< ルカの福音書 17 >

1 イエス弟子たちに言ひ給ふ『躓物は必ず來らざるを得ず、されど之を來らす者は禍害なるかな。
ئۇ مۇخلىسلىرىغا مۇنداق دېدى: ــ ئىنساننى پۇتلاشتۇرىدىغان ئىشلار بولماي قالمايدۇ؛ لېكىن شۇ پۇتلاشتۇرۇش ۋاسىتىچىسى بولغان ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي!
2 この小き者の一人を躓かするよりは、寧ろ碾臼の石を頸に懸けられて、海に投げ入れられんかた善きなり。
بۇنداق ئادەمنىڭ بۇ كىچىك بالىلاردىن بىرىنى [گۇناھقا] پۇتلاشتۇرغان بولسا، بوينىغا تۈگمەن تېشى ئېسىلغان ھالدا دېڭىزغا تاشلىۋېتىلگىنى ئەۋزەل بولاتتى.
3 汝 等みづから心せよ。もし汝の兄弟 罪を犯さば、これを戒めよ。もし悔改めなば之をゆるせ。
ئۆزۈڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلار! ئەگەر قېرىندىشىڭ گۇناھ قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا تەنبىھ-نەسىھەت قىلغىن. ئۇ توۋا قىلسا ئۇنى ئەپۇ قىلغىن.
4 もし一日に七度なんぢに罪を犯し、七たび「悔改む」と言ひて、汝に歸らば之をゆるせ』
مۇبادا ئۇ بىر كۈن ئىچىدە ساڭا يەتتە مەرتىۋە گۇناھ قىلسا ۋە يەتتە مەرتىۋە يېنىڭغا كېلىپ: توۋا قىلدىم، دېسە، ئۇنى يەنىلا ئەپۇ قىلغىن.
5 使徒たち主に言ふ『われらの信仰を増したまへ』
شۇنىڭ بىلەن روسۇللار رەبگە: ئىشەنچ-ئېتىقادىمىزنى ئاشۇرغىن، ــ دېيىشتى.
6 主いひ給ふ『もし芥種 一粒ほどの信仰あらば、此の桑の樹に「拔けて海に植れ」と言ふとも汝らに從ふべし。
ۋە رەب ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ سىلەردە قىچا ئۇرۇقىدەك زەررىچە ئىشەنچ بولسا ئىدى، سىلەر ئاۋۇ ئۈجمە دەرىخىگە: «يىلتىزىڭدىن قومۇرۇلۇپ، دېڭىزغا كۆچۈپ تىكىل!» دېسەڭلار، ئۇ سۆزۈڭلارنى ئاڭلاپ كۆچەتتى.
7 汝 等のうち誰か或は耕し、或は牧する僕を有たんに、その僕 畑より歸りたる時、これに對ひて「直ちに來り食に就け」と言ふ者あらんや。
لېكىن ئاراڭلاردىن كىمنىڭ يەر ھەيدەيدىغان ياكى مال باقىدىغان بىر قۇلى بولسا ۋە ئۇ ئېتىزلىقتىن قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭغا: «تېزرەك كېلىپ داستىخاندا ئولتۇرغىن»، دەيدىغانلار بارمۇ؟
8 反つて「わが夕餐の備をなし、我が飮食するあひだ、帶して給仕せよ、然る後に、なんぢ飮食すべし」と言ふにあらずや。
ئۇ بەلكى ئۇنىڭغا: «مېنىڭ تامىقىمنى تەييار قىل، مەن يەپ-ئىچىپ بولغۇچە بېلىڭنى باغلاپ مېنى كۈتكىن، ئاندىن ئۆزۈڭ يەپ-ئىچكىن، دېمەسمۇ؟
9 僕、命ぜられし事を爲したればとて、主人これに謝すべきか。
قۇل ئەمر قىلىنغىنىدەك قىلغىنى ئۈچۈن خوجايىن ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتامدۇ؟ مېنىڭچە، ئېيتمايدۇ.
10 かくのごとく汝らも命ぜられし事をことごとく爲したる時「われらは無 益なる僕なり、爲すべき事を爲したるのみ」と言へ』
شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارغا ئەمر قىلىنغاننىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلغىنىڭلاردىن كېيىن: بىز ئەرزىمەس قۇللارمىز؛ بىز پەقەت تېگىشلىك بۇرجىمىزنى ئادا قىلدۇق، خالاس»، دەيدىغان بولىسىلەر.
11 イエス、エルサレムに往かんとて、サマリヤとガリラヤとの間をとほり、
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ يېرۇسالېمغا چىقىپ كېتىۋاتقاندا، سامارىيە بىلەن گالىلىيەنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ،
12 或 村に入り給ふとき、十 人の癩病人これに遇ひて、遙に立ち止り、
بىر كەنتكە كىرگىنىدە ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئون ئادەم ئۇنىڭغا ئۇچراپ، يىراقتا توختاپ،
13 聲を揚げて言ふ『君イエスよ、我らを憫みたまへ』
ئاۋازلىرىنى كۆتۈرۈپ: ئەي ئەيسا، ئۇستاز، بىزگە رەھىم قىلغايسەن، دەپ ئۆتۈندى.
14 イエス之を見て言ひたまふ『なんぢら往きて身を祭司らに見せよ』彼ら往く間に潔められたり。
ئۇلارنى كۆرگەندە ئۇ ئۇلارغا: بېرىپ ئۆزۈڭلارنى كاھىنلارغا كۆرسىتىڭلار، دېدى. ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندا، [ماخاۋدىن] پاكلاندى.
15 その中の一人、おのが醫されたるを見て、大聲に神を崇めつつ歸りきたり、
ئۇلاردىن بىرەيلەن ئۆزىنىڭ ساقايغىنىنى كۆرگەندە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن خۇدانى ئۇلۇغلاپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ، قايتتى.
16 イエスの足下に平伏して謝す。これはサマリヤ人なり。
ئۇ كېلىپ ئەيسانىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ دۈم يېتىپ تەشەككۈر ئېيتتى. ئۇ سامارىيەلىك ئىدى.
17 イエス答へて言ひたまふ『十 人みな潔められしならずや、九 人は何處に在るか。
ئەيسا بۇ ئىشقا قاراپ: پاك قىلىنغانلار ئون كىشى ئەمەسمىدى؟ قالغان توققۇزەيلەن قېنى؟
18 この他國人のほかは、神に榮光を歸せんとて歸りきたる者なきか』
بۇ يات ئەللىك مۇساپىردىن باشقا، خۇداغا ھەمدۇسانا ئوقۇغىلى ھېچكىم قايتىپ كەلمەپتىغۇ؟! ــ دېدى.
19 かくて之に言ひたまふ『起ちて往け、なんぢの信仰なんぢを救へり』
ئاندىن ئۇ ھېلىقى ئادەمگە: ــ «ئورنۇڭدىن تۇر، يولۇڭغا ماڭغىن! ئېتىقادىڭ سېنى ساقايتتى!» ــ دېدى.
20 神の國の何時きたるべきかをパリサイ人に問はれし時、イエス答へて言ひたまふ『神の國は見ゆべき状にて來らず。
[بىر كۈنى] پەرىسىيلەر ئۇنىڭدىن: «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى قاچان كېلىدۇ؟» دەپ سورىغاندا ئۇ ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ كېلىشىنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولماس؛
21 また「視よ、此處に在り」「彼處に在り」と人々 言はざるべし。視よ、神の國は汝らの中に在るなり』
كىشىلەر: «قاراڭلار، ئۇ مانا بۇ يەردە!» ياكى «ئۇ يەردە!» دېيەلمەيدۇ. چۈنكى مانا، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئاراڭلاردىدۇر.
22 かくて弟子たちに言ひ給ふ『なんぢら人の子の日の一日を見んと思ふ日きたらん、されど見ることを得じ。
كېيىن ئۇ مۇخلىسلىرىغا يەنە مۇنداق دېدى: ــ «شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ كۈنلىرىدىن بىرەر كۈنىنى بولسىمۇ كۆرۈشكە تەشنا بولىسىلەر، لېكىن كۆرەلمەيسىلەر.
23 そのとき人々なんぢらに「見よ彼處に、見よ此處に」と言はん、されど往くな、從ふな。
شۇ چاغدا كىشىلەر سىلەرگە: «مانا ئۇ بۇ يەردە!» ۋە ياكى «مانا ئۇ ئۇ يەردە!» دەيدۇ؛ سىلەر نە بارماڭلار نە ئۇلارنىڭ كەينىدىن يۈگۈرمەڭلار.
24 それ電光の天の彼方より閃きて、天の此方に輝くごとく、人の子もその日には然あるべし。
چۈنكى گويا ئاسماننىڭ بىر چېتىدىن چاقماق چېقىپ يەنە بىر چېتىگىچە يورۇتىدىغاندەك، ئىنسانئوغلىنىڭ ئۆز كۈنىدە ھەم شۇنداق بولىدۇ.
25 されど人の子は先づ多くの苦難を受け、かつ今の代に棄てらるべきなり。
لېكىن ئۇ ئاۋۋال كۆپ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىشى بۇ دەۋردىكىلەر تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشى مۇقەررەردۇر.
26 ノアの日にありし如く、人の子の日にも然あるべし。
ۋە نۇھ [پەيغەمبەرنىڭ] كۈنلىرىدە قانداق بولغان بولسا، ئىنسانئوغلىنىڭ كۈنلىرىدە ھەم شۇنداق بولىدۇ.
27 ノア方舟に入る日までは、人々 飮み食ひ娶り嫁ぎなど爲たりしが、洪水きたりて彼 等をことごとく滅せり。
تاكى نۇھ كېمىگە كىرىپ ئولتۇرغان كۈنگىچە، كىشىلەر يەپ-ئىچىپ، ئۆيلىنىپ ۋە ياتلىق بولۇپ كېلىۋاتقانىدى؛ ئاندىن توپان كېلىپ ھەممىسىنى ھالاك قىلدى.
28 ロトの日にも斯くのごとく、人々 飮み食ひ、賣り買ひ、植ゑつけ、家 造りなど爲たりしが、
ھەم يەنە، لۇتنىڭ كۈنلىرىدە قانداق بولغان بولسا شۇنداق بولىدۇ ــ كىشىلەر يەپ-ئىچىپ، سودا-سېتىق قىلىپ، تېرىقچىلىق قىلاتتى ۋە ئۆيلەرنى سالاتتى.
29 ロトのソドムを出でし日に、天より火と硫黄と降りて、彼 等をことごとく滅せり。
لېكىن لۇت سودوم شەھىرىدىن چىققان كۈنى، ئاسماندىن ئوت بىلەن گۈڭگۈرت يېغىپ، [بۇ شەھەردىكىلەرنىڭ] ھەممىسىنى ھالاك قىلدى.
30 人の子の顯るる日にも、その如くなるべし。
ئەمدى ئىنسانئوغلى ئاشكارا بولىدىغان كۈندە ئەنە شۇنداق بولىدۇ.
31 その日には、人もし屋の上にをりて、器 物 家の内にあらば、之を取らんとて下るな。畑にをる者も同じく歸るな。
شۇ كۈنى، ھەركىم ئۆگزىدە تۇرۇپ، نەرسە-كېرەكلىرى ئۆيىدە بولسىمۇ، ئالغىلى چۈشمىسۇن؛ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كىمكى ئېتىزلىقتا بولسا [ئۆيىگە] ھېچ يانمىسۇن.
32 ロトの妻を憶へ。
لۇتنىڭ ئايالىنى يادىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار!
33 おほよそ己が生命を全うせんとする者はこれを失ひ、失ふ者はこれを保つべし。
كىمكى ئۆز ھاياتىنى قۇتقۇزماقچى بولسا، ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ، لېكىن ئۆز ھاياتىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ.
34 われ汝らに告ぐ、その夜ふたりの男、一つ寢臺に居らんに、一人は取られ一人は遣されん。
سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ئۇ كېچىدە ئىككى ئادەم بىر ئورۇندا ياتىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى ئېلىپ كېتىلىدۇ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ.
35 二人の女ともに臼ひき居らんに、一人は取られ一人は遣されん』
ئىككى ئايال يارغۇنچاق بېشىدا تۇرۇپ ئۇن تارتىۋاتقان بولىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى ئېلىپ كېتىلىدۇ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ».
36 [なし]
37 弟子たち答へて言ふ『主よ、それは何處ぞ』イエス言ひたまふ『屍體のある處には鷲も亦あつまらん』
ۋە ئۇلار ئۇنىڭغا جاۋابەن: ئەي رەب، بۇ ئىشلار قەيەردە يۈز بېرىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ ئۇلارغا: جەسەت قايسى يەردە بولسا، قۇزغۇنلار شۇ يەرگە توپلىشىدۇ!

< ルカの福音書 17 >