< イザヤ書 55 >

1 噫なんぢら渇ける者ことごとく水にきたれ 金なき者もきたるべし 汝等きたりてかひ求めてくらへ きたれ金なく價なくして葡萄酒と乳とをかへ
ھوي! بارلىق ئۇسساپ كەتكەنلەر، سۇغا كېلىڭلار! پۇلى يوقلار، كېلىڭلار، ئاش-نان سېتىۋېلىپ يەڭلار؛ مانا كېلىڭلار، نە پۇل نە بەدەل تۆلىمەيلا شاراب ھەم سۈت سېتىۋېلىڭلار؛
2 なにゆゑ糧にもあらぬ者のために金をいだし 飽ことを得ざるもののために勞するや われに聽從へ さらばなんぢら美物をくらふをえ脂をもてその靈魂をたのしまするを得ん
نېمىشقا ھەقىقىي ئاش-نان بولمايدىغان نەرسىگە پۇل خەجلەيسىلەر؟ ئەجىرىڭلارنى ئادەمنى ھېچ قانائەتلەندۈرمەيدىغان نەرسىلەر ئۈچۈن سەرپ قىلىسىلەر؟ گېپىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار، ياخشىسىدىن يەڭلار، كۆڭلۈڭلار مولچىلىقتىن قانائەتلىنىدۇ؛
3 耳をかたぶけ我にきたりてきけ 汝等のたましひは活べし われ亦なんぢらととこしへの契約をなしてダビデに約せし變らざる惠をあたへん
ماڭا قۇلاق سېلىڭلار، يېنىمغا كېلىڭلار؛ ئاڭلاڭلار، جېنىڭلار ھاياتقا ئېرىشىدۇ؛ ۋە مەن سىلەر ئۈچۈن مەڭگۈلۈك بىر ئەھدە تۈزۈپ بېرىمەن: ــ شۇ ئەھدە ــ داۋۇتقا ۋەدە قىلىنغان مېھىر-شەپقەتلەردۇر!
4 視よわれ彼をたててもろもろの民の證とし又もろもろの民の君となし命令する者となせり
مانا، مەن ئۇنى ئەل-يۇرتلارغا گۇۋاھچى سۈپىتىدە، ئەل-يۇرتلارغا يېتەكچى ھەم سەركەردە سۈپىتىدە تەقدىم قىلدىم ــ
5 なんぢは知ざる國民をまねかん 汝をしらざる國民はなんぢのもとに走りきたらん 此はなんぢの神ヱホバ、イスラエルの聖者のゆゑによりてなり ヱホバなんぢを尊くしたまへり
ــ «مانا، سەن ئۆزۈڭگە يات بىر ئەلنى چاقىرىسەن، سېنى بىلمىگەن بىر ئەل يېنىڭغا يۈگۈرۈپ كېلىدۇ؛ سەۋەبى بولسا پەرۋەردىگار خۇدايىڭ، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ ئۆزىدۇر؛ چۈنكى ئۇ سېنى ئۇلۇغلاپ ساڭا گۈزەللىك-جۇلالىقنى يار قىلدى».
6 なんぢら遇ことをうる間にヱホバを尋ねよ 近くゐたまふ間によびもとめよ
ــ ئىزدەڭلار پەرۋەردىگارنى، ئۇ ئۆزىنى تاپقۇزماقچى بولغان پەيتتە؛ ئۇ يېقىن تۇرغان ۋاقتىدا ئۇنىڭغا نىدا قىلىڭلار!
7 惡きものはその途をすて よこしまなる人はその思念をすててヱホバに反れ さらば憐憫をほどこしたまはん 我等の神にかへれ豐に赦をあたへ給はん
رەزىل ئادەم ئۆز يولىنى، ناھەق ئادەم ئۆز ئوي-خىياللىرىنى تاشلىسۇن، پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلسۇن، ئۇ ئۇنىڭغا رەھىمدىللىق كۆرسىتىدۇ؛ خۇدايىمىزنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلسۇن، ئۇ زور كەچۈرۈم قىلىدۇ.
8 ヱホバ宣給くわが思はなんぢらの思とことなり わが道はなんぢらのみちと異なれり
چۈنكى مېنىڭ ئويلىغانلىرىم سىلەرنىڭ ئويلىغانلىرىڭلار ئەمەس، مېنىڭ يوللىرىم بولسا سىلەرنىڭ يوللىرىڭلار ئەمەستۇر؛
9 天の地よりたかきがごとく わが道はなんぢらの道よりも高く わが思はなんぢらの思よりもたかし
چۈنكى ئاسمان يەردىن قانچە يۇقىرى بولغىنىدەك، مانا ئۆز يوللىرىم سىلەرنىڭ يوللىرىڭلاردىن، مېنىڭ ئويلىغانلىرىم سىلەرنىڭ ئويلىغانلىرىڭلاردىن شۇنچە يۇقىرىدۇر.
10 天より雨くだり雪おちて復かへらず 地をうるほして物をはえしめ 萌をいださしめて播ものに種をあたへ 食ふものに糧をあたふ
يامغۇر ھەم قار ئاسماندىن چۈشۈپ، يەر يۈزىنى سۇغىرىپ ئۇنى كۆكەرتىپ، چېچەكلىتىپ، تېرىغۇچىغا ئۇرۇقنى، يېگۈچىگە ئاش-ناننى تەمىنلىگۈچە قايتمايدىغاندەك،
11 如此わが口よりいづる言もむなしくは我にかへらず わが喜ぶところを成し わが命じ遣りし事をはたさん
مانا مېنىڭ ئاغزىمدىن چىققان سۆز-كالامىم شۇنداقتۇر؛ ئۆز كۆڭلۈمدىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغۇچە، ئۇنى ئەۋەتىش مەقسىتىمگە تولۇق يەتمىگۈچە، ئۇ ئۆزۈمگە بىكاردىن-بىكار قايتمايدۇ.
12 なんぢらは喜びて出きたり平穩にみちびかれゆくべし山と岡とは聲をはなちて前にうたひ野にある樹はみな手をうたん
چۈنكى سىلەر شاد-خۇرام ھالدا چىقىسىلەر؛ ئارام-خاتىرجەملىكتە يېتەكلىنىپ چىقىسىلەر؛ تاغلار ھەم دۆڭلەر سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ناخشا ياڭرىتىدۇ، دالالاردىكى بارلىق دەل-دەرەخلەر چاۋاك چېلىشىپ تەنتەنە قىلىدۇ؛
13 松樹はいばらにかはりてはえ岡拈樹は棘にかはりてはゆべし 此はヱホバの頌美となり並とこしへの徴となりて絶ることなからん
يانتاقلىقنىڭ ئورنىدا قارىغاي، جىغانلىقنىڭ ئورنىدا خاداس دەرىخى ئۆسىدۇ؛ مۇشۇلار بولسا پەرۋەردىگارغا بىر نام كەلتۈرىدۇ، مەڭگۈگە ئۈزۈلمەس كارامەت بولىدۇ.

< イザヤ書 55 >