< 歴代誌Ⅱ 10 >

1 レハベアムはシケムへ行った。すべてのイスラエルびとが彼を王にしようとシケムへ行ったからである。
رەھوبوئام شەقەمگە باردى؛ چۈنكى پۈتكۈل ئىسرائىل ئۇنى پادىشاھ تىكلىگىلى شەقەمگە كەلگەنىدى.
2 ネバテの子ヤラベアムは、ソロモンを避けてエジプトにのがれていたが、これを聞いてエジプトから帰ったので、
نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئام شۇ ئىشنى ئاڭلىغاندا شۇنداق بولدىكى، مىسىردىن قايتىپ كەلدى (چۈنكى ئۇ سۇلايمان پادىشاھتىن قېچىپ مىسىردا تۇرۇۋاتاتتى).
3 人々は人をつかわして彼を招いた。そこでヤラベアムとすべてのイスラエルは来て、レハベアムに言った、
ئەمدى خالايىق ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى چاقىرتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن يەروبوئام ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل كېلىپ رەھوبوئامغا: ــ
4 「あなたの父は、われわれのくびきを重くしましたが、今あなたの父のきびしい使役と、あなたの父が、われわれに負わせた重いくびきを軽くしてください。そうすればわたしたちはあなたに仕えましょう」。
سىلىنىڭ ئاتىلىرى بوينىمىزغا سالغان بويۇنتۇرۇقىنى ئېغىر قىلدى. سىلى ئەمدى ئاتىلىرىنىڭ بىزگە قويغان قاتتىق تەلەپلىرى بىلەن ئېغىر بويۇنتۇرۇقىنى يېنىكلىتىپ بەرسىلە، سىلىنىڭ خىزمەتلىرىدە بولىمىز، دېيىشتى.
5 レハベアムは彼らに答えた、「三日の後、またわたしの所に来なさい」。それで民は去った。
ئۇ ئۇلارغا: ــ ھازىرچە قايتىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئاندىن قېشىمغا يەنە كېلىڭلار، دېدى. شۇنىڭ بىلەن خەلق تارىلىپ كەتتى.
6 レハベアム王は父ソロモンの存命中ソロモンに仕えた長老たちに相談して言った、「あなたがたはこの民にどう返答すればよいと思いますか」。
رەھوبوئام پادىشاھ ئۆز ئاتىسى سۇلايمان ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭ خىزمىتىدە تۇرغان مويسىپىتلاردىن مەسلىھەت سوراپ: ــ بۇ خەلققە بېرىدىغان جاۋابىم توغرىسىدا نېمە مەسلىھەت كۆرسىتىسىلەر؟ ــ دېدى.
7 彼らはレハベアムに言った、「あなたがもしこの民を親切にあつかい、彼らを喜ばせ、ねんごろに語られるならば彼らは長くあなたのしもべとなるでしょう」。
ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر سىلى رازىلىق بىلەن بۈگۈن بۇ خەلقنى خۇش قىلىپ ئۇلارغا مېھرىبان مۇئامىلە كۆرسىتىپ، ئۇلارغا ياخشى سۆزلەر بىلەن جاۋاب قىلسىلا، ئۇلار سىلىنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە خىزمەتلىرىدە بولىدۇ، دېدى.
8 しかし彼は長老たちが与えた勧めをすてて、自分と一緒に大きくなって自分に仕えている若者たちに相談して、
لېكىن ئۇ مويسىپىتلارنىڭ كۆرسەتكەن مەسلىھەتىنى قايرىپ قويۇپ، ئۆزى بىلەن چوڭ بولغان، ئالدىدا خىزمىتىدە بولۇۋاتقان ياشلاردىن مەسلىھەت سوراپ
9 彼らに言った、「あなたがたは、この民がわたしに向かって、『あなたの父上が、われわれに負わせたくびきを軽くしてください』と言うのに、われわれはなんと返答すればよいと思いますか」。
ئۇلارغا: ــ ماڭا «سىلىنىڭ ئاتىلىرى بىزگە سالغان بويۇنتۇرۇقنى يېنىكلەتكەيلا» دەپ تىلىگەن بۇ خەلققە جاۋاب بېرىشىمىز توغرۇلۇق قانداق مەسلىھەت بېرىسىلەر؟ ــ دېدى.
10 彼と一緒に大きくなった若者たちは彼に言った、「あなたに向かって、『あなたの父は、われわれのくびきを重くしたが、あなたは、それをわれわれのために軽くしてください』と言ったこの民に、こう言いなさい、『わたしの小指は父の腰よりも太い、
ئۇنىڭ بىلەن چوڭ بولغان بۇ ياشلار ئۇنىڭغا: ــ «سىلىنىڭ ئاتىلىرى بويۇنتۇرۇقىمىزنى ئېغىر قىلدى، ئەمدى سىلى ئۇنى بىزگە يېنىك قىلغايلا» دەپ ئېيتقان بۇ خەلققە سۆز قىلىپ: ــ «مېنىڭ چىمچىلاق بارمىقىم ئاتامنىڭ بېلىدىن تومراقتۇر.
11 父はあなたがたに重いくびきを負わせたが、わたしはさらに、あなたがたのくびきを重くしよう。父はむちであなたがたを懲らしたが、わたしはさそりであなたがたを懲らそう』」。
ئاتام سىلەرگە ئېغىر بويۇنتۇرۇقنى سالغان، لېكىن مەن بويۇنتۇرۇقۇڭلارنى تېخىمۇ ئېغىر قىلىمەن. ئاتام سىلەرگە قامچىلار بىلەن تەنبىھ-تەربىيە بەرگەن بولسا مەن سىلەرگە «چايانلىق قامچىلار» بىلەن تەنبىھ-تەربىيە بېرىمەن»، دېگەيلا، ــ دېدى.
12 さてヤラベアムと民は皆、王が「三日目にわたしのところに来なさい」と言ったとおりに、三日目にレハベアムのところへ行った。
رەھوبوئام پادىشاھ ئۇلارغا: «ئۈچ كۈندىن كېيىن ئاندىن قېشىمغا يەنە كېلىڭلار» دېگىنىدەك، يەروبوئام ۋە بارلىق خەلق ئۈچىنچى كۈنى ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى.
13 王は荒々しく彼らに答えた。すなわちレハベアム王は長老たちの勧めをすて、
رەھوبوئام پادىشاھ مويسىپىتلارنىڭ مەسلىھەتىنى تاشلاپ كۆپچىلىككە قاتتىقلىق بىلەن جاۋاب بەردى.
14 若者たちの勧めに従い、彼らに告げて言った、「父はあなたがたのくびきを重くしたが、わたしは更にこれを重くしよう。父はむちであなたがたを懲らしたが、わたしはさそりであなたがたを懲らそう」。
ئۇ ياشلارنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئۇلارغا: ــ ئاتام سىلەرگە ئېغىر بويۇنتۇرۇقنى سالغان، لېكىن مەن ئۇنى تېخىمۇ ئېغىر قىلىمەن. ئاتام سىلەرگە قامچىلار بىلەن تەنبىھ بەرگەن بولسا مەن سىلەرگە «چايانلىق قامچىلار» بىلەن تەنبىھ-تەربىيە بېرىمەن، دېدى.
15 このように王は民の言うことを聞きいれなかった。これは主が、かつてシロびとアヒヤによって、ネバテの子ヤラベアムに言われた言葉を成就するために、神がなされたのであった。
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ خەلقنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىدى. بۇ ئىش خۇدا تەرىپىدىن بولغان؛ چۈنكى بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ شىلوھلۇق ئاخىياھنىڭ ۋاسىتىسىدە نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامغا ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان بولدى.
16 イスラエルの人々は皆、王が自分たちの言うことを聞きいれないのを見たので、民は王に答えて言った、「われわれはダビデのうちに何の分があろうか。われわれはエッサイの子のうちに嗣業がない。イスラエルよ、めいめいの天幕に帰れ。ダビデよ、今あなたの家を見よ」。そしてイスラエルは皆彼らの天幕へ去って行った。
پۈتكۈل ئىسرائىل پادىشاھنىڭ ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىغىنىنى كۆرگەندە خەلق پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ: ــ داۋۇتتىن بىزگە نېمە نېسىۋە بار؟ يەسسەنىڭ ئوغلىدا بىزنىڭ ھېچ مىراسىمىز يوقتۇر! ھەربىرىڭلار ئۆز ئۆي-چېدىرلىرىڭلارغا قايتىڭلار، ئى ئىسرائىل! ئى داۋۇت، سەن ئۆز جەمەتىڭگىلا ئىگە بول ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئۆز ئۆي-چېدىرلىرىغا قايتىپ كېتىشتى.
17 しかしレハベアムはユダの町々に住んでいるイスラエルの人々を治めた。
ئەمما يەھۇدا شەھەرلىرىدە ئولتۇرغان ئىسرائىللارغا بولسا، يەروبوئام ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم سۈردى.
18 レハベアム王は徴募人の監督であったアドラムをつかわしたが、イスラエルの人々が石で彼を撃ち殺したので、レハベアム王は急いで車に乗り、エルサレムに逃げた。
رەھوبوئام پادىشاھ باج-ئالۋان بېگى ئادورامنى ئىسرائىللارغا ئەۋەتتى، لېكىن پۈتكۈل ئىسرائىل ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى. ئۇ چاغدا رەھوبوئام پادىشاھ ئالدىراپ، ئۆزىنىڭ جەڭ ھارۋىسىغا چىقىپ، يېرۇسالېمغا تىكىۋەتتى.
19 こうしてイスラエルはダビデの家にそむいて今日に至った。
شۇ تەرىقىدە ئىسرائىل داۋۇتنىڭ جەمەتىدىن يۈز ئۆرۈپ، بۈگۈنگە قەدەر ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ كەلدى.

< 歴代誌Ⅱ 10 >