< 詩篇 31 >

1 ヱホバよわれ汝によりたのむ 願くはいづれの日までも愧をおはしめたまふなかれ なんぢの義をもてわれを助けたまへ
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ سەن پەرۋەردىگارنى، مەن باشپاناھ قىلدىم؛ مېنى ھېچقاچان يەرگە قارىتىپ قويمىغايسەن؛ ئۆز ھەققانىيلىقىڭ بىلەن مېنى ئازاد قىلىپ قۇتقۇزغايسەن؛
2 なんぢの耳をかたぶけて速かにわれをすくひたまへ 願くはわがためにかたき磐となり我をすくふ保障の家となりたまへ
ماڭا قۇلاق سالغايسەن، مېنى تېزرەك قۇتقۇزۇۋالغايسەن؛ ماڭا قورام تاش، ئۆزۈمنى قوغدايدىغان قورغانلىق قەلئە بولغايسەن.
3 なんぢはわが磐わが城なり されば名のゆゑをもてわれを引われを導きたまへ
چۈنكى سەن مېنىڭ ئۇيۇلتېشىم، مېنىڭ قورغىنىمدۇرسەن؛ شۇڭا ئۆز نامىڭ ئۈچۈن مېنى يېتەكلىگەيسەن، مېنى باشلىغايسەن.
4 なんぢ我をかれらが密かにまうけたる網よりひきいだしたまへ なんぢはわが保砦なり
ماڭا يوشۇرۇن سېلىنغان تۇزاقتىن قەدەملىرىمنى تارتقايسەن؛ چۈنكى سەن مېنىڭ باشپاناھىمدۇرسەن.
5 われ霊魂をなんぢの手にゆだぬ ヱホバまことの神よなんぢはわれを贖ひたまへり
مەن روھىمنى قولۇڭغا تاپشۇردۇم؛ سەن ماڭا نىجاتلىق قىلىپ ھۆرلۈككە چىقارغانسەن، ئى پەرۋەردىگار، ھەق تەڭرى.
6 われはいつはりの虚きことに心をよする者をにくむ われは獨ヱホバによりたのむなり
يالغان ئىلاھلارغا چوقۇنىدىغانلاردىن يىرگىنىپ كەلدىم؛ مەن بولسام پەرۋەردىگارغا ئېتىقاد قىلىمەن.
7 我はなんぢの憐憫をよろこびたのしまん なんぢわが艱難をかへりみ わがたましひの禍害をしり
ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن خۇشال بولۇپ شادلىنىمەن؛ چۈنكى مېنىڭ خارلىقىمنى كۆردۈڭسەن؛ جېنىمنىڭ ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىدىن خەۋەر تاپتىڭ.
8 われを仇の手にとぢこめしめたまはず わが足をひろきところに立たまへばなり
مېنى دۈشمەنلىرىمنىڭ قولىغا چۈشۈرمىدىڭ، بەلكى پۇتلىرىمنى كەڭرى جايغا تۇرغۇزدۇڭ.
9 われ迫りくるしめり ヱホバよ我をあはれみたまへ わが目はうれひによりておとろふ 霊魂も身もまた衰へぬ
ئى پەرۋەردىگار، ماڭا رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن، چۈنكى بېشىمغا كۈلپەت چۈشتى؛ دەرد-ئەلەمدىن كۆزۈم تۈگۈشەي دەپ قالدى، جېنىم، ۋۇجۇدۇممۇ شۇنداق.
10 わが生命はかなしみによりて消えゆき わが年華はなげきによりて消ゆけばなり わが力はわが不義によりておとろへ わが骨はかれはてたり
ھاياتىم قايغۇ-ھەسرەت بىلەن، يىللىرىم غەم-غۇسسە بىلەن ئۇپراۋاتىدۇ. گۇناھىم تۈپەيلىدىن ماغدۇرۇم كېتەي دەپ قالدى، ئۇستىخانلىرىم سىزىپ كەتتى.
11 われもろもろの仇ゆゑにそしらる わが隣にはわけて甚だし相識ものには忌憚られ衢にてわれを見るもの避てのがる
مەن رەقىبلىرىمنىڭ ئىزا-ئاھانىتىگە قالدىم، يېقىنلىرىم ئالدىدا تېخىمۇ شۇنداق؛ تونۇشلىرىمغىمۇ بىر ۋەھىمە بولدۇم؛ كوچىدا مېنى كۆرگەنلەرمۇ مەندىن داجىپ قاچىدۇ.
12 われは死たるもののごとく忘られて人のこころに置れず われはやぶれたる器もののごとくなれり
ھەممەيلەن مېنى ئۆلگەن ئادەمدەك، كۆڭلىدىن چىقىرىپ تاشلاشتى؛ پۇچۇق چىنىدەك بولۇپ قالدىم.
13 そは我おほくの人のそしりをきい到るところに懼あり かれら我にさからひて互にはかりしが わが生命をさへとらんと企てたり
چۈنكى نۇرغۇنلارنىڭ تۆھمەتلىرىنى ئاڭلىدىم، ۋەھىمە تەرەپ-تەرەپلەردە تۇرىدۇ؛ ئۇلار ماڭا ھۇجۇم قىلىشقا مەسلىھەتلىشىۋاتىدۇ، جېنىمنى ئېلىشقا قەست قىلىشىۋاتىدۇ.
14 されどヱホバよわれ汝によりたのめり また汝はわが神なりといへり
بىراق مەن ساڭا تايىنىمەن، ئى پەرۋەردىگار؛ «سەن مېنىڭ خۇدايىم!» ــ دېدىم.
15 わが時はすべてなんぢの手にあり ねがはくはわれを仇の手よりたすけ われに追迫るものより助けいだしたまへ
مېنىڭ كۈنلىرىم سېنىڭ قولۇڭدىدۇر؛ مېنى دۈشمەنلىرىمنىڭ قولىدىن ھەم ماڭا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلاردىن قۇتقۇزغايسەن.
16 なんぢの僕のうへに聖顔をかがやかせ なんぢの仁慈をもて我をすくひたまへ
قۇلۇڭغا دىدارىڭنىڭ جىلۋىسىنى چۈشۈرگەيسەن؛ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن ماڭا نىجاتلىق ئاتا قىلغايسەن.
17 ヱホバよわれに愧をおはしめ給ふなかれ そは我なんぢをよべばなり 願くはあしきものに恥をうけしめ陰府にありて口をつぐましめ給へ (Sheol h7585)
ئى پەرۋەردىگار، مېنى يەرگە قارىتىپ قويمىغايسەن؛ چۈنكى مەن ساڭا ئىلتىجا قىلدىم؛ رەزىللەر يەرگە قاراپ قالسۇن؛ ئۇلارنىڭ تەھتىسارادا زۇۋانى تۇتۇلسۇن؛ (Sheol h7585)
18 傲慢と軽侮とをもて義きものにむかひ妄りにののしるいつはりの口唇をつぐましめたまへ
يالغان لەۋلەر زۇۋاندىن قالسۇن! ئۇلار ھەققانىيلارنى خالىغانچە مازاق قىلىپ تەكەببۇرلۇق بىلەن سۆزلىمەكتە!
19 汝をおそるる者のためにたくはへ なんぢに依賴むもののために人の子のまへにてほどこしたまへる汝のいつくしみは大なるかな
ئۆزۈڭنى باشپاناھ قىلغانلار ئۈچۈن ئىنسان بالىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا كۆرسەتكەن ئىلتىپاتلىرىڭ، يەنى ئۆزۈڭدىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن، ساقلىغان ئىلتىپات-نېمەتلىرىڭ نەقەدەر مولدۇر!
20 汝かれらを御前なるひそかなる所にかくして人の謀略よりまぬかれしめ また行宮のうちにひそませて舌のあらそひをさけしめたまはん
سەن ئۇلارنى ئىنسانلارنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ئۆز ھۇزۇرۇڭدىكى يوشۇرۇن دالدا جايغا ئالىسەن؛ سەن ئۇلارنى تىل-ئاھانەتلەردىن سايىۋىنىڭدە يوشۇرۇپ قويىسەن.
21 讃べきかなヱホバは堅固なる城のなかにて奇しまるるばかりの仁慈をわれに顯したまへり
پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيىلەر يوللانسۇن! چۈنكى ئۇ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىنى زۇلمەتلىك بىر شەھەردە ئاجايىب نىمايەن قىلدى!
22 われ驚きあわてていへらく なんぢの目のまへより絶れたりと 然どわれ汝によびもとめしとき汝わがねがひの聲をききたまへり
چۈنكى مەن دەككە-دۈككىدە ھودۇقۇپ: ــ سېنى، مېنى كۆزىدىن چىقىرىپ قويدىمىكىن، دەپ قورققانىدىم؛ ھالبۇكى، مەن نالە كۆتۈرۈپ يېلىنغىنىمدا، پەريادىمغا قۇلاق سالدىڭ.
23 なんぢらもろもろの聖徒よヱホバをいつくしめ ヱホバは眞實あるものをまもり傲慢者におもく報をほどこしたまふ
پەرۋەردىگارنى سۆيۈڭلار، ئى ئۇنىڭ بارلىق مۆمىن بەندىلىرى! پەرۋەردىگار ئۆزىگە سادىقلارنى قوغدايدۇ، ھەم تەكەببۇرلۇق بىلەن ئىش قىلغۇچىلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆز بېشىغا ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ!
24 すべてヱホバを俟望むものよ雄々しかれ なんぢら心をかたうせよ
ئى پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈپ كۈتكەنلەر، جىگەرلىك بول، قەلبىڭ مەردانە قىلىنسۇن!

< 詩篇 31 >