< ゼカリヤ書 9 >

1 ヱホバの言詞の重負ハデラクの地に臨むダマスコはその止る所なりヱホバ世の人を眷みイスラエルの一切の支派を眷みたまへばなり
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىدىن يۈكلەنگەن بېشارەت ــ خادراك زېمىنى ۋە دەمەشق ئۈستىگە قونىدۇ (چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرى ئادەملەر ۋە ئىسرائىلنىڭ بارلىق قەبىلىلىرى ئۈستىدىدۇر)؛
2 之に界するハマテも然りツロ、シドンも亦はなはだ怜悧ければ同じく然るべし
ئۇ بۇلارغا چېگرىداش بولغان خاماتقا، تۇر ۋە زىدون ئۈستىگىمۇ قونىدۇ. تۇر تولىمۇ «دانا» بولغاچقا،
3 ツロは自己のために城郭を構へ銀を塵のごとくに積み金を街衢の土のごとくに積めり
ئۆزى ئۈچۈن قورغان قۇرغان، كۈمۈشنى توپىدەك، ساپ ئالتۇننى كوچىلاردىكى پاتقاقتەك دۆۋىلەپ قويغان.
4 視よ主これを攻取り海にて之が力を打ほろぼしたまふべし是は火にて焚うせん
مانا، رەب ئۇنى مال-دۇنياسىدىن ئايرىۋېتىدۇ، ئۇنىڭ كۈچىنى دېڭىزدا يوق قىلىدۇ؛ ئۇ ئوت تەرىپىدىن يەپ كېتىلىدۇ.
5 アシケロンこれを見て懼れガザもこれを見て太く慄ふエクロンもその望む所の者辱しめらるるに因て亦然りガザには王絶えアシケロンには住者なきに至らん
ئاشكېلون بۇنى كۆرۈپ قورقىدۇ؛ گازامۇ كۆرۈپ ئازابلىنىپ تولغىنىپ كېتىدۇ؛ ئەكرونمۇ شۇنداق، چۈنكى ئۇنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدى توزۇپ كېتىدۇ؛ پادىشاھ گازادىن يوقاپ كېتىدۇ، ئاشكېلون ئادەمزاتسىز قالىدۇ.
6 アシドドにはまた雑種の民すまん我ペリシテ人が誇る所の者を絶べし
شۇنىڭ بىلەن ئاشدودتا ھارامدىن بولغان بىرسى تۇرىدۇ؛ مەن فىلىستىيلەرنىڭ مەغرۇرلۇقى ۋە پەخرىنى يوقىتىمەن.
7 我これが口より血を取除き之が齒の間より憎むべき物を取除かん是も遺りて我儕の神に歸しユダの牧伯のごとくに成べしまたエクロンはヱブス人のごとくになるべし
مەن ئاغزىدىن قانلارنى، ئۇنىڭ ھارام يېگەن يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى چىشلىرى ئارىسىدىن ئېلىپ كېتىمەن؛ ئاندىن قېلىپ قالغانلار بولسا، ئۇلار خۇدايىمىزغا تەۋە بولۇپ، يەھۇدادا يولباشچى بولىدۇ؛ ئەكروننىڭ ئورنى يەبۇس قەبىلىسىدىكىلەرگە ئوخشاش بولىدۇ.
8 我わが家のために陣を張て敵軍に當り之をして往來すること無らしめん虐遇者かさねて逼ること無るべし我いま我目をもて親ら見ればなり
مەن قوشۇن تۈپەيلىدىن، يەنى ئۆتۈپ كەتكۈچى ۋە قايتىپ كەلگۈچى تۈپەيلىدىن ئۆز ئۆيۈم ئەتراپىدا چېدىرىمنى تىكتۈرىمەن؛ ئەزگۈچى قايتىدىن ئۇنىڭدىن ئۆتمەيدۇ؛ چۈنكى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆزىتىمەن.
9 シオンの女よ大に喜べヱルサレムの女よ呼はれ視よ汝の王汝に來る彼は正義して拯救を賜り柔和にして驢馬に乗る即ち牝驢馬の子なる駒に乗るなり
زور شادلان، ئى زىئون قىزى! تەنتەنەلىك نىدا قىل، ئى يېرۇسالېم قىزى! قاراڭلار، پادىشاھىڭ يېنىڭغا كېلىدۇ؛ ئۇ ھەققانىي ۋە نىجاتلىق بولىدۇ؛ كەمتەر-مۆمىن بولۇپ، مادا ئېشەككە، يەنى ئېشەك تەخىيىگە مىنىپ كېلىدۇ؛
10 我エフライムより車を絶ちヱルサレムより馬を絶ん戰爭弓も絶るべし彼國々の民に平和を諭さん其政治は海より海に及び河より地の極におよぶべし
شۇنىڭ بىلەن مەن جەڭ ھارۋىلىرىنى ئەفرائىمدىن، ئاتلارنى يېرۇسالېمدىن مەھرۇم قىلىۋېتىمەن؛ جەڭ ئوقياسىمۇ ئېلىپ تاشلىنىدۇ. ئۇ بولسا ئەللەرگە خاتىرجەملىك-تىنچلىقنى جاكارلاپ يەتكۈزىدۇ؛ ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دېڭىزدىن دېڭىزغىچە، [ئەفرات] دەرياسىدىن يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگىچە بولىدۇ.
11 汝についてはまた汝の契約の血のために我かの水なき坑より汝の被俘人を放ち出さん
ئەمدى سېنى بولسا، ساڭا چۈشۈرۈلگەن ئەھدە قېنى تۈپەيلىدىن، مەن ئاراڭدىكى مەھبۇسلارنى سۇسىز ئورەكتىن ئازادلىققا چىقىرىمەن.
12 望を懷く被俘人よ汝等城に歸れ我今日もなほ告て言ふ我かならず倍して汝等に賚ふべし
مۇستەھكەم جايغا قايتىپ كېلىڭلار، ئى ئارزۇ-ئۈمىدنىڭ مەھبۇسلىرى! بۈگۈن مەن جاكارلاپ ئېيتىمەنكى، تارتقان جازالىرىڭنىڭ ئەكسىنى ئىككى ھەسسىلەپ ساڭا قايتۇرىمەن.
13 我ユダを張て弓となしエフライムを矢となして之につがへんシオンよ我汝の人々を振起してギリシヤの人々を攻しめ汝をして大丈夫の劍のごとくならしむべし
چۈنكى ئۆزۈم ئۈچۈن يەھۇدانى ئوقيادەك ئېگىلدۈردۈم، ئەفرائىمنى ئوق قىلىپ ئوقياغا سالدىم؛ مەن ئوغۇل بالىلىرىڭنى ئورنىدىن تۇرغۇزىمەن، ئى زىئون ــ ئۇلار سېنىڭ ئوغۇل بالىلىرىڭغا قارشى جەڭ قىلىدۇ، ئى گرېتسىيە! ئى زىئون، مەن سېنى پالۋاننىڭ قولىدىكى قىلىچتەك قىلىمەن.
14 ヱホバこれが上に顯れてその箭を電光のごとくに射いだしたまはん主ヱホバ喇叭を吹ならし南の暴風に乗て出來まさん
پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئۈستىدە كۆرۈنىدۇ؛ ئۇنىڭ ئوقى چاقماقتەك ئېتىلىپ ئۇچىدۇ. رەب پەرۋەردىگار كاناينى چالىدۇ؛ ئۇ جەنۇبتىكى دەھشەتلىك قارا قۇيۇنلارنى بىللە ئېلىپ يۈرۈش قىلىدۇ.
15 萬軍のヱホバ彼らを護りたまはん彼等は食ふことを爲し投石器の石を踏つけん彼等は飮ことを爲し酒に醉るごとくに聲を擧ん其これに盈さるることは血を盛る鉢のごとく祭壇の隅のごとくなるべし
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇلار ئۈچۈن مۇداپىئە بولىدۇ؛ ئۇلار سالغا تاشلىرىنى كۇكۇم قىلىپ، دەسسەپ چەيلەيدۇ؛ ئۇلار ئىچىۋېلىپ، شاراب كەيپىنى سۈرگەنلەردەك قىيقاس-سۈرەن كۆتۈرىدۇ؛ ئۇلار [قانغا] مىلەنگەن قۇربانگاھنىڭ بۈرجەكلىرىدەك، [قانغا] تولدۇرۇلغان قاچىلاردەك بولىدۇ.
16 彼らの神ヱホバ當日に彼らを救ひその民を羊のごとくに救ひたまはん彼等は冠冕の玉のごとくになりて其地に輝くべし
شۇ كۈنى پەرۋەردىگار بولغان ئۇلارنىڭ خۇداسى ئۇلارنى ئۆزۈم باققان پادام بولغان خەلقىم دەپ بىلىپ قۇتقۇزىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار تاج گۆھەرلىرىدەك ئۇنىڭ زېمىنى ئۈستىدە كۆتۈرۈلىدۇ.
17 その福祉は如何計ぞや其美麗は如何計ぞや穀物は童男を長ぜしめ新酒は童女を長ぜしむ
شۇنچە زوردۇر ئۇنىڭ مېھرىبانلىقى، شۇنچە قالتىستۇر ئۇنىڭ گۈزەللىكى! زىرائەتلەر يىگىتلەرنى، يېڭى شاراب قىزلارنى ياشنىتىدۇ!

< ゼカリヤ書 9 >