< 列王記Ⅱ 10 >

1 アハブはサマリヤに七十人の子供があった。エヒウは手紙をしたためてサマリヤに送り、町のつかさたちと、長老たちと、アハブの子供の守役たちとに伝えて言った、
ئەمدى سامارىيەدە ئاھابنىڭ يەتمىش ئوغلى بار ئىدى. يەھۇ خەتلەرنى يېزىپ سامارىيەگە، يەنى يىزرەئەلدىكى ئەمەلدار-ئاقساقاللارغا ۋە ئاھابنىڭ جەمەتىدىكى پاسىبانلارغا ئەۋەتتى. خەتلەردە مۇنداق دېيىلدى: ــ
2 「あなたがたの主君の子供たちがあなたがたと共におり、また戦車も馬も、堅固な町も武器もあるのだから、この手紙があなたがたのもとに届いたならば、すぐ、
«سىلەر بىلەن بىللە غوجاڭلارنىڭ ئوغۇللىرى، جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ئاتلار، قورغانلىق شەھەر ۋە ساۋۇت-قوراللارمۇ باردۇر؛ شۇنداق بولغاندىن كېيىن بۇ خەت سىلەرگە تەگكەندە،
3 あなたがたは主君の子供たちのうち最もすぐれた、最も適当な者を選んで、その父の位にすえ、主君の家のために戦いなさい」。
ئۆز غوجاڭلارنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئەڭ ياخشىسىنى تاللاپ، ئۆز ئاتىسىنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزۇپ، غوجاڭلارنىڭ جەمەتى ئۈچۈن سوقۇشقا چىقىڭلار!».
4 彼らは大いに恐れて言った、「ふたりの王たちがすでに彼に当ることができなかったのに、われわれがどうして当ることができよう」。
لېكىن ئۇلار دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ ئىنتايىن قورقۇشۇپ: مانا ئىككى پادىشاھ ئۇنىڭ ئالدىدا پۇت تىرەپ تۇرالمىغان يەردە، بىز قانداقمۇ پۇت تىرەپ تۇرالايمىز؟ ــ دېيىشتى.
5 そこで宮廷のつかさ、町のつかさ、長老たちと守役たちはエヒウに人をつかわして言った、「わたしたちは、あなたのしもべです。すべてあなたが命じられる事をいたします。わたしたちは王を立てることを好みません。あなたがよいと思われることをしてください」。
شۇنىڭ بىلەن ئوردا بېشى، شەھەر باشلىقى، ئاقساقاللار بىلەن پاسىبانلار يەھۇغا خەۋەر يەتكۈزۈپ: بىز سېنىڭ قۇللىرىڭمىز؛ سەن ھەرنېمە بۇيرۇساڭ شۇنى قىلىمىز؛ ھېچكىمنى پادىشاھ قىلمايمىز. ساڭا نېمە مۇۋاپىق كۆرۈنسە شۇنى قىلغىن، دەپ ئېيتتى.
6 そこでエヒウは再び彼らに手紙を書き送って言った、「もしあなたがたが、わたしに味方し、わたしに従おうとするならば、あなたがたの主君の子供たちの首を取って、あすの今ごろエズレルにいるわたしのもとに持ってきなさい」。そのころ、王の子供たち七十人は彼らを育てていた町のおもだった人々と共にいた。
يەھۇ ئىككىنچى خەتنى يېزىپ، خەتتە: ــ «ئەگەر مەن تەرەپتە بولۇپ، مېنىڭ سۆزلىرىمگە كىرىشكە رازى بولساڭلار ئۆز غوجاڭلارنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ باشلىرىنى ئېلىپ، ئەتە مۇشۇ ۋاقىتتا يىزرەئەلگە، مېنىڭ قېشىمغا ئۇلارنى كەلتۈرۈڭلار. ئەمدى پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى يەتمىش كىشى بولۇپ، ئۆزلىرىنى باققان شەھەرنىڭ ئۇلۇغلىرىنىڭ قېشىدا تۇراتتى.
7 彼らはその手紙を受け取ると、王の子供たちを捕えて、その七十人をことごとく殺し、その首をかごにつめて、エズレルにいるエヒウのもとに送った。
خەت ئۇلارغا تەگكەندە ئۇلار شاھزادىلەرنى، يەتمىشەيلەننىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ، باشلىرىنى سېۋەتلەرگە سېلىپ، يىزرەئەلگە يەھۇغا ئەۋەتتى.
8 使者が来て、エヒウに告げ、「人々が王の子供たちの首を持ってきました」と言うと、「あくる朝までそれを門の入口に、ふた山に積んでおけ」と言った。
بىر خەۋەرچى كېلىپ يەھۇغا: ئۇلار شاھزادىلەرنىڭ باشلىرىنى ئېلىپ كەلدى، دەپ خەۋەر بەرگەندە، ئۇ: ئۇلارنى ئىككى دۆۋە قىلىپ، دەرۋازىنىڭ ئالدىدا ئەتە ئەتىگەنگىچە قويۇڭلار، دېدى.
9 朝になると、彼は出て行って立ち、すべての民に言った、「あなたがたは正しい。主君にそむいて彼を殺したのはわたしです。しかしこのすべての者どもを殺したのはだれですか。
ئەتىگەندە ئۇ چىقىپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ پۈتكۈل خالايىققا: سىلەر بىگۇناھسىلەر؛ مانا، مەن ئۆزۈم غوجامغا قەست قىلىپ ئۇنى ئۆلتۈردۈم؛ لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كىم چېپىپ ئۆلتۈردى؟
10 これであなたがたは、主がアハブの家について告げられた主の言葉は一つも地に落ちないことを知りなさい。主は、そのしもべエリヤによってお告げになった事をなし遂げられたのです」。
ئەمدى شۇنى بىلىڭلاركى، پەرۋەردىگارنىڭ ھېچ سۆزى، يەنى پەرۋەردىگار ئاھابنىڭ جەمەتى توغرىسىدا ئېيتقىنىدىن ھېچبىر سۆز يەردە قالمايدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز قۇلى ئىلىياس ئارقىلىق ئېيتقىنىغا ئەمەل قىلدى، ــ دېدى.
11 こうしてエヒウは、アハブの家に属する者でエズレルに残っている者をことごとく殺し、またそのすべてのおもだった者、その親しい者およびその祭司たちを殺して、彼に属する者はひとりも残さなかった。
ئاندىن كېيىن يەھۇ يىزرەئەلدە ئاھابنىڭ جەمەتىدىن قالغانلارنىڭ ھەممىسى، ئۇنىڭ تەرىپىدىكى بارلىق ئەربابلار، دوست-ئاغىنىلىرى ۋە كاھىنلىرىنى ھېچ كىمنى قالدۇرماي ئۆلتۈردى.
12 さてエヒウは立ってサマリヤへ行ったが、途中、牧者の集まり場で、
ئاندىن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، سامارىيەگە باردى. يولدا كېتىۋېتىپ «پادىچىلارغا تەۋە بەيت-ئەكەد»كە يەتكەندە
13 ユダの王アハジヤの身内の人々に会い、「あなたがたはどなたですか」と言うと、「わたしたちはアハジヤの身内の者ですが、王の子供たちと、王母の子供たちの安否を問うために下ってきたのです」と答えたので、
يەھۇ يەھۇدا پادىشاھى ئاھازىيانىڭ قېرىنداشلىرى بىلەن ئۇچراشتى. ئۇ ئۇلاردىن: سىلەر كىم؟ ــ دەپ سورىدى. «ئاھازىيانىڭ قېرىنداشلىرى، پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە خانىشنىڭ ئوغۇللىرىدىن ھال سورىغىلى بارىمىز، دېدى.
14 エヒウは「彼らをいけどれ」と命じた。そこで彼らをいけどって、集まり場の穴のかたわらで彼ら四十二人をことごとく殺し、ひとりをも残さなかった。
ئۇ: ئۇلارنى تىرىك تۇتۇڭلار! دەپ بۇيرۇدى. ئاندىن ئادەملىرى ئۇلارنى تىرىك تۇتتى، ئاندىن ھەممىسىنى بەيت-ئەكەدنىڭ قۇدۇقىنىڭ يېنىدا ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىنى قويمىدى. ئۇلار جەمئىي قىرىق ئىككى ئادەم ئىدى.
15 エヒウはそこを立って行ったが、自分を迎えにきたレカブの子ヨナダブに会ったので、彼にあいさつして、「あなたの心は、わたしがあなたに対するように真実ですか」と言うと、ヨナダブは「真実です」と答えた。するとエヒウは「それならば、あなたの手をわたしに伸べなさい」と言ったので、その手を伸べると、彼を引いて自分の車に上らせ、
ئۇ ئۇ يەردىن كېتىپ بارغاندا ئۇنىڭ ئالدىغا چىققان رەكابنىڭ ئوغلى يەھونادابقا يولۇقتى. ئۇ ئۇنىڭغا سالام قىلىپ: مېنىڭ كۆڭلۈم ساڭا سادىق بولغاندەك، سېنىڭ كۆڭلۈڭمۇ ماڭا سادىقمۇ؟ ــ دېدى. سادىق، دېدى يەھوناداب. يەھۇ: ــ ئۇنداق بولسا قولۇڭنى ماڭا بەرگىن، دېدى. ئۇ قولىنى بېرىۋىدى، يەھۇ ئۇنى جەڭ ھارۋىسىغا ئېلىپ چىقىپ، ئۆز يېنىدا جاي بېرىپ
16 「わたしと一緒にきて、わたしが主に熱心なのを見なさい」と言った。そして彼を自分の車に乗せ、
ئۇنىڭغا: مەن بىلەن بېرىپ، پەرۋەردىگارغا بولغان قىزغىنلىقىمنى كۆرگىن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنى جەڭ ھارۋىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ ھەيدەپ ماڭدى.
17 サマリヤへ行って、アハブに属する者で、サマリヤに残っている者をことごとく殺して、その一族を滅ぼした。主がエリヤにお告げになった言葉のとおりである。
ئۇ سامارىيەگە كەلگەندە ئاھابنىڭ جەمەتىدىن سامارىيەدە قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى قىرىپ تۈگەتكۈچە ئۆلتۈردى. بۇ ئىش پەرۋەردىگارنىڭ ئىلىياسقا ئېيتقان سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئىدى.
18 次いでエヒウは民をことごとく集めて彼らに言った、「アハブは少しばかりバアルに仕えたが、エヒウは大いにこれに仕えるであろう。
ئاندىن يەھۇ ھەممە خالايىقنى يىغدۇرۇپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ ئاھاب بائالنىڭ خىزمىتىنى ئاز قىلغان، لېكىن يەھۇ ئۇنىڭ خىزمىتىنى كۆپ قىلىدۇ.
19 それゆえ、今バアルのすべての預言者、すべての礼拝者、すべての祭司をわたしのもとに召しなさい。ひとりもこない者のないようにしなさい。わたしは大いなる犠牲をバアルにささげようとしている。すべてこない者は生かしておかない」。しかしエヒウはバアルの礼拝者たちを滅ぼすために偽ってこうしたのである。
بۇنىڭ ئۈچۈن بائالنىڭ بارلىق پەيغەمبەرلىرىنى، ئۇنىڭ قۇللۇقىدا بولغانلارنىڭ ھەممىسى بىلەن بارلىق كاھىنلىرىنى ماڭا چاقىرىڭلار؛ ھېچكىم قالمىسۇن، چۈنكى بائالغا چوڭ قۇربانلىق سۇنغۇم بار؛ ھەركىم ھازىر بولمىسا جېنىدىن مەھرۇم بولىدۇ، دېدى. لېكىن يەھۇ بۇ ئىشنى بائالپەرەسلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن ھىيلىگەرلىك بىلەن قىلدى.
20 そしてエヒウは「バアルのために聖会を催しなさい」と命じたので、彼らはこれを布告した。
شۇنىڭ بىلەن يەھۇ: بائالغا خاس بىر ھېيت بېكىتىڭلار، دېۋىدى، ئۇلار شۇنداق ئېلان قىلدى.
21 エヒウはあまねくイスラエルに人をつかわしたので、バアルの礼拝者たちはことごとく来た。こないで残った者はひとりもなかった。彼らはバアルの宮にはいったので、バアルの宮は端から端までいっぱいになった。
يەھۇ پۈتكۈل ئىسرائىلغا تەكلىپ ئەۋەتكەندە، بارلىق بائالپەرەسلەر كەلدى؛ ئۇلاردىن ھېچبىرى كەم قالماي كەلدى. ئۇلار بائالنىڭ بۇتخانىسىغا كىردى؛ شۇنىڭ بىلەن بائالنىڭ بۇتخانىسى بۇ بېشىدىن يەنە بىر بېشىغىچە لىق تولدى.
22 その時エヒウは衣装をつかさどる者に「祭服を取り出してバアルのすべての礼拝者に与えよ」と言ったので、彼らのために祭服を取り出した。
ئۇ [مۇراسىم] كىيىمى بېگىگە: ھەممە بائالپەرەسلەرگە [ئىبادەت] كىيىملىرىنى ئەچىقىپ بەر، دېۋىدى، ئۇ كىيىملەرنى ئۇلارغا ئەچىقىپ بەردى.
23 そしてエヒウはレカブの子ヨナダブと共にバアルの宮に入り、バアルの礼拝者たちに言った、「調べてみて、ここにはただバアルの礼拝者のみで、主のしもべはひとりも、あなたがたのうちにいないようにしなさい」。
يەھۇ بىلەن رەكابنىڭ ئوغلى يەھوناداب بائالنىڭ بۇتخانىسىغا كىرىپ بائالپەرەسلەرگە: تەكشۈرۈپ بېقىڭلار، بۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ بەندىلىرىدىن ھېچبىرى بولمىسۇن، بەلكى پەقەت بائالپەرەسلەر بولسۇن، دېدى.
24 こうして彼は犠牲と燔祭とをささげるためにはいった。さてエヒウは八十人の者を外に置いて言った、「わたしがあなたがたの手に渡す者をひとりでも逃す者は、自分の命をもってその人の命に換えなければならない」。
ئۇلار تەشەككۈر قۇربانلىقلىرى بىلەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى ئۆتكۈزگىلى كىردى. يەھۇ سەكسەن ئادىمىنى تېشىدا قويۇپ ئۇلارغا: مەن سىلەرنىڭ ئىلكىڭلارغا تاپشۇرغان بۇ ئادەملەردىن بىرسى قولۇڭلاردىن قېچىپ كەتسە، جېنىنىڭ ئورنىدا جان بېرىسىلەر، دېدى.
25 こうして燔祭をささげることが終ったとき、エヒウはその侍衛と将校たちに言った、「はいって彼らを殺せ。ひとりも逃がしてはならない」。侍衛と将校たちはつるぎをもって彼らを撃ち殺し、それを投げ出して、バアルの宮の本殿に入り、
ئۇلار كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى ئۆتكۈزۈپ بولۇشىغىلا، يەھۇ ئوردا پاسىبانلىرى ۋە سەردارلارغا: كىرىپ ئۇلارنى قەتل قىلىپ، ھېچكىمنى چىققىلى قويماڭلار، دەپ بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئوردا پاسىبانلىرى بىلەن سەردارلار ئۇلارنى قىلىچ بىسى بىلەن قەتل قىلىپ، ئۆلۈكلەرنى شۇ يەرگە تاشلىۋەتتى. ئاندىن بائالنىڭ بۇتخانىسىنىڭ ئىچكىرىگە كىرىپ
26 バアルの宮にある柱の像を取り出して、それを焼いた。
بۇت تۈۋرۈكلەرنى بائالنىڭ بۇتخانىسىدىن ئېلىپ چىقىپ كۆيدۈرۈۋەتتى.
27 また彼らはバアルの石柱をこわし、バアルの宮をこわして、かわやとしたが今日まで残っている。
ئۇلار يەنە بائالنىڭ تۈۋرۈك-ھەيكىلىنى چېقىپ، بائالنىڭ بۇتخانىسىنى يىقىتىپ ئۇنى بۈگۈنگە قەدەر ھاجەتخانىغا ئايلاندۇردى.
28 このようにエヒウはイスラエルのうちからバアルを一掃した。
يەھۇ شۇ يول بىلەن بائالنى ئىسرائىل ئىچىدىن يوق قىلدى.
29 しかしエヒウはイスラエルに罪を犯させたネバテの子ヤラベアムの罪、すなわちベテルとダンにある金の子牛に仕えることをやめなかった。
يەھۇ نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان گۇناھلىرىدىن، يەنى بەيت-ئەل بىلەن داندىكى ئالتۇن موزاي بۇتلىرىدىن ئۆزىنى يىغمىدى.
30 主はエヒウに言われた、「あなたはわたしの目にかなう事を行うにあたって、よくそれを行い、またわたしの心にあるすべての事をアハブの家にしたので、あなたの子孫は四代までイスラエルの位に座するであろう」。
پەرۋەردىگار يەھۇغا: سەن ئوبدان قىلدىڭ؛ مېنىڭ نەزىرىمگە مۇۋاپىق كۆرۈنگىنىنى ئادا قىلىپ، ئاھابنىڭ جەمەتىگە كۆڭلۈمدىكى ھەممە نىيەتنى بەجا قىلىپ پۈتكۈزگىنىڭ ئۈچۈن، سېنىڭ ئوغۇللىرىڭ تۆتىنچى نەسلىگىچە ئىسرائىلنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدۇ، دېدى.
31 しかしエヒウはイスラエルの神、主の律法を心をつくして守り行おうとはせず、イスラエルに罪を犯させたヤラベアムの罪を離れなかった。
لېكىن يەھۇ پۈتۈن قەلبىدىن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس قانۇنىدا مېڭىشقا كۆڭۈل بۆلمىدى؛ ئۇ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىدىن نېرى تۇرمىدى.
32 この時にあたって、主はイスラエルの領地を切り取ることを始められた。すなわちハザエルはイスラエルのすべての領域を侵し、
شۇ كۈنلەردە پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ زېمىنىنى كېسىپ-كېسىپ ئازايتىشقا باشلىدى. چۈنكى ھازائەل ئىئوردان دەرياسىنىڭ مەشرىق تەرىپىدىن باشلاپ ئىسرائىلنىڭ چېگرالىرىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدى؛ ئۇ بارلىق گىلېئاد يۇرتىنى، ئارنون جىلغىسىنىڭ يېنىدىكى ئاروئەردىن تارتىپ گىلېئادتىن ئۆتۈپ باشانغىچە، گاد، رۇبەن ۋە ماناسسەھنىڭ بارلىق يۇرتلىرىنى ئىشغال قىلدى.
33 ヨルダンの東で、ギレアデの全地、カドびと、ルベンびと、マナセびとの地を侵し、アルノン川のほとりにあるアロエルからギレアデとバシャンに及んだ。
34 エヒウのその他の事績と、彼がしたすべての事およびその武勇は、ことごとくイスラエルの王の歴代志の書にしるされているではないか。
ئەمدى يەھۇنىڭ باشقا ئەمەللىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن سەلتەنىتىنىڭ ھەممە قۇدرىتى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟
35 エヒウはその先祖たちと共に眠ったので、彼をサマリヤに葬った。その子エホアハズが代って王となった。
يەھۇ ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە سامارىيەدە دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئوغلى يەھوئاھاز ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى.
36 エヒウがサマリヤでイスラエルを治めたのは二十八年であった。
يەھۇنىڭ ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە سامارىيەدە سەلتەنەت قىلغان ۋاقتى يىگىرمە سەككىز يىل ئىدى.

< 列王記Ⅱ 10 >