< 民数記 31 >

1 茲にヱホバ、モーセに告て言たまはく
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: —
2 汝イスラエルの子孫の仇をミデアン人に報ゆべし其後汝はその民に加はらん
سەن مىدىيانلاردىن ئىسرائ‍ىللارنىڭ ئىنتىقامىنى ئال، ئاندىن ئۆز خەلقلىرىڭگە قوشۇلىسەن، — دېدى.
3 モーセすなはち民に告て言けるは汝らの中より人を選みて戰爭にいづる准備をなさしめ之をしてミデアン人に攻ゆかしめてヱホバの仇をミデアン人に報ゆべし
مۇسا خەلققە مۇنداق دېدى: — ئاراڭلاردىن جەڭگە چىقىشقا بىر تۈركۈم ئادەملەرنى قوراللاندۇرۇڭلار؛ ئاندىن ئۇلار مىدىيانلاردىن پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىشقا ئاتلانسۇن.
4 即ちイスラエルの諸の支派につきて各々の支派より千人づつを取りこれを戰爭につかはすべしと
سىلەر ئىسرائ‍ىللارنىڭ ھەربىر قەبىلىسىدىن جەڭ قىلىشقا مىڭدىن ئادەم ماڭدۇرۇڭلار.
5 是において各々の支派より千人づつを選みイスラエルの衆軍の中より一萬二千人を得て戰爭にいづる准備をなさしむ
شۇنىڭ بىلەن تۈمەنلىگەن ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھەر قەبىلىسىدىن مىڭدىن، جەمئىي ئون ئىككى مىڭ ئادەم جەڭ قىلىشقا قوراللاندۇرۇلدى.
6 モーセすなはち各々の支派より千人宛を戰爭に遣しまた祭司エレアザルの子ピネハスに聖器と吹鳴す喇叭を執しめて之とともに戰爭に遣せり
مۇسا ھەر قەبىلىدىن مىڭدىن ئادەمنى جەڭ قىلىشقا ماڭدۇردى ھەمدە ئەلىئازارنىڭ ئوغلى فىنىھاسنى ئۇلار بىلەن بىللە ماڭدۇردى، فىنىھاسنىڭ قولىدا مۇقەددەس ئەسۋابلار ۋە ئاگاھ كاناي بار ئىدى.
7 彼らヱホバのモーセに命じたまへるごとくミデアン人を攻撃ち遂にその中の男子をことごとく殺せり
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنى بويىچە مىدىيانلار بىلەن سوقۇشقىلى چىقىپ، ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى؛
8 その殺しし者の外にまたミデアンの王五人を殺せりそのミデアンの王等はエビ、レケム、ツル、ホル、レバといふまたベオルの子バラムをも劍にかけて殺せり
مۇشۇ ئۆلتۈرۈلگەنلەردىن باشقا، يەنە مىدىياننىڭ ئەۋى، رەكەم، زۇر، خۇر ۋە رەبا دېگەن بەش پادىشاھىنى ئۆلتۈردى؛ يەنە بېئورنىڭ ئوغلى بالائامنى قىلىچ بىلەن چېپىپ تاشلىدى.
9 イスラエルの子孫すなはちミデアンの婦女等とその子女を生擒りその家畜と羊の群とその貨財をことごとく奪ひ取り
ئىسرائ‍ىللار مىدىيانلارنىڭ خوتۇن-قىزلىرى ۋە بالىلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ كەتتى، يەنە ئۇلارنىڭ پۈتۈن چارۋا ماللىرى، قوي پادىلىرى ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى ئولجا قىلدى؛
10 その住居の邑々とその村々とを盡く火にて燒り
ئۇلار تۇرۇۋاتقان يەرلەردىكى بارلىق شەھەر ۋە بارلىق بارگاھلىرىغا ئوت قويۇۋەتتى؛
11 かくて彼等はその奪ひし物と掠めし物を人と畜ともに取り
ئۇلار ئادەم بولسۇن مال بولسۇن بارلىق غەنىيمەت، بارلىق ئولجىنى ئېلىپ كەتتى؛
12 ヱリコに對するヨルダンの邊なるモアブの平野の營にその生擒し者と掠めし物と奪ひし物とを携へきたりてモーセと祭司エレアザルとイスラエルの子孫の會衆に詣れり
ئۇلار تۇتقان ئەسىرلەرنى ھەم ئولجا-غەنىيمەتنى موئاب تۈزلەڭلىكلىرىگە، ئىئوردان دەرياسى بويىغا جايلاشقان يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدىكى بارگاھقا ئەكىلىپ، مۇسا بىلەن كاھىن ئەلىئازارغا، شۇنداقلا ئىسرائ‍ىللارنىڭ جامائىتىگە تاپشۇردى.
13 時にモーセと祭司エレアザルおよび會衆の牧伯等みな營の外に出て之を迎へたりしが
مۇسا، كاھىن ئەلىئازار ۋە جامائەتنىڭ بارلىق ئەمىرلىرى بارگاھنىڭ سىرتىغا چىقىپ ئۇلارنى قارشى ئالدى.
14 モーセはその軍勢の領袖等すなはち戰爭より歸りきたれる千人の長等と百人の長等のなせる所を怒れり
لېكىن مۇسا جەڭدىن قايتقان ھەربىي سەردارلارغا، يەنى مىڭبېشى، يۈزبېشىلارغا خاپا بولۇپ: —
15 モーセすなはち彼等に言けるは汝らは婦女等をことごとく生し存しや
سىلەر ئاياللارنىڭ ھەممىسىنى تىرىك قالدۇردۇڭلارمۇ؟
16 視よ是等の者はバラムの謀計によりイスラエルの子孫をしてペオルの事においてヱホバに罪を犯さしめ遂にヱホバの會衆の中に疫病おこるにいたらしめたり
قاراڭلار، دەل شۇلار بالائامنىڭ ھىيلە-مەسلىھەتى بىلەن پېئوردىكى ئىشتا ئىسرائ‍ىللارنى پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھقا پاتقۇزۇشى بىلەن، پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە ۋابا ياغدۇرۇلغان ئەمەسمۇ؟
17 然ばこの子等の中の男の子を盡く殺しまた男と寝て男しれる婦人を盡く殺せ
ئەمدى سىلەر بارلىق ئوغۇل بالىلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار، ئەرلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن ئاياللارنى قويماي ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار.
18 但し未だ男と寝て男しれる事あらざる女の子はこれを汝らのために生し存べし
بىراق ياش قىزلار، يەنى ئەرلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمىگەنلەرنى بولسا، ئۆزلىرىڭلارغا تىرىك قالدۇرۇڭلار.
19 而して汝らは七日の間營の外に居れ汝らの中凡そ人を殺せし者または殺されし者に捫りたる者は第三日と第七日にその身を潔め且その俘囚を潔むべし
سىلەر بارگاھ سىرتىدا يەتتە كۈن چېدىر تىكىپ تۇرۇڭلار؛ ئادەم ئۆلتۈرگەن ۋە ئۆلۈككە تەگكەن ھەركىم ئۈچىنچى كۈنى ۋە يەتتىنچى كۈنى ئۆزىنى پاكلىسۇن؛ سىلەر ۋە سىلەر ئەسىر قىلغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق قىلسۇن.
20 また一切の衣服と一切の皮の器具および凡て山羊の毛にて作れる物と凡て木にて造れる物を潔むべしと
بارلىق كىيىم-كېچەك، تېرە ئەسۋاب ئۈسكۈنىلەر، تىۋىتتا توقۇلغان بارلىق نەرسىلەر ھەم ياغاچ ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسىنى پاكلاڭلار، — دېدى.
21 祭司エレアザル戰にいでし軍人等に言けるはヱホバのモーセに命じたまへる律法の例は是のごとし
كاھىن ئەلىئازار جەڭگە چىقىپ قايتقان لەشكەرلەرگە: — مانا پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغان قانۇن-بەلگىلىمە:
22 金銀銅鐵錫鉛など
ئالتۇن، كۈمۈش، مىس. تۆمۈر، قەلەي، قوغۇشۇن قاتارلىق
23 凡て火に勝る物は火の中を通すべし然せば潔くならん然ながら尚また潔淨の水をもてこれを潔むべしまた凡て火に勝ざる者は水の中を通すべし
ئوتقا چىداملىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوتتىن ئۆتكۈزۈڭلار، شۇنداق قىلساڭلار پاك ھېسابلىنىدۇ؛ شۇنداقتىمۇ، يەنىلا «ناپاكلىقنى چىقارغۇچى سۇ» بىلەن پاكىزلاڭلار؛ ئوتقا چىدامسىز نەرسىلەرنى شۇ سۇدىن ئۆتكۈزۈڭلار.
24 汝等は第七日にその衣服を洗ひて潔くなり然る後營にいるべし
يەتتىنچى كۈنى كىيىملىرىڭلارنى يۇيۇڭلار، ئاندىن سىلەر پاك ھېسابلىنىسىلەر؛ ئاندىن كېيىن بارگاھقا كىرسەڭلار بولىدۇ، — دېدى.
25 その時ヱホバ、モーセに告て言たまはく
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: —
26 汝と祭司エレアザルおよび會衆の族長等この取獲たる人と畜の總數をしらべ
سەن كاھىن ئەلىئازار ۋە جامائەت ئىچىدىكى قەبىلە كاتتىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېلىنغان ئولجا-غەنىمەتنىڭ، ئادەم بولسۇن، چارپاي بولسۇن، شۇلارنىڭ ئومۇمىي سانىنى ھېسابلاپ چىققىن؛
27 その獲物を二分に分てその一を戰爭にいでて戰ひし者に予へその一を全會衆に予へよ
ئولجا-غەنىيمەتنى ئىككىگە بۆل، يېرىمىنى جەڭگە چىققانلارغا بەر، قالغان يېرىمىنى بارلىق جامائەتكە بەر.
28 而して戰ひに出し軍人をして人または牛または驢馬または羊おのおの五百ごとに一をとりてヱホバに貢として奉つらしめよ
سەن يەنە چىقىپ جەڭگە قاتناشقان لەشكەرلەر ئالىدىغان ئادەم، كالا، ئېشەك ياكى قوي پادىلىرىدىن بەش يۈزدىن بىرىنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئۈلۈش بولسۇن دەپ ئايرىغىن؛
29 即ち彼らの一半より之をとりヱホバの擧祭として祭司エレアザルに與へよ
سىلەر شۇنى لەشكەرلەرگە تەۋە بولغان يېرىمىدىن ئېلىپ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە كاھىن ئەلىئازارغا تاپشۇرۇڭلار.
30 またイスラエルの子孫の一半よりはその獲たる人または牛または驢馬または羊または種々の獣畜五十ごとに一を取りヱホバの幕屋の職守を守るところのレビ人にこれを與へよと
ئىسرائ‍ىللارغا تەۋە بولغان يېرىمىنىڭ ئادەم، كالا، ئېشەك، قوي پادىلىرى، شۇنداقلا ھەرخىل ھايۋانلاردىن ئەللىكتىن بىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ جامائەت چېدىرىغا قاراشقا مەسئۇل بولغان لاۋىيلارغا بېرىڭلار.
31 モーセと祭司エレアザルすなはちヱホバのモーセに命じたまへるごとく爲り
شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن كاھىن ئەلىئازار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلدى.
32 その掠取物すなはち軍人等が奪ひ獲たる物の殘餘は羊六十七萬五千
ئەمدى ئولجا-غەنىيمەت، يەنى جەڭگە چىققان لەشكەرلەر ئېلىۋالغان نەرسىلەردىن قالغىنى قوي جەمئىي ئالتە يۈز يەتمىش بەش مىڭ،
33 牛七萬二千
كالا يەتمىش ئىككى مىڭ،
34 驢馬六萬一千
ئېشەك ئاتمىش بىر مىڭ،
35 人三萬二千是みな未だ男と寝て男しれる事あらざる女なり
ئەركەكلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمىگەن قىزلار ئوتتۇز ئىككى مىڭ چىقتى.
36 その一半すなはち戰爭にいでし者の分は羊三十三萬七千五百
جەڭگە چىققانلارنىڭ ئۈلۈشى، يەنى ئۇلارغا تەۋە يېرىمى، قوي جەمئىي ئۈچ يۈز ئوتتۇز يەتتە مىڭ بەش يۈز؛
37 ヱホバに貢として奉つれる羊は六百七十五
بۇ قوي پادىلىرىدىن پەرۋەردىگارغا ئاتالغىنى ئالتە يۈز يەتمىش بەش بولدى؛
38 牛三萬六千その中よりヱホバに貢とせし者は七十二
كالا ئوتتۇز ئالتە مىڭ، بۇنىڭدىن پەرۋەردىگارغا ئاتالغىنى يەتمىش ئىككى بولدى.
39 驢馬三萬五百その中よりヱホバに貢とせし者は六十一
ئېشەك ئوتتۇز مىڭ بەش يۈز چىقتى، بۇنىڭدىن پەرۋەردىگارغا ئاتالغىنى ئاتمىش بىر بولدى.
40 人一萬六千その中よりヱホバに貢とせし者は三十二人
ئادەم ئون ئالتە مىڭ چىقتى، بۇنىڭدىن پەرۋەردىگارغا ئاتالغىنى ئوتتۇز ئىككى ئادەم بولدى.
41 モーセその貢すなはちヱホバの擧祭なる者を祭司エレアザルに與へたりヱホバのモーセに命じたまへる如し
مۇسا پەرۋەردىگار ئۆزىگە بۇيرۇغىنى بويىچە پەرۋەردىگارغا سۇنۇلىدىغان «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولغان ئۈلۈشنى كاھىن ئەلىئازارغا تاپشۇرۇپ بەردى.
42 モーセが戰爭に出しものより分ちとりてイスラエルの子孫に予へし一半
ئىسرائ‍ىللارغا تەۋە بولغان يېرىمى، يەنى مۇسا جەڭگە چىقىپ كەلگەنلەردىن ئېلىپ بۆلۈپ بەرگىنى —
43 すなはち會衆に屬する一半は羊三十三萬七千五百
جامائەتكە تەۋە بولغان شۇ يېرىمى — قوي ئۈچ يۈز ئوتتۇز يەتتە مىڭ بەش يۈز،
44 牛三萬六千
كالا ئوتتۇز ئالتە مىڭ،
45 驢馬三萬五百
ئېشەك ئوتتۇز مىڭ بەش يۈز،
46 人一萬六千
ئادەم ئون ئالتە مىڭ ئىدى.
47 すなはちイスラエルの子孫のその一半よりモーセ人と畜ともに各箇五十ごとに一を取りヱホバの幕屋の職守をまもるレビ人に之を與へたりヱホバのモーセに命じたまへるごとし
مۇسا پەرۋەردىگار ئۆزىگە بۇيرۇغىنى بويىچە، ئىسرائ‍ىللارغا تەۋە بولغان شۇ يېرىمىنىڭ، مەيلى ئادەم ياكى ھايۋان بولسۇن، ئەللىكتىن بىرىنى ئايرىپ ئېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىغا قاراشقا مەسئۇل بولغان لاۋىيلارغا تاپشۇردى.
48 時に其軍勢の帥士たりし者等すなはち千人の長百人の長等モーセにきたり
پۈتكۈل قوشۇننىڭ سەردارلىرى، مىڭ بېشى، يۈز بېشىلىرى مۇسا بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىپ،
49 モーセに言けるは僕等我らの手に屬する軍人を數へたるにわれらの中一人も缺たる者なし
مۇساغا: — خىزمەتكارلىرىنىڭ قول ئاستىدا جەڭ قىلغان لەشكەرلەرنىڭ ئومۇمىي سانىنى ساناقتىن ئۆتكۈزسەك بىرىمۇ كەم چىقمىدى.
50 是をもて我ら各人その獲たる金の飾品すなはち鏈子釧指鐶耳環頸玉等をヱホバに携へきたりて禮物となし之をもて我らの生命のためにヱホバの前に贖罪をなさんとすと
شۇڭا، مانا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆزىمىزنىڭ گۇناھىنىڭ كافارىتى ئۈچۈن ھەرقايسىمىز ئېرىشكەنلەرنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ھەدىيە قىلىمىز — ئالتۇن بۇيۇملار، پۇت-قول زەنجىرلىرى، بىلەزۈك، مۆھۈر ئۈزۈك، زىرە-ھالقا، مارجانلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەلدۇق، — دېدى.
51 モーセと祭司エレアザルすなはち彼らよりその金を受たり是みな製り成る飾品なりき
شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن كاھىن ئەلىئازار ئۇلار ئەكەلگەن ئالتۇنلارنى، يەنى ئالتۇندا ياسالغان ھەرخىل بۇيۇملارنى ئالدى.
52 千人の長と百人の長たちがヱホバに献げて擧祭となせしその金は都合一萬六千七百五十シケル
ئۇلارنىڭ مىڭ بېشى ۋە يۈز بېشىلىرىدىن ئالغىنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە سۇنۇلدى؛ بارلىق ئالتۇن جەمئىي ئون ئالتە مىڭ يەتتە يۈز ئەللىك شەكەل چىقتى
53 軍人は各箇その掠取物をもて自分の有となせり
‹لەشكەرلەرنىڭ ھەربىرى ئۆزلىرى ئۈچۈن مال-مۈلۈكنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشقانىدى›.
54 モーセと祭司エレアザルは千人の長と百人の長等よりその金を受て集會の幕屋に携へいりヱホバの前におきてイスラエルの子孫の記念とならしむ
مۇسا بىلەن كاھىن ئەلىئازار مىڭ بېشى ۋە يۈز بېشىلىرىنىڭ قولىدىن ئالتۇننى ئېلىپ، جامائەت چېدىرىنىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئىسرائ‍ىللار ئۈچۈن يادنامە قىلدى.

< 民数記 31 >