< 申命記 7 >

1 あなたの神、主が、あなたの行って取る地にあなたを導き入れ、多くの国々の民、ヘテびと、ギルガシびと、アモリびと、カナンびと、ペリジびと、ヒビびと、およびエブスびと、すなわちあなたよりも数多く、また力のある七つの民を、あなたの前から追いはらわれる時、
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ھازىر ئىگىلەشكە كېتىۋاتقان زېمىنغا باشلاپ كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئالدىڭدىن كۆپ يات ئەل-مىللەتلەرنى، يەنى ھىتتىيلار، گىرگاشىيلار، ئامورىيلار، قانائانىيلار، پەرىززىيلار، ھىۋىيلار، يەبۇسىيلارنى ــ سەندىن كۈچلۈك ئەل-مىللەتلەرنى ھەيدىۋېتىدۇ.
2 すなわちあなたの神、主が彼らをあなたに渡して、これを撃たせられる時は、あなたは彼らを全く滅ぼさなければならない。彼らとなんの契約をもしてはならない。彼らに何のあわれみをも示してはならない。
ئەمدى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىڭدا ئۇلارنى قولۇڭغا تاپشۇرۇشى بىلەن سەن ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغىنىڭدا، سەن ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىشىڭ كېرەك؛ ئۇلار بىلەن ھېچ ئەھدە تۈزىشىڭگە ۋە ئۇلارغا ھېچ رەھىم قىلىشىڭغا بولمايدۇ.
3 また彼らと婚姻をしてはならない。あなたの娘を彼のむすこに与えてはならない。かれの娘をあなたのむすこにめとってはならない。
سېنىڭ ئۇلار بىلەن نىكاھلىشىشىڭغا بولمايدۇ؛ سەن قىزىڭنى ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىغا بېرىشىڭگىمۇ ۋە ئۇلارنىڭ قىزىنى ئوغلۇڭغا ئېلىپ بېرىشىڭگىمۇ بولمايدۇ؛
4 それは彼らがあなたのむすこを惑わしてわたしに従わせず、ほかの神々に仕えさせ、そのため主はあなたがたにむかって怒りを発し、すみやかにあなたがたを滅ぼされることとなるからである。
چۈنكى ئۇلار ئوغلۇڭنى ماڭا ئەگىشىشتىن ئېزىقتۇرىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئوغۇللىرىڭ باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنىدۇ؛ ئۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى سىلەرگە قوزغىلىپ، سىلەرنى تېزلا يوقىتىدۇ.
5 むしろ、あなたがたはこのように彼らに行わなければならない。すなわち彼らの祭壇をこぼち、その石の柱を撃ち砕き、そのアシラ像を切り倒し、その刻んだ像を火で焼かなければならない。
سەن ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلغىنكى، ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرىنى بۇزۇۋېتىڭلار، بۇت تۈۋرۈكلىرىنى چېقىۋېتىڭلار، ئاشەراھ بۇتلىرىنى كېسىۋېتىڭلار ۋە ئويما بۇتلىرىنى ئوت بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىڭلار؛
6 あなたはあなたの神、主の聖なる民である。あなたの神、主は地のおもてのすべての民のうちからあなたを選んで、自分の宝の民とされた。
چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا پاك-مۇقەددەس بىر خەلقتۇرسىلەر؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى يەر يۈزىدىكى بارلىق باشقا خەلقلەردىن ئۈستۈن قىلىپ، ئۆزىگە خاس بىر خەلق بولۇشقا تاللىۋالغان.
7 主があなたがたを愛し、あなたがたを選ばれたのは、あなたがたがどの国民よりも数が多かったからではない。あなたがたはよろずの民のうち、もっとも数の少ないものであった。
پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە مېھىر چۈشۈپ سىلەرنى تاللىۋالغىنى سىلەرنىڭ باشقا خەلقلەردىن كۆپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئەمەس، ئەمەلىيەتتە سىلەر بارلىق خەلقلەر ئارىسىدا ئەڭ ئاز ئىدىڭلار،
8 ただ主があなたがたを愛し、またあなたがたの先祖に誓われた誓いを守ろうとして、主は強い手をもってあなたがたを導き出し、奴隷の家から、エジプトの王パロの手から、あがない出されたのである。
پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى سۆيگىنى سەۋەبىدىن ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ئالدىدا بەرگەن قەسىمىگە سادىق بولغانلىقى ئۈچۈن پەرۋەردىگار سىلەرنى كۈچلۈك قول بىلەن قۇتقۇزۇپ، ھۆرلۈك بەدىلى تۆلەپ «قۇللۇق ماكانى»دىن، يەنى مىسىر پادىشاھى پىرەۋننىڭ قولىدىن چىقارغان.
9 それゆえあなたは知らなければならない。あなたの神、主は神にましまし、真実の神にましまして、彼を愛し、その命令を守る者には、契約を守り、恵みを施して千代に及び、
شۇڭا سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ بەرھەق خۇدا، ۋەدىسىدە تۇرغۇچى تەڭرى ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار كېرەك؛ ئۇ ئۆزىنى سۆيۈپ، ئەمرلىرىنى تۇتقانلارغا مىڭ دەۋرگىچە ئۆزگەرمەس مېھىر كۆرسىتىپ ئەھدىسىدە تۇرغۇچىدۇر؛
10 また彼を憎む者には、めいめいに報いて滅ぼされることを。主は自分を憎む者には猶予することなく、めいめいに報いられる。
لېكىن ئۆزىگە ئۆچمەنلەرنىڭ ئىشلىرىنى ئۆز بېشىغا ئوچۇق-ئاشكارە چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى يوقىتىدۇ؛ ئۆزىگە ئۆچمەنلەرنىڭ ھەربىرىگە ئۆزى قىلغان ئىشلىرىنى ئۇلارنىڭ بېشىغا ئوچۇق-ئاشكارە قايتۇرۇشقا ھايال قىلمايدۇ.
11 それゆえ、きょうわたしがあなたに命じる命令と、定めと、おきてとを守って、これを行わなければならない。
سىلەر مەن بۈگۈن سىلەرگە تاپىلىغان ئەمر، بەلگىلىمىلەر ھەم ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى چىڭ تۇتۇڭلار.
12 あなたがたがこれらのおきてを聞いて守り行うならば、あなたの神、主はあなたの先祖たちに誓われた契約を守り、いつくしみを施されるであろう。
چوقۇم شۇنداق بولىدۇكى، بۇ بەلگىلىمىلەرگە قۇلاق سېلىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىساڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان ئەھدە ۋە مېھىرنى سىلەرگە كۆرسىتىپ تۇرىدۇ؛
13 あなたを愛し、あなたを祝福し、あなたの数を増し、あなたに与えると先祖たちに誓われた地で、あなたの子女を祝福し、あなたの地の産物、穀物、酒、油、また牛の子、羊の子を増されるであろう。
سېنى سۆيۈپ بەرىكەتلەپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭغا قەسەم بىلەن ساڭا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىندا تۇرغۇزۇپ كۆپەيتىدۇ؛ شۇ يەردە پەرزەنتلىرىڭنى، يەر-تۇپرىقىڭدىكى مەھسۇلاتلارنى، بۇغدىيىڭنى، يېڭى شارابىڭنى، زەيتۇن مېيىڭنى، كالىلىرىڭنىڭ نەسلىنى ۋە قويلىرىڭنىڭ قوزىلىرىنى بەرىكەتلەپ كۆپەيتىدۇ.
14 あなたは万民にまさって祝福されるであろう。あなたのうち、男も女も子のないものはなく、またあなたの家畜にも子のないものはないであろう。
سەن بارلىق ئەللەردىن زىيادە بەخت-بەرىكەت كۆرىسەن؛ ئاراڭدا، ئەر-ئايال ياكى مال-چارۋاڭ ئارىسىدا ھېچ تۇغماسلىق بولمايدۇ؛
15 主はまたすべての病をあなたから取り去り、あなたの知っている、あのエジプトの悪疫にかからせず、ただあなたを憎むすべての者にそれを臨ませられるであろう。
پەرۋەردىگار سەندىن بارلىق كېسەللەرنى نېرى قىلىدۇ ۋە سەن ئۆزۈڭ كۆرگەن مىسىردىكى دەھشەتلىك ۋابالاردىن ھېچقايسىسىنى ئۈستۈڭگە سالمايدۇ، بەلكى ساڭا ئۆچ بولغانلارغا سالىدۇ.
16 あなたの神、主があなたに渡される国民を滅ぼしつくし、彼らを見てあわれんではならない。また彼らの神々に仕えてはならない。それがあなたのわなとなるからである。
سەن پەرۋەردىگار ساڭا تاپشۇرغان بارلىق خەلقلەرنى يوقىتىشىڭ كېرەك؛ سەن ئۇلارنى كۆرگەندە، ئۇلارغا ھېچ رەھىم قىلماسلىقىڭ كېرەك، سەن ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ قۇللۇقىغا كىرمەسلىكىڭ كېرەك؛ ئەگەر شۇنداق قىلساڭ، بۇ ئىش ساڭا قىلتاق بولىدۇ.
17 あなたは心のうちで『これらの国民はわたしよりも多いから、どうしてこれを追い払うことができようか』と言うのか。
ئەگەر سەن كۆڭلۈڭدە: «بۇ ئەللەر مەندىن كۈچلۈك؛ مەن قانداق قىلىپ ئۇلارنى زېمىنىدىن قوغلىۋېتەلەيمەن؟» ــ دېسەڭ،
18 彼らを恐れてはならない。あなたの神、主がパロと、すべてのエジプトびととにされたことを、よく覚えなさい。
ئۇلاردىن قورقما؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ پىرەۋن ھەم بارلىق مىسىرلىقلارنى قانداق قىلغانلىقىنى ئەسلىگىن،
19 すなわち、あなたが目で見た大いなる試みと、しるしと、不思議と、強い手と、伸ばした腕とを覚えなさい。あなたの神、主はこれらをもって、あなたを導き出されたのである。またそのように、あなたの神、主はあなたが恐れているすべての民にされるであろう。
ــ يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى شۇ يەردىن چىقىرىش ئۈچۈن ۋاسىتە قىلغان، ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرگەن دەھشەتلىك ھۆكۈم-سىناقلار، مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەر، كۈچلۈك قول ۋە سوزۇلغان بىلەكنى مەھكەم ئېسىڭدە تۇت؛ پەرۋەردىگار سەن قورقۇۋاتقان بارلىق خەلقنىمۇ شۇنداق قىلىدۇ.
20 あなたの神、主はまた、くまばちを彼らのうちに送って、なお残っている者と逃げ隠れている者を滅ぼしつくされるであろう。
ئۇنىڭ ئۈستىگە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ تاكى ئۇلارنىڭ سەندىن يوشۇرۇنغان قالدۇقلىرى يوقىتىلغۇچە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا سېرىق ھەرىلەرنى ئەۋەتىدۇ؛
21 あなたは彼らを恐れてはならない。あなたの神、主である大いなる恐るべき神があなたのうちにおられるからである。
سەن ئۇلاردىن قورقماسلىقىڭ كېرەك؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئاراڭدىدۇر؛ ئۇ ئۇلۇغ ۋە دەھشەتلىك بىر ئىلاھدۇر.
22 あなたの神、主はこれらの国民を徐々にあなたの前から追い払われるであろう。あなたはすみやかに彼らを滅ぼしつくしてはならない。そうでなければ、野の獣が増してあなたを害するであろう。
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ شۇ ئەللەرنى ئالدىڭدىن پەيدىنپەي ھەيدەيدۇ؛ سەن ئۇلارنى بىراقلا يوقىتىۋېتەلمەيسەن؛ بىراقلا يوقىتىۋەتكەن تەقدىردىمۇ، دالادىكى ھايۋانلار كۆپىيىپ، ئۈستۈڭگە باستۇرۇپ كېلىشى مۇمكىن.
23 しかし、あなたの神、主は彼らをあなたに渡し、大いなる混乱におとしいれて、ついに滅ぼされるであろう。
لېكىن ئالدىڭغا ئىلگىرىلەپ ماڭغىنىڭدا پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۇلارنى قولۇڭغا تاپشۇرىدۇ ۋە ئۇلارنى پاراكەندە قىلىپ، يوقىتىلغۇچە دەككە-دۈككىگە سالىدۇ.
24 また彼らの王たちをあなたの手に渡されるであろう。あなたは彼らの名を天の下から消し去るであろう。あなたに立ちむかうものはなく、あなたはついに彼らを滅ぼすにいたるであろう。
ئۇ ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنى قولۇڭغا تاپشۇرىدۇ، سەن ئۇلارنىڭ ناملىرىنىمۇ ئاسمان ئاستىدىن يوق قىلىسەن؛ ئۇلارنى يوقاتقۇچە ھېچبىر ئادەم ئالدىڭدا تۇرالمايدۇ.
25 あなたは彼らの神々の彫像を火に焼かなければならない。それに着せた銀または金をむさぼってはならない。これを取って自分のものにしてはならない。そうでなければ、あなたはこれによって、わなにかかるであろう。これはあなたの神が忌みきらわれるものだからである。
سىلەر ئۇلارنىڭ ئويما بۇتىنى ئوت بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىڭلار؛ كۆز قىرىڭلارنى شۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ئالتۇن-كۈمۈشكە سالماڭلار، ئۇلارنى ئالماڭلار؛ بولمىسا ئۇ سىلەرگە قىلتاق بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا يىرگىنچلىك بىر نەرسىدۇر.
26 あなたは忌むべきものを家に持ちこんで、それと同じようにあなた自身も、のろわれたものとなってはならない。あなたはそれを全く忌みきらわなければならない。それはのろわれたものだからである。
سەن ھېچقانداق يىرگىنچلىك نەرسىنى ئۆيۈڭگە ئېلىپ كەلمە؛ بولمىسا سەن ئۇنىڭغا ئوخشاش لەنەتلىك نەرسە بولۇپ قالىسەن؛ سەن ئۇنىڭدىن قاتتىق يىرگەن، ئۇنىڭغا مۇتلەق نەپرەتلەن؛ چۈنكى ئۇ لەنەتلىك بىر نەرسىدۇر.

< 申命記 7 >