響いた時、彼らは山に登ることができる」と。
ئۇنىڭغا ھەتتا بىرەر قولى تېگىپ كەتسىمۇ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلسۇن ياكى ئوق ئېتىپ ئۆلتۈرۈلسۇن. مەيلى ھايۋان ياكى ئىنسان بولسۇن، شۇنداق قىلسا، تىرىك قالدۇرۇلمىسۇن» ــ دەپ ئېيتقىن. لېكىن كاناي ئۇزۇن چېلىنسا، ئۇلار تاغنىڭ تۈۋىگە چىقسۇن، دېدى.
14 そこでモーセは山から民のところに下り、民をきよめた。彼らはその衣服を洗った。
مۇسا تاغدىن چۈشۈپ خەلقنىڭ قېشىغا بېرىپ، خەلقنى خۇداغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلدى؛ ئۇلار كىيىم-كېچەكلىرىنى يۇدى.
15 モーセは民に言った、「三日目までに備えをしなさい。女に近づいてはならない」。
ئاندىن مۇسا خەلققە: ــ ئۈچىنچى كۈنىگە تەييار تۇرۇڭلار؛ ھېچكىم ئايالى بىلەن يېقىنچىلىق قىلمىسۇن، دېدى.
16 三日目の朝となって、かみなりと、いなずまと厚い雲とが、山の上にあり、ラッパの音が、はなはだ高く響いたので、宿営におる民はみな震えた。
ئۈچىنچى كۈنى بولغاندا، تاڭ يورۇشى بىلەن شۇنداق بولدىكى، گۈلدۈرمامىلار گۈلدۈرلەپ، چاقماق چېقىپ، تاغ ئۈستىدە قويۇق بىر پارچە بۇلۇت پەيدا بولدى، زور قاتتىق چېلىنغان كاناينىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. بۇنى كۆرۈپ چېدىرگاھدىكى پۈتكۈل خەلق قورقۇنچىدىن تىترەپ كەتتى.
17 モーセが民を神に会わせるために、宿営から導き出したので、彼らは山のふもとに立った。
مۇسا خەلقنى خۇدانىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇشقا چېدىرگاھدىن ئېلىپ چىقتى. ئۇلار كېلىپ تاغنىڭ تۈۋىدە ئۆرە تۇردى.
18 シナイ山は全山煙った。主が火のなかにあって、その上に下られたからである。その煙は、かまどの煙のように立ち上り、全山はげしく震えた。
پەرۋەردىگار سىناي تېغىغا ئوتتا چۈشۈپ كەلگىنى ئۈچۈن ئىس-تۈتەك پۈتكۈل تاغنى قاپلىدى؛ ئىس-تۈتەك خۇمداندىن ئۆرلىگەن ئىس-تۈتەكتەك ئۈستىگە ئۆرلەپ چىقتى. پۈتكۈل تاغ قاتتىق تەۋرىنىشكە باشلىدى.
19 ラッパの音が、いよいよ高くなったとき、モーセは語り、神は、かみなりをもって、彼に答えられた。
كاناي ئاۋازى بارغانسېرى كۈچىيىپ ئىنتايىن قاتتىق چىقتى. مۇسا سۆز قىلىۋىدى، خۇدا ئاڭلاپ ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن جاۋاب بەردى.
20 主はシナイ山の頂に下られた。そして主がモーセを山の頂に召されたので、モーセは登った。
پەرۋەردىگار ئۆزى سىناي تېغىغا، تاغنىڭ چوققىسىغا چۈشتى؛ ئاندىن پەرۋەردىگار مۇسانى تاغنىڭ چوققىسىغا چاقىرىۋىدى، مۇسا تاغقا چىقتى.
21 主はモーセに言われた、「下って行って民を戒めなさい。民が押し破って、主のところにきて、見ようとし、多くのものが死ぬことのないようにするためである。
پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ سەن چۈشۈپ خالايىقنى ئاگاھلاندۇرۇپ: ئۇلار «پەرۋەردىگارنى كۆرىمىز» دەپ پاسىلدىن بۆسۈپ ئۆتمىسۇن؛ ئۇنداق قىلسا، ئۇلاردىن كۆپ ئادەم ھالاك بولىدۇ، دەپ ئېيتقىن.
22 主に近づく祭司たちにもまた、その身をきよめさせなさい。主が彼らを打つことのないようにするためである」。
پەرۋەردىگارغا يېقىن كېلەلەيدىغان كاھىنلارمۇ ئۆزلىرىنى ماڭا ئاتاپ مۇقەددەس قىلسۇن؛ بولمىسا، پەرۋەردىگار [سېپىلنى] بۆسكەندەك ئۇلارغا ھالاكەت يەتكۈزىدۇ، ــ دېدى.
23 モーセは主に言った、「民はシナイ山に登ることはできないでしょう。あなたがわたしたちを戒めて『山のまわりに境を設け、それをきよめよ』と言われたからです」。
مۇسا پەرۋەردىگارغا: ــ خالايىقنىڭ سىناي تېغىغا چىقىشى مۇمكىن ئەمەس؛ چۈنكى سەن ئۆزۈڭ بىزگە قاتتىق ئاگاھلاندۇردۇڭ: تاغنى «مۇقەددەس» دەپ قاراپ، ئۇنىڭ ئەتراپىغا پاسىللارنى بېكىتىڭلار، دەپ ئەمر قىلدىڭ، ــ دېدى.
24 主は彼に言われた、「行け、下れ。そしてあなたはアロンと共に登ってきなさい。ただし、祭司たちと民とが、押し破って主のところに登ることのないようにしなさい。主が彼らを打つことのないようにするためである」。
پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ ماڭ، سەن چۈشۈپ كەتكىن. ئاندىن سەن ھارۇننى ئېلىپ، بىللە چىققىن؛ لېكىن كاھىنلار ۋە خەلق بولسا پەرۋەردىگارنىڭ قېشىغا بارايلى دەپ پاسىلدىن بۆسۈپ ئۆتمىسۇن؛ بولمىسا، [پەرۋەردىگار سېپىلنى] بۆسكەندەك ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ، ــ دېدى.
25 モーセは民の所に下って行って彼らに告げた。
شۇنىڭ بىلەن مۇسا خەلقنىڭ قېشىغا چۈشۈپ، ئۇلارغا بۇ سۆزنى يەتكۈزدى.

< 出エジプト記 19 >