< ヨブ 記 3 >

1 斯て後ヨブ口を啓きて自己の日を詛へり
[يەتتە كۈندىن] كېيىن، ئايۇپ ئېغىز ئېچىپ [ئەھۋالىغا قارىتا] ئۆزىنىڭ كۆرۈۋاتقان كۈنىگە لەنەت ئوقۇپ مۇنداق دېدى: ــ
2 ヨブすなはち言詞を出して云く
3 我が生れし日亡びうせよ 男子胎にやどれりと言し夜も亦然あれ
«مەن تۇغۇلغان ئاشۇ كۈن بولمىغان بولسا بوپتىكەن! «ئوغۇل بالا ئاپىرىدە بولدى!» دېيىلگەن شۇ كېچە بولمىغان بولسا بوپتىكەن!
4 その日は暗くなれ 神上よりこれを顧みたまはざれ 光これを照す勿れ
شۇ كۈننى زۇلمەت قاپلىغان بولسا بوپتىكەن! ئەرشتە تۇرغان تەڭرى كۆز ئالدىدىن شۇ كۈننى يوقىتىۋەتكەن بولسا بوپتىكەن، قۇياش نۇرى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈلمىسە بوپتىكەن!
5 暗闇および死蔭これを取もどせ 雲これが上をおほえ 日を暗くする者これを懼しめよ
شۇ كۈننى قاراڭغۇلۇق ھەم ئۆلۈمنىڭ كۆلەڭگىسى ئۆز قوينىغا ئالسا بوپتىكەن! بۇلۇتلار ئۇنى يۇتۇپ كەتسە بوپتىكەن، شۇ كۈننى كۈن قاراڭغۇلاتقۇچىلار قورقىتىپ كەتكۈزىۋەتكەن بولسا بوپتىكەن!
6 その夜は黑暗の執ふる所となれ 年の日の中に加はらざれ 月の數に入ざれ
شۇ كەچنى ــ زۇلمەت تۇتۇپ كەتسە بوپتىكەن؛ شۇ كۈن يىل ئىچىدىكى [باشقا] كۈنلەر بىلەن بىللە شاتلانمىسا بوپتىكەن! شۇ كۈن ئاينىڭ بىر كۈنى بولۇپ سانالمىسا بوپتىكەن!
7 その夜は孕むこと有ざれ 歡喜の聲その中に興らざれ
مانا، شۇ كېچىدە تۇغۇت بولمىسا بوپتىكەن! ئۇ كېچىدە ھېچقانداق شاد-خۇراملىق ئاۋاز ياڭرىمىسا بوپتىكەن!
8 日を詛ふ者レビヤタンを激發すに巧なる者これを詛へ
كۈنلەرگە لەنەت قىلغۇچىلار شۇ كۈنگە لەنەت قىلسا بوپتىكەن! لېۋىئاتاننى قوزغاشقا پېتىنالايدىغانلار شۇ كۈنگە لەنەت قىلسا بوپتىكەن!
9 その夜の晨星は暗かれ その夜には光明を望むも得ざらしめ 又東雲の眼蓋を見ざらしめよ
شۇ كۈن تاڭ سەھەردىكى يۇلتۇزلار قاراڭغۇلاشسا بوپتىكەن! ئۇ كۈن قۇياش نۇرىنى بىھۇدە كۈتسە بوپتىكەن! شۇ كۈن سۈبھىنىڭ قاپاقلىرىنىڭ ئېچىلىشىنى بىھۇدە كۈتسە بوپتىكەن!
10 是は我母の胎の戸を闔ずまた我目に憂を見ること無らしめざりしによる
چۈنكى شۇ كۈن مېنى كۆتۈرگەن بالىياتقۇنىڭ ئىشىكلىرىنى ئەتمىگەن، مېنىڭ كۆزلىرىمنى دەرد-ئەلەمنى كۆرەلمەس قىلمىغان.
11 何とて我は胎より死て出ざりしや 何とて胎より出し時に氣息たえざりしや
ئاھ، نېمىشقا ئانامنىڭ قورسىقىدىن چۈشۈپلا ئۆلۈپ كەتمىگەندىمەن؟! نېمىشقا قورساقتىن چىققاندىلا نەپەستىن قالمىغاندىمەن؟
12 如何なれば膝ありてわれを接しや 如何なれば乳房ありてわれを養ひしや
نېمىشقا مېنى قوبۇل قىلىدىغان ئېتەكلەر بولغاندۇ؟ نېمىشقا مېنى ئېمىتىدىغان ئەمچەكلەر بولغاندۇ؟
13 否らずば今は我偃て安んじかつ眠らん 然ばこの身やすらひをり
مۇشۇلار بولمىغان بولسا، ئۇنداقتا مەن مەڭگۈ تىنچ يېتىپ قالاتتىم، مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن بولاتتىم، شۇ چاغدا ئارام تاپقان بولاتتىم.
14 かの荒墟を自己のために築きたりし世の君等臣等と偕にあり
شۇ چاغدا ئۆزلىرى ئۈچۈنلا خىلۋەت جايلارغا مازار سالغان يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ھەم مەسلىھەتچىلەر بىلەن،
15 かの黄金を有ち白銀を家に充したりし牧伯等と偕にあらん
ياكى ئالتۇن يىغقان، ئۆيلىرى كۈمۈشكە تولغان بەگ-شاھزادىلەر بىلەن بولاتتىم؛
16 又人しれず墮る胎兒のごとくにして世に出ず また光を見ざる赤子のごとくならん
قورساقتىن مەزگىلسىز چۈشۈپ كەتكەن يوشۇرۇن بالىدەك، نۇرنى كۆرمەي چاچراپ كەتكەن بالىدەك ھايات كەچۈرمىگەن بولاتتىم.
17 彼處にては惡き者 虐遇を息め倦憊たる者安息を得
ئاشۇ يەردە رەزىللەر ئاۋارىچىلىكتىن خالىي بولىدۇ، ئاشۇ يەردە ھالىدىن كەتكەنلەر ئارام تاپىدۇ؛
18 彼處にては俘囚人みな共に安然に居りて驅使者の聲を聞ず
ئاشۇ يەردە ئەسىرلەر راھەتتە جەم بولىدۇ، ئۇلار ئەزگۈچىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمايدۇ؛
19 小き者も大なる者も同じく彼處にあり僕も主の手を離る
غېرىبلارمۇ ھەم ئۇلۇغلارمۇ ئاشۇ يەردە تۇرىدۇ، قۇل بولسا خوجايىنىدىن ئازاد بولىدۇ.
20 如何なれば艱難にをる者に光を賜ひ 心苦しむ者に生命をたまひしや
جاپا تارتقۇچىغا نېمە دەپ نۇر بېرىلىدۇ؟ نېمىشقا دەرد-ئەلەمگە چۆمگەنلەرگە ھايات بېرىلىدۇ؟
21 斯る者は死を望むなれどもきたらず これをもとむるは藏れたる寳を掘るよりも甚だし
ئۇلار تەشنالىق بىلەن ئۆلۈمنى كۈتىدۇ، بىراق ئۇ كەلمەيدۇ؛ ئۇلار ئۆلۈمنى يوشۇرۇن گۆھەرنى كېزىپ ئىزدىگەندىنمۇ ئەۋزەل بىلىدۇ،
22 もし墳墓を尋ねて獲ば大に喜こび樂しむなり
ئۇلار گۆرنى تاپقاندا زور خۇشال بولۇپ، شاد-خۇراملىققا چۆمىدۇ.
23 その道かくれ神に取籠られをる人に如何なれば光明を賜ふや
ئۆز يولى ئېنىقسىز ئادەمگە، يەنى تەڭرىنىڭ توسىقى سېلىنغان ئادەمگە نېمىشقا [نۇر ۋە ھايات] بېرىلىدۇ؟
24 わが歎息はわが食物に代り我呻吟は水の流れそそぐに似たり
شۇڭا تامىقىمنىڭ ئورنىغا نالىلىرىم كېلىدۇ؛ مېنىڭ قاتتىق پەريادلىرىم شارقىراتمىدەك شارقىرايدۇ.
25 我が戰慄き懼れし者我に臨み我が怖懼れたる者この身に及べり
چۈنكى مەن دەل قورققان ۋەھشەت ئۆز بېشىمغا چۈشتى؛ مەن دەل قورقىدىغان ئىش ماڭا كەلدى.
26 我は安然ならず穩ならず安息を得ず唯艱難のみきたる
مەندە ھېچ ئاراملىق يوقتۇر! ھەم ھېچ خاتىرجەم ئەمەسمەن! ھېچ تىنچ-ئامانلىقىم يوقتۇر! بىراق پاراكەندىچىلىك ھامان ئۈستۈمگە چۈشمەكتە!».

< ヨブ 記 3 >